كۆرۈش: 282|ئىنكاس: 8

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  414
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 449
تۆھپە : 0
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 18:38:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                          ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ

                                                    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن


ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا توپلىشىپ ياشايدىغان غوللۇق يەرلىك مىللەت ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزگۈچى مىللەت. ئۇيغۇرلار پارچە ھالەتتە جۇڭگونىڭ بىر قاتار چوڭ شەھەرلىرىدە خىزمەت ۋە تىجارەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار جۇڭگودىن باشقا قازاقىستان قىرغىزىستان ئۆزبېكىستان تاجىكىستان تۈ*ركمەنىستان (ئاساسلىقى بايرام ئەلى رايونى) پاكىستان، ئەرەبىستان تۈ*ركىيە ئاۋسترالىيە گېرمانىيە رۇسىيە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرۈنەرلىك نوپۇستا مۇئەييەن جامائەت تۈ*ركۈمى شەكلىدە ياشايدۇ.

ئۇيغۇرلار ھازىر دېھقانچىلىق باغۋەنچىلىك ھۈنەرۋەنچىلىك سودا-سېتىق مەدەنىيەت-مائارىپ قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار ھازىر بازار ئىگىلىكىنى مەركەز ۋە تەڭشىگۈچ قىلغان ھازىرقى زامان ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا بارغانسېرى ئۆزلەشمەكتە. ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە تارىخىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى قاتلىمىنى ھاسىل قىلماقتا.

ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيا تىپىدىكى قەدىمكى قەبىلە ۋە خەلقلەردىن تەشكىل تاپقان. جۇڭگو ۋە چەتئەل ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندى. ئۇلار مىلادىيىدىن 3000-2000 يىل ئىلگىرى شىمالىي ئالتاي دالاسىدىكى ئاندرونوۋ-منوسېنىك رايونلىرىدا ياشىغان ئارى (ئارىيان) قەبىلىلىرى سىكتاي-ساك خەلقلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئاسىياچە ئاق جىنسلىق (ئاق تەنلىك) ئەجدادلىرى دەپ قاراشماقتا. قەدىمكى جەسەتلەرنىڭ باش سۆڭەك ئانالىزى قان تىپى قەدىمكى ئارىيان-سىكتاي-ساك ئەپسانە فولكلورى كىيىنىش ۋە مۇزىكا ئۇسسۇل بايرام سەيلە-مەرىكىلىرى بۇ مۇھاكىمىگە كۈچلۈك ئىسپات ھازىرلاپ بەردى. ئەينى زاماندىكى “ئات مەدەنىيىتى” بۇ كەڭ ماكاندا جۇڭگونىڭ رەسمىي يىلنامىلىرىدە «ئۇلۇغخور» دەپ ئاتالغان ئارىيان-سىكتاي-ساك خەلقلىرىنىڭ زور يۇغۇرۇلۇشىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئارىيان-سىكتاي-ساك قەبىلىلىرى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى -2000يىللاردىن تاكى 6-5 ئەسىرلەرگىچە غەرب جەنۇب ۋە شەر*قكە يۆتكىلىپ ئىران ئېگىزلىكى ھىندىستان زېمىنى ۋە چىلەن تاغلىرى ئەتراپىغا كېڭەيدى ۋە ئىرانى خەلقلەر ھىندىستان ئارىيان-ساكلىرى تارىم ساكلىرى ۋە توخار قەبىلىلىرىنىڭ مىللەت تەركىبىگە سالماقلىق تەسىر كۆرسەتتى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىلا ساكلارنىڭ ئاسنا قەبىلىلىرى بىلەن موڭغۇللۇئىد (موڭغۇل ئىرقى) تىپىدىكى ئاشىد قەبىلىلىرى ئاسنا ئۇرۇقىنى ئاساس قىلىپ قوشۇلدى. نەتىجىدە مەركىزىي ئاسىيا ئۇلۇغخورلىرىنىڭ 2-تۈ*ركۈمى-تۈر*ۈكلەر مەيدانغا چىقتى. ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ ئارىيان-سىكتاي-ساك خەلقىنىڭ يىراق ئەۋلادى تۈ*ركىي تۈ*ركۈمىنىڭ يېقىن ئەۋلادى ھېسابلىنىدۇ.

جۇڭگو يىلنامىلىرىدە غەربىي جۇ سۇلالىسى زامانىدىكى ھازىرقى گەنسۇ (كەڭ ساي) ۋە ئوردۇس ئوتلىقى ئەتراپىدا ياشىغان گۈيفاڭ دى-زەي قەبىلىلىرىنى كېيىنچە بايقال كۆلى ئەتراپىدا ياشىغان دىڭلىڭ (دەنلەن) خەلقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاسىتە مەنبەلىرىدىن بىرى دەپ قارىغۇچىلارمۇ بار. ئۇلار دىڭلىڭلارنىڭ شەر*قىي ۋە غەربىي دىڭلىڭلارغا ئايرىپ بايقالدىن يېنسەيگىچە يېنسەيدىن يەتتە سۇ ۋە سىر دەرياسى ساھىللىرىغىچە ياشىغان دەپ قارايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىلىڭلاردىن باشقا قەدىمكى تۇرپان كروران ئاھالىلىرى بولغان ئۇجيې ئۇخۇ ۋە قوش قاڭقىل قەبىلىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى دېگەن قاراشلارمۇ مەيدانغا چىقتى.

ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەت ئارىيان-سىكتاي-ساك-تۈ*ركىي خەلقلەر تۈ*ركۈمىدىكى مەدەنىيەتلىك خەلق. ئۇلارنىڭ جىسمانىي خۇسۇسىيىتى ۋە قان ئالاھىدىلىكى تىل ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ئالاھىدىلىكى مىللىي ئېتنوگرافىك تۇرمۇش ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى يىراق تارىخىي قاتلاملىرىنى تارقىلىش ماسىشتابىنى مىللەت مەنبەسى ۋە ھەرخىل تەركىبلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئەجدادلىرىنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر فولكلورى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە تولۇق ۋارىسلىق قىلىش سالاھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئوتلاق مەدەنىيىتى ئاتلىق كۆچۈش قىسمەتلىرى بوستان مەدەنىيىتى يىپەك يولى ئالاقىلىرى كۆپ خىل دىنىي مەدەنىيەت باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈردى.

ئورخۇن ۋادىسىدىن تارىم ۋادىسىغىچە كۆچكەن ۋە بۇ يەردىكى ساك توخار سوغدىلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ مەيدانغا كەلگەن دېگەندە يەنىلا ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى بىلەن تارىم ۋادىسىدىكى ساك ئورخۇن سوغدىلارنىڭ قايسى تارىخىي قاتلامدا قانداق تىلدا سۆزلەشكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر ئورتاق ھالدا مەركىزىي ئاسىيا ئۇلۇغ خورلىرى بولغان ئارىيان تۈ*ركۈمى ۋە تۈ*ركىي تۈ*ركۈمىگە بولغان تېرەن يىلتىزداشلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىش كېرەك. بۇ خەلقلەر كۆچمە چارۋىچىلىق ۋە “ئات مەدەنىيىتى” تۈپەيلىدىن مەركىزىي ئاسىيا رايونىغا -مۇھىمى تارىم ۋە سىر دەريالىرى ۋادىلىرىغا بايقال ۋە موڭغۇل ئوتلاقلىرىغا كەڭ تارقىلىپ ياشىدى. ئۇلار جۇڭگو ۋە ئىران (ئاخمانى) ئىمپېرىيىلىرىگە يېقىن جايلاردا ھاكىمىيەت مەركەزلىرىنى بەرپا قىلغان ھون ۋە ساك ئەنئەنىلىرىگە دېيەرلىك ۋارىسلىق قىلدى. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرمەك ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىنمۇ خان ئۇرۇقى بولغان ياغلاقارلار گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغاندىن باشقا ئادىزلار باشچىلىقىدىكى باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى قوچۇ كۈسەن قەشقەر سۇياب-سىر دەرياسى ۋادىسىغا يۆتكىلىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى كۈسەن ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار ھاكىمىيەتلىرىنى بەرپا قىلدى. خوتەن ياغلاقار قالقالۇخانى داۋاملىق گەنجۇ ياغلاقار ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قۇدىلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلىدى. بۇ ئورخۇن ۋە گەنجۇ خوتەن ياغلاقارلىرىنىڭ قەبىلىۋى يېقىنلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇ خۇددى ئۇيغۇرلار قەدىمكى سەمەرقەند ھاكىمى ئافراسىياپنى ئۆزىنىڭ قەھرىمان پادىشاھى دەپ ئىزچىل ھۆرمەتلەپ كەلگىنىگە ئوخشاش ئەھۋال.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنونىمى (مىللەت نامى) قاچان كېلىپ چىققانلىقى نامەلۇم. بىرىنچىدىن بۇ ئېتنونىمنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئېتنىك تۈ*ركۈمىنىڭ مەيدانغا كەلگەن ۋاقتى قىلىپ بېكىتىۋالغىلى بولمايدۇ. ئىككىنچىدىن ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان قەبىلە دەسلەپ ياغلاقار باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىغا قاتناشقان بىر قەبىلىنىڭ نامى بولۇپ بۇ خاسىيەتلىك نام پۈتۈن ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئورتاق نامى قىلىپ قوبۇل قىلىنغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىنمۇ گەنجۇ ئىدىقۇت كۈسەن خانلىقلىرى ئۆز سەلتەنەت ناملىرىغا ئۇيغۇر ناملىرىنى قوشۇپ ئىشلەتكەن. ھازىرقى يۈگۇ- سېرىق ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز نامىنى ياغلاقار ياكى باشقا قەبىلە نامىدا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر نامىدا ئىشلەتتى.

«ئۇيغۇر» ئىبارىسى ئومۇمى مەنىدە «ئۇيۇشۇش ئۇيۇشماق» مەنىدە ئىزاھلانماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر نامىنى قوللىنىشى ۋە سىياسى ھاكىمىيەت ئورنىتىشىدىن خېلى بۇرۇنلا تەدرىجىي شەكىللەندى ۋە ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي قاتلاملىرىدا داۋاملىق راۋاجلىنىپ تۇرمۇش مەدەنىيىتى ئىزچىللىقى بىلەن تارىخىي قاتلاملىقى زەنجىر ھالقىسىنى ھاسىل قىلدى. بىز ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە نەزەر سالساق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇكەممەل ئېتنولوگىيلىك تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە ئىگە ئېتنىك مىللەت ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرىمىز.

ئۇيغۇر تارىخىدا جەڭگىۋار ئاياللار ھاكىمىيەتكە قاتناشقان تۈ*ركەن خاتۈندەك ئاياللار شائىرە ۋە مائارىپچىلار خېلى كۆپ بولغان. تۇغۇت مۇناسىۋىتى بىلەن ئانا-بالىلار مەبۇدىسى ئوماي ئانىغا (ئىسلامىيەتتىن كېيىن بۈۋى پاتىمەگە) سېغىنىش بالىنىڭ قىرىق سۈيى، ئات قۇيۇش مۇراسىمى بۆشۈك تويى ئوغۇل بالا يەتتە ياشقا توشقاندا خەتنە قىلدۇرۇپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈش پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە ياكى ھۈنەرگە بېرىش ئادەتلىرى ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى.

ئۇيغۇرلاردا نىكاھ مۇناسىۋىتى بىلەن چاي ئىچكۈزۈش توي ئالدىدىكى مەسلىھەت چايلىرى نىكاھ ئوقۇپ قىز-يىگىتنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش توي مۇراسىمى يىگىت-قىزلار ئولتۇرۇشى قۇدىلار چىللاقلىرى ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى. ئۇيغۇرلاردا دەپنە مۇراسىمى ھەرقايسى دىنىي مەدەنىيەتلەر تەسىرىدە ھەرخىل بولسىمۇ ئەمما مېيىتنى پاكىزە يۇيۇپ كېپەنلەش ھازىدارلار ئاق رومال سېلىپ ئاق بەلۋاغ باغلاپ يىغا-زارە قىلىش مېيىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش جىنازىنى ئالمىشىپ تالىشىپ كۆتۈرۈپ قەبرىستانلىققا ئېلىپ بېرىش لەھەتتە مېيىتنىڭ يۈزىنى قىبلە (غەرب) تەرەپكە قىلىپ ياتقۇزۇش ئىچ گۆرنىڭ ئاغزىنى كېسەك بىلەن ئېتىپ تاش گۆرنى توپا بىلەن كۆمۈش قەبرە بېشىدا مېيىنىڭ ئىجابىي تەرىپىگە گۇۋاھلىق بېرىش قەبرە تېشى-گۈمبەز ئورنىتىش مېيىنىڭ يەتتە قىرىق يىل نەزىرلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئادەتلىرى بىردەك ئىزچىل بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى مېيىت سۆڭىكىنى كاھىش (ساپال) ساندۇققا سېلىپ يەرلىككە قۇيۇش مېيىنى تاش گۆرگە كۈمۈش مېيىنى ئاستىغا ياغاچ شادا قويۇلغان گۆرگە ياتقۇزۇپ ئۈستىگە قىزىل تۇپراق ۋە قۇم تۆكۈپ كۆمۈش شام گۆرگە قويۇش قاتارلىق دەپنە قىلىش ئۇسۇللىرىنىمۇ قوللاندى.

ئۇيغۇرلاردا ھېيت-ئايەملەر قەدىمكى تەقۋىم (كالېندار) قائىدىلىرى بويچە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى. «نەۋرۇز» (نورۇز) بايرىمى «كۆك مەشرىپى” “سۇ مۈلەك» ئايەملىرى باھار-نورۇز بايرىمىدىن ئىبارەت بولۇپ بۇ بايرام يىراق قەدىمكى زامانلاردىن بېرى ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭغا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلار يەنە «قىزىل كۈل سەيلىسى» «قوغۇن سەيلىسى» قاتارلىق يازلىق-كۈزلۈك بايراملارنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇددىزم مەزگىلىدە بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «بۇرھان (بۇت) يۆتكەش» مۇراسىملىرى بولغان ئىدى. ئىسلامىيەتتىن كېيىن قۇربان ھېيت روزا ھېيت ئايەملىرى نورۇز بايرىمى بىلەن قوشۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق بايراملىرى بولۇپ قالدى.

ئۇيغۇرلاردا يېقىنقى يىللارغىچە (يېزىلاردا ھېلىمۇ بار) قورۇ ئىگىلىكى ھەر بىر چوڭ ئائىلىنىڭ تۇرمۇش ھۈجەيرىسى بولۇپ كەلدى. چۆللۈكلەر بىلەن قورشالغان ھەرقايسى بوستانلىقلار قويۇق دەرەخلەر ئېقىن سۇلار ئۆم ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر بىلەن قاپلىنىپ قالماستىن بەلكى ھەرقايسى قورۇلارمۇ مېۋىلىك باغ ئۆزۈم باراڭلىرى بىلەن قاپلىنىدۇ ئۇيغۇر قورۇلىرى نەقىشلىك دەرۋازا پېشايۋان ئايۋان-ساراي ئوغۇل-قىزلار ئۆيلىرى قازناقلار بىلەن بىر يۈرۈش قىلىنىدۇ. بەزى قورۇلار بالخانا ئۆيلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆپىنچە ئۆيلەر گەجلەنگەن ۋاسا بىلەن جۈپ قىلىپ يېپىلىدۇ. ھەرخىل نەقىشلىك مېھراب (مەرەپ) تەكچە ۋە مورىلار بىلەن بېزىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇل مۇزىكىغا ئەزەلدىن ھېرىسمەن مىللەت ئۇلار قەدىمكى مۇراسىملار مىلىس-مەشرەپلەر ئاساسىدا يەرلىك خەلق مۇقام-مەشرەپ-سەنەملەرنى شەكىللەندۈردى. مىلىس-مەشرەپلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتنوگرافىيە مەكتىپى ئەخلاق-ئەقىل مەكتىپى ناخشا-ئۇسسۇل مەكتىپى بولۇپ كەلدى. شۇ ئاساستا ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام» شەكىللەندى.

ئۇيغۇرلار خەلق فولكلورى-ئېغىز ئەدەبىياتىغا باي خەلق. ئەڭ يىراق شامانىزم ئەپسانىلىرىدىن بۇددىزم دەۋرى ھىكايەتلىرىگىچە قەدىمكى قەھرىمانلىق رىۋايەتلىرى ئەجداد سېغىنىش رىۋايەتلىرى بولغان «بۆرە ھېكايىسى»، «ئوغۇز نامە»، «ئافراسىياپ رىۋايىتى»، «چىستانى ئىلىك بەك رىۋايىتى»، «دەدە قورقۇت»، «تۇمارىس»، «غېرىب-سەنەم» قاتارلىقلار بىلەن مىڭلىغان تارىخىي قوشاقلار لەتىپە ۋە ئەقلىيە سۆزلەر ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلىنى سالدى. ئۇيغۇرلار خەلق ئەدەبىياتى ئاساسىدا يازما ئەدەبىيات ۋە كلاسسىك ئەدەبىيات دۇردانىلىرىنى ياراتتى. ئۇنىڭ ئەڭ بۈيۈك سەمەرىسى “قۇتادغۇ بىلىك” تىن ئىبارەت. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئۇيغۇرلاردىكى پەلسەپىۋى دىنىي ئەخلاقىي تارىخىي ھوقۇقىي كۆز قاراشلارنى شېئىرىي تۈستە ئىپادىلەپ ئۇيغۇر روھىيەت تارىخى ۋە تەپەككۇر تارىخىنىڭ باي رەڭدار خەزىنىسىنى ھاسىل قىلدى.

ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ تەسۋىرىي سەنئەت ھېرىسمەنلىرى ئىدى. ئۇلار قىيالارغا تۇرمۇش ئوبرازلىرىنى چېكىپ بالباللار ۋە تاش پۈتۈك (ئابىدە) لەرنى ئورنىتىپ ئالتۇن مىس- كۈمۈشلەردىن زىبۇ-زىننەتلەرنى ياساپ كاھىش قاش (قاشتېشى) تىن گۈزەل تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساپ تاشكېمىر سەنئىتى بىناكارلىق ھەيكەلتاراشلىق تام رەسساملىقى ياغاچ ئويما تاختا سىزما مېتال ۋە توقۇلمىلارغا رەسىم ئىشلەشتە ئالدىنقى سەۋىيىگە يەتتى. شىنجاڭدىن تېپىلغان زورو ئاستېر (ئاتەشپەرەسلىك) بۇددا ۋە مانى دىنىغا ئائىت تەسۋىرىي سەنئەت يادىكارلىقلىرىنىڭ قالدۇقلىرى ھېلىمۇ جاھان تەتقىقاتچىلىرىنى مەپتۇن قىلماقتا.

ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ تاماق مەدەنىيىتىدە مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدا ئالدىنقى شۆھرەتكە ئىگە. تاماق مەدەنىيىتى بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتىنىڭ يىراق تارىخىي قاتلاملىرى بىلەن ئۇنىڭ ئېرىشكەن كامالەت دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. قايسى بىر تەتقىقاتچى: ئۈزۈپ تاشلاپ ياكى پىچاقتا كېسىپ ئېتىلىدىغان سۇيۇقئاش بىلەن ئىنچىكە سوزۇلغان ئەشمە (لەڭمەن) ئارىسىدا بىر مىڭ يىللىق مۇساپە ياتىدۇ دەپ توغرا ئېيتقان ئىدى. تونۇردا ھازىرلىنىدىغان ھەرخىل تائاملار ئۆپكە ھېسىپ پېتىر مانتا ۋە ئەۇراببا قاتارلىق ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئاپىرىن ئېيتمايدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ئىشلەپ چىقارغان ھەرخىل مەيزاب ۋە ھاراقلار ھەتتا تاڭ تەيزۈڭنىمۇ ھەيران قالدۇرغانىدى. ئۇيغۇر تائاملىرى يىپەك يولى ئوتتۇرا بەلۋېغىغا جايلاشقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىداكارانە مېھماندوستلۇق ئەنئەنىسىگە ھەسسە قوشتى. ئۇيغۇر تائاملىرى ئۆز نۆۋىتىدە ئوزۇقلۇق ۋە تېبابەت قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇش بىلەن يەنە شەر*ق-غەرب خەلقىلىرىنىڭ ئورتاق ئىشتىھا تەلىپىگە ئۇيغۇن بولدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش مەدەنىيىتى يىراق تارىخىي ئىزچىللىققا ئىگە بولۇپ كەلدى. بىز بازىرىق قاراسۇق ئەسكى قەلئە كونا كروران قەدىمكى قۇمۇل قارا دۆۋە قاتارلىق قەبرىستانلىقلار بىلەن سىكتاي- ساك سىزما يادىكارلىقلىرى بۇددا تاشكېمىرلىرىدىكى تام رەسىملىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەت ئەل ئېتنوگرافلىرى سۈرەتكە ئالغان ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ كىيىنىشلىرىدىن ئۇيغۇر كىيىم مەدەنىيىتىنىڭ تۇرمۇش ئاتلىق يۈرۈش جەڭ ئېھتىياجىغا لايىق بولۇشتىن تاشقىرى يەنە غايەت زور ئېستېتىك ئالامەتلىرىگە ھەتتا ماننىرىزملىق (زىننەت ۋازلىق) ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ ھال مىلادىدىن ئىلگىرىكى جاۋلىن ۋاڭنىڭ مىلادىنىڭ بېشىدىكى شەر*قىي خەن سۇلالىسىنىڭ شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ ئوتتۇرا تاڭ زامانىنىڭ “خۇز كىيىمى” قىزىقىش دولقۇنىنى شەكىللەندۈردى. ئۇيغۇرچە كىيىنىش زىبۇزىننەت ئاتقا مىنىش ۋە ساز- ئۇسسۇل ھەتتا مەي مەدەنىيىتى نۇرغۇن شائىرلارنىڭ شېئىرىي مىسرالىرىغا ئىلھام بەردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتىدە ئۇيغۇر سادا-تىجارىتى كۆرۈنەرلىك سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئەڭ يىراق ئەجدادلىرىدىن سىكتايلارنىڭ ئاتلىق-تۆگىلىك جاھانكەشتىلك ئەنئەنىسىنى ئۆزلەشتۈردى. ئۇلار قاشتېشى ۋە ئالتۇن سودىسى يىپەك يولى سادا تىجارىتىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن ئىران ۋىزانتىيە ئارىسىدىكى سودىنى تىزگىنلىدى. مەشھۇر سۇدا ئاھالىسى دەپ ئاتالغان سوغدىلارنى ئۆز مىللىي تەركىبىگە سىڭدۈرۈپ ئىران سودىگەرلىرىنى سۇندۇردى ۋە سۇڭ سۇلالىسىنىڭ سودا ۋازارىتىنى بىكار قىلىپ ئۇيغۇر سودا سارىيى قۇرۇشقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېسىم كۆرسەتتى. ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ياسىداق سودا دۇكانلىرى مەيخانا ئېچىپ ئۆز زېمىنىدا مال سېتىش ۋە يەرمەنكە بىلەن شۇغۇللانغۇچى «ھەتتار» لاردىن پەرقلىق ھالدا دۆلەت رايون ھالقىپ يېنىك ۋە قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى ئېلىپ يۈرىدىغان خەلقئارالىق سودا كارۋانلىرى تۈزدى ۋە دۆلەت-رايونلار ئېتىراپ قىلىدىغان ئالتۇن ئاقچا بىرلىكىنى ياراتتى.

ئۇيغۇر تۇرمۇش مەدەنىيىتىدە تەنتەربىيە مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ. ئوقيانى ئات ئۈستىدە ئارقىغا ئېتىپ نىشانغا تەگكۈزۈش چېلىشىش ئات ئويۇنى ئات توپ (چەۋگەن توپ) ئوغلاق تارتىشىش سارغايدى ئويناش دارۋازلىق سېھىرگەرلىك موللاقچىلىق ساقا ئويناش شاھماتۋازلىق گاگا توقماق لەگلەك ئۇچۇرۇش ۋە نۇرغۇنلىغان بالىلار ئويۇنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادە چېنىقتۇرۇش ماھارەت يېتىلدۈرۈش تىپىدىكى تەنتەربىيە مەدەنىيىتى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن ھەممە شەرتلىرى مۇكەممەل ئېتنولوگىيلىك مىللەت ئىكەنلىكى شۈبھىسىزدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتى بۇ ھۆكۈمنى ھەر تەرەپلىمە ئىسپاتلايدۇ.


idraksoft

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1216
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3088
تۆھپە : 1
توردا: 545
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 18:24:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللىنىپتۇ.مەرھۇم ئۇستاز ئابدۈشكۈر مۇھەمەت ئىمىن ئەدەبىيات ۋە پەلسەپەنى يادرۇ قىلغان ھالدا مەدەنىيەتنى كېسىشمە نوقتىدىن تەتقىق قىلىپ،مول تەتقىقات مىۋىلىرىنى مىراس قالدۇرغان ئالىم.ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەم كۆپ ھەم موھىم پايدىلنىش قىممىتىگە ئىگە.تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەمگىگى ئۈزۈلمىگەي.
  ( يۇقۇرقى ماقالىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللى نوقتىدىن تونۇشتۇرۇش قىممىتى يۇقۇرقىكەن.تېما يوللىغۇچى ماقالىنىڭ مەنبەسىنى قوشۇپ قويسا يەنى ئېلان قىلىنغان بولسا  كىتاپ ،ژورنالنى،نەشىرگە تەييارلانغان توپلامدىن ئېلىنغان بولسا  توپلام نامىنى ئەسكەرتىپ قويسا ياخشى بولاركەن.بۇ موھىم ماقالىكەن.كۆرگۈچىلەر ساننى 10 مىڭغا يەتسىمۇ كۆپ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.)

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  414
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 449
تۆھپە : 0
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 11:04:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ياخشى تېما يوللىنىپتۇ.مەرھۇم ئۇستاز ئابدۈشكۈر مۇھەمەت ئىمىن ئەدەبىيات ۋە پەلسەپەنى يادرۇ قىلغان ھالدا مەدەنىيەتنى كېسىشمە نوقتىدىن تەتقىق قىلىپ،مول تەتقىقات مىۋىلىرىنى مىراس قالدۇرغان ئالىم.ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەم كۆپ ھەم موھىم پايدىلنىش قىممىتىگە ئىگە.تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەمگىگى ئۈزۈلمىگەي.
  ( يۇقۇرقى ماقالىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللى نوقتىدىن تونۇشتۇرۇش قىممىتى يۇقۇرقىكەن.تېما يوللىغۇچى ماقالىنىڭ مەنبەسىنى قوشۇپ قويسا يەنى ئېلان قىلىنغان بولسا  كىتاپ ،ژورنالنى،نەشىرگە تەييارلانغان توپلامدىن ئېلىنغان بولسا  توپلام نامىنى ئەسكەرتىپ قويسا ياخشى بولاركەن.بۇ موھىم ماقالىكەن.كۆرگۈچىلەر ساننى 10 مىڭغا يەتسىمۇ كۆپ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.) (  ئەزىز ھېيت كۈننىڭ ئىنكاسى)

مەنبە:‹ ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيتى›ناملىق كىتابى.(يالقۇن روزى نەشىرگە تەييارلىغان)  ئەپسۇس بۇ تىمىنى 24 ئادەم كۆرۇپتۇ!!!!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1427
تۆھپە : 0
توردا: 265
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 11:46:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى مەنمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ،ھەم بۇ ئۇستازغا ھۆرمىتىم بار، تېما مەزمۇنىنى  كىتاپتىن تولۇق ئوقۇپ بولغان  بولساممۇ يەنىلا قايتا ئوقۇپ چىقتىم ۋە ساقلىۋالدىم . رەھمەت!

گۈلنىڭ گۈزەللىگى ھۆسنىدە ، ئادەمنىڭ گۈزەللىگى قەلبىدە.....

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1216
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3088
تۆھپە : 1
توردا: 545
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 12:10:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداش ئېلشات رەھىم كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ! يۇقرۇقى ماقالىنى كۆرىدىغانلار ھامان چىققىدۇ.چۈنكى يۇقۇرقى ماقالىنىڭ بىلىم بېرىش قىممىتى يۇقۇرى.كۆرمىگەنلەر بىر قېتىم كۆرۈشكە،بىلىۋىلىشقا تېگىشلىك ئەسەردۇر.بولۇپمۇ ھازىر مەدەنىيەت كۆپ قۇتۇپلىشىۋاتقان،ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت خىرىسقا،يۇتۇلۇپ كېتىشكە (زامانىۋىلىق تەرپىدىن ) دۇچ كېلىۋاتقان شارائىتتا كەڭ تورداشلار بولۇپمۇ ياشلار بۇ ماقالىنى ئوبدان كۆرۈشكە ،ئۆزىنىڭ مىللى خاسلىقىنى بىلىۋېلىشىغا ئەرزىيدۇ.سىز بۇ تېمىنى يوللاش بىلەن توختاپ قالماي ئىككى-ئۈچ كۈندە بىرەر قېتىم مەزكۇر ماقالىغا بولغان تەسىراتىڭىزنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويۇڭ.شۇنداق قىلسىڭىز بۇ تېمىنىڭ مۇنبەر يۈزىدىن چىقىپ كەتمەسلىكىگەھەم تورداشلارنىڭ جەلپكارلىقىنى قوزغاشقا پايدىسى بار.
    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-25 12:12  


ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1427
تۆھپە : 0
توردا: 265
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 12:58:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېپىڭىزمۇ ئورۇنلۇق ئېزىز ھېيت كۈن ئەپەندى، بۇنداق تېمىلارغا ھازىر كۆپ كىشىلەرنىڭ دېقىتى چۈشمەيدۇ .بىر بولسا ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەن نەرسە دەپ قارايدۇ ياكى بولسا بۇلارنى چۈشۈنۈشكە كۆپلىرىنىڭ زېھنى يەتمەيدۇ (مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن،چۈنكى ھازىرقى كاللىلار بۇندىن40،50 يىل ئىلگىركى كاللىلاردىن ئۆتكۈر) ....ئىشقىلىپ سەۋەبى كۆپ ،يەنە بەزىلەر دەيدۇ، كونىغا ئېسىلىۋېلىپمۇ ئىشمۇ دەپ........ بولسا توتلىكلەردىن بەس-بەستە يازسا ، مۇنبەر، ژورنال ۋە مەتبۇئاتلارنى خەت دۆۋىسى(شۇ ئانا تىلنى ئۇنتۇپ كەتمەسلىكنىڭ شاھىدى ئۈچۈن) بىلەن باي قىلسا،ئانچە مۇنچە نەپ ئالالىسىلا بولدى. ئۇنىڭدىن كاتتا ئادەم يوق ،بىزگە مۇشۇ كەمگىچە يېزىلغان تۆتلىكلەرمۇ يەنە 100 يىل ئوقۇساقمۇ تۈگۈمىگۈدەك بولۇپ ئامبارلارغا تولۇپ كەتتى ...بەلكىم ھازىر تۆتلىكلەر زامانى بولسا كېرەك . يەنە ئوقۇسا يەنە شۇ ،100نىڭ ئىچىدىن بىرەسى كىشىنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالامىغان ، بۈگۈن ئوقۇسا ئەتىسىلا ئەستىن چىقىپ كېتىدۇ.مەن مۇھەممەت باغراش، زۇزۇن قادىرى............لارنىڭ ھىكايىلىرىنى سېغىندىم، بىر چاغلاردا ھەجەپ ياخشى ھىكايە- پوۋسىتلار بار ئىدى ، رومانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كەتكەن 30، 40 يىلنىڭ ئىچىدە يېزىلىپ تۈگۈگەن ئوخشايدۇ .............. ۋاي بولدىلا نىمىلەرنى دەپ كەتتىم . ئەمدى ھىچنىمە دېمەي ................... لەغمەن ئېتىپ يەي بولدى .....

گۈلنىڭ گۈزەللىگى ھۆسنىدە ، ئادەمنىڭ گۈزەللىگى قەلبىدە.....

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1216
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3088
تۆھپە : 1
توردا: 545
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 13:40:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماھىرە سىز «تۆتلۈكلەر» دەپ شئېىرنى كۆزدە تۇتىۋاتقان بولسىڭىز كېرەك.مېنىڭچە سىزنىڭ قارىشىڭىز بىر جەھەتتىن توغرا ،يەنە بىر جەھەتتە كەمتۈكتۇر.دەرۋەقە بىز مەزكۇر مۇنبەردىكى سەھىپىلەرنىڭ ئاۋاتلىقىنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.لىكىن ئىش بىز ئويلىغاندەك ئاددى ئەمەس.مەنمۇ  ئەسلىدە مەزكۇر مۇنبەردىكى ئاۋاتلىقنىڭ 70 پىرسەندىن كۆپەرەكىنى شئېىريەت قىزغىنلىقى ئىگىلگەنلىكىنى بايقىغاندىن كىيىن بەكلا بىر تەرەپلىمە يۈزلىنىش بوپتۇ.قالغان سەھىپىلەرنى كۆرىدىغانلار نىمىشقا ئاز ؟ دەپ ئويلىغان ئىدىم.كەينىدىن ئويلىسام ئەدەبىيات تارىخىمىزدا شئېىريەت كەم دېگەندىمۇ مىڭ يىلدىن ئارتۇق غول لىنيە بوپ كەپتۇ.شۇنداقلا ئەشۇ تارىخى ئەنئەنە مەزكۇر مۇنبەردە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپتۇ دەپ ئويلاپ خۇش بولدۇم.چۈنكى تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ «شئېىر مىللىتى» دېگەن نامىمۇ بولغان.مۇنبەر ھازىرقىدەك شئېىريەت قىزغىنلىقى،ئاۋاتلىقىنى يادرۇ قىلىپ ماڭسا تەدرىجى ھالدا باشقا سەھىپىلەرمۇ ئاستا -ئاستا ئاۋاتلىشىشقا يۈزلىنىدۇ....دەپ ئويلايمەن.«بالىسى ھامان دادىسىنى دورايدۇ» دەپ ،مەزكۇر مۇنبەردە شئېىريەت قىزغىنلىقىنىڭ بولغىنى ياخشى.چۈنكى ئۇ شئېىرغا ،ئەدەبىياتقا بولغان ئۇرغۇپ تۇرىۋاتقان مۇھەببەتتۇر.ئوتتۇر.ئەشۇ ئوت بارا-بارا باشقا سەھىپىلەرگە تۇتىشىپ كېتىدىغانلىقى مۇقەرەر....

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  414
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 449
تۆھپە : 0
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 11:07:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارنىڭ ياخشى كۆڭلىگە رەھمەت.بۇ ماقالىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتنىك تەركىبى مەسىلىسى.ئالىم ماقالىسىدا ۋە ‹قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا›(تۇران تارىخى)دا :‹ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەت ئارىيان-سىكتاي-ساك-تۈ*ركىي خەلقلەر تۈ*ركۈمىدىكى مەدەنىيەتلىك خەلق›دىگەن كۆز-قارشىنى ئوتتۇرغا قويغان.ئەمما ھازىرغىچە يېزلغان خەنزۇچە،ئۇيغۇرچە تارىخ تەتقىقات ئەسەرلىردە بۇ نۇقتا نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ.سەۋەبى ھەر خىل. ئالىم يەنە مەركىزى ئاسىيانى تۈ*ركلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى دەيدۇ.ئەمما خەنزۇچە تەتقىقات ئەسەرلىردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى دڭلىڭدىن باشلايدۇ.ئۇيغۇرلارنى ئىپادىلگەن ئوخشىمىغان خەنزۇچە ناملارنى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر قىلىپ كۆرسىتىدۇ.ئالىم بۇ خىل تەتقىقاتلارنى ‹قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا›(تۇران تارىخى)دا تەنقىدلىگەن. شۇڭا ئالىمنىڭ بۇ ماقالىسى مۇشۇ جەھەتتىن مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە!!!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1216
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3088
تۆھپە : 1
توردا: 545
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 19:50:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنىڭ موھىملىقى بارغانسىرى ئېشىپ بارىدۇ.گۆھەر بىلەن ئالتۇننىڭ قىممىتى ئېشىپ بارغاندەك.....ھەمبەرلىۋالدىم.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش