- UID
- 98
- يازما
- 389
- ھوقۇقى
- 255
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 1485
- تىزىملاتقان
- 2012-3-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-27
|
|
|
|
|
كىتاب تېزىلغان ئاشخانا ۋە «كىتاب»سىز قالغان كۈتۈپخانا ئارلىغىدا
0 b# ^$ I, K0 q4 Q) }4 eئابدۇمىجىت مۇھەممەد
8 m" n4 V, m; x- R2 S U8 [7 [4-ئاينىڭ 17-كۈنى بىرقېسىم ماتىرىياللار ئېھتىياجى سەۋەبىدىن بىيجىڭ ئۇنىۋىرستېتى شەرق شۇناسلىق تەتقىقات ئورنىغا بىر ئۇيغۇر تەتقىقاتچىنى زىيارەت قىلىپ بېرىشقا توغرا كەلدى. زىيارەت جەريانىدا بۇيەردىكى پارس تىلى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ ماتىرىيال ئامبىرىدىكى نەچچە مىڭ پارچە پارس يېزىغىدىكى كىتابلارنى ئارلاپ يۈرۈپ چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالغاچقا، ئۇ يەردىكى قىرىندىشىمىزنىڭ تەكلىپى بىلەن مەكتەپ ئاشخانىسىغا غىزالانغىلى كېرىپ قالدۇق.
& k& X% r) h% o0 G1 Y, t+ j& v
6 j0 }0 n- P- P& X5 b, L. yمەكتەپ ئاشخانىسىدا مىنى ھەيران قالدۇرغان بىر نەرسە كىچىككىنە «مۇسۇلمانلار ئاشخانىسى»غا قويۇلغان خىلى چوڭ ئۈچ جازىدىكى ئۇيغۇرچە كىتابلار ۋە جازا ئۈستىگە چاپلاغان كىتابلارنى ئارىيەت بىرىش، ئاسىراش ھەققىدىكى ئۇختۇرۇش بولدى.
( X# C5 D. I2 Hدۆلەت بويىچە ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرىدىغان بۇ ئۇنۋىرستېتنىڭ نەچچە ئون ئىسلام ئەللىرىدىن كەلگەن نەچچە يۈزلىگەن مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار تاماق يەيدىغان بۇ ئاشخانىغا قويۇلغان ئۇيغۇرچە كىتابلار مىنى تولىمۇ زوقلاندۇردى. ! H" ]# i4 j# }& Y/ B6 S6 l
7 {. [+ G" w/ i. b7 N
شۇڭا قىزىقىپ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ھەققىدە سان سىفىرالارنى سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىدىم. ئۇ قىرىندىشىمىزنىڭ دىيىشچە ھازىر بىيجىڭ ئۇنىۋىرستىدا ئىشلەيدىغان، ۋاقىتلىق تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، دوكتۇر ئاشتى، دوكتۇر، ماگىستىر ئاسپىرانتى ۋە تولۇق كۇرس سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى يىگىرمە نەچچە ئادەم ئىكەن. تىخىمۇ قىزىقارلىغى بۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى «مىنكۇخەن» بالىلار بولۇپ، ئۇيغۇرچە تولۇق پايدىلىنالايدىغانلار ئون نەچچىگە يىتىدىكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە، ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتىغا مۇھاببەت بىلەن قارايدىكەن. & m4 e4 F; t% w7 r
X5 P8 h9 l/ Sشۇ گۈزەل، پەخىرلىك تۇيغۇلار بىلەن بىيجىڭ ئۇنىۋىرستېتىدىكى زىيارەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يەنە بىر زۆرۈرىيەت تۈپەيلى بىيجىڭ پىداگۇگىكا ئۇنىۋىرستېتىغا بېرىشقا توغرا كەلدى.0 ^ X4 y/ m z8 V+ k
