كۆرۈش: 2456|ئىنكاس: 45

ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1637
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 214
تۆھپە : 0
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-28

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 13:45:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى  ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى

        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :

2013-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، باش قىشنىڭ گۈزەل مەنزىرىلەرگە تولغان قۇتلۇق كۈنىدە، شەھىرىمىزدە كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر، يازغۇچى، مائارىپ تەتقىقاتچىسى، ئىجادىي چۆچەك يېزىش بىلەن شەھىرىمىزنىڭ «ئاندېرسىن»ىغا ئايلانغان ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى ئەپەندىنىڭ ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى.

بۇ قېتىملىق ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنىنى «قاراماي گېزىتى» ئىدارىسى، شەھەرلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە قاراماي رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۆتكۈزدى. شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دولقۇن تۇرغۇن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا نېفىتلىكنىڭ پىشقەدەم قۇرغۇچىلىرى، رەھبەرلەر، ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار، قەلەمكەشلەر، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ۋە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتناشتى.

تۈۋەندە يىغىندا ئوقۇلغان ماقالىلەر ۋە بىر قىسىم سۈرەتلەر بېرىلدى.

照片 007(1).JPG

قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دولقۇن تۇرغۇن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا.

照片 010.JPG

"قاراماي گېزىتى"ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى مۇختار مۇھەممەد تەبرىك تېلگىراممىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

照片 024.JPG

قاراماي شەھەرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇۋەلى ئىمام، ئۇستازى ھەم كەسىپدىشى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

     شائىر، يازغۇچى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى  1963-يىلى 5-ئايدا دۆربىلجىندە تۇغۇلغان. 1986-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتكۈزگەن. ھازىر قاراماي شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات ئورنىدا  ئالىي دەرىجىلىك تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇ شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەم قاراماي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. «قاراماي مائارىپ ژورنىلى» نىڭ باش مۇھەررىرى  ۋە «مايبۇلاق» ژورنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى. شائىر ھەم يازغۇچى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى  ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىنى قەشقەر پېداگوكىكا ئىنىستىتوتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا يازغان «بومبا»ناملىق قىسقا شېئىرى بىلەن باشلىغان.

شۇندىن باشلاپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئاپتونۇم رايوندىكى گېزىت-ژورناللاردا ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىپ تۇردى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ 90-يىللاردا «تارىم ژورنىلى»دا كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنغان بىرقاتار شېئىرلىرى ۋە ‹‹مەن شۇنداق شائىر››، ‹‹ئۈچىنچى يىقىلىش››،‹‹باھارىستان›› قاتارلىق داستانلىرى كىشىلەرنىڭ  ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ شېئىردىن باشقا ھېكايە، پوۋىست، چۆچەك ۋە ئىلمىي فانتازىيە، ئىلمىي ماقالىلارنى يېزىپ، بۇ جەھەتتە ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ كەلدى. ئۇنىڭ «غايىۋىي دەرسخانا» ناملىق ئىجادىي بالىلار چۆچىكى  «12-نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىياتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. سەبىيلەر چۆچەك-رىۋايەتلەرگە مەپتۇن بولغاندەك ئۇمۇ ئەدەبىياتنىڭ ئاشۇ ئۇيغۇرچە ئوتوپىيەسىگە ئاشىق بولسا كېرەك. ئۇنىڭ «غايىۋى دەرسخانا »، « ئەتىرگۈل خانىش» ، « سېلىم بوۋاي ۋە ئۇنىڭ جەرەنلىرى» ناملىق قىسقا چۆچەكلىرى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇق كىتابلىرىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي يېزىۋاتقان بالىلار چۆچەكلىرى 2005-يىلى شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن « ئۇچار تەخسىدىكى مۇقام ئاۋازى » نامىدا ئايرىم كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىندى. ئۇنىڭ بۇ تۇنجى كىتابى «شىنجاڭ ئاخبارات – نەشرىياتچىلىقى » ژورنىلىنىڭ 2007-يىللىق 1-سانىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، « 2006-يىللىق خەلقئارا بالىلار ئوقۇشلۇقى» شەرەپ مۇكاپاتىغا مۇيەسسەر بولغان دۇنيا بويىچە 23پارچە كىتابنىڭ بىرى بولدى.  بۇ قۇتلۇقلاشقا ئەرزىيدىغان چوڭ ئىش . ئۇ  ھازىرقى بالىلار  مۇھتاج بولىۋاتقان ئەدەبىيات ئۈستىدە كونكىرت ئىزدىنىپ، «ئۇچار تەخسىدىكى مۇقام ئاۋازى»، «چۆمۈلىنىڭ دوست ئىزدىشى»، «پەرىشتە بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر»، «بادام دوپپىلىق بۇلبۇل»، «بوستان چاچ رىۋايىتى» قاتارلىق ئىجادىي بالىلار چۆچەكلىرى كىتابلىرىنى كەينى-كەينىدىن نەشر قىلدۇردى.

