4-نۆۋەتلىك «ئەركىن روزى ئەدەبىي ئاخپارات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى ئېچىلدى
4-نۆۋەتلىك <<ئەركىن روزى ئەدەبىي ئاخپارات مۇكاپاتى>>نى تارقىتىش يىغىنى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرمچى شەھىرى <<كان ئىشلىرى>> مېھمانسارىيىدا ئېچىلدى. يىغىنغا ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم ۋە مۇكاپات تەسىس قىلغۇچى ، يازغۇچى، ئادۋۇكات ئەركىن روزى قاتناشتى.يىغىنغا رەئىس ئازات سۇلتان رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى ئەدەبىي ئاخپارات مۇكاپاتىنىڭ باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى مەتتۇرسۇن ئېلى سۆز قىلىپ بۇ قېتىمقى باھالاش پائالىيىتىنىڭ جەريانلىرى ھەققىدە ئىزاھات بەردى. ئاندىن غەيرەت ئاسىم بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنى باھالاش قارارى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. يىغىندا يەنە مۇكاپات تەسىس قىلغۇچى ئەركىن روزى كۆڭۈل سۆزىنى ئىزھار قىلدى. ئاخىردا رەئىس ئازات سۇلتان سۆز قىلىپ نۆۋەتتىكى ئەدەبىي ئاخپارات ئىجادىيىتى ۋە بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەر ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرى ۋە كەڭ ئىجادىيەتچىلەردىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.
بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن <<مىليونىرلار كەنتى ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت>>_ ئاپتورى:مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز، <<تەڭرىتاغ>> ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 2-سانىدا. <<كارىزنىڭ يىلتىزى>>_ ئاپتورى:ھەبىبۇللا رەجەپ، <<تەڭرىتاغ>>ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3-سانىدا، ئىككى پارچە ئەسەر 7000 يۇەندىن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
|