جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1398 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 226|ئىنكاس: 16

تەنتەربىيە بىلەن ئەدەبىياتتىكى ئوخشاشلىق ئەزىز ھېيت كۈن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 21:50:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      تەنتەربىيە بىلەن ئەدەبىياتتىكى ئوخشاشلىق

      ئەزىز ھېيت كۈن  
         
        يۇقۇرقى ماۋزۇنى كۆرگەن ئوقۇرمەن «بۇ تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولىدۇ دېگەندەك گەپكەنغۇ؟»دەپ ئويلايدىغانلىقى شۈبھىسىزدۈر.توغرا تەنتەربىيە مەڭگۈ تەنتەربىيە.ئەدەبىيات مەڭگۈ ئەدەبىياتتۇر.ئىككىسى بىر- بىرىگە تامامەن ئوخشىماي دىغان ئىككى ساھە.ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدى غانلىقى، يېقىن كەلمەيدىغانلىقى،بىر-بىرىگە قىلچە باغلانماي دىغانلىقى ھەقىقەت بولۇپ تۇيىلىدۇ.ئەمىليەت بولۇپ كۆرىنىدۇبىز شۇ ئەمىليەتكە كۆز يۇمال مايمىز.خۇش ئۇنداقتا مەن يەنە نىمىشقا تەنتەربىيە بىلەن ئەدەبىياتتىكى ئوخشاشلىق دېگەن ماۋزۇنى قويىمەن؟      
     تەپەككۇر  يۈرگۈزۈشتە ئوخشىشىپ كېتىدىغان شەيىلەر،مەسىلىلەرنىڭ ئوخشاشلىقى ئۈستىدە ۋە ئوخشاشمايدىغان شەيىلەر، مەسىلىلەرنىڭ زىتلىقى ئۈستىدە مۇلاھىيزە قىلش تۈز سىزىقلىق تەپەككۇر بولۇپ «ئادەتلەنگەن تەپككۇر»«كۆنگەن تەپەككۇر» دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بىر -بىرىگە تامامەن ئوخشاشمايدىغان شەيىلەر،مەسىلىلەر ئوتتۇرسىدا ئوخشاشلىق بارمۇ؟ دەپ ئويلاپ بېقىش بەزىدە ئۆزىمىز ئويلىمىغان،ئوچۇق ئېيتقاندا بىز بايقىمىغان ماھايەتنى بايقىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ.يەنە بىر نوقتا ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇردىكى ۋە ئىدىيەدىكى يېڭىلىقنى ئۇلغايتماقتا. پەنلەر،ساھەلەرنىڭ ئۆتكۈرلۈك نوقتىسى ۋە كېسىشمە نوقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش ئىلىمنى بىلىش،چوڭقۇرلاشتۇرۇش،ئۆتكۈرلەشتۈرۈشتىكى يادرۇلۇق ئاچقۇچ بولۇپ قالماقتا.ئەڭ دەسلەپتە ئىلىم-پەن بارلىققا كەلگەندىن كىيىن تەدرىجى ھالدا پەنلەر مۇستەقىل بولۇپ ئايرىلىپ،مۇستەقىل پەنلەر،ساھەلەر بويىچە تەرەققى قىلىش ئۇزاق تارىخنى تاماملاپ،بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كېسىشمە نوقتا بويىچە يېقىنلىشىپ پەنلەر،ساھەلەر ئوخشاشلىق نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىنىدىغان بولدى.مىللەتشۇناسلىق،تۇتېم،جەمىيەتشۇناسلىق...قاتارلىق ئىلىملار يەنە تەبىئىي پەندىكى چوڭ تەتقىقات تۈرلىرى پەنلەرنىڭ كېسىشمە نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىنماقتا.ئۇنداقتا پەنلەرنىڭ ئۆتكۈرلۈك نوقتىسى دېگەن نىمە ؟ كېسىشمە نوقتىسىچۇ؟ ھەر بىر پەن،ساھە ئۆزىنىڭ قانۇنىيتى،ئالاھىدىلىكى،مەۋجۇت بولۇش تەرتىپى بويىچە مەۋجۇت بولىدۇ.رولغا،ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ.تەرەققى قىلىدۇ.بۇ،ھەر بىر پەن،ساھە ئۈچۈن ئوخشاش.تەنتەربىيەنى ئالىدىغان بولساق مەخسەتلىك،پىلانلىق،تەرتىپلىك بولغان ھەركەت تۈرلىرى،شەكىللىرى،ئۇسۇللىرىنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا ئادەملەرنىڭ تەن ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.تەن ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتىرىش ئارقىلىق روھنى جانلاندۇرۇش، يېڭىلاشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.دېمەك ھەركەتنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ھەم روھنى يېڭىلاشقا تۈرتكە بولۇش تەنتەربىيە پېنى ۋە تەنتەربىيە ساھەسىنىڭ ئۆتكۈرلۈك نوقتىسىدۇر.ھەركەتنى ۋاستە قىلىش يالغۇز تەنتەربىيە ساھەسىگىلا ئەمەس جىسماننى ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ماددى قۇرۇلۇش،ماددى ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرى،قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىگىلىكى تۈرلىرى،ئۇسۇل سەنئىتى،ئاكتىيۇرلۇق (ئورۇنلاش) سەنئىتى قاتارلىق ساھەلەر،كەسپلەرگىمۇ ئورتاق بولغان ۋاستە ھې ساپلىنىدۇ.لىكىن شۇ ساھەلەرنىڭ بىرەرسىمۇ ھەركەتنى تەنتەربىيەگە ئوخشاش تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەمەس ئۆزمەخسەتلىرىگە ۋاستە قىلغان.شۇڭا ئەمگەك قىلىش،ئۇسۇل ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ بەدەنگە پايدىسى بولسىمۇ لىكىن تەنتەربىيەدەك يۇقۇرى ئۈنۈمگە،مەخسەتچانلىققا ئىگە ئەمەس.شۇڭا تەننى ۋە روھنى ساغلاملاشتۇرۇشتا ھەرقانداق بىر ساھە،پەن،تەنتەربىيە ساھەسىنىڭ،پېنىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.رولىنى ئوينىيالمايدۇ.يالغۇز تەنتەربىيەلا ئەمەس ھەرقانداق پەن،ۋە ساھە ئۆزىنىڭ ئۆتكۈرلۈك نوقتىسىدا پەقەت ئۆزىلا تولدۇرالايدىغان ئورۇنغا،ئۆزىلا ئوينىيالايدىغان رولغا ئىگە. كېسىشمە نوقتا-ئوخشىمىغان پەن،ساھەلەرنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان ماھايەت،ئالاھىدىلىك،خۇسۇسىيەتلەردە ئۆز-ئارا تۇتىشىدىغانلىقى، كېسىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.مەسلەن توپىنىميە(يەر-جاي نامشۇناسلىقى)نى ئالىدىغان بولساق يالغۇز تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىنلا ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىلى بولم ايدۇ.يەر-جاي نامشۇناسلىقى- تىلشۇناسلىق، تارىخ، جۇغراپى يە،ئېتنوگىراپىيە،مەدەنىيەتشۇناسلىق،ئارخىلوگىيە قاتارلىق كۆپ خىل پەنلەرنىڭ كېسىشمە(بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن)نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىنىدۇ.
     گەپنىڭ مېغىزىغا كەلسەك تەنتەربىيە بىلەن ئەدەبىياتتىكى ئوخشاشلىقنى ماھايەت جەھەتتىن بايقاپ يېتەلەيمىز.ئالدى بىلەن بىرىنچى ئوخشاشلىق تەنتەربىيەنىڭمۇ ،ئەدەبىياتنىڭمۇ ئوخشاشلا ئادەمنى ئوبكىت قىلغانلىقىدۇر.تەنتەربىيەدىكى ھەركەت مايمۇننىڭ ياكى لاچىندىن ئىبارەت ھايۋاننىڭ، قۇ شنىڭ ھەركىتى بولماستىن دەل ئادەمنىڭ ھەركىتىدۇر.ئەدەبىياتتىكى تىل ۋە تەپەككۇرمۇ ئادەمنىڭ تىلى ۋە تەپەككۇرىدۇر.تەنتەربىيە ھەركەت ئارقىلىق بەدەننى تاۋلاپ روھنى تېتىكلەشتۈرىدۇ،جۇشقۇن،كۆتىرەڭگۈ روھقا ئىگە قىلىدۇ.ئەدەبىيات ئادەمنىڭ روھىغا،ئېڭىغا تەسىر قىلىپ جىسماننى جەھەتتىن ھەركەتكە كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.ئادەمنى بىر ماشىنا دېسەك تەنتەربىيەنىڭ رولىنى تېشىدىن ئوت ئالدۇرۇشقا،ئەدەبىياتنىڭ رولىنى ئىچىدىن ئوت ئالدۇرۇشقا ئوخشىتىشقا بولىدۇ.دېمەك قورال-ۋاستىسى ئوخشاشمايدىغان ئىككى پەن بىر نوقتىدا-ئادەم تېنى،روھىنى جانلاندۇشتا كېسىشمە (ماھايەت-ئۈنۈم-مەخسەتچانلىقتا) ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.ئادەمنىڭ ئويغاقلىقى تەپەككۇرغا،تىرىكلىكى ھەركەتكە مۇھتاج بولىدۇ.ئەقىل ئۈستۈنلىكى بولمىغان ۋە ئادەتلەنگەن تەپەككۇر ئوبرازلىق تەپەككۇر بولۇپ،بىر كۈن ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ ئەسلەش،كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش،كۆرگەن،ئاڭلىغان ،بىلگەنلىرى ھەققىدە تەسەۋۇر قىلىش... قاتارلىق ئوبرازلىق تەپەككۇر شەكىل،ئۇسۇللىرى ئارقىلىق قانچىلىك دەرىجىدە پىكىر يۈرگۈزگەنلىكىنى ئۆزىمۇ سەزمەيدۇ. ھەم سەزمەمەيلا بىر كۈن ئۆتۈپ كېتىدۇ.ھەركەتنىڭ موھىملىغىغا گەپ كەتمەيدۇ.خۇددى سەھەردە قۇياش شەرقتىن چىقىپ گۇگۇمدا غەرپكە پاتقىنىدەك ئادەم سەھەردە كۆزىنى ئاچقاندىن تارتىپ كەچتە ئۇخلاشقا تەمشەلگىچە بىر كۈنلۈك پائالىيەتنىڭ ھەممىسى ھەركەت بىلەن تاماملىنىدۇ.
