قاراقاش ناھىيەسىدە «پېشقەدەم ئەدىب مۇھەممەتئىمىن نۇرى ئىجادىيىتى
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى
قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىشى، ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى (شەنبە) چۈشتىن بۇرۇن قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككىنچى قەۋەت يىغىن زالىدا «پېشقەدەم ئەدىب مۇھەممەتئىمىن نۇرى ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى. يىغىنغا خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دولقۇن ھوشۇر، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمى مەمتىمىن ئابدۇللا، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى ئەخمەتجان مەمتىمىن، ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى غۇجابدۇللا ناسىر، ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنباقى توختىقۇربان قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلاردىن بولۇپ 200 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى. يىغىنغا ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى ئايمۇھەممەت ساھىبى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا پېشقەدەم ئەدىب مۇھەممەتئىمىن نۇرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى جاپالىق يىللاردا بېسىپ ئۆتكەن ھايات مەنزىللىرى، قالدۇرغان تارىخي ئىزلىرى، يېڭى دەۋرگە ئۇلاشقۇچە بولغان ئۇزاق مەزگىللىك كۈرەش ھاياتى ۋە مائارىپقا قوشقان تۆھپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، گەرچە مۇھەممەتئىمىن نۇرى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدا توم-توم كىتابلارنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرۇش شەرىپىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ ئەينى يىللاردا تۇنجى بولۇپ قولىغا قەلەم ئېلىپ ئەدەبىيات ئۈچۈن ئاققۇزغان قان-تەرى ۋە يېقىنقى مەزگىللەردە بارلىققا كەلتۈرگەن ئاز ئەمما ساز بىر قىسىم ئىجادىيەت مېۋىلىرى يىغىن ئەھلىنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشتى. يىغىندا داۋامىدا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى قۇربان مامۇت ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىپ ئۆتتى. داڭلىق ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيت ئۆزىنىڭ يېقىملىق، جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن يىغىن ئەھلىنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈردى. يېغىندىن كېيىن بارلىق مېھمانلارغا ناھىيەلىك ئېلېكتىر ئېنىرگىيە شىركىتىنىڭ يان تەرىپىدىكى «ئاق ئالتۇن» ئاشخانىسىدا داستىخان سېلىندى.
مۇھەممەتئىمىن نۇرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
پېشقەدەم مائارىپچى، ئەدىب مۇھەممەتئىمىن نۇرى 1934-يىلى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تىۋەت يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1953-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان. 1958-يىلى 9-ئايدا مەكتەپ پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا سولچىل سىياسەتنىڭ ناھەق ئەيىبلىشى بىلەن قولغا ئېلىنغان. پارتىيە مەركىزى كومىتېتى 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن ئاقلىنىپ 1984-يىلى كاۋاك يېزا تۇزلۇقئوتاغ ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. 1998-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان.
مۇھەممەتئىمىن نۇرى «خوتەن گېزىتى» نىڭ 1953-يىلى 1-ئىيۇن سانىدا ئېلان قىلىنغان «بالىلار ئالغا» ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇندىن بۇيان 1957-يىلىغىچە ئۇنىڭ «خوتەن گېزىتى»، ««تارىم» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا 50 پارچىغا يېقىن شېئىرلىرى ئېلان قىلىنىپ ياخشى تەسىر قوزغىغان. ئۇ 1957-يىلى 5-ئايدا ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا خوتەن ۋىلايىتىدىن بىردىن-بىر ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. 1984-يىلىنىڭ مابەينىدە قايتىدىن قولىغا قەلەم ئېلىپ ھېكمەتكە باي پىكىر دۇردانىلىرى مۇجەسسەملەنگەن كۆپلىگەن شېئىر، رۇبائىيلارنى شۇنىڭدەك قىممەتلىك تارىخىي ئەسلىمىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدۇردى. 2013-يىلى 11-ئايدا «شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى» تەرىپىدىن «ئۇنتۇلماس يىللار» ناملىق تارىخىي ئەسىلىمىلەر توپلىمى نەشر قىلىندى.
بىز پېشقەدەم ئەدىب مۇھەممەتئىمىن نۇرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھاياتىغا تېنچ-ئامانلىق، تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسگە زور بەخت، ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ مول بەرىكەت تېلەيمىز.
مەنبە: يېڭى يازما
سۈرەت تارتقۇچى: نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت
قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى