2013-يىللىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئەسەر
ئابرال ئانا
ئابلېكىم ھەسەن
ئۆي سۈپۈرۈپ، ھويلىسىغا سۇ سەپكەن،
قاشا توسۇپ، سېرىق سەبدە گۈل چەككەن،
بىر ئانا بار ئابرال تېغى يېنىدا،
چوغنى كۆمۈپ ئوتنى ئۆچۈرمەي كەلگەن.
تام ئاقارتىپ، سېنكا بىلەن بويىغان،
پىشايۋاننى ئالىقىنىدا سۇۋىغان،
خىمىر چەيلەپ تەڭنە بىلەن دۈملىگەن،
چەككۈچ سېلىپ ، سىياداندا رەڭلىگەن،
قوناقشاختا تونۇرغا ئوت ياقىدۇ،
ناننى كۈلدىن ئېلىپ ، پۈۋلەپ، قاقىدۇ،
موزاي باغلاپ ئىنەكلەرنى ساغىدۇ،
ئۆگزىلەرگە پەمىدۇر قاق يايىدۇ،
تېزەك پوملاپ ئۇۋاق كۆمۈر قاتىدۇ،
پىلەكلەرنى چۆنەكلەرگە ئارتىدۇ،
ئوتياشلىقتا سەۋزە – تۇرۇپ كولىغان،
گۆش ئورنىدا تۇخۇملارنى قورىغان،
مەنگەن قالاپ مانتۇ ئوچاق ئالدىدا،
چويلا بىلەن ئاشنى سۇدا چايقىغان،
توخۇغا دان ، غاز- ئۆردەككە يەم بەرگەن،
ئىتقا ئاداپ، قويلارغا ھەلەپ ئەتكەن،
ئېشەكنىمۇ ھاڭ قىلدۇرماي تويدۇرغان،
موزايلارغا ناننى چىلاپ زورلىغان،
كىرلەر يۇيغان،كىيىملەرنى يامىغان،
ئوتۇن يارغان،كۆمۈر چاققان،
تۆۋەن سايدىن ئەپكەشتە سۇ توشىغان،
باشاق يۇلغان،ئۇن تاسقىغان،چىغ ئەشكەن...
ئەنە شۇنداق جۈپ قول باركى ھارمىغان.
ئابرال تېغى ئاستىدا بىر ئانا بار،
پىشايۋاندا تاغقا پات ـ پات قارىغان…
سىنچىلىساڭ يالغۇز دەرەخ كۆرىنەر،
پەسكە ماڭغان يولۇچىغا ئوخشايدۇ.
تاش يوتىدا مەغرۇر تىكە قارىسى،
ئاقۇچ تۈتۈن تاغ بېلىنى بويلايدۇ.
غۇرـ غۇر شامال كېزىپ كېلەر بىنەمدىن،
شىۋاقلارنىڭ چۈچۈك ھېدى قوشۇلۇپ،
قاش قارايسا مىڭمارالنىڭ سۇلىرى،
تاشلىق سايدا تاشقىنلايدۇ ئۇلغۇيۇپ.
تاغ باغرىدا ئاشۇ دەرەخ قېشىدا،
ئىلان باغىر يول كۆرىنەر تىزىقتەك.
باشلاپ بارار تاغ ئۈستىگە، ئارتىغا ،
ئۇندا توقاي،ئۇندا زىرىق، كۈركۈلتەك،
ياۋا ئۆرۈك يەنە ياۋا ئالمىلار...
تاغ كەينىدە قاش دەرياسى ، جىرالار،
دۈپۈرلىشەر ئارقار، ئىلىك، ماراللار.
تىۋىلغىدەك يىگىت ، كۈركۈم گۈلدەك قىز،
سۈرمىگەنمۇ تالاي شېرىن خىياللار.
سۇنى ئويناپ دېمىگەنمۇ:«بەختىمىز
قاش سۈيىدەك گۈلستاننى كۆرەرمۇ؟
ئەۋۇ بىرگە ئۇچىۋاتقان تورغايدەك،
قىسمىتىمىز بىرگە ئۆمۈر كېزەرمۇ؟»...
كۈن قىزىلى دولقۇنلارغا سىڭمەكتە.
تۇمان سېيپاپ قاپتاللارغا كىرمەكتە.
شىر ـ شىر سۇلار، غۇر ـ غۇر شامال، پىچىرلاش...
كۆكتە يۇلتۇز، پەستە گۈلخان كۆيمەكتە.
چۈشمۇ ئەمەس، خىيال ئەمەس شۇ كۈنلەر،
قىز چاغلاردىن قالغان شېرىن ئەڭگىمە.
بارمىكىنا ئاشۇ ئويمان، بۇلاقلار؟
كۈلۈپ ئاققان كاككۇكلارنىڭ ئۈنىگە.
لەۋ تەگكۈزۈپ بۇلاقلارنىڭ كۆزىگە،
تامچە چېچىپ قىياقلارنىڭ بەرگىگە،
ھېلىمۇ ھەم قىزلار ئۇندا يۈرەرمۇ،
چېچەكلەرنى قىستۇرغانچە چېكىگە.
چاقماق كەبى ئوقلار ئۈزۈپ قىياغا
ئاڭ غۇلاتقان بارمۇ مەرگەن يىگىتلەر؟
يىگىتلەرنىڭ پوتىسىغا ئېسىلىپ،
ئىتەكلەرنى ھۆللەپ ئۆتكەن كېچىكلەر؟
ـــ ئابرال تېغى چىن ئەقىدەم، تەۋرىمەس.
ئىرەنلەرگە قارىغىنچۇ،قۇرىماس.
كىم توسىسا سېنى ئېلىپ قاچارمەن،
سۆيگۈم مۇزدا ئارشاڭ كەبى مۇزلىماس...
شۇ ۋەدىگە ئەمەل قىلىپ يىگىتى،
بىر مورىدىن بىللە تۈتۈن ئۆرلەتتى.
توپا قاڭداپ، چۆرۈلدۈرۈپ تام سوقۇپ،
جىرىم قويۇپ نوتىلارنى كۆكلەتتى.
چولپان بىلەن تەڭ ئويغىنىپ ھېلىمۇ،
ساي ياقىلاپ ئېتىزلىققا كېتىدۇ.
شۈكرى ئىگەم رىزقىمىزنى قىلدىڭ كەڭ،
ئۇسىز تائام گالدىن قانداق ئۆتىدۇ؟
سۆسۈنگىنە چىغىرتماقلار ئېچىلىپ،
ئاق تۆپىگە ھەرىلەرنى چىللاپتۇ.
قېرى سۆگەت تاقىر تۆپە بېلىدا،
يىللار ئۇنىڭ بەللىرىنى ئۇشتاپتۇ.
باقار ئانا ئەشۇ مۇڭلۇق سۆگەتكە،
قاھشال بولۇپ قوۋزاقلىرى ئۇپراپتۇ.
كىم كۆيدۈردى، ياكى چاقماق سوقتىمۇ؟
شاھ ئېتىدىن مۈدرىگەندەك غۇلاپتۇ.
يۇرۇڭ باغلاپ بىر چاغلاردا شېخىغا،
ئۆز بەختىنى تىلىگەنغۇ يۆلىنىپ.
تۈۋىدىكى كۆز بۇلاقنىڭ سۈيىنى
كۆزلىرىگە سۈرمىگەنمۇ تىۋىنىپ.
تومۇزدىمۇ سالقىن ئىدى ئاشۇ يەر،
سۇس شامالدا غىرىسلايتتى شاخلىرى.
پەستە كۈجۈم مەھەللىلەر، تىرەكلەر،
ئاڭا تونۇش ھەر بىر ئۆگزە ـ تاملىرى.
كەچقۇرۇنى پادىلارنى ھەيدىشىپ،
چاڭ توزۇتۇپ كېلەر سەھرا باللىرى...
بۇرۇن بۇندا جەڭ بولغانمىش دەھشەتلىك،
يات بىر قەۋىم ئوت قويۇپتۇ، بۇلاپتۇ.
ئۇچرىغاننى قىلىچىدىن ئۆتكۈزۈپ،
قاچقاننىمۇ ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ.
باللىرىنى ئېلىپ قاچقان بىر ئايال،
قازان ئېسىپ ئولتۇرغاندائوت پۈۋلەپ.
تۇيۇقسىزدىن قىيان كەبى كەپتۇ ياۋ،
بالىلىرى چىرقىراپتۇ « ئانا!» دەپ.
شۇندا ئانا تىۋىنىپتۇ:« ئېي خۇدا،
قۇدرەتلىكسەن، ھېكمىتىڭدىن قىل چارە!
باغرىم يېرىپ چۈشكەن يۈرەك پارەمنى،
كۆز ئالدىمدا قىلدۇرمىغىن ئۈچ پارە...»
ئانا ئاھ دەپ قازىنىنى ئۆرۈپتۇ،
قازان شۇندا ئايلىنىپتۇ دۆڭلۈككە.
مۇشۇ دۆڭلەر ئەسلى قازان ئىكەن -دە،
شۇ ئانىنىڭ كۆزى بۇلاق ئىكەن ـ ھە.
ھەر پەيشەنبە كېلەر ئىمىش غايىبلار،
كۆز بۇلاقتىن ساقىيارمىش ئاغرىقلار،
ئۇلۇغلارنىڭ قەدەملىرى تەگكەچكە،
تۈنەر ئىمىش زىكرى قىلىپ ئاشىقلار.
بۈگۈن ئانا پەرزەنتىگە سۇ ئېلىپ،
چۈشتى پەسكە تەمتىلەپ،ھەم يىقىلىپ،
تىزلىرىنى قىيدى تاشلار، تىكەنلەر،
ئەجەب ئەمەس قالسا ئوغلى ساقىيىپ...
ئابرال ئانا ياشىماقتا ئابرالدا،
مورىسىدىن تۈتۈن ئۆرلەر قاپتالغا.
كەچمىشلىرى ئوخشار ئۆچكەن پۈۋلىسەڭ
قايتىباشتىن لاۋۇلدىغان سامانغا...
‹‹ ئىلى دەرياسى›› ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
ئاپتۇر ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدا.
مۇھەررىر: ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-4 12:05