   تەنتەربىيە بىلەن ئەدەبىياتتىكى ئىككىنچى ئوخشاشلىق ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلا كۈچلۈك ھېسسىلىق،ھاياجانلىق تەرتىپكە،جەريانىغا ئىگە ئىكەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ. ئاجايىپ قىزغىنلىق ۋە داغدۇغىغا تولغان بىر مەيدان پۇتبول ۋە ياكى بوكس مۇسابىقىسى بىلەن تالانتلىق بىر ناتىقنىڭ نەچچە مىڭ ئادەمگە بىر قېتىم نوتۇق سۆزلىشى، ياكى بولمىسا دۇنيادا ئەڭ ئالقىشلانغان بىر روماننىڭ يېڭى تەرجىمىسىنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە يۈزلەندۈرۈلىشى تامامەن ئىككى خىل ئۈنۈم،مەخسەتنى كۆزلىگەن ئىككى خىل ئىش بولسىمۇ ئادەملەرنى قىزىقتۇرىشى،تەلپۈندۈرىشى،ھاياجانلاندۇرىشى،چوقۇنغۇچىلارنى ئۆزىنى تۇتالماي سەكرەيدىغان دەرىجىگە ئاپىرىپ قويۇشى بىر سۆز بىلەن ئېيتقاندا ئۆز ھېرىسمەنلىرىنىڭ كەيپىياتىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر قىلىشى پۈتۈنلەي ئوخشاشلىققا ئىگە. ئادەملەر ئەمگەك قىلىدۇ.ئەمما يۈگۈرگەن ياكى توپ تەپكەن چاغدىكىدەك ھاياجانلىنىپ كەتمەيدۇ.بەلكى ئەمگەك مىۋىسى-نەتىجىگە ئېرىشكەندە خوشال بولىدۇ.شۇنداقتىمۇ شۇ خوشاللىقنىڭ دەرىجىسى تەنتەربىيەنىڭ ئەڭ جانلىق تۈرى بىلەن شۇغۇللانغان چاغدىكىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ.بىرپارچە ئىلمىي ماقالە ئوقۇغان چاغدا ئەقلى جەھەتتە قايىل بولۇشتىن ھالقىپ ئۆتكىلى بولمىسىمۇ لىكىن ناھايىتى كۈچلۈك لىرىك تۇيغۇلار بىلەن يۇغۇرۇلغان ئەسەرنى ئوقىغاندا ئادەمگە تەسىر قىلىپ كەتسە ھاياجانلانغىنىدىن بىرەر سائەتكىچە ئەسلىگە كېلەلمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.كاتتا بىر ناتىقنىڭ نەچچە مىڭ كىشىلىك زالدا نوتۇق سۆزلىشى بىلەن تەنتەربىيە چولپانلىرىنىڭ مەيداندا ئېلىشىشقا چۈشىشى جۈملىدىن بوكىس مۇسابىقىسىغا چۈشىشى ئوخشاشلا چوڭ داغدۇغا پەيدا قىلىدۇ.چۈنكى نوتۇقمۇ ئەدەبىياتنىڭ بىر تۈرى.ئەدەبىياتنىڭ تولۇق تەبىرى: « ئەدەبىيات-تىل ۋە نوتۇق سەنئىتىدۇر» (ئابدۇشكۈر مۇھەمەت ئىمىن) بوكستا بىلەك،مۇشتنىڭ كۈچى نامايەن بولسا نوتۇقتا ئىڭەكنىڭ ۋە ئاۋازنىڭ قۇدىرتى نامايەن بولىدۇ.بوكسنىمۇ،نوتۇقنىمۇ جانلىق ئەسەر دىيىشكە بولىدۇ.بوكستا مەيدانغا چۈشكەن ئىككى ماھىرنىڭ ھەر بىرى نەچچە يۈز كىلو كېلىدىغان زەرپ (زەربە بېرىش ) كۈچىنى مۇشتۇمىغا يىغىپ شىر بىلەن شىر تۇتۇشقاندەك قاتتىق ئېلىشىدۇ.ئۇلارنىڭ كۆز چاناقلىرىدىن تارتىپ پۇتىنىڭ ئۇچىغىچە ھەممە ئەزايى كۈچ، چىدام، غەيرەت، ئارزۇ،ھاياجان بىلەن تولغان بولىدۇ.ناتىقمۇ نوتۇقتا گەرچە ئۆز ئاۋازىنى ئىشقا سالسىمۇ نوتۇقنىڭ مەخسىدى،تېما،ئاڭلىغۇچىلارنىڭ دىققىتى،بەلگىلەنگەن ۋاقىت قاتارلىق تۆت ئامىلغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ،بىر تەرەپتىن چوڭقۇر ۋە جانلىق تەپەككۇر يۈرگۈزۈش،يەنە بىر تەرەپتىن نوتۇقنى ئاۋازنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىق، تىز،ئاستىلىق،يۇقۇرلۇق،پەسلىك،دولقۇنسىمانلىق،تۈزسىزىقلىق،قوپاللىق،يېقىملىق،ھەسرەت تۈسىلىك،كۈلدۈرگە تۈسىلىك قاتارلىق دەرىجىلىرىنى تەڭشەپ،ئۇنىڭغا جانلىق،قىزغىن ،كۈچلۈك چىراي ئىپادىلىرىنى( مىمىكىنى ) قوشۇپ،ئۇنى يەنە بەدەن تىلى بولغان پۇت –قولنىڭ سىمۋوللۇق تۈسگە ئىگە ھەركەتلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ،نوتۇقنى رەسمى سەنئەتكە ئايلاندۇرىدۇ.بوكس مەيدانىدىكى ماھىرلارنىڭ ھاياجانلىق ھالىتى بىلەن سۆزلەۋاتقان مەشھۇر ناتىقنىڭ ھاياجانلىق ھالىتى بىر-بىرىدىن تامامەن قېلىشمايدۇ.ئۇلار تاكى ئۆز كۆرۈرمەنلىرى ،ئاڭلىغۇچىلىرى ھاياجاندىن سەكرىۋەتمىگىچە ھەم ۋاقىرۋەتمىگىچە ئۆز ھېرىسمەنلىرى،چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ قەلبىگە ئۆزىنى تۇتالماسلىق سەزگۈسىنى قاچىلاۋېرىدۇ.دىمەك ھاياجان ئالدى بىلەن نومۇر ئورۇنلىغۇچىدا ، كۆرسەتكۈچىدە.شۇ ھاياجان كۆرگۈچىلەرگە،ئاڭلىغۇچىلارغا تىز ۋە دەلمۇ-دەل ئوقتەك بېرىپ تېگىپ يۈرىكىنى تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز دەرىجىدە ھاياجانغا تولدۇرىدۇ.نوتۇق سۆزلەشنى ئەمەس بەلكى بىر رومان،ياكى لىرىك شئېىر ۋە ياكى ئەدەبىياتقا بولغان  قىزغىن،كۈچلۈك مۇھەببەت بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر پارچە ماقالىمۇ ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى قاتتىق ھاياجانغا سالالايدۇ.چوڭقۇر تەسىراتلارغا چۆمدۈرەلەيدۇ. تەنتەربىيە ئۆز نۆۋىتىدە(مەلۇم بىر تۈر بىلەن چېنىققاندا ياكى مەشىق قىلغاندا) ئادەمنى قانچىلىك ھاياجانلاندۇرالىسا ئەدەبىياتىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۆز ھېرىسمىنىنى شۇنچىلىك ھاياجانلاندۇرالايدۇ.بۇ ئارقىلىق تەنتەربىيە بىلەن ئەدەبىياتنىڭ قايسىنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرمەكچى ئەمەسمەن..بەلكى مەن شۇ ئىككىسىنىڭ ئادەملەرنى ھاياجانلاندۇرۇش سېھرى كۈچىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرمەكچى.كۆرۈنۈشتە تەنتەربىيەمۇ،ئەدەبىياتمۇ ناھايىتى ئاددىدەك، ئاساندەك بىلىنىدۇ.ماھايەتتە تەنتەربىيەنىڭ ۋە ئەدەبىياتنىڭ ئوخشاشلا قىيىنلىق دەرىجىسى بار.
  تەنتەربىيە بىلەن ئەدەبىياتنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى قايەردە؟ بۇ ھەقتە ئىنچىكىلەپ توختىلىشقا توغرا كەلسە بىر نەچچە كىتاپ يېزىلسىمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ.گەپنىڭ مېغىزىنى دېگەندە تەنتەربىيەدە ھەر بىر تۈرنى ئەڭ يۇقۇرى ئۆلچەم بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاش قىيىن.ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاشنى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىش تېخىمۇ قىيىن.مۇسابىقە تۈرلىرىدە بولسا رىكورد يېڭىلىماق قىيىن.ئەدەبىياتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەسەرنى ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئالاھىدىلىككە ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ئىجات قىلماق قىيىن.ھەر بىر يېڭى ئەسەرنى «ئەدەبىي ئىجادىيەت» دېگەن سۆز گە يۈز كەلتۈرمەك تولىمۇ قىيىن.تېخىمۇ موھىمۇ زامان،ماكانلارنىڭ تاسقىشىدىن ئۆتۈپ ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا  چىقارماق ئەڭ قىيىندۇر.دۇنيادا تەنتەربىيە چولپانلىرى ئالقىشلىنىپ كەلگىنىدەك ئەدەبىيات چولپانلىرىمۇ ئالقىشلىنىپ كەلمەكتە.داڭلىق ئەدەبىيات پېشۋالىرى سىياسۇنلار،پەيلاسوپلار،ھەربى ئالىملار،داڭلىق دىننىي شەخسلەر،تەبى پەن ئالىملىرى،دۇنياۋى سەنئەتكارلار بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىنىدۇ. يۇقۇرىدا تەنتەربىيە بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ئادەملەرنى كۈچلۈك ھاياجانلاندۇرۇش دەرىجىسى ئوخشاش دىيىلدى.شۇ ئۈنۈمگە ئېرىشىش تەنتەربىيە ئۈچۈنمۇ،ئەدەبىيات ئۈچۈنمۇ ئەسلا «ئوڭاي»غا توختايدىغان ئىش ئەمەس.بىر مۇنەۋەر ئەزىمەت-تەنتەربىيە چولپىنى يېتىشىپ چىقىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋا قىت؟ زېھىن ،تەربىيە،چېنىقىش تەرتىپلىرى،باسقۇچلىرى،ئىقتساد،ماسلاشتۇرۇش،يېتەكلەش كېتىدۇ؟ دۇنياغا ياكى دۆلەت ئىچىگە مەشھۇر بولغان بىر يازغۇچىنىڭ يېتىشىپ چىققىشىغاچۇ؟ دىمەك ئۆز كۆرۈرمەنلىرىنى ياكى ئۆز ئوقۇرمەنلىرىنى ھاياجاندىن ھاياجانغا سەكرىتەلەيدىغان تەنتەربىيە چولپىنى ۋە مەشھۇر يازغۇچىنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن باشقا ئامىللارنى چىقىرۋېتىپ يالغۇز ۋاقىتنى نەزەردە تۇتقاندىمۇ ئەڭ قىسقا بولغاندا 15 يىل ،ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 20 يىلدىن 30يىلغىچە (ئەدەبىيات ئۈچۈن) ۋاقىت كېتىدۇ.
     تەنتەربىيە بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ئۈچۈنچى ئوخشاشلىقى ئادەملەرگە يېڭى جان،يېڭى ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ.تەنتەربىيە بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ئەسلى بارلىققا كېلىش،مەۋجۇت بولۇش ،تەرەققى قىلىشدىكى يادرۇلۇق ماھايەتمۇ دەل شۇدۇر.جوئېنلەي 1958–يىلى « كىتاپ ئوقۇپ جوڭخۇانىڭ قەددىنى كۆتىرەيلى» دەپ بېغىشلىما يازغان.ماۋزىدوڭ 1962-يىلى « تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ،جوڭخۇا مىللىتىنىڭ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرەيلى» دەپ بېغىشلىما يازغان.ئىككى بېغىشلىما چوڭقۇر مەناغا ئىگە.40 يىل ئۆتۈپ جوڭگو دۇنيادىكى كۈچلۈك تەنتەربىيە دۆلىتىگە ئايلاندى.لىكىن ئەدەبىياتتا دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ھالەتكە تېخى يېتەلمىدى.ئەدەبىياتنىڭ ئۆزى ھەققىدە توختالغاندا پەننىي خۇسۇسىيەتلىرى ئەدەبىياتنىڭ بىر قانىتىنى تەشكىل قىلسا، سەنئەتلىك خۇسۇسىيەتلىرى ئەدەبىياتنىڭ يەنە بىر قانىتىنى تەشكىل قىلىدۇ.ئەدەبىياتتا بەدىئى گۈزەللىك يارىتىلىپ قالماستىن ئىدىيە گۈزەللىكىمۇ يارىتىلىدۇ.بىر ئادەم نىمە ئۈچۈن قەلەمكەش بولىدۇ؟ بىر ئەسەر نىمە ئۈچۈن يېزىلىدۇ؟ ئەگەر ئەدەبىياتنى بىر خىل ئويۇن يا كى ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش دەپ قارىغۇچىلار بولسا يۇقۇرقى ئىككى سۇئال ئۇسرۇقتىن باشقا ھېچنىمە ئەمەس.ئۇلار ئەدەبىياتنىڭ تارىخىنى ،پەنلەر ۋە سەنئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىلمەيدۇ.شۇنداقلا جەمىيەتنىمۇ كەڭ،ئومۇممى،چوڭقۇر نوقتىدىن چۈشەنمەيدۇ.ئەسلى گەپكە كەلسەك مەيلى ئۆزى ئاڭلىق ئويلاپ يەتكەن بولسۇن ياكى جەمىيەتنىڭ تەققازاسى تەلەپ قىلغان بولسۇن بىر ئىنساننىڭ ئەدىپ بولىشى باشتىن-ئاخىر ئادەملەرگە جان بېغىشلاش ئۈچۈندۇر.بىر ئەسەرنىڭ يېزىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ مەخسەتمۇ دەل ئادەملەرگە يېڭى جان بېغىشلاش ئۈچۈندۇر.بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەدەبىيات بىلەن تەڭلەشتۈرۈلۋاتقان تەنتەربىيە ھەققىدە بولۇپمۇ تەنتەربىيەنىڭ ئادەمنى جانلاندۇرىشى،كۈچلەندۈرىشى ھەققىدە سۆزلەش زۈرۈر.بىز ھازىرغىچە تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ ناھايىتى جانلىق، تېتىكلىكىنى،ئىككىنچىدىن چېچەن،ئەقىللىقلىقىنى،ئۈچۈنچىدىن نورمال،ئوڭلۇق،تەبىئىيلىكىنى بايقايمىز.تەنتەربىيە مەپتۇنكارلىرىنىڭمۇ شۇنداق ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.تەنتەربىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈنۈمى تەننى،روھنى ساغلاملاشتۇرۇش،يېڭى جان بېغىشلاشتۇر.قەدىمكى گېرىتسەدە ئولىمپىيە كەنتىدە ئولىمپىك ھەركىتى بارلىققا كەلگەن 2000 يىلدىن كۆپەرەك ۋاقىتتىن بۇيان تەنتەربىيە تەرەققى قىلىپ بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا بويىچە 1-كۆزنەك ساھەگە،كەسىپكە ئايلاندى.تەنتەربىيەدە تەننى ساغلاملاشتۇرۇش،روھنى جانلاندۇرۇش باشتىن-ئاخىر تەبىئىي  يوسۇندا ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
  ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ چوڭ مەخسىدى ئادەملەرگە يېڭى جان،ئۈمىد بېغىشلاشتۇر دېگەن سۆزنى مەن ئەدەبىياتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەمىلىيىتىگە ئاساسەن ئوتتۇرغا قويدۇم.مەيلى قۇللۇق،ياكى فېۋداللىق،ۋەياكى كاپتالىستىك جەمىيەت باسقۇچلىرى ھەتتا ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىدە بولسۇن ئەدەبىياتنىڭ كىشىلەرگە يېڭى جان ،ئۈمىد بېغىشلايدىغان رولى ساقلىنىپ كەلدى.ھەر بىر جەمىيەت باسقۇچىدا بارلىققا كەلگەن ئەسەرلەر ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ئۆزىگە مۇجسەملەپ كىشىلەرنى ئارزۇلىغان نىشان ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغان.لېف تولۇستوينىڭ «ئۇرۇش ۋە تنچلىق»«ئاننا كارىنا»«تىرىلىش» قاتارلىق رومانلىرى 19-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا روسىيە تەۋەلىكىدىن ھالقىپ ياۋروپاغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.20-ئەسىردە بارلىققا كەل گەن «پولات قانداق تاۋلاندى» روماننى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەسەرلەر ئۆز دەۋرىدە  مىليۇنلىغان ئادەملەرگە جاسارەت ،تەڭداشسىز قەيسەرلىك بېغىشلىغان گەرچە كىيىن تەھلىلچىلەر شۇ ئەسەرلەرنى «كىشىلەرنى ئالدايدىغان ئويۇن،ئەخمەقلىققە ئىتتىرىش يېزىلمىسى» دەپ مەسخىرە قىلىشقان بولسىمۇ ئۆز دەۋرىدە ۋەتەن ئۇرۇشى قىلىشقا  روسىيەلا ئەمەس 2-دۇنيا ئۇرىشىغا مەجبۇرى سۆرەپ ئېلىپ كىرىلگەن دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دۇچ كەلگەن. ئەدەبىيات مەيلى تارىخنى ياكى كەلگۈسىنى تەسۋىرلىسۇن،ھازىردا مەۋجۇت بولغانكەن ھازىردىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ.ھازىرنى تەسۋىرلەشكە يەنە كېلىپ ئاساسلىق تەسۋىرلەشكە دۇچ كېلىدۇ.بۇ ھازىرقى ئادەملەر-ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ھازىرقى رىئاللىقنىڭ ئۆزىدىكى ئادەملەرنىڭ روھىنى تەس ۋىرلەشكە دۇچ كېلىدۇ دېگەن سۆزدۇر.مەيلى قەدىمكى زاماندىكى،يېقىنقى زاماندىكى،ياكى ھازىرقى زاماندىكى يازغۇچىلار بولسۇن رىئالىزىمنى كۈچلۈك گەۋدىلەندۇرۇش بىلەن بىرگە رومانتىزىمنى يورۇتۇشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.
      ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش-تىل بىلەن سېھرىگەرلىك قىلىش دېگەنلىكتۇر.يازغۇچىنىڭ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ئەمما كۆڭۈل ئارقىلىق تەسەۋۇر قىلغىلى يەنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ سەزگىلى بولىدىغان بىر يۈرۈش «سايمان-جابدۇقلىرى» بولىدۇ.بىردىن-بىر ئاشكارە سايمىنى بول سا تىلدۇر.يازغۇچى سېھرىگەرلىك بىلەن شۇغۇللانغاندا تىلنى بىر يىپ قىلىپ سوزۇشقا باشلايدۇ.شۇ «يپ» تا كۆرۈنۈش،رىتىم-مىلودىيە، كەيپىيات، سۆز، تەپەككۇر،قۇرۇلما قاتارلىق تەركىپلەر بىر-بىرلەپ ئايان بولىدۇ.بۇ ھالەت سېھرىگەرلىكنىڭ جەرياننى ئەمەس بەلكى باشلىنىشىدۇر.ئوقۇرمەنلەر شۇ يىپ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بىر تىرىك ئادەمگە (ئوبرازغا)يولۇقۇپ قالىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلەلمەيدۇ.يازغۇچىنىڭ شۇ يىپى بەش تەركىپ(كۆرۈنۈش، رىتىم، تۇ يغۇ،قۇرۇلما،سۆز.-تەپەككۇر) نى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان بولۇپ،يېزىلما (ئەسەر ) ھالىتىدە تۇرىدۇ.ئوقۇرمەن ئەسەرنى ئوقۇغانسىرى يەنى  يىپنى تار تقانسىرى ئۆزىنىڭ بىر ئەسەر ئوقىغانلىقىغا ئەمەس بىر ئادەم بىلەن ئۇچۇرىشىۋاتانلىقىغا،ئوخشاش تۇيغۇغا،ھېسسىياتقا چۈمۈلۋاتقانلىقىغا ئىشىنىشكە باشلايدۇ.شۇ باسقۇچ ئەسەردىكى ئوبرازنىڭ تىرىلگەن ۋاقتىدۇر.ئۇنىڭدىن كىيىن ئوقۇرمەن ئەسەردىكى دۇنياغا كىرىپ كېتىدۇ.ئەسەردىكى رىتىم، كۆرۈنۈش تۇيغۇ ،تەپەككۇر قۇرۇلما تەلىپى بويىچە ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا كۆرۈنۈشتىكى رەڭدارلىق،تۇيغۇدىكى ئۆزگىرىشچانلىق،رىتىمدىكى دولقۇنسىمانلىق ئوقۇرمەننىڭ ھاياجىنىنى ئەسەر تاماملانغىچە ئۈزۈلدۈرمەيدۇ.ئوقۇرمەن ئەسەرنى ئوقۇش داۋامىدا بىر تەرەپتىن ئىستىتىك لەززەتكە چۆمىدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن ئەسەرنىڭ يەتكۈزمەكچى بولغان مەناسى ھەققىدە ئويلىنىدۇ.بۇ سېھرىگەرلىكنىڭ ئورۇنلىنىش جەريانىدۇر.ئۇنداقتا سېھرىگەرلىكنىڭ ئۈنۈمىچۇ؟ تىل ئارقىلىق سېھرىگەرلىك قىلىش بىر ۋاستە،ئەسلى مەخسەت بولسا شۇ ۋاستە ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە بىر پىكىرنى،-بىر ئىدىيەنى يەتكۈزۈشتۇر.خۇددى سېھرىگەرلىك ئويۇنىنڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى ئەڭ باشتا كۆرسىتىپ قويسا ئويۇننىڭ جەلپكارلىقى،قىززىقتۇرىشى يوقاپ كەتكەندەك يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئوي-پىكرىنى قىپ-يالڭاچ (ئوچۇق) ھالدا بىر نەچچە قۇر گەپ بىلەن يېزىپ قويسا ئەسەر بولمايدۇ.ئوقۇرمەنمۇ يېقىن كەلمەيدۇ.تىل ئارقىلىق سېھرىگەرلىك قىلىش يۇقۇرى بەدئىي ئىپادىلەش ماھارىتى ۋە ناھايىتى يۈكسەك تەپەككۇر قۇۋىتىنى تەلەپ قىلىدۇ.ئىسپانىيە يازغۇچىسى خۇسى سىلا (1989-يىلى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن)  نىڭ « گۈللەر تىلى »(ئۇيغۇرچە دۇنيا ئەدەبىياتى 1994-يىللىق2 -سانىغۇ دەيمەن.ئىزدەپ قايتا تاپالمىدىم.) ناملىق ھىكايىسى قۇرۇلمىچىلىقتا ئۈلگە ئەسەر ھېساپلىنىدۇ. ھىكايىدە: باش پىرسۇناژ يىگىت  ھەر كۈنى ئۆز سۆيگىنىگە بولغان مۇھەببەت تۇيغۇسىنى گۈل سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.ھەر بىر كۈندە سوۋغا قىلغان گۈلنىڭ تۈرى ئوخشاش بولمىغاچقا ئىپادىلەيدىغان مەزمۇنىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار شۇ تەرىقىدە بىر قانچە يىل مۇھەببەتلىشىدۇ.شۇ جەرياندا يىگىتنىڭنىڭ ئۆز سۆيگىنىگە بولغان مۇھەبىتىمۇ،گۈل سوۋغا قىلىشىمۇ قەتئى ئۆزگەرمەيدۇ.بىر كۈنى شۇ يىگىتنىڭ سۆيگەن قىزى بىر ئاشپۇزۇلدا يىگىتنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ.ساقلاپ كېچە بولۇپ كېتىدۇ.ئەمما يىگىت كەلمەيدۇ.بىر چاغدا قەبرىستانلىققا قارىغۇچى كېلىپ قىزغا قايتىپ كېتىشنى،يىگىتنى ئەمدى ساقلىماسلىقنى ئېيتىدۇ.قىز سەۋىبىنى سورىغاندا يىگىتنىڭ قەبرىستانلىقتا گۈل ئوغۇرلاۋاتقاندا ساقچىلار تەرپىدىن تۇتۇلۇپ تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىك جاۋابىغا ئېرىشىدۇ.كۆرۈلۈپ تۇرۇپتىكى بىر نەچچە يىلغىچە سۆيگۈنىگە ھەر كۈنى بىر قېتىم  گۈل سوۋغا قىلىپ، ئۆزىنىڭ چوڭقۇر مۇھەبىتىنى تىل ئارقىلىق ئەمەس بەلكى گۈل بىلەن  ئىپادىلەش،شۇنداقلا گۈل ئوغۇرلاپ تۈرمىگە كىرىش،بولۇپمۇ قەبرىستانلىقتا گۈل ئوغۇرلاپ تۈرمىگە كىرىش تامامەن ئىككى خاراكتىرغا يەنى ئالىجاناپلىق بىلەن چۈپرەندىلىككە ياتىدىغان ئىككى خىل خۇسۇسىيەتتۇر.شۇ تەپسىلات ئارقىلىق ھىكايىدە ساختا ئالىجاناپلىق،سەمىمىيەتسىزلىك قامچىلانغان.نامراتلىق ھەرگىز گۇناھ ئەمەس ۋە ئەيىپمۇ ئەمەس. لىكىن سەمىمىيەتسىزلىك ،كۆز بويامچىلىق ئادەمنىڭ ئۆزىنى بىچارەلىككە،كىشىلەر ئالدىدا مەسخىرە،كۈلكىگە قويۇشتىن باشقا تەقدىرگە ئېلىپ بارماي دۇ.ساختا ئالىجاناپلىق،سەمىيەتسىزلىك يۇقۇرقى ھىكايىدە يورۇتۇپ بېرىلگەن تىراگىدىيىدۇر.ھىكايە ھەجمىنىڭ ئىخچام بولىشىغا قارىماي ناھايىتى كەڭ ۋە چوڭقۇر مەنا قاتلىمىنى يورۇتۇپ بەرگەن.ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغىنى يۇقۇرقى ھىكايىنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ پۇختىلىقى،مۇكەمەللىكىدۇر.
   بۈگۈنكى دەۋىردە بارلىق ساھەلەرنىڭ تەرەقىياتى تىز بولماقتا.ئادەملەرنىڭ تاللىشىمۇ كۆپ خىل بولماقتا.مەھسۇلات،توۋار نوقتىسىدىن ئالغاندا دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان توۋار قايسى ؟ دېگەن سۇئالغا ھەركىم ھەرخىل جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن.لىكىن مەن« دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئىشلەپچىقىرىلدىغان توۋار-گەپ-سۆز!» دەپ جاۋاپ بېرىمەن.مەن يەنە دۇنيا بويىچە ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىغان بازىرى ئەڭ ئىتتىك توۋار قايسى؟ دېگەن سۇئالغىمۇ «گەپ-سۆز!» دەپ جاۋاپ بېرىمەن.دۇنيادا ھەركۈنىلا  ئەمەس ھەر بىر مىنۇت،سىكنۇتتا قانچىلىك گەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.توغرا بىز ئالدى بىلەن نەپەس ئالماشتۇرۇشقا،ئۇنىڭدىن قالسىلا پىكىر،قەلب ئالماشتۇرۇشقامۇھتاج بولىمىز.بىز ئىنسانلارنىڭ بۇ خىل تە بىئىتى قەدىمقى زاماندىمۇ،ھازىردىمۇ،كەلگۈسىدىمۇ ئۆزگەرمەيدىغان بىر خىل مۇتلەقلىقتۇر.نەشىريات،مەكتەپ،ئىشخانا،ئائىلە...ئومۇمەن ئادەم بار بولغانلىكى ئورۇنلاردا گەپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ....جىمى گەپنىڭ ئىچىدە بولسا ئۆزىنىڭ تەسىر قىلىش كۈچىنىڭ ئۈستۈنلىكى بىلەن ئەدەبىيات ئەڭ پەرقلىق ئورۇندا –ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ.ئادەتتە ئىلمىي كىتاپلارنىڭ ھەممىسى كەسپى خاراكتىر چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.لىكىن ئەدەبىي كىتاپلار بولسا ئىنسان ىيەت ئۈچۈن ئورتاقلىققا ئىگە.شۇڭا ماكان ۋە زاماندىن ھالقىپ ئۆتۈپ كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىدىغىنىمۇ ئەدەبىي كىتاپلار بولىدۇ.بۈگۈنكى كۈندە تىلۋىزىيە،تور،سىن بۇيۇملىرى ئەڭ تەرەققى قىلغان بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ ئىستىتىك بەھىر ئېلىش ئادىتىمۇ شۇ تەرەققىياتقا تەڭ ماسلىشىپ ئىلگىرلەپ ماڭدى.ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر ئىچىدە يانفۇندا رومان ئاڭلايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.تارىختىن بۇيان ئادەملەرنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنىڭ يادرۇسى ئەڭ يېقىملىق،تەسىرلىك گەپلەرنىڭ جەۋھىرى بولغان ئەدەبىيات بولغان.شئېىريەت ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ ئالى ژانىرى،ئەڭ ئالى سەنئەت دەپ قارالغان.شئېىريەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈنۈمى كىشىلەرگە جان،روھ بېغىشلاش بولغان.بۈگۈنكى كۈندىمۇ پاساھەتلىك تىل بىلەن يېزىلىپ جۇشقۇن ،مەردانە روھنى ئۇلۇغلىغان شئېىرلار يەنىلا كىشىلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.ناخشا سەنئىتى كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياقتۇرىشىغا،ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان سەنئەت تۈرلىرىنىڭ بىرى.ناخشا سەنئىتىدە ناخشىچىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن مۇزىكىنىڭ سېھرى كۈچىدىن باشقا ناخشا تېكىستىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەسىر كۈچىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.شۇڭا ناخشا سەنئىتىدە ناخشا تېكىستىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.بەزى ئادەملەر ۋە بەزى قەلەمكەش لەردە  «ھازىر ئەدەبىي كىتاپلارنىڭ دەۋرى ئۆتتى،كىشىلەر  ئۇنىڭغا قىززىقمايدۇ.» دەيدىغان ئىنكارچىلىق خاھىشى مەۋجۇت.بۇ ئۆز كەمچىلىكىنى يوشۇرۇشقا چارە ئىزدەشتىن باشقا ئىش ئەمەس.دەرۋەقە ھازىر قىزىققىقىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنىڭ كۆپۈيپ كەتكەنلىكى راست.ئەدەبىياتنىڭ جەمىيەتتىكى ناھايىتى نۇرغۇن ساھەلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىمۇ راست.لېكىن ئەڭ موھىم بىر نوقتا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ روھىنى يېڭىلىيالايدىغان ئەسەرلەرنىڭ بولىشىغا ئەڭ مۇھتاج! يېتىشمەيۋاتىدۇ،كەم بولىۋاتىدۇ دىيىلسە دەل شۇنداق ئەسەرلەرنى دېيىش كېرەك! « ئانا يۇرت» « جاللات خېنىم»«باھا دىرنامە »قاتارلىق ئەسەرلەر گەرچە تارىخى رومانلار بولسىمۇ يەنىلا ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشەلىشى جىبران خېلىل جىبران ئېيتقاندەك « قان  بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ كىشىلەرگە جان بېغىشلىغان»لىقىدىندۇر.
   ھازىر ئۇيغۇر نەشىرياتچانلىقىدا نەشىر قىلىنغان كىتاپلار ئاز ئەمەس لېكىن بەدىئي سۈپىتى يۇقۇرى ئەدەبىي ئەسەرلەر ئاساسى سالماقنى تەشكىل قىلالمايدۇ.بازار ئېڭىنىڭ تۈرتكىسىدە تېز ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتىشنى قوغلىشىپ،تېز پۈتۈرۈلۈپ،تېز نەشىر قىلىنىپ تىز بازارغا يۈزلەندۈرۈلگەن ئەدەبىي كىتاپلارمۇ ئاز ئەمەس.بۇ ئەھۋال قىزغىنلىق جەھەتتە ياخشى بولسىمۇ ئەدەبىياتنىڭ ماھايىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس.بىزنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىز،كىتاپلىرىمىز ئىچىدە ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى ئەسەرلەر 70 پىرسەندىن كۆپەرەكنى تەشكىل قىلىدۇ.دەرۋەقە 20يىلدىن بۇيانقى بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەقىياتى قەلەمكەشلەرنىڭ ئېڭى،تۇرمۇشىغا،ياشاش شارائىتىغا كۈچلۈك تەسىر قىلدى.ئىقتىسادى ئاڭنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىپ بېرىشى نورمال ئادىمىيلىكنىمۇ پايدا-مەنپەت تورى بولۇپ قۇرۇلىۋاتقان كىشىلىك مۇناسىۋەتكە يۈزلەندۈردى.يىغىپ ئېيتقاندا ئەدەبىياتنىڭ ساپلىقى،ئەسەرنىڭ ساپلىقى،ئىدىيەنىڭ ساپلىقى ئەسەرگە جان-روھ  سىڭدۈرۈش....نى ئويلاش مۇئايەن ساندىكى قەلەمكەشلەر بىلەن چەكلەندى.نۇرغۇن قەلەمكەشلەر تىرىكچىلىك ھەلەكچىلىكىدە ئەدەبىياتقا،ئەسەرگە جان سىڭدۈرۈشنى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىپ بولالمىدى...لېكىن شۇنداقتىمۇ ساپ نىيەت ،ساپ قەلبى بىلەن ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلىغانلار تېخىمۇ موھىمى ئەسەرگە جان كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر دىققىتىگە  سۈپەتلىك ئەسەر سۇنىۋاتقان قەلەم ئىگىلىرىنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە.
  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىدىن ئېيتقاندا باتۇرلۇق بىلەن ئەقىل-پاراسەت،بىلىم مەپتۇنلىقى ئۈچ چوڭ مىللى ئالاھىدىلىك بولۇپ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىن تاكى سادىر پالۋان،غېنى باتۇر دەۋىرلىرىگىچە، بۈگۈنكى كۈندە ئادىل ھوشۇر،ئابدۇراخمان ئابلىكىم مۇۋاپىقىيىتىگىچە داۋام قىلدى.ئۆتمۈش زامانلاردا ئۇيغۇر ئوغلانلىرى مەيدانغا چۈشكەندە پالۋانلىق ئوبرازىنى،شئېىرىي تەپەككۇر يۈرگۈزگەندە شائىر ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان.مەخمۇد قەشقىرى ئۆز زامانىسىدا بۈيۈك ئەسىرىنى يېزىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش زۈرۈرلىكىنى،تەكشۈرۈرۈشنىڭ بىخەتەر بولۇشى ئۈچۈن ئەلەمدە قاتتىق تاۋلىنىپ تەڭداشسىز ئەزىمەت بولۇش زۈرۈرلىكىنى تونۇپ يېتىپ ئالدىدا شۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولغان.يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئەسىرىدە بىر قىسىم ئادەملەرگە ئەمەس بىر ئەل،دۆلەتكە يېڭى جان بېغىشلاش ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك پارسىتى،مول بىلىملىرى،تەجىربىلىرى،دەۋرىنىڭ رىئالىغىنى يۇغۇرۇپ ئۇلۇغ ئىدىيە يۈكسەكلىكى،غايە گۈزەللىكىنى ياراتقان.يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «ئادەمنىڭ ياخشى نامى ۋە ياخشى سۆزى مەڭگۈلۈك مىراس قالىدۇ» دېگەن سۆزى بىلەن ئامېركا ئالىمى مورگاننىڭ « بۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك نام قالدۇراي دېسەڭ يا باشقىلار قىلمىغان ئىشنى قىل،يا باشقىلار يازمىغان ئەسەرنى ياز» دېگەن سۆزى ماھايەت جەھەتتە مۇئايەن ئورتاقلىققا ئىگە.ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بەدىئىيلىكتىن باشقا ئىدىيۋىلىك جەھەتتىمۇ كەڭ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىنسا مەنادارلىق جەھەتتىكى نۇرغۇن ئېسىل،قىممەتلىك جەۋھەرلەر ئايان بولىدۇ.شۇنداقلا ئۇ،ئۇيغۇر ئەدىپلىرىنىڭ ئۆز ئىدىيىسىنى مەنبە-يىلتىز جەھەتتىن بېيىتىشىغا،ئوقۇرمەنلەرگە مىللى خاراكتىر،پىسخىكا،ئادەت يىلتىزىنى تونۇتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئەدەبىيات ئارقىلىق كىشىلەرگە يېڭى جان بېغىشلاشنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ماكرۇ نوقتىدىن جىمى قەلەم ئەھلى ئويلۇنۇپ كۆرىدىغان، مىكرۇ نوقتىدا ھەر بىر قەلەمكەش كونكرت ئويلىنىشى زۈرۈربولغان مەسىلىدۇر.ئەگەر شۇ  رولنى ئۆتىيەلمىسە ئەدەبىياتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ نىمە كېرىكى؟ ياز غۇچى ،شائىرلارنىڭ نىمە كېرىكى؟ ....
     تەنتەربىيە بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ئارلىقىدا تۇرىدىغىنى ئۇسۇل سەنئىتىدۇر.ئۇسۇل سەنئىتى ھەركەتنى ۋاستە قىلىشتا تەنتەربىيە بىلەن، ھەركەتنى تىلغا ئايلاندۇرۇشتا ئەدەبىيات بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.تەنتەربىيەدىكى ھەركەت ئۈدۇللا بەدەننى كۈچلەندۈرۈش،روھنى تاۋلاش،قەيسەرلەشتۈرۈشتىكى بىلەي تاش بولۇش رولىنى ئۆتەيدۇ.ئۇسۇل سەنئىتىدە نەپىس،گۈزەل ھەركەت شەكىللىرى،تەرتىپلىرى ئارقىلىق ئىستىتىك مەخسەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئۇسۇلىچىلارنىڭ ھەر بىرھەركەت شەكلى ۋە تەرتىپلىرى مەنىلىك ھالەت-تىل بولۇپ،بەدەن تىلى بولغان ھەركەت ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرگە زوق ئاتا قىلىدۇ. ئۇسۇلنى ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە چۈشىنىش بولغاندىلا ئىستىتىك قىممىتى ئايان بولىدۇ.ئادەتتىكى كۆرۈرمەنلەر پەقەت نەپىسلىك، يېقىملىق،گۈزەللىك تۈسلىرىنى ئۆز سېزىمىگە يارىشا سېزىپ يېتەلەيدۇ.كەسپى ئۇسۇلچىلار بولسا ئۇسۇلنى كەسپى تىلغا ئايلاندۇرۇپ،ئۆز-ئارا قەلب ئالماشتۇرالايدۇ.ئۇسۇل سەنئىتى رىجىسورلىرى ئادەتتىكى يەككە ئادەمنىڭ قەلب دۇنياسىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئۇسۇل ئەسەرلىرىنى ئىجات قىلىش بىلەن بىرگە زور ئەھمىيىتى بولغان،مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكى،ئىشلەپچىقىرىش،تۇرمۇش،ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان،زور تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ھەجىملىك ئۇسۇل ئەسەرلىرىنىمۇ ئىجات قىلىدۇ.ئورۇنلىغۇچىلارنىڭ يىللاپ تەييارلىشىدا شۇ ئۇسۇل ئەسىرى نادىر ئەسەرگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك"تارىم ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكى"ئورۇنلىغان كۆپ قىسىملىق « دولان چېچەكلىرى» ناملىق نادىرئۇسۇل ئەسىرى كۆپ خىل قۇرۇلمىدىن تەشكىل تاپقان.شۇ ئەسەرنىڭ دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئادىتى يورۇتۇپ بېرىلىدىغان چوڭ بىر بۆلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خامان ياساشتىن ئۈنچە يېيىتىش،موما ياغاچ قاداش ،خامان تەپكۈچىلەرنىڭ قوشامغا قېتىلغان كالىلارنىڭ ئۈستىدە يانچا يېتىپ خامان ناخشىسىنى توۋلىشى،كەينىدىن ئاياللارنىڭ غەلۋىر بىلەن بۇغداي تاسقىشى....قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر ناھايىتى تەبى ،تەسىرلىك سۈرئەتلەپ بېرىلگەن بولۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە ئىشلەپچىقىرىش ئادىتىنى ئۇسۇل ئارقىلىق يورۇتۇشنىڭ نەمۇنىسى،مىللى ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇل سەنئىتىدىكى يۇقۇرى پەللىسى بولغان. ئۇيغۇر ئۇسۇلىنىڭ كۆپ خىل كۆرۈنۈش ۋە كۆپ قاتلاملىق مەنا ئىپادىلەش قۇدىرتىنى نامايەن قىلغان.ئادەتتە ھەركەتلەر مەنىگە ئىگە بولمىغان بىلەن ئۇسۇل ئەسىرى ئىشلەنگەندە ھەر بىر ھەركەت شەكلى تىل بولۇش رولىنى ئۆتەيدۇ.ئۇيغۇر ئۇسۇلىنىڭ نەپىسلىكى ۋە كۆپ خىل قۇرۇلمىسىنىڭ دۇنياغا تونۇلغانلىقىنى بىلىمىز.غەرپنىڭ ئۇسۇل سەنئىتىدە بالت ئەڭ نەپس سەنئەتلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە دۆلەت دەرىجىلىك ئۇسۇل ئۆمەكلىرى تەرپىدىن ئورۇنلىنىدىغان قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى بولغان سەنئەتتۇر.يېقىنقى  يىللاردىن بۇيان خەلقارالىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ گىمناستىكا ۋە سۇ ئۈزۈش قاتارلىق تۈرلىرىدە تەنتەربىيە بىلەن ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ كىرىشتۈرۈلۈپ ئاجايىپ گۈزەللىك،نەپىسلىك،تېزلىك يۇغرۇل غان تەنتەربىيە بىلەن ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ بىر پۈتۈنلەشكەن  دۇنياسىنىڭ يارىتىلغانلىقى رىئالىقتۇر.
      ئەدەبىياتتىكى جان بېغىشلاش ئۇقىمى –ئۇزاق مۇددەتلىك جەريانغا قارىتىلغان بولۇپ،ھەرگىزمۇ بىر قېتىملىق ھاياجانلىنىشنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرسەتمەيدۇ.بىر تەنھەرتكەچى بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە ياكى بىر قېتىملىق پائالىيەتتە قالتىس ياخشى نەتىجە ياراتقانلىق بىلەن روھىنى پۈتۈنلەي،تولۇق،ئۈزۈل-كېسىل يېڭىلاش ئۈنۈمىگە يېتەلمەيدۇ.بىر ئوقۇرمەن بىر ياخشى روماننى ئوقۇپ تۈگىتىش بىلەن ئۆز روھىنى تەل-تۆكۈس يېڭىلاپ بولالمايدۇ.بىر قېتىملىق ھاياجانلىنىشنىڭ ئۈنۈمىنى پەقەت « بىر قېتىملىق قان تولۇقلاش» دەپ ئاتاش كۇپايە.بىر تەنھەركەتچى رەسمى ماھىر دەرىجىسىگە يېتىش ئۈچۈن ئون يىگىرمە يىللاپ ئۇدا-ئۈزۈلدۈرمەي قاتتىق مەشق قىلىشى كېرەك.بۇ پەقەت تەييارلىقنىڭ پۈتكىنى،خالاس.ماھىر سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشۈپ تۇنجى نەتىجىنى يارىتىشى بولسا رەسمى مۇساپىنىڭ باشلانغانلىغىنىلا بىلدۈرىدۇ.بىر قەلەمكەشنىڭمۇ يىگىرمە يىللاپ قەلىمىنى پىشۇرىشى ۋە بىلىمىنى موللاشتۇرىشى ئوخشاشلا تەييارلىقىنىڭلا پۈتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «جان بېغىشلاش»ئۇقۇمىنى « يازغا كىرىش »دىيىشكىمۇ بولىدۇ.يازنىڭ كېلىشى ئۈچۈن توپ-توغرا 90 كۈن ۋاقىت كەتكەندەك «جان بېغىشلاش» مۇ ناھايىتى كۆپ قېتىم «قان ئۇرۇش –ئوكۇل قىلىش » ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.بىر قېتىملىق تەسىرلىنىشكە، ھاياجانلىنىشقا،ئىلھاملىنىشقا كەينى-كەينىدىن تەسىرلىنىش،ھاياجانلىنىش،ئىلھاملىنىش ئۈزۈلمەي قوشىلىۋەرگەندىلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىگە،روھىغا كىر ىش،ئىدىيىسىسىگە تەسىر قىلىش ،مايىل قىلىش،پەيدىن-پەي جەلپ قىلىش،بۇراش،ئەگشتۈرۈش،يېتەكلەش تەدرىجى بارلىققا كېلىپ ئوقۇرمەن رەسمى يازغۇچىنىڭ مەيدانىدىكى ئادەمگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.«جان بېغىشلاش» ياخشىلىق،يامانلىق نوقتىسىدىن ئالغاندا ئىككى خىل رولغا ئىگە.ئەگەر ئوقۇرمەن ئەكسىيەتچىل،چىرىك ئىدىيە سىڭدۈرۈلگەن رەزىل مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي ئوقۇۋەرسە ھەم رىئالىقتىمۇ ناھەق كۆرۈنۈشلەرگە كۆپ ئۇچراۋەرسە ئاخىرقى ھېساپتا قەلبىدە رەزىللىك يىلتىز تارتىپ ئەسكىلەرنىڭ مەيدانىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.شۇڭا خېلى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئەدەبىي ئەسەرلەر مەزمۇنىنىڭ قاراتمىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىلىشكە باشلىغان.بۇنىڭدا ئەڭ موھىم مەسىلە ياش ئوقۇرمەنلەرنى توغرا يېتەكلەشنى ئويلاش مەسىلىسىدۇر.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن ئەدەبىياتنىڭ ساغلاملىقىنى،ئەدەبىيات قوشۇنىنىڭ ساغلاملىقىنى،ئەدەبىي ئەسەرلەر مەزمۇنىنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش،ئوقۇرمەنلەرنى ئىستىتىك تەلەپ نوقتىسىدىن توغرا ئالغا يېتەكلەش موھىم مەسلىدۇر.بولۇپمۇ ئەدەبىياتنىڭ دەۋر خۇسۇسىتىگە ماس ھالدا مىللى ئالاھىدىلىكىنى قانداق كۈچەيتىش،يەرلىك پۇراقنى قانداق گەۋدىلەندۈرۈش،مىللى روھنى قانداق جانلاندۇرۇش قاتارلىقلار ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردۇر.  
     بىر تارىخنى ئەسلىگىنىمىزدە تەنتەربىيە بولسۇن ياكى ئەدەبىيات بولسۇن شانلىق ۋە ئەگرى توقاي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز.تەنتەربىيە بىلەن ئەدەبىياتنىڭ مۇناسىۋىتىدە تارىختىن بۇيان ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۆز-ئارا زىتلىق شەكىللەنگەن ئەمەس.بەلكى تەنتەربىيەگە دائىر كۆرۈنۈشلەر،پائالىيەتلەر ئەدەبىي ئەسەرلەردە يارقىن ،جانلىق تەسۋىرلەنگەن.ئەدەبىياتتا ماددى ئالەم ۋە روھى ئالەم يورۇتىلىدۇ. ئەدەبىياتتا ئەڭ كەڭ ،پايانسىز مەزمۇن ئەكس-ئېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە.ئىجتىمائى پەنلەر ۋە تەبىئي پەنلەرگە تەۋە بىلىملەرمۇ ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئە كس-ئېتىپ كەلگەن.ئەدەبىياتنىڭ ئىستىتىك زوق بېغىشلاش ،بىلىم بېرىش ئۈنۈمى يۇقۇرى بولۇشتىن باشقا تەربىيۋى ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى يۇقۇرى بولۇپ كەلگەن.تەنتەربىيەگە دائىر مەزمۇنلارنى ئەكس-ئەتتۈرش جەھەتتە بىز  «سىپارتاك» ناملىق روماندىكى كۆرۈنۈشلەر بىلەن «ئوغۇزنامە»دىكى كۆرۈنۈشلەر نى ئوخشاشلا ئەسلەيمىز.قەدىمقى رىمدا گىلاداتۇرلار مەيدانىدا  قۇللارنىڭ يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ئېلىشىشى بىرى:چىن تارىخ ئىكەنلىكى،يەنە بىرى:ئۇنتۇلۇپ كېتىلمەيدىغان دەشھەتلىك چىن تارىخ ئىكەنلىكى بىلەن دىققەتكە سازاۋەردۇر.شۇ رىئاللىق« سىپارتاك » رومانىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.«ئوغۇزنامە»خاس تەنتەربىيەگە قارىتىلغان ئەسەر ئەمەس.لىكىن ئۇنىڭدا ناھايىتى كۆپ مەزمۇن قاتلاملىرى قاتارىدا تەنتەربىيەگە ئاىت مەزمۇنلارمۇ بار. ئوغۇزخاننىڭ دەسلەپكى قىياپەت تەسۋىرلىرى،ۋەھشى يىرتقۇچ ھايۋاننى ئۆلتۈرىشى،قورقۇمسىزلىقى،كۆك بۆرىنى ئۆزىگە يول باشلىغۇچى قىلىشى، رەقىپلىرىنى تىزلاندۇرىشى.....قاتارلىقلار يەنىلا تەنتەربىيە بىلەن ئالاقىدار بولغان مەزمۇنلاردۇر.قەدىمكى زامانلاردا ئۇيغۇرلار كۆچمەن تۇرمۇشنى يادرۇ،كۆپ خىل ئىگىلىكنى ئاساس قىلغان بولغاچقا تەنتەربىيە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى،ئىشلەپچىقىرىشى،ھاياتى بىلەن زىچ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن.چېلىشىش،يەكمۇ-يەك مۇشتلىشىش،ئات بەيگىسى،ئوۋ ئوۋلاش،مەرگەنلىك....قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىغىچە ھەممە ئۇيغۇر ئەرلىرى، ئوغۇللىرى ئومۇممى يۈزلۈك شۇغۇللىنىدىغان ماھارەت تۈرلىرى بولغان.
    يېڭى دەۋىر بولۇپمۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كەم بولۇپ كەلگىنى تەنتەربىيەگە دائىر مەزمۇنلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ئورۇن ئالماسلىقىدۇر.بىزنىڭ تۈرلۈك ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزدىن تەنتەربىيەگە دائىر مەزمۇنلارنى ،كۆرۈنۈشلەرنى كۆرەلمەيمىز.بۇ بىر بوشلۇق بولۇپ تۇرماقتا.بۇ چوڭقۇر ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىدۇر.تەنتەربىيەنىڭ ئۆزىدە،تەنتەربىيەچىلەرنىڭ قىياپىتىدە،روھىدا قەتئىلىك روھى بار.تەڭداشسىزلىققا ئىنتىلىش روھى بار.ئەركەكلىككە خاس زەپەردەستلىك روھى بار.ئۇلارنىڭ شۇ روھى ئەكس ئېتىشكە،نۇرلىنىشقا تېگىشلىك روھتۇر.شۇنداقلا ياشلارنىڭ ئەمىلىيىتىدە ئۇلغىيىشقا تېگىشلىك روھتۇر.مەيلى ھىكايە بولسۇن ياكى رومان بولسۇن ۋە ياكى شئېىر بولسۇن تەنتەربىيەدىكى جەسسۇر روھ ئەكس ئېتىشى كېرەك.بىز ئۇنى تېپىۋېلىشىمىز،قەلبىمىزگە چوڭقۇر ئورنىتىۋېلىشىمىز كېرەك.چۈنكى ئۇ ئۆزىمىزنىڭ روھى،ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھىدۇر.تەنتەربىيە بىلەن تاماملىنىدىغىنى ماددى ئەسەر-كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئەسەردۇر.ئەدەبىي ئەسەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغۇرلۇق ئېغىز ئېچىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقى ئېنىق.شۇ روھ ئەسەرلىرىمىزدە ئەكس ئەتسە ياشلىرىمىزنىڭ ئەمىلىي ھەركەتلىرىدە،پائالىيەتلىرىدە دائىم كۆزگە كۆرۈنىدىغان كۆرۈنۈش بولۇپ ئىپا دىلەنسە خوشال بولۇشقا ئەرزىيدىغان ئىش ھېساپلىنىدۇ.يازغۇچى-شائىر دېگەنلىك مەڭگۈ «كۆز ئەينەك تاقاپ،چاچلىرىنى ئاقارتىپ ،مۈكچىيىپ ئولتۇر ئۇپ يېزىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان» لار بولىشى كېرەك دېگەنلىك ئەمەستۇر.زامان تەرەققى قىلدى.شارائىت ئەۋزەللىشىۋاتىدۇ. ئىمكانىيەت ياخشىلىنىۋاتىدۇ  بىر تەرەپتىن قاتتىق چېنىقىپ تاۋلىنىدىغان،يەنە بىر تەرەپتىن چىن ئىشتىياقى بىلەن ئەسەر يازىدىغان ياش قەلەمكەشلەر كۆپەيسە ياخشى يۈزلىنىش بولىدۇ..مەي-شاراپقا بېرىلىش ئەسلى بىزنىڭ مەدەنىيتىمىز ئەمەس.غاز بويۇن بوتۇلكىلارنى تىكلىۋىلىپ سۆھبەت سورۇنى تۈزۈشمۇ ئەسلى بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ئەمەس.ئادەتتە بىرقانچە ئادەم پىيادە مېڭىپ كېتىۋېتىپ ،ياكى سەيلى قىلىپ ئايلىنىۋېتىپمۇ مەنزىرىلەرنى كۆرگەچ پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ...
              يازغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئالغاندا ئەسەر مۇكەمەللىكى بىلەن ئادەم مۇكەمەللىكىنى ئايرىۋېتىش كېرەك.ئەسەرگە يۈزدە-يۈز مۇكەمەللىك تەلىپىنى قويۇش،تەنقىدنىمۇ شۇ بويىچە يولغا قويۇش كېرەك. يازغۇچىنىڭ ئادەملىك نوقتىسىدىن ئالغاندا چوڭ جەھەتتە نۇقساننى بولمىسىلا ئۇششاق سەۋەنلىكلىرىنى زىغىرلاپ تارازىغا سېلىۋالماسلىق كېرەك. كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغىنى يازغۇچىنىڭ شەخسى ئالاھىدىلىكى ئەمەس.بەلكى يازغان ئەسىرىدۇر.ھەرقانداق ئادەمنىڭ كۇزۇرى ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپ بىلەندۇر.چەتئەلدىكى ۋە ئېلىمىزدىكى دۆلەت داھىلىرىنىڭ پۇقرالار ئارىسىغا بېرىپ ئاددى پۇقرالار بىلەن پاراڭلاشقانلىقى تىلۋىزىيە ئېكرانىدا دائىم چېلىقىپ تۇرىدۇ.دۆلەت داھىلىرى خىزمەت ۋاقتىدا دۆلەتنىڭ ئاتىسى بولسىمۇ دەم ئېلىش ۋاقتىدا،ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئادەتتىكى پۇقرالار بىلەن ئوخشاش ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.شۇنداق، ھەرقانداق ئادەمنىڭ كوزۇرى بولىدۇ.ئۇ،شۇ ئادەمنىڭ ئۈستۈن،ئېسىل،-ئالى تەرپىدۇر.ئۇنىڭدىن باشقا تەرەپلىرى  بولسا ئادەتتىكىچە بولىدۇ.يازغۇچىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.جاھانغا مەشھۇر يازغۇچى بولغان تەقدىردىمۇ ئادەملىك نوقتىسىدىن كەمچىلىكى ھامان بار بولىدۇ. لېكىن شۇنىڭغا ئاساسەن يازغۇچىنىڭ تۆھپىسىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.بەزى ئەگرى نىيەت كىشىلەر ئەسەرگە ئوبزور يېزىشنى باھانە قىلىپ،ئەسەرنى قايرىپ قويۇپ،ئەسەر ئاپتورىغا ھۇجۇم قىلىپ، پۇخاد ىن چىققىچە غاجايدىغان،سېسىتىدىغان ئەھۋاللارئەدەبىيا تتا يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە قىسمەن كۆرۈلگەن ئەھۋالدۇر.
        تەنتەربىيەنىڭ ئۈنۈمىنى كۆزدە تۇتقاندا ساغلام،روھلۇق قىلىدىغان پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئادەتلىنىش يازغۇچىنىڭ تەن ساپاسى، زېھىن قۇ ۋىتىنى ياخشىلاشتىمۇ ئىجابى ئۈنۈمگە ئىگە.تەنتەربىيە بىلەن ئەدەبىيات ھەرگىزمۇ بىر-بىرىگە زىت ئەمەس.بىر –بىرنى چەتكە قاقمايدۇ. قەلەمكەشلەر تەنتەربىيە بىلەن چېنىقىشنى تەن جەھەتتىكى،روھ جەھەتتىكى چىدامچانلىقىنى كۈچەيتىش،تاۋلاش جەھەتتىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرسا بولىدۇ.قەلەمكەشلەرنىڭ ئىمكاننىيتى ىگە يارىشا تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللىنىشى قانداقتۇ بىرەر تۈردە چىمپىيۇن بولۇشنى كۆزلەش بولماستىن بەلكى ئۆزىنىڭ تېتىكلىكىنى ئاشئۇرۇپ ياخشى روھى ھالەت بىلەن ئەسەر يېزىشقا ئىمكان ھازىرلاش ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە چۈشىنىشلىك، ئەلۋەتتە. تەنتەربىيەنىڭ ئەدەبىياتچىلارغا پايدىسى بولۇپ قالماستىن،ئەدەبىياتنىڭمۇ تەنتەربىيچىلەرگە پايدىسى،ئۈنۈمى بار.تەپەككۈرگە ئادەتلىنىش مېڭىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ. زېھنىنى ئوچۇق قىلىدۇ.ئاغزاكى ئىپادىلەش قابىليىتىنى ئاشۇرىدۇ،بۇ ھەقتە زىغىرلاپ سۆزلىمىسەكمۇ دۇنيادا تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەردىن ئەدەبىياتقا قوشۇمچە ئىشتىياق باغلىغانلار خېلى كۆپ....
  ئەدەبىياتنى تەنتەربىيەگە سېلىشتۇرۇش،تەڭلەشتۈرۈش –ئەدەبىياتنىڭ قىممىتىنى ،موھىملىقىنى يېڭىۋاشتىن تونۇشقا ئۈندەش ئۈچۈندۇر.نۆۋەتتە ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتى ئەدەبىياتنىڭ جەمىيەتتىكى بۇرۇنقى نوپۇزلۇق ئورنىنى خېلى كەينىگە سۈردى....ئەدەبىيات ساھەسىدىكى قەلەمكەشلەرنىڭمۇ جانپىدالىق كۆرسىتىش، ئەدەبىياتنىڭ جەمىيەتتىكى ئاچقۇچلۇق ئورنىغا تۆھپە قوشۇش سالمىقى تەدرىجى ئاجىزلاپ باردى.بازار ئىگىلىكىنىڭ تەسىرىدە ماددى ئېھتىياج مەنىۋى ئېھتىياجدىنمۇ بەكەرەك ئېشىپ باردى....قىسقىسى نۆۋەتتە ئەدەبىياتنىڭ جەمىيەتتىكى مەۋجۇتلۇقىغا بولغان بېسىم كۈچەيمەكتە.بولۇپمۇ تىرىكچىلىك ھەلەكچىلىكى مىڭلىغان ئادەمنى ئالدىراش قىلىۋەتكەنلىكتىن زوقلىنىش سەۋىيىسىنى ئاشۇرىدىغانلارنىڭ سانىنى بارغانسىرى ئازايتىۋەتى.ماددى كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كۆپلىگەن پۇقرالار زوقلىنىش سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرالمايدۇ.ئۇلار كۆرگەن ھامان ھوزۇر ئالالايدىغان ئەسەرلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.ئويلىنىپ مۇلاھىيزە قىلىشقىمۇ ۋاقتى يوق.مۇشۇ رىياللىقنى،زۈرۈريەتنى نەزەردە تۇتقاندا ئەدەبىي ئەسەرلەر ئوقۇرمەنلەر ئوقۇش جەريانىدا بەھىر ئالالايدىغان قىلىپ يېزىلغىنى ياخشى.تەرەققىياتقا ماس ھالدا ئاۋازلىق ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ،ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئال قىشقا ئېرىشىشى،ئوقۇرمەنلەرگە ئىمكانىيەت ھازىرلاپ بېرىش نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ياخشى يۈزلىنىش دىيىشكە بولىدۇ.قەلەمكەشلەر ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئوقۇرمەنلەرنى كۆپەيتىدىغان،جەلپ قىلىدىغان يولنى تۇتىشى كېرەك.بۇ ئەدەبىياتنىڭ جەمىيەتتىكى مەۋجۇتلىقى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. جەمىيەتتىكى كونكىرت ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتماي،ئوقۇرمەنلەرنىڭ زوق ئېلىش ئىمكانىيىتى ھەققىدە ئويلاپ كۆرمەي ناھايىتى ئاز ساندىكى ئادەملەرنى كۆزلەپ غۇۋا،مۇجىمەل ھەتتا بىمەنىلىك تەرغىپ قىلىنغان ئەسەرلەرنى يېزىش ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزى توسۇش بولۇپلا قالماستىن ئەدەبىياتنى خۇنۈكلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
  بىز بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرسەك بولمايدۇ.بىزدە ئۆتمۈش،ھازىر ،كەلگۈسى بىر گەۋدە قىلىنغان مۇكەمەل،پۈتۈن نەزەر بولىشى كېرەك.بىز جەمىيەتكە ۋە ئەدەبىياتىمىزغا شۇ نەزەر بىلەن قارىشىمىز زۈرۈر.بىزدە مىللى غورۇر،ۋىجدان تۇيغۇسى بولىشى كېرەك.مىللەت ئۈچۈن ھەم ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىكەن يالغۇز ئەدەبىيات بىلەن تەنتەربىيەنىڭ ئوخشاشلىق تەرپىنىلا ئەمەس،باشقا يېڭى،ئىجابى پىكىرلەرنىڭمۇ پايدىلىق تەرەپلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ئۆزىمىزنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.....
ئەدەبىياتنىڭ رولى،ئەھمىيىتى ھەققىدە توم-توم كىتاپ يېزىلسىمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ.لىكىن ئۇنى بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا يۇقۇردا قايتا-قايتا ئېيتىلغىنىدەك ئادەملەرگە يېڭى جان،ئۈمىد،روھ بېغىشلايدىغانلىقىدۇر.ئەدەبىيات شۇ تۈرتكىلىك موھىم رولى ئارقىلىقلا تەنتەربىيە بىلەن ئۈنۈمدارلىقتا تەڭلىشەلەيدۇ.باشقا ھەرقانداق ساھە،پەنلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى رولى تەنتەربىيە بىلەن ئەدەبىياتقا يەتمەيدۇ.سەنئەتنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرىنىڭمۇ ئادەمگە جان بېغىشلاش ئۈنۈمى بولسىمۇ ئەدەبىياتقا ئوخشاش ئادەمنى ئىچ-ئىچىدىن ھاياجانلاندۇرالمايدۇ.ھەركەتكە كەلتۈرەلمەيدۇ.ئەدەبىياتنىڭ ھەل قىلغۇچ تەسىر قىلىدىغىنى ئادەمنىڭ ئېڭى،روھىدۇر.باشتا ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك ئادەمدىكى ئويغاقلىق ھېس-تۇيغۇ ۋە تەپەككۇردىن، تىرىكلىك بولسا ھەركەتتىن ئايرىلالمايدۇ.قەلەم تۇتقۇچىلار«ئادەملەرگە جان بېغىشلاش»دەيدىغان تۈپ-يادرۇلۇق ئىدىيەنى قەلبىگە مەڭگۈلۈك ئورنىتىشى،ئەدەبىياتنى خۇنۇكلەشتۈردىغان،پۇچەكلەشتۇردىغان،تېتىقسىزلاشتۇردىغان شۇمبۇيىلارنى ئۆز ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرىشى،ئەدەبىياتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەدەبىياتنى ئەڭ كەڭ تۈردە ئادەملەر ئۈچۈن،كەڭ جەمىيەت ئۈچۈن خزمەت قىلدۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى،ساغلام،توغرا ئىدىيە،تەپەككۇرنىڭ قانات يېيىشىغا،ئاساسى ئېقىم سۈپىتىدە ئۇلغىيىشىغا ھەسسە قوشىشى لازىم.شۇنداقلا مىللى ئەنئەنە ۋە زامانىۋىلىققا ئۇيغۇن ھالدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئەد ەبىياتقا يېڭى مەزمۇن بېغىشلاشقىمۇ پىداكارلىق كۆرسىتىشى لازىم.يۇقۇرقىلار مېنىڭ ئويلىغانلىرىم.يۇقۇرقى مەسىلىلەر ھەر بىر قەلەم ساھىبىنىڭ ئويلىنىشىغا تېگىشلىك مەسىلىلەردۇر.

    2012-يىل ،21-22-23-ئاپرىل.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-24 01:32  


كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 12:03:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئەدەبىياتنىڭ پايانى چەكسىزدۇر » دېگەن گەپ دۇرۇس ئېيتىلغان گەپتۇر.مەن يۇقۇرقى ماقالىدا تەنتەربىيە بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ئوخشاشلىقى بار ئىكەنلىكىنىلا ئوتتۇرغا قويالىدىم.ئەمما  مەزمۇندا چوڭقۇرلۇققا،ئۆتكۈرلۈككە،كەڭلىككە ئىگە قىلىپ يورۇتۇپ بېرەلىدىم دېيەلمەيمەن..توغرا، بۇ مەسىلە كەڭ ئەدەبىيات ھىرىسمەنلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى،مۇلاھىيزە قىلىشى بىلەن چوڭقۇرلىشىدۇ.موللۇققا ئىگە بولىدۇ.ئەدەبىيات ئەسلىدىلا ئاۋام-خەلققە مەنسۇپ.كۆپچىلىك تەرپىدىن يارىتىلىپ خەلقنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىلىدۇ.كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى كۆپ بولىدۇ.ئەدەبىيات ھىرىسمەنلىرى تەنتەربىيە بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ئوخشاشلىققى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزسە يېڭى پىكىرلەرنىڭمۇ ئوتتۇرغا قويۇلدىغانلىقى ئېنىق....

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  120
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 295
تۆھپە : 2
توردا: 56
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 15:32:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر يېڭىدىن ئوتتۇرغا قۇيۇلغان پەلسەپىۋىلىككە ئىگە ياخشى تېما ئىكەن.مەن بىر تەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچىسى بۇلۇش تۈپەيلىدىن  ئوتتۇرغا قۇيۇلغان پىكىرلەر ياخشى يىزىلىپتۇ.

ئەسكەرتىش:تەنتەربىيە ھەركەتلىرى  ئادەمنىڭ ھەركىتى بولسىمۇ لىكىن ھامان تاشقى دۇنيانىڭ تەسىردىن يەنى ھايۋانلارنىڭ ھەركىتىدىن دوراش،ئىلھاملىنىش بەدىلىگە كەلگەن دىيىشكە بۇلۇدۇ.

بۇ دۇنياغا كەلدۇق.ھېلىلا كىتىمىز.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 16:04:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  «مەن بىر  تەنتەربىيە  ئوقۇتقۇچىسى بولۇش تۈپەيلىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان پىكىرلەر  ياخشى يېزىلىپتۇ.»

   توردااش تىكەننىڭ يۇقۇرقى جۈملىدە « مەن بىر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولغانلىقىم ئۈچۈن ماقالىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان پىكىرلەرنىڭ تەنتەربىيەنىڭ ئالاھىدىلىكىگىمۇ ئۇيغۇن ھالدا ياخشى يېزىلغانلىقىنى بايقىدىم.» دەپ يازماقچى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.مەخسىدى توغرا،لىكىن ئىپادىلىشى تولۇق بولمىغان.بۇ جەھەتتە ئاستا-ئاستا ئۈگىنىپ كېتىدۇ....

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 272
تۆھپە : 4
توردا: 62
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 20:10:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئۈستىدە ھەقىقەتەن يېڭىچە تەپەككۇر بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈلۈپتۇ، مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشقا ئەرزىگۈدەك تېما ئىكەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 22:50:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگيارنىڭ تېمىغا كۆڭۈل بۆلگىنى ياخشى بوپتۇ.جان بېغىشلاش مەسىلىسى ناھايىتى ئاچقۇچلۇق مەسىلە.ئەسەرلەرگە ناھايىتى چوڭقۇر،قىزغىن مۇھەببەت سىڭدۈرۈلگەن بولغاچقىلا ئېسىل ئەسەرلەر ئۆلمەسلىك خۇسۇسىيتىگە ئىگە بولالىغان.جان بېغىشلاش مەسىلىسىدە تەنتەربىيە بىلەن ئەدەبىياتقا  سىترۇلۇق نوقتىدىن نەزەر ئاغدۇرغاندا ئىككىسىنىڭ ئالى رولىنىڭ ئادەملەرگە جان،ئۈمىد،قەيسەرلىك،ھاياتى كۈچ بېغىشلاپ كەلگەنلىكى يەكۇنلىنىدۇ.بىر ئۈمىد،ئىستەك ،تەلپۈنۈش ئادەمنى ئەسەر ئوقۇشقا ئۈندەيدۇ.ئىنسانلارغا،ھاياتقا ،دۇنياغا بولغان تەگسىز سۆيگۈ قەلەمكەشلەرنىڭ قولىغا قەلەم ئېلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ....

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 18:28:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنتەربىيە بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ئوخشاشلىقنى ئوتتۇرغا قويۇشتىكى مەخسەت يەنىلا ئەدەبىياتنىڭ موھىملىقىنى،بولۇپمۇ ئەدەبىياتنىڭ ئادەمگە ھەل قىلغۇچ تەسىر قىلالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇش .يەنە ئەدەبىياتنىڭ ھوزۇر بېرىش،زوقلاندۇرۇش،لەززەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ۋاستە،ھادىسىلىك تەرەپ ئىكەنلىكىنى،ماھايەت بولسا ئوقۇرمەنلەرنى،كىشىلەرنى ھوزۇرلىنىش ئالىمىگە ئېلىپ كىرىش ئارقىلىق مەنا قاتلىمىنى ئوقۇرمەنلەرگە سەزدۈرۈش ئىكەنلىكىنى ،ئوقۇرمەنلەرنى بەھىرلىنىشكە ئىگە قىلىش ئەدەبىياتتىكى تۆۋەن ئۈنۈم ئىكەنلىكىنى،ئوقۇرمەنلەرنى ھەم بەھىرلەندۈرۈش ھەم يېڭى ئوي،ئىدىيە بىلەن قوراللاندۇرۇشنىڭ يۇقۇرى ئۈنۈم-ھەقىقىي ئۈنۈم ئىكەنلىكىنى،ھازىر گەرچە كىشىلەرگە ھوزۇر بېرەلەيدىغان ئەسەرلەر بارلىققا كېلىۋاتقان بولسىمۇ،روھىغا جان بېغىشلايدىغان ئەسەرلەرنىڭ بەكمۇ ئاز بولىۋاتقانلىقى،بۇ جەھەتتە ئىزدىنىش،ئەجىر قىلىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇرماقچى بولغان ئىدىم.
      مەۋجۇتلۇق نوقتىسىدىن ئالغاندا مەيلى ھەرقانداق ساھە،كەسپ بولسۇن چوقۇم جەمىيەتتە ئۆزىنىڭ رولى بىلەن مەۋجۇت بولىدۇ.يەنە رىقابەت،خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ.بۇ ماقالىنى يېزىشتىكى يەنە بىر مەخسەت چوڭ-ماكرۇلۇق مەسىلىلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلىشىمىزنىڭ زۈرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ئىدى.ئەدەبىيات ئىچىدىكى ئۆزىمىز شۇغىللىنىۋاتقان بىر ياكى بىر قانچە ژانىر ھەققىدىلا ئەمەس پۈتكۈل ئەدەبىيات ھەققىدە ۋە ئەدەبىياتنىڭ ساھەلەر،جەمىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشنىڭمۇ ۋىجداننى بۇرچىمىز ئىكەنلىكىنى سەزدۈرمەكچى ئىدىم.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  120
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 295
تۆھپە : 2
توردا: 56
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 18:54:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداش دوستۇم ئەزىز ئەپەندىنىڭ مىنى ۋە مىنىڭدىكى ئىپادىلەش جەھەتتىكى يۇشۇرۇن خاتالىقىمنى توغرا چۈشەنگىنىگە رەھمەت.قارىغاندا تەنتەربىيە كەسىپنى ياخشى چۈشەنسە كېرەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tikan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 18:54  


بۇ دۇنياغا كەلدۇق.ھېلىلا كىتىمىز.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 19:25:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يېزىقچىلىق بىلەن ئۇزاق شۇغۇللانغان.مەنلا ئەمەس،كۆپۈنچە قەلەم ئىگىلىرى قەلەم بىلەن مەشغۇل بولمىغانلارنىڭ جۈملىدىن  تەنتەربىيە كەسپىدىكىلەرنىڭ ئاڭ،مەخسەت جەھەتتە چۈشىنىشى تولۇق ۋە توغرا بولسىمۇ ئىپادىلەشتە سەل جايىغا چۈشۈرەلمەيدىغانىقىنى بىلىدۇ.
     تورداش تىكەن سىزگە قايىل بولغىنىم ئالدىنقى ئىنكاسىڭىزدا سىز تەنتەربىيە بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ئوخشاشلىق تەرپىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغانلىقىڭىزدۇر.بۇ ئېغىزدا ئەمەس چىن كۆڭۈلدىن ئېتراپ قىلىشتۇر.چۈنكى سىز ئىشتىن سىرتقى ئەمەس رەسمى تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋېتىپسىز.شۇڭا كەسپىڭىز جەھەتتە سىزنىڭ تەسىراتىڭىز چوڭقۇر.سىز بىر جۈملە گەپنى دېگەن بولسىڭىزمۇ يۈرىكىڭىزدىكى گەپنى دېدى دەپ ئويلىدىم.
         تەنتەربىيە بىلەن ئەدەبىياتنىڭ ئوخشاشلىقى ئىككىسىنىڭ ئادەم روھىنى جانلاندۇردىغانلىقىدا ....بۇ  مېغىزدۇر.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 12:39:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرقى ماقالىدا يەنە ئەدەبىياتنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىدىن ئىبارەت موھىم مەسىلىمۇ ئوتتۇرغا قويۇلدى.يۇقۇرى بەدئى ماھارەت بىلەن يۈكسەك ئىدىيۋىلىكنى قانداق بىرلەشتۈرۈش، يېزىش ئەمىليىتىدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلىدۇر.كۆرۈنۈشتە ئەسەر يېزىش ناھايىتى ئاسان ۋە ئاددىدەك تۇيلغىنى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى ئىچ-ئىچىدىن تەسىرلەندۈردىغان،ئۇلارنىڭ روھىغا ھەل  قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەسەرنى يېزىش ئوڭاي ئەمەس.بۇ جەھەتتە باشقا ئەسەرلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان   ئەسەرنى يېزىشمۇ  ئوڭاي ئەمەس.خۇددى تەنتەربىيەدە ماھارەت تۈرلىرىنىڭ ئورۇنلاشنىڭ قىيىن نوقتىلىرى بولغاندەك ئەدەبىياتىمۇ ئىپادىلەشتە نازۇك ،ئىنچىكە ھالقىلارنى ھەم ئەڭ ئىخچام ،ئەڭ چوڭقۇر ،كەڭ مەنىگە ئىگە قىلىپ يورۇتۇشمۇ قىيىن نوقتىلار ھېساپلىنىدۇ.شئېىر ئەدەبىياتتا ئەڭ قىيىن ؟ژانىر دەپ قارىلىدۇ.بۇ ئېسىل ،زامان ۋە ماكانلارنىڭ تاسقاشلىرىدىن ئۆتۈپ ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان شئېىرلارغا قارىتىلغان.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 22:41:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى قايسى ژانىردىكى ئەسەر بولسۇن ھامان بىر ئارزۇ،تەلەپ،ئىنتىلىشنىڭ ئىپادىسى ھېساپلىنىدۇ.ئاجايىپ كۈچلۈك بىر تەلپۈنۈش ....قولغا قەلەم ئالدۇرىدۇ.....بۇ ئەدەبىياتقا بولغان مۇھەببەت شۇنداقلا ھاياتقا،دۇنياغا بولغان مۇھەبەتتۇر.ئۇرغۇپ تۇرىدىغان،كۆڭۈللەرنى نۇرلاندۇرۇپ ،ۋۇجۇدنى كۈچلۈك جانلاندۇردىغان روھتۇر.پەقەت روھ كۈچلۈك سىڭدۈرۈلگەن ئەسەرلەرلا  كىشىلەرنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرىدۇ.ئۈمىدلەندۈرىدۇ.....گەرچە نۆۋەتتە  تۈرلۈك بېسىملارنىڭ ئىسكەنىجىدە كىشىلەر زىيادە روھلىنىدىغان رىئاللىققا يۈزلىنەلمىسىمۇ كىشىلەر قەلبىدىكى ساپلىق،چىنلىق،ئىزگۈ....پۈتۈنلەي يوقاپ كەتكىنى يوق.ئەدەبىيات ئەشۇ بىنەم روھى زىمىنغا كىرىپ روھنى يەنىلا جانلاندۇرۇش سېھرى كۈچىگە ئىگە.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 02:14:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنتەربىيە بىلەن ئەدەبىياتتىكى ئوخشاشلىق؟   ..... مېنىڭچە كىيىنچە بۇ ھامان دىققەتنى ئۆزىگە تارتىدىغان مەسىلە بولۇپ قالىدۇ.تەنتەربىيە ئۈچۈن قايتا قوزغىتىشنىڭ زۈرۈريىتى يوق.چۈنكى ئۇ ئومۇمى يۈزلىنىشكە ئايلانماقتا.لېكىن ئەدەبىياتقا بولغان جەمىيەتتىكى ھەر خىل بېسىملار كۈچىيىپ بارماقتا.ئەدەبىياتنىڭ كىشىلەرنى جەلپ قىلىشى بارغانسىرى ئاجىزلىماقتا.كىيىن ئەدەبىياتنىڭ ئادەملەرگە يېڭى جان بېغىشلاش رولى ئەدەبىياتنىڭ موھىم ئىجتىمائى قىممىتى ئىكەنلىكى كىشىلەر تەرپىدىن تونۇلىدىغانلىقى ئېنىق......

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 02:15:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنتەربىيە بىلەن ئەدەبىياتتىكى ئوخشاشلىق؟   ..... مېنىڭچە كىيىنچە بۇ ھامان دىققەتنى ئۆزىگە تارتىدىغان مەسىلە بولۇپ قالىدۇ.تەنتەربىيە ئۈچۈن قايتا قوزغىتىشنىڭ زۈرۈريىتى يوق.چۈنكى ئۇ ئومۇمى يۈزلىنىشكە ئايلانماقتا.لېكىن ئەدەبىياتقا بولغان جەمىيەتتىكى ھەر خىل بېسىملار كۈچىيىپ بارماقتا.ئەدەبىياتنىڭ كىشىلەرنى جەلپ قىلىشى بارغانسىرى ئاجىزلىماقتا.كىيىن ئەدەبىياتنىڭ ئادەملەرگە يېڭى جان بېغىشلاش رولى ئەدەبىياتنىڭ موھىم ئىجتىمائى قىممىتى ئىكەنلىكى كىشىلەر تەرپىدىن تونۇلىدىغانلىقى ئېنىق......

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 12:15:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھەرقانداق پەن ۋە ساھەنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بولغاندەك ئەدەبىياتنىڭمۇ قىيىنلىق دەرىخسى بولىدۇ.بۇ قىيىنلىق دەرىجە ئەڭ ئىخچاملىغاندا ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەڭ مۇۋاپىق ھالدا ئۇيغۇنلىشىش،شۇنداقلا ۋاقىت،زامان ئۆتكىلدىن ھالقىپ ئۆتۈشتۇر.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 19:36:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنتەربىيەنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە .تەنتەربىيە بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش ئادەمنى سەگەك.چېچەن قىلىدۇ.ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش تەپەككۇرنى ئۆتكۈر،تىلغا ماھىر قىلىدۇ.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش