پوۋسىتتىكى تەسۋىرلەنگەن ماكان،بولۇپمۇ ساسلىق ماڭا شۇ قەدەر تونۇش بىلىندى،چۈنكى مەن ئېسىمنى بىلسەم ئۆيىمىزدىن ئانچ يىراق بولمىغان يەردە بىر ساسلىق بار ئىدى.ئەتىياز نىڭ سېرىق ئاپتاپلىق ۋاقىتلىرىدا بىر نەچچە قۇرداش ساسلىققا كىرىپ ،ئۆردەك تۇخۇمى ئىزدەيتۇق.بەزىدە سۇ يىلانلىرىمۇ ئۇچراپ قالاتتى،نەقەدەر سۈرلۈك........بىراق،كىيىنكى قېتىمدا يەنىلا قورقماي قەدەم باساتتۇق. قىش كۈنلىرى چوڭلار مۇز ئۈستىدە تۇرۇپ،قومۇش ئورىسا،بىز تانكىلىرىمىزنى غارىلدىتىپ،قوغلۇشۇپ ئوينايتۇق........يىللار ئۆتتى،ھەممە ئۆزگەردى.....گەرچە ساسلىق يوقىلىپ كەتمىگەن بولسىمۇ،قومۇشلار كىچىكلەپ،بورا توقۇشقا ماس كەلمىگەچكە،بورىچىلىقمۇ زاۋاللىققا يۈزلەندى......
پوۋسىتتىكى «مەن»،يەنى سەمەتباي، ساۋۇر مەزىن، پازىل پادىچىلارمۇ شۇ قەدەر تونۇش. خۇددى تۈنۈگۈنلا مەھەللىدىكى «سېرىق ئاتا مازىرىم»ئالدىدا ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقاندەك.........
رىياللىق ئىچىدە فانتازىيە،فانتازىيىدىن تەۋۇۇللۇت بولغان رىياللىق......
مەخمۇت يولۋاسنىڭ ئالتۇن تەنلىرى ئامان بولغاي! «ھۆسيىن دەڭجا»ئارقا تېمىڭىزنى داۋاملىق ئۇرۇپ،يېڭى تەپەككۇرلارنى ئويغاتقاي.