2012-يىلى 4-ئايدا  «ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى» ناملىق ئىلمىي فانتازىيىلىك يۈرۈشلۈك كىتابىنىڭ «ئادەم بەدىنى»، «تەكلىماكان»،«پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش» قاتارلىق ئۈچ تومى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئىپادىلەش شەكلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، يۇقىرى پەننىي بىلىملەرنىڭ كۆپلىكى، تەسەۋۋۇرغا بايلىقى، يۇمۇرىستىك تۇيغۇنىڭ موللىقى، بالىلار تۇرمۇشىغا يېقىنلىقى، تىلىنىڭ يەڭگىل، ئاممىباپلىقى بىلەن ئاپتونۇم رايونىمىزدا بەلگۈلۈك دەرىجىدە غۇلغۇلا پەيدا قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ «شەرق شامىلى» قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈلدى ھەم 50 مىڭ تىراژدا بېسىپ تارقىتىلدى.  بۇ كىتابلار ئۈستىدە 2012-يىلى 5-ئايدا، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ «سىرداشلار چايخانىسى» پىروگراممىسى ئاپتورنى ئالاھىدە زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يېڭى بوشلۇقنى تولدۇرغان ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى مۇئەييەنلەشتۇردى. يازغۇچى 2012-يىل 11-ئاينىڭ 9-كۈنى  «مەدەنىيەت بوستانى» غا تەكلىپ قىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالى ئۈستىدە كەڭ كۇشادە  توختالدى.     2013-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ «بىر كىتاب، بىر ئالەم» پىروگراممىسىدىمۇ  «ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلار ئۈستىدە مەخسۇس سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلدى.

    شائىر  ھەم يازغۇچى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى يەنە ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى تونۇلغان مائارىپ تەتقىقاتچىسى بولۇپ، يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىككى قېتىم  يەنى 2003-يىلى ۋە 2009-يىلى ئاپتونۇم رايون بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدىغان ئوتتۇرا مەكتەپ  تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى  تۈزۈشكە تەكلىپ بىلەن  قاتناشتى.

ئۇ ھازىرغىچە   ئاپتونۇم رايون بويىچە  تۈزۈلگەن 7 پارچە تىل- ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىنىڭ تۈزگۈچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات سوئاللىرىنى چىقىرىش، ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات تەقلىدىي سوئاللىرىنى لايىھەلەش، يېڭى دەرسلىك ئەقىدىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش يولىدا ئاپتونۇم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىنى داۋام قىلدۇرغاندىن باشقا، يېقىندا يەنە تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن، بىر قانچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بالىلار تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يېقىنلاشقان،كىتابنىڭ ئۆزىگە بىۋاسىتە خەت يازغىلى بولىدىغان، مىڭدىن ئارتۇق تاق سۆزلەر كىرگۈزۈلگەن «قولاي ئېلىپبە» ناملىق يەرلىك ئېلىپبە  دەرسلىكىنى تۈزدى، بۇ يەرلىك دەرسلىك قارامايدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سىناق قىلىنماقتا.

ئۇ يېڭى تەپەككۇر بالاغىتىگە تويۇنغان ئىلمىي ماقالىلىرى بىلەن 2011-يىلى «جوڭگۇ مىللەتلىرى»ژورنىلىنىڭ مۇنەۋۋەر ئاپتور مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بىرقانچە قېتىملىق «قارا ياقۇت» مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولۇپ كەلدى.

ئۇنىڭ ھازىرغىچە  «بالىلاردىن سوراپ بېقىڭلار» قاتارلىق 20 پارچىغا يېقىن شېئىرى ھەم «يازغۇچىنى ئىزدەش» ناملىق پوۋىستى  خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا نەشر قىلىندى.

2009-يىلى ئۇنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا بېغىشلانغان "ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ۋە ئۇنىڭ يەشمىسى" ناملىق ئىككى كىتابى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

ئۇنىڭ ئىلگىرى-كېيىن كەڭ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھوزۇرىغا سونۇلغان «ئاپپاق –ئاپپاق بۇلۇتلار» قاتارلىق 20 گە يېقىن بالىلار ناخشىلىرى بالىلار تەرىپىدىن ئورۇنلىنىپ بەلگىلىك  ئىستېتىك ئىجتمائىي ئۈنۈم  ھاسىل قىلدى.يازغۇچى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى

ھازىر «ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى »ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابىنىڭ داۋامىنى يازماقتا. 照片 040.JPG

شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئىبراھىم نىياز "ئايبېك ئۆمەرنىڭ شېئىر خامىنى" ناملىق ماقالىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرىينىڭ شېئىرلىرىغا باھا بەردى.

                                       ئايبېك   ئۆمەرنىڭ  شېئىر  خامىنى

ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە مەلۇم  نەتىجىگە ئېرىشكەن،    شېئىرىيەت  ئىجادىيىتىدە  ئۆزىگە  خاس  يول  تۇتقان  ئىقتىدارلىق  شائىر  بولۇپ ، ئۇنىڭ  شېئىرلىرىدا  ھاياتقا بولغان ئوتلۇق  مۇھەببەت،    تەبىئەتكە بولغان سېغىنىش   جۇلالاپ  تۇرىدۇ . ئۇنىڭ    پۇچەك  مەھسۇلاتتىن خالى  بولغان شېئىر  خامىنىدىكى   « مەن  شۇنداق شائىر»،« ئۈچىنچى  يىقىلىش  »ناملىق داستانلىرى  ۋە  «  شېئىرمىدۇ  سېنىڭ كۆزلىرىڭ » ، « شېئىر  ئىزدەش  ئېلانى » ،  « مەن  ھېلىقى  ئەمەت » ، « خوتۇنۇم  مۇنداق  دەيدۇ »  ، «  قىرىق ياشقا  كىرگەندە قىرىق  ئارزۇ  قىرىق  غەم » ، « قۇشلارنىڭ  ئۆيى » قاتارلىق  نادىر  شېئىرلىرى  ،   ئايبېك  ئۆمەرنىڭ  شېئىرىيەتتىكى  ئىقتىدارىنى نامايان  قىلىپ  تۇرۇپتۇ .  ئايبېك  ئۆمەر  30  يىلغا  يېقىن  ئىجادىيەت  بىلەن  شۇغۇللىنىش  جەريانىدا  ،  شېئىرىيەتنى  ئاساس  لېنىيە  قىلىپ  ،  ئەدەبىياتنىڭ  ھەرقايسى  ژانىرلىرىدا  قەلەم  تەۋرىتىپ  مەلۇم  نەتىجىلەرنى  قولغا  كەلتۈرگەن شائىردۇر . ئۇنىڭ  شېئىرلىرىنى  ئوقۇغىنىمىزدا  تەبىئەتتىكى  قۇشلارنىڭ  يېقىملىق  ناۋاسىنى  ئاڭلىغاندەك  بولىمىز  ؛ ئۇنىڭ  شېئىرلىرىدا  ئادەم  بىلەن  تەبىئەت  ئۈنسىز  رەۋىشتە  پىچىرلىشىدۇ ؛ ئۇنىڭ  شېئىرلىرىدا  ئۇيغۇر  قىزلىرىنىڭ  خۇمالىق  كۆزلىرى ۋە سۇمبۇل  چاچلىرى  نامايان  بولىدۇ؛  ئۇنىڭ  شېئىرلىرىدا  ئانا  ۋەتەنگە  بولغان  چەكسىز  مۇھەببەت ، يۇرتقا  بولغان  سېغىنىش  ۋە چەكسىزلىككە  سوزۇلغان  شېئىرىي  مەنزىرە جۇلالاپ  تۇرىدۇ  .

照片 043.JPG

شەھەرلىك 10-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇئەللىمەسى، بالىلار يازغۇچىسى ئارزىگۈل ئابدۇرېھىم ئۇيغۇرىينىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىدىكى ئۇتۇقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئىرادە-ئارزۇ ھارۋىسىنى سۆرەيدىغان ئارغىماق

ھەممىمىزگە مەلۇم ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانسىلا شۇ كىشىنىڭ مائارىپچى بولالىشى ناتايىن. ئەمما ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە باغلانغان چەكسىز مۇھەببەتنىڭ، شۇ كىشىنى مائارىپنىڭ ئوچىقىدا تاۋلاپ چىقىرىدىغانلىقى بۇ بىر ھەقىقەت . ئايبېك مۇئەللىم دەل بۇ سۆزۈمنىڭ دەلىلى سۈپىتىدىكى  تىپىك بىر مىسالدۇر.

ئۇ 1986-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىزچىل ھالدا قاراماي شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق قىسمىغا  تىل-ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆتتى. ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ سىنىپ مەسئۇلى ، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىدى.

ئايبېك مۇئەللىم  بېرىلىپ بىلىم ئىگىلەش، ئۆگەنگەنلىرىنى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەپەككۇرىغا تاپشۇرۇش جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ،تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ئورنى ۋە خاراكتىرىنى ئاستا- ئاستا ھېس قىلىپ يەتكەن. شۇڭا ئۇ، ئەينى يىللىرى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى مۇنبەردىن مەكتەپ مۇھىتىغا كېڭەيتتى.

بالىلار ئەدەبىياتى ئومۇمىي ئەدەبىياتنىڭ بىر تارمىقى بولغاندىن تاشقىرى يەنە، بالىلار مائارىپىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تولۇقلىمىسى.كەلگۈسىگە مەسئۇل بولۇش ئۈچۈن ھازىرقى بالىلارغا مەسئۇل بولۇش، كەلگۈسىگە جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ھازىرقى بالىلارغا جاۋاپ بېرىش كېرەك . شۇڭا بالىلار ئەدەبىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئىنتايىن موھىم . مەسئۇلىيەتنى ھايات ئۈچۈن قەرز دەپ چۈشۈنىدىغان   ئايبېك مۇئەللىم ئارام كۈنلىرىنى ئاساسەن بالىلار يازمىللىرى ئۈستىدە ئويلىنىش ،ئىجادىيەت قىلىشقا سەرپ قىلدى.«ئۇچار تەخسىدىكى مۇقام ئاۋازى»«پەرىشتە بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر»«چۆمۈلىنىڭ دوست ئىزدىشى»«بادام دوپپىلىق بۇلبۇل»«مۈشۈكنىڭ تېلىۋېزور كۆرۈشى»قاتارلىق بالىلار چۆچەكلىرى توپلاملىرى، ئىلمىي فانتازىيىلىك يۈرۈشلۈك رومان «ھېسامنىڭ ئىلىم –پەن سەپىرى» قاتارلىق بالىلار ئوقۇشلۇقلىرى دەل ئايبېك مۇئەللىمنىڭ ۋۇجۇدىدا ئاپىرىدە بولغان  مەسئۇلىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە روياپقا چىققان بالىلار ئوقۇشلۇقلىرىدۇر.

照片 102.JPG

كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى گۈزەلنۇر مۇتەللىپ ئۇيغۇرىينىڭ پىروزىلىرىغا قىسقىچە باھا بېرىپ ئۆتتى.

پىروزىدىكى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى

ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى  ئاپتونۇم رايۇنغا تونۇلغان شائىر،  يازغۇچى،  بالىلار ئەدەبىياتى ھەم ئىلمىي فانتازىيە ئەدەبىياتى   تەتقىقاتچىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ پىروزا ئەسەرلىرى ھەققىدە سۆز بولغاندا، ئوقۇرمەنلەرگە تونۇش  بولغان ئەھمىيىتى بىرقەدەر زور بولغان  بىر قىسىم پوۋىست  ۋە ھېكايىلىرى ئۈستىدە  مۇھاكىمە قىلىشنى توغرا  تاپتىم.

1. چوڭقۇر مەنا ئىپادىلەنگەن قىسقا ھېكايىلەردىكى ئىستېتىك بوشلۇق  

ئۇنىڭ  «چىۋىن»، «يۇقىرىدا»،«يوق»، «مەن خورەككە قانداق تاقابىل تۇردۇم»، «ھەۋەستىن ئۇپرىغان جان»، « سەيپىدىننىڭ ھېكايىسى»، «باشقا تېشىپ كىرگەن قۇرۇتنى ئېلىش»، «دوستلۇق كولۇبى ئالدىدا» قاتارلىق 30 پارچىغا يېقىن قىسقا ھېكايىلىرى بىزنى تۇرمۇشنىڭ كۆپ قاتلاملىق ھېكمەتلىك كۆرۈنۈشلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ.  ئۇنىڭ «يوق» ناملىق ھېكايىسىدە  بىر بوۋاي يول ياقىسىدا پاتقاققا پۇتى كىرىپ قېلىپ يىقىلىپ قالىدۇ، ياشقىنا قىز- يىگىت ۋېلسىپىتتە كېتىۋېتىپ، بۇ ھالنى كۆرۈپ قاقاھلاپ كۈلۈپ  ئۆتۈپ كېتىدۇ. بوۋاي ياشلارنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇرۇپ: «پاھ- پاھ ياشلىق  نېمە دېگەن پەيزى چاغ-ھە؟ - دەپ ئۇلاردىن سۆيىنىدۇ، دەل مۇشۇ جۈملە بىلەن ھېكايە تامام بولىدۇ. قاراڭ، بۇ ھېكايىغا ! ئۇنىڭدا جەمئىيەتتە  ئەخلاقنىڭ سۇسلىشىۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنگە شۇنچە تەمكىنلىك بىلەن بىلىندۈرمەي تاپشۇرىۋېتىدۇ. بوۋاينىڭ ياشلىققا بولغان تەلپۈنۈشى بىلەن ياشلارنىڭ ئۇنى مەسخىرە قىلىشى نېمە دېگەن ئۇستىلىق بىلەن سېلىشتۇرۇلغان – ھە؟

2. يازغۇچىنىڭ پوۋىستلىرى  رېئاللىقنى ئۆزگىچە  ئوپىراتسىيە قىلىشنىڭ مەھسۇلى. ئۇنىڭ پىروزىلىرىدا ئاممىباپ تىل ئارقىلىق جەمئىيەت قاتلاملىرىدىكى نازۇك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كشىلەرگە ئىستېتىك تەربىيە بېرىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ « يازغۇچىنى ئىزدەش» ھەم «مەرىپەت ئىشقى» ناملىق ئىككى پوۋىستىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.

«مەرىپەت ئىشقى»ناملىق بۇ پوۋىست – پۈتۈنلەي مائارىپ ساھەسىدىكى ئىشلار سەممىيلىك بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، 80-يىللاردىكى قارامايدىكى ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت ئۆزئارا گىرەلەشكەن مائارىپ رېئاللىقى بىرقەدەر زېرەكلىك بىلەن تەسۋىرلەنگەن ئەسەر بولۇپ، بۇ پوۋىستتا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بىر ستودېنىتنىڭ قارامايدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغاندىن كېيىنكى كەچۈرمىشلىرى يېزىلغان.

يازغۇچى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى« يازغۇچىنى ئىزدەش» ناملىق پوۋىسىتىدا ئۇزۇنتۇرا، پاكار، سېمىز، ئاۋاق، بۇرۇتلۇق  قاتارلىق 5 پىرسۇناژنىڭ بايانى ئارقىلىق پۇتكۈل جەمئىيەتتىكى نازۇك مەسىلىلەر ئېچىپ بېرىلگەن. بۇ يىل  «يازغۇچىنى ئىزدەش» ناملىق پوۋىست خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىندى.

دېمەك ئاپتور ھەر بىر يازغۇچىغا جەمئىيەتنى، تۇرمۇشنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆگىنىش،  ئىزدىنىش   جەھەتتە  ھەمىشە «ھەربىي ھالەتتە» تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىۋاتقاندەك قىلىدۇ.

照片 153.JPG

شائىرىنىڭ ناخشا تېكىستى بۇ كىچىك دوست تەرىپىدىن ئوقۇلۇپ يىغىننى جۇشقۇن كەيپىياتقا ئىگە قىلدى.

照片 170.JPG

شائىر ئەركىن مۇھەممەد كامالى دوستلۇققا، مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان چاقچىقى ئارقىلىق يىغىن كەيپىياتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتەردى.

بىر دوستۇم بار قارامايدا

بىر دوستۇم بار قارامايدا ئىسمى ئۇنىڭ ئۇيغۇرى،

سول قولىدا خەت يازار ئىشلىمەيدۇ ئوڭ قولى.

سورۇنلارنى قىزىتار خۇشتار ئۆزى چاقچاققا،

ناخشا ئېيتىپ ماڭىدۇ سەپەرلەردە يول بويى.


رەنجىمەيدۇ ھەرگىزمۇ چاقچاق ئېغىر كەتسىمۇ،

ھامان كەمتەر ئولتۇرار بېشى كۆككە يەتسىمۇ.

تېنەپ يۈرمەس كوچىدا يۆلەيدىغان ئادەم كۆپ،

غەم يىمەيدۇ ئايالى ئىشىكلەرنى ئەتسىمۇ.


ئايبېك دېسە بۇ ئەلدە ھەممە ئۇنى تونۇيدۇ،

يازغان ھەر بىر شېئىرىدىن مىسكىن كۆڭۈل يورۇيدۇ.

تاشلاپ سۆيگۈ شېئىرىنى كۆچۈۋالدى چۆچەككە،

بىلەلمىدىم شېئىرىدىن كىملەر ئۇنى قورۇيدۇ.


ماشىنىنى ھەيدىسە ئۇچار قانات چىقىرىپ،

شامىلىدىن دەرەخلەر چۈشەر شەكسىز يىقىلىپ.

كۆز ئەينىكى ئۇنىڭغا يارىشىدۇ قەۋەتلا،

بىلىپ –بىلمەي ئۇنىڭغا قويماڭ ھەرگىز چېقىلىپ.


ئىجادىيەت ئىشقىدا كۈننى تۈنگە ئۇلايدۇ،

پەيتى كەلسە ئۆزگىنىڭ ئىلھامىنى بۇلايدۇ.

سۆزلىرىنىڭ ۋەزنى بار كۆزلىرىدە مىڭ سېھىر،

قاراپ قويغان قىزلارنى قەپىزىگە سولايدۇ.


ئۆز ئۆيىدە شۇنچە ھۆر خالىغانچە ئېغىنار،

خورىكىنىڭ كۈچىدىن تامدەك ئەرمۇ يىقىلار.

ھەزەر ئەيلەڭ ئۇنىڭدىن پۇت-قوللىرى بەك چاققان،

تېگىپ كەتسە ناۋادا قازان-قۇمۇچ چېقىلار.


ھەممىمىزگە ئاياندۇر ئۇيغۇرىنىڭ خۇي – پەيلى،

كېچە-كۈندۈز ھەمرا ھەم ئاڭا ئاشىق بىر لەيلى.

بۈگۈن سورۇن سېنىڭكى مەيلى يىغلا، مەيلى كۈل،

يۈرەكتىكى گەپلەرنى يوشۇرماستىن نەق دەيلى!


چاقچاق خۇمار دوستۇم بۇ، ئېغىر كەتمەس چاقچىقىم،

ئەمدى ھەرگىز دەپ سالما ئۆزگىلەرنى ئاپپىقىم.

بار تاتلىقنى ئۆيۈڭدە يەۋېلىپلا بىر ئۆزۈڭ،

دەيسەن تېخى سىرتلاردا ئارزۇگۈلۈم – تاتلىقىم.


خىياللىرىڭ ئۇز سېنىڭ ئۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ،

بىلسە ئەگەر ھېچكىممۇ بۇ يىغىنغا كىرمەيدۇ.

ئاي قونامتى بېشىڭغا ئارزىگۈلۈڭ قۇش بولسا؟

ئىسىل شائىر ھەرگىزمۇ ناكەس خىيال سۈرمەيدۇ.


خىيال ئەمەس مېھنىتىڭ مىۋە بەردى تون كەيدىڭ،

كەيگەندىمۇ سەن ئۇنى تەتۈر ئەمەس ئوڭ كەيدىڭ.

ياراشمايدۇ لاباكۇ قامىتىڭگە - تېنىڭگە،

ساغرىلىرىڭ ھۆر بولدى،چۈنكى توننى كەڭ كەيدىڭ.


ئالدى ئوچۇق ئەدىب سەن مەنزىللىرىڭ كەڭ بولسۇن،

ھاياتىڭدا ئاق،قىزىل،سېرىق،يېشىل رەڭ بولسۇن.

كۆچۈپ كەتسۇن دىلىڭدىن ئاچچىق-ئاچچىق خۇرسىنىش،

تېز-تېز ئۆسۈپ شۇ بويۇڭ مېنىڭ بىلەن تەڭ بولسۇن.


يەنە نۇرغۇن گەپ باتتى لېكىن بولدى توختايچۇ،

قۇرۇپ كەتتى گېلىممۇ بىر يۇتۇم چاي ئوتلايچۇ.

چاقچىقىمنى دوستلۇقنىڭ ئەڭگۈشتىرى دەپ بىلگىن،

چىڭ قۇچاقلاپ مەن سېنىڭ بۇ تويۇڭنى قۇتلايچۇ.

照片 161.JPG

شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، تونۇلىۋاتقان ئوبزورچى،ياش يازغۇچى ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر، ئۇيغۇرىينىڭ فانتازىيىلىك بالىلار چۆچەكلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئايبېكچە روھ، ئايبېكچە تەپەككۇر

−ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ ئىجادىي چۆچەكلىرى ۋە ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە

بالىلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىز، بالىلارنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىش بۈگۈنكى دەۋر بالىلار يازغۇچىلىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. بولۇپمۇ بۈگۈنكى شەھەرلىشىش قەدىمى تېزلىشىۋاتقان، يېزا بىلەن شەھەرنىڭ پەرقى بارغانسېرى كىچىكلەۋاتقان، بالىلار تەبىئەتتتىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان دەۋردە، بالىلار ئەدەبىياتىنى خىلمۇ خىللىققا ۋە رەڭدارلىققا ئىگە قىلىش، بالىلارغا تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مۇشۇنداق مۇھىم ھەم مۇقەددەس بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ پارلاق كېلەچىكى ئۈچۈن تىنىمسىز ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقانلار خېلىلا كۆپ. ياشلىق ۋە قىرانلىق چاغلىرىنى بالىلار مائارىپى ئۈچۈن بېغىشلىغان، «ئۇخلىسىمۇ بالىلارنى چۈشەيدىغان» شائىر ۋە يازغۇچى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى ئەنە شۇنداق مېھنەتكەشلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ھازىرغىچە بولغان ئىجادىيەت ھاياتىدا، ئەدەبىياتىمىزنىڭ شېئىر، ھېكايە، پوۋېست، چۆچەك، ئەدەبىي تەنقىد قاتارلىق ساھەلىرىدە خېلى كۆپ ئەجىر-مېھنەت قىلىپ، بۇ ساھەلەردە ئاز بولمىغان ھاسىلاتلارغا مۇيەسسەر بولدى. «ئۇچار تەخسىدىكى مۇقام ئاۋازى»، «بادام دوپپىلىق بۇلبۇل»، «پەرىشتە بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر»، «چۈمۈلىنىڭ دوست ئىزدىشى»، «ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى» قاتارلىقلار يازغۇچى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ شېرىن مېۋىسىدۇر.

ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان تېمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، تەتۈر تەپەككۇر شەكلى ئارقىلىق ھادىسىۋى تەپەككۇرنى ماھىيەتلىك تەپەككۇرغا يېقىنلاشتۇرۇش، ئەسەرلىرىگە قويۇق يۇمۇرىستىك ۋە فانتازىيەلىك تۈس بېرىشنى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى ئىجادىيىتىنىڭ خاسلىقى دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر بىز ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى، ھېكايە-پوۋېستلىرىدىكى ۋە بىر قىسىم ئىجادىي چۆچەكلىرىدىكى ئاجايىپ ئويناق تەسۋىرلەردىن، گۈزەل ھەم غايىۋى، چىن ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئوبرازلاردىن ئۇنى بىر شائىر، بىر يازغۇچى دەپ يونۇساق، ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلىرىدىكى ئاجايىپ مول تەسەۋۋۇردىن، چوڭقۇر ئىلمىيلىكتىن ئۇنى بىر تەبىئىي پەن تەتقىقاتچىسى دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز. ئۇنىڭ «ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى» ناملىق يۈرۈشلۈك بالىلار رومانلىرىنى (ئەسەرنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى نۇقتىسىدىن شۇنداق دەپ قاراشقا بولىدۇ) تىلغا ئالىدىغان بولساق، يازغۇچى مەزكۇر كىتابنى يېزىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ئىزدەنگەن، جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ جۇغراپىيە، بىئولوگىيە، گىئولوگىيە، فىزىكا، خىمىيە، تېبابەتچىلىك، ئاسترونوميە، تىل-يېزىق، مەدەنىيەت، پەلسەپەگە دائىر 50 پارچىغا يېقىن كىتابىنى كۆرۈپ چىققان ھەمدە پاكىتلىق دەلىل بىلەن نەزەرىيىۋى دەلىلنى ئەسەرلىرىگە تەبىئىي باغلاپ ئىلمىيلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.

يازغۇچى ئالدىنقى كىتابلىرىدا ئەدەبىياتىمىزدىكى چۆچەك ژانىرى ئارقىلىق بالىلارغا ئۈمىدۋارلىق روھى ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى ئاتا-ئانىلارنى، يۇرت-ماكاننى، تەبىئەتنى سۆيۈشكە ئۈندىسە، «ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلاردا ئىلمىي فانتازىيە شەكلى ئارقىلىق بالىلارنى ئىلىم-پەن ئۆگىنىشكە دالالەت قىلغان. ئالدىنقى كىتابلىرىدا كۈچلۈك مۇبالىغە ۋە قويۇق ئادەملەشتۈرۈش ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىسە، بۇ كىتابلىرىدا قويۇق ئادەملەشتۈرۈش ئاساسىدىكى يۈكسەك ئىلمىيلىك ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. دېمەك، بۇ ئەسەرلەردە تىپىك ئايبېكچە پۇراق، ئايبېكچە روھ، ئايبېكچە تەپەككۇر ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

照片 194.JPG

ژورنالىسىت ، شائىر ئوسمان قاۋۇل "مايبۇلاق" ژورنىلى نامىدىن ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىغا  گۈل تەقدىم قىلماقتا.


                     ئۇ ئۆزگىچە تەپەككۇرغا ئىگە قەلەمكەش


              ئوسمان قاۋۇل


ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى بىلەن ئۇزاق يىللىق دوست بولۇش، پىكىرلىشىش، ئۇنىڭ تۈرلۈك ژانىردىكى ئەسەرلىرىنى كۆرۈش، تەھرىرلەش جەريانىدا مەن ئۇنىڭدىكى ئۆزگىچە پىكىر قىلىش، يېڭى تەسەۋۋۇر، تىل ئىشلىتىشىكى خاسلىقنىڭ باشقا قەلەمكەشلەرگە ئوخشىمايدىغان تەرىزدە داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىگە بەكرەك دىققەت قىلىپ كەلدىم. ئۇنىڭ پىكرىنىڭ  ئوچۇقلۇقى، يۇمۇرلۇقلىقى،تېمىنى ئىپادىلەشتە ئەركىن يول تۇتىدىغان، ئەدەبىياتقا سادىق مىجەز ۋە پەزىلەت مېنى تەسىرلەندۈرۈپ كەلدى. ئايبېك مەيلى شېئىر يازسۇن ياكى ھېكايە، پوۋېست يازسۇن، بالىلار ئەدەبىياتىغا ياكى فانتازىيەگە دائىر ئەسەر يازسۇن ئەسىرىنىڭ يېڭى بولۇشىغا، خاسلىق يارىتىشقا، ئىلمىيلىككە ۋە جەلپكارلىققا ئىگە بولۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.

ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭ گېپى بولسا يۇمۇرىستىكىلىقى، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن شېئىرلىرىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى، قىسقا، تارتىملىق پىروزىلىرىدىن بىر مۇستەقىل تېمىنى ھېس قىلغانلىقىنى، يېڭى، جانلىق فانتازىيىلىرىدىن مول بىلىم ئالغانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىللە يەنە ئۇنى ئوقۇتۇش يېقىدىكى تۆھپىلىرى بىلەن «ئايبېك مۇئەللىم» دەپ ھۆرمەت قىلىشىدۇ. دىمەك، ئايبېك ئۆمەرنىڭ مەيلى قايسى جەھەتتىكى تۆھپىسىنى بولسۇن لايىقىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك.

ئايبېك ئۆمەر ئۆزىنىڭ «بومبا»، «باھارىستان»، «مەن شۇنداق شائىر»،«خوتۇنۇم مۇنداق دەيدۇ» قاتارلىق خېلى كۆپ شېئىر- داستانلىرىدا ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ھاياتىي كۆرۈنۈشلىرىنى لىرىك يوسۇندا بايان قىلىپ بەرگەن بولسا، «چىۋىن» قاتارلىق قىسقا ھېكايىلرى ھەم «يازغۇچىنى ئىزدەش»تەك پوۋېستلىرىدا رېئال تۇرمۇشىمىزدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلىك ھادىسىلەرنى  بىرقەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك يورۇتۇپ بەرگەن. «ئۇچار تەخسىدىكى مۇقام ئاۋازى»، «بادام دوپپىلىق بۇلبۇل»، «ھېسام ئاكىنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى» قاتارلىق كىتابلىرىدا پەن- تېخنىكا يۈكسەك تەرەققى قىلغان بۈگۈنكى زامان كىشىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۆسمۈرلىرىنىڭ تەپەككۇرىنى ئۆزىگە خاس بىلىمچانلىق مەيدانىدا تۇرۇپ ئېچىشقا يول كۆرسىتىپ بەرگەن. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ بەزى ماقالە-ئوبزورلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەلىللەر خېلىلا يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولۇپ، شەھىرىمىز قەلەمكەشلىرى ئىچىدە ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى تۆھپىسى ھەممىنى قايىل قىلىدۇ. ئۇ كەمتەر، تىرىشچان، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان، ئەسەر يازغاندا قۇرۇق ھېسسىي چۈشەنچىلەرگە ئەمەس ماتىرىياللىق قىممىتى بار، ئىشەنچىلىك ئاساسلارنى مەنبە قىلىپ ئىجاد قىلىشنى ئادەت قىلغان قەلەمكەش. ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ بىر قەدەر ساپالىق قەلەمكەش بولالىشىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئەدەبىيات ساھەسىدە بالىلار ئەدەبىياتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولالىشىدا مېنىڭچە يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ رولى خېلى چوڭ بولغان دەپ قارايمەن. ئۇنىڭغا تېخىمۇ نۇسرەت ۋە شەرەپلەر تىلەيمەن!

照片 421.JPG

ئۇيغۇرى ئاپتورلار بىلەن بىللە

照片 356.JPG

ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار بىلەن بىللە

照片 451.JPG

ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە

照片 469.JPG

يازغۇچىمىز ئەنگلىيەدە ئوقۇۋاتقان قىزى بىلەن بىللە


قەدىرىيە ئايبېك ئۇيغۇرى  2012-يىلى بېيجىڭدا  ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئەنگلىيىنىڭ ۋېرسون ئۇنۋېرسىتىتىدىكى پىروفېسسورلارنىڭ ئالاھىدە تاللىشىدىن ئۆتۈپ، شۇ ئالىي مەكتەپتە ئاسپىرانىتلىقنى ئوقىدى. ئۇنىڭ ئەنگلىيە ۋېرسون ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان كەسپى «ئىنېرگىيەنى ئېچىش ۋە بايقاش» ...ئۇ يېقىندا ئاسپىرانتلىقنى تاماملاش  ئۈچۈن يازغان «شامالنى سۇغا ئايلاندۇرۇش ۋە پاكىز ئېنېرگىيە» ناملىق ئىلمىي كىتابىنى ئىنگىلىز تىلىدا يېزىپ پۈتكۈزدى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئېلىپبە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-26 12:16  


照片 461(1).JPG
照片 208(1).JPG
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 8404
تۆھپە : 3
توردا: 558
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 14:00:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!

تېمىنى مانا مۇشۇنداق تولۇق ئىشلەپ يوللاش كېرەك!
تېما ئىشلىگۈچى ۋە يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4565
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 39
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 14:12:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما ئارقىلىق ئۇستازلار بىلەن تونۇشۇش    شەرىپىگە ئىگە بولغىنىمدىن بەكمۇ خوش بولدۇم . ئۇستازلىرىمىنڭ تىنىگە سالامەتلىك ،خىزمىتىگە ئۇتۇق ،تۇرمۇشىغا خۇشاللىق تىلەيمەن .

بۇ ئىسلام تور بېتى ئەمەس. بۇنداق باش سۈرەتنى ئىشلەتمەڭ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 3369
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 12978
تۆھپە : 10
توردا: 1082
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 14:15:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


    مۇبارەك بولسۇن!

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2741
يازما سانى: 576
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1054
تۆھپە : 0
توردا: 192
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-28

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 14:41:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇبارەك بولسۇن قېرىندىشىم......!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72
يازما سانى: 1087
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2328
تۆھپە : 0
توردا: 602
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 14:43:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايبېك مۇئەللىمنىڭ ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۇتۇق ئېچىلغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن. ئايبېك مۇئەللىمنىڭ بۇندىن كېينكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك، كۈنلىرىگە شادىمەنلىق ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  628
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1377
تۆھپە : 5
توردا: 637
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 15:05:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!

ياخشىلىققا ياخشىلىق ،قىلالايدۇ ھەر كىشى،
يامانلىققا ياخشىلىق ،قىلالايدۇ ئەر  كىشى!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3771
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 298
تۆھپە : 0
توردا: 104
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 15:41:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى خەۋەردىن بىخەۋەر قاپتىمەن دېسە. ئايبىك ئۆمەر ئۇيغۇرى ئۇستازغا ساقلىق يار بولسۇن! مۇشۇنداق پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان مۆھتىرەملەرگە ئالىي سالاملار بولسۇن!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  68
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1181
تۆھپە : 0
توردا: 212
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 16:01:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارامايدىكى ئوت يۈرەكلەر يەنىلا بىزنى تەسىرلەندۇردى . ئىجادىي ئەمگىكى بار ھەرقانداق ئەدىبكە تون يېپىش بىزنىڭ ئىسىل ئەنئەنىمىز بولۇشى كېرەك ئىدى ، بۇ جەھەتتە قارمايلىق ئاغىنىلەر كۆپ ئەجىر قىلدى . بۇنى بىلىپ تۇرىۋاتىمىز ... ئايبىك ئۆمەر ئۇيغۇرىغا ساغلاملىق ، ئائىلىسىگە خوشاللىق تىلەيمەن . قەلىمىڭ ھارمىسۇن بۇرادەر ...

شېىئر مېنىىڭ ئاسمىنىم ...!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  176
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1087
تۆھپە : 0
توردا: 108
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 16:30:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى  تەتقىقات تېمىلىرىغا باي بولغان بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى بىلەن كەڭ ئوقۇرمەنلىرىنىڭ قايىللىقىنى قوزغاپ كەلگەن ئەدىپ. مىھىرى-مۇھەببەتنى تىجەپ، ئاياپ ئولتۇرماي، ئۇيغۇرىدەك مۇشۇنداق قەلەم ساھىبلىرىغا  كەڭتاشا بەرگۈلۈك، شۇنداق قىلغاندىلا كۆڭۈل مىھىرى-مۇھەببەت بىلەن زىننەتلىنىدۇ، ھاياتنى مۇشۇنداق مىھىرى-مۇھەببەت تېخىمۇ گۈزەل قىلالايدۇ. ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ ئۆزىگە ئامەت، ئۆمۈرىگە بەرىكەت، ئىشلىرىغا سائادەت تىلەيمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  258
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1867
تۆھپە : 0
توردا: 825
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 16:55:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىر  -مېھنەت قىلغۇچىلار  ھامان ھۆرمەتكە لايىق !  ئايبېك ئۆمەرنىڭ تېنىنىڭ سالامەت ،  ئىجادىيىتىنىڭ تېخىمۇ مول ھوسۇللۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن .

سۈرەتلەرنى كۆرۈۋېتىپ، سەھنە لايىھەسىگە دىققەت قىلىپ قالدىم ،   توغرىسى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى دىگەن ئىسىمنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىغا دىققەت قىلىپ قالدىم :

阿衣别克·吾买尔·吾友古尔

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  252
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1435
تۆھپە : 1
توردا: 398
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 17:12:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1892
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 738
تۆھپە : 0
توردا: 280
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-28

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 18:07:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايبىك ئاكىمىزنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ رەڭدارلىشىشىغا تىلەكداشمەن! قارامايدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ يىغىلىشى پۈتكۈل ئەدەبىياتىمىزغا ھۆسۈن قوشقۇسى

تۈلكە مەككارلىغىدىن سۆيۈنۈپتۇ، بۆرە تەكەببۇرلىغىدىن!
نۇر مۇھەممەد شۈكران
تېلفۇن ھەم كوت-كوت ئوخشاش.13579339449

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4343
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 650
تۆھپە : 0
توردا: 110
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 18:34:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!

بۈگۈن يامغۇر ياغدى،كوچىدا ئادەم قالمىدى.ئادەمسىز ئالامگە ئاسمان يىغلىدى.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3438
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 74
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 19:10:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ئايبەگ ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنىغا مۇبارەك بولسۇن! يىراقتا بولۇپ قېلىپ خەۋەر تاپالماپتىمەن.سۈرەتتىكى بۇرادەرلەرنى كۆرۈپ قارامايدىكى ھەپتىدە  بىر يىغىلىپ ئىجادىيەتلىرىمىز ھەققىدە مۇھاكىمە  قىلىشىدىغان كۈنلەر ئېسىمگە كەلدى.بۇ يىغىلىش كېڭىيىپتۇ!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش