ياش يازغۇچى ماخمۇت يولۋاسنىڭ ژۇرنىلىمىزنىڭ 2012-يىللىق 2-،3-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئارقا تام»ناملىق پوۋېسىتىغا بېرىلگەن باھا:
ماخمۇت يولۋاس، 1970-يىلى توققۇزتارا ناھىيە تاشتۆپە يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1994-يىلى شىنجاڭ شىخەنزە تەمىنات-سودا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. كاستىر، بازار باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئىش ئورنىدىن قالغاندىن كېيىن تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان.
ئۇ 1993-يىلى «ئىلى دەرياسى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان«كېسەل» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك گېزىت-ژورناللاردا 50 پارچىگە يېقىن پوۋېست-ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ «كۆك قۇمۇش» ناملىق ھېكايىسى 10-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ھەم خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا تونۇشتۇرۇلغان. «مومامنىڭ بۇلۇتى» ناملىق ھېكايىسى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ياش يازغۇچى ماخمۇت يولۋاسنىڭ "مومامنىڭ بۇلۇتى" ناملىق بالىلار ھېكايە توپلىمى يېقىندا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
ئۇ ھازىر جوڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
مەزكۈر پوۋېسىتتا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە تىرمىشىپ كېتىۋاتقان سەھرادىكى ئاددى بىر ئائىلىنىڭ ئۆي سىلىش،سۈت سېتىپ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەريانىدا كونا تام تۇۋىدىن كونا تەڭگە تېپىۋىلىشتەك بىر ئىش سەۋەبىدىن يۇز بەرگەن بىر قاتار قىزىقارلىق،غەلىتە ،سىرلىق ئىشلار سۆزلىنىپ،ھالال ئەمگەكنىڭ ھەقىقىي بايلىق ئىكەنلىكىنى يورىتىدۇ.
ئاپتۇر بۇ ئىدىيەنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئاشۇ خىلۋەت سەھرانىڭ ئۆتمۇشى،ئۆتمۇشىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇنتۇلماس ھېكايىلەر قوينىغا باشلاپ بارىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىدىكى چۆچەكچىلىك ئۇسلۇبىغا يانداشقان يېڭى زامان چۆچەكچىلىك خۇسۇسىيىتىدىكى ئۆزگىچە پىروزا تىلى ۋە پروزا بايانىنى بەرپا قىلىدۇ. ئەسەر مانا بۇ جەھەتتىمۇ يۇكسەك قىممىتىنى ياراتقان.
ئومۇمەن بۇ ئەسەر ئۇسلۇپ جەھەتتىكى يېڭى لېكىن ئاممىبابلىقى بىلەن كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولسا،كىتاپخان قەلبىدە يەنە چوڭقۇر ئويلىنىشلارنى قالدۈرۈلايدىغان بەدىئىي يۈكسەكلىكى بىلەن سەرخىل ئەسەرلەر قاتارىدا تىزىشقا بولىدۇ.
شۇڭا بىزنىڭ بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرىشىمىز بىلەن بۇ نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى.
|