11-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن كېيىن يىغىن قاتناشچىلىرى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىلى بويىچە ئىككى گۇرۇپىغا بۆلۈنۈپ مەخسۇس تېمىدا ئەدەبىيات لېكسىيەسى ئاڭلىدى. ئۇيغۇر تىلى گۇرۇپىسىغا ئازات سۇلتان بىلەن غەيرەت ئاسىم، خەنزۇ تىلى گۇرۇپىسىغا ئېركىش قۇرمانبېك، دوڭ لىبو، لىيۇ لىياڭچېڭ، شېن ۋېي قاتارلىقلار لېكسىيە سۆزلىدى.
11-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن ئاۋال يىغىن قاتناشچىلىرى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل تىللىرى بويىچە تۆت گۇرۇپىغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە يىغىنى ئاچتى. مۇزاكىرىدە بارلىق ياش يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ يىقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىجادىيەت ئەھۋالى، ئىجادىيەت جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر، ئىجادىيەت تەسىراتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىرلىرىنى بايان قىلدى.