- x- y9 o" _8 O# s. q) K7 `& ?# {2 X: Gبۇ ئۇنىۋىرستېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچىراشقاندىكى تۇنجى ھاياجانلىق ۋە پەخىرلىك خەۋەر «مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ بالىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنىۋىرسىتىتىن ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئاشپەزنى تەكلىپ قىلىپ ئىلىپ كەلگەنلىكى، ھازىر بۇ مەكتەپتىكى 200 گە يىقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئارلاپ ئارلاپ بولسىمۇ ھەقىقى ئۇيغۇر تەمىدىكى لەغمەن، پولۇلارغا ئىغىزتېگە لەيدىغانلىغى» بولدى. ھەم بۇ ھاياجانلىق خەۋەرنىڭ تۈرىتكىسدە مەنمۇ مەكتەپ ئاشخانىسىدىكى ئۇيغۇر ئۇستامنىڭ قولىدا پىشقان تائاملاردىن ھوزۇرلاندىم. ئاندىن مەكتەپ كۈتۈپخانىسىغا كىردىم. مەكتەپ كۈتۈپخانىسى شۈنچىلىك چوڭ بولۇپ نەچچە قەۋەت كىتاب بۆلۈمچىلىرى ۋە باشقا تىللاردىكى كىتابلارنى ئارلاش بولۇشقا كۆزۈپ يەتمەي ئۇيغۇر بالىلار كۆپ كىرىدىغان كىتاب بۆلۈمچىسىگە كىردىم. كىردىميۇ بايا ئاشخانىدا يېگەن «ئۇيغۇچە تائاملار» گىلىمنى سىقىشقا باشلىدى. چۈنكى بۇ بۆلۈمچىدە جازا-جازا خەنزۇچە كىتابلار ئارىسىغا سىغداپ سىلىنغان 12پارچە ئۇيغۇر كىتابتىن باشقا ئۇيغۇرچە كىتابلار يوق ئىدى.
4 t' V5 Z3 a. Z2 W8 W1 H" r
# F/ Z, f" [- L) G/ T0 [شۈنچە يىراقتىن ئۇيغۇر ئاشپەز تەكلىپ قىلىپ ئەكىلەلىگەن 200 گە يىقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مەكتەپكە «ئۇيغۇرچە ماتىرىياللارنى تولۇقلاش ھەققىدە تەكلىپ بېرەلمىدىمۇ يا بەرسىمۇ بۇ خىل تەكلىپلەر باشقا ئېھتىياجلارنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەي قالدىمۇ ھېچ بىلەلمەسىتىن، بۇ مەكتەپتە چوقۇم ئۇيغۇرچە كىتابلار بولۇشى مۆمكىن، ئاساسەن مىللى مەكتەپلەردىن يىتىشىپ چىققان شۈنچە كۆپ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن، كەلگۈسىدە مىللى مەكتەپلەرگە مەكتەپ مۇدىرى بولىدىغان بۇ پىداگۇكلار ئىچىدىن چوقۇم بۇلارنى ئويلاپ يەتكەن ئەقىل ئىگىلىرى بولىشى مۆمكىن، بەلكى ئۇلارنى مەن ئۇچىرىتالمىغاندىمەن...» دەپ ئۆز ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىپ ئاۋايلاپ ماكانىمغا قايتىپ كىلىۋالدىم. ئەمما شۇندىن بىرى بىيجىڭ پىداگۇگىكا ئۇنىۋىرستېتىتى قىرائەتخانىسى بىلەن بىيجىڭ ئۇنىۋىرستېتى ئاشخانىسىدىكى كىتاب جازىسى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى...
7 y4 x$ N+ ?0 O C& s$ f, F& A! g; ^
% _6 p2 x1 U9 @/ y0 Z. P. j
- W' R" L+ ]8 \0 v) ^8 z, k/ c M" n$ B. c4 E
3 n% b4 v! t+ [. z بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-23 23:15
1 Q9 d. \+ f5 \2 f
4 b+ O! U# B7 r3 }5 `+ k% b
|
|
|
|
|
|
|