يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2736|ئىنكاس: 27

«شىنجاڭ يازغۇچىلار ئېلىكتىرونلۇق كىتاپ ئامبىرى» قۇرۇلۇشى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-25 13:05:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
«شىنجاڭ يازغۇچىلار ئېلىكتىرونلۇق كىتاپ ئامبىرى»نى قۇرۇش ۋە ئەسەر قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش


   ھەرقايسى ۋىلايەت،ئوبلاست، شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى، ھەرقايسى كەسپ، كارخانا يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلوق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىغا:

   شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ مۇنەۋەر ئىجادىيەت نەتىنجىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىش ۋە تارقىتىش، شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەسىرى ۋە نوپۇزىنى كېڭەيتىش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا جارى قىلدۇرۇش ھەمدە ئىلغار مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھازىردىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلوق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشچىلىقىدا، ئۈرۈمچى يىشىن يۈئېدۇ مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى «شىنجاڭ يازغۇچىلار ئېلىكتىرونلۇق كىتاپ ئامبىرى»نى ئىشلەشنى ئۈستىگە ئالدى.
   «شىنجاڭ يازغۇچىلار ئېلىكتىرونلۇق كىتاپ ئامبىرى»، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ مۇنەۋەر ئەسەرلىرىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلىدىغان تۇنجى ئۇنۋېرسال خاراكتىرلىك ئېلىكتىرونلۇق كىتاپ ئامبىرى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ئۈچ خىل تىل شەكلى بىلەن شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ مۇنەۋەر ئەسەرلىرىنى ناماييەن قىلىدىغان كىتاپ ئامبىرى سۇپىسى بولۇپ، ئۇ يازغۇچىلار ئەسەرلىرى، يازغۇچىلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى، يازغۇچىلارنىڭ سىن ماتىريالى قاتارلىق ئۈچ تارماق ئامبارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «شىنجاڭ يازغۇچىلار ئېلىكتىرونلۇق كىتاپ ئامبىرى» يېزىق، ئۈن–سىن قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى تەرتىپلەشتۈرۈلگەن كۆپ ۋاستىلىك بايلىق ئامبىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا مىڭ خىل تۈردىكى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە تىللاردىكى نادىر كىتاپلار تاللىنىپ،(رەسمىي نەشردىن چىققان نەشر بۇيۇملىرى بولۇشى كېرەك) رەقەملىك شەكىلدە رەتلىنىش ئېلىپ بېرىلىپ، ئۆلچەم، قېلىپ، پۈتۈنلۈك بويىچە مۇندەرىجە تۇرغۇزىلىپ، شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ مۇنەۋەر ئەسەرلىرىنى ناماييەن قىلىدىغان كىتاپ ئامبىرى ئاساسى سۇپىسى قىلىپ قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ماتىرياللىرىنى ساقلايدىغان، ئىزدەيدىغان، كۆرىدىغان، ئۆئارا ئالماشتۇرۇلىدىغان ھەم تەڭ بەھىرلىنىدىغان قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرىلىدۇ.
«شىنجاڭ يازغۇچىلار ئېلىكتىرونلۇق كىتاپ ئامبىرى» ئىككىدىن، ئۈچ يىلغىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىجدىمائى ئىناقلىق ئاساسىدا سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ مەدەنىيەت سىياسەتلىرىنى تۈزۈش، مەدەنىيەت مۇلازىمەت خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن قوشۇمچە پايدىلىنىدىغان بايلىق ئامبىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ. ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەدەنىيەت، تەشۋىقات تارماقلىرىنى مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئىزدەش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئاۋامغا مەدەنىيەت جەھەتتىن نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تاللاش ئامبىرىمۇ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.بۇ ئامبار قۇرۇلۇپ، مۇكەممەللەشكەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ مۇنەۋەر ئەسەرلىرىنىڭ تارقىلىش يوللىرى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى يېڭى تاراتقۇلار ئارقىلىق، ئېلىكتىرونلۇق كىتاپ شەكلىدە كۇتۇپخانا، كەسپى، كارخانا ئورۇنلار، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە تور سۇپىسى قاتارلىقلارغا تىجارەت شەكلىدە يۈزلىنىدۇ.

   11-ئاينىڭ باشلىرىدا، مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش گىراپا ۋە توختاملار پوچتا ئارقىلىق سىلەرگە يوللاپ بېرىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ بىزنى تۆۋەندىكىدەك ماتىرياللار بىلەن تەمىنلىشىنى سەمىمىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز:

1.يازغۇچىلارنىڭ نەشرياتلاردىن رەسمى نەشر قىلىنغان كىتاپلىرىدىن بىر نۇسخىدىن ئەۋەتىپ بېرىشنى سورايمىز. (ئېلىكتىرون نۇسخىسى بولسىمۇ بولىدۇ)

2.يازغۇچى ۋە تەرجىمانلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرى بىلەن سىن ماتىرياللىرىنى يوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. (ئەگەر سىزدە سىن ماتىريالى بولمىسا، ئۇنى بىز ھەقسىز سۈرەتكە ئېلىپ بەرسەك بولىدۇ)

3.بىزنى ئەسىرىڭىزنىڭ رەقەملىك نەشرىگە، نەشر ھوقۇقى بېرىش ھاۋالىنامىسى بىلەن تەمىنلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز.(كىملىكىڭىزنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى قوشۇپ ئەۋەتىلىدۇ)

4.كىتاپ ۋە ئەسەرلەرنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسىنى يوللاش ئېلخەت ئادىرىسىمىز:xjwh2012@sina.com

   يازغۇچى ۋە تەرجىمانلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرى ۋە رەقەملىك نەشرگە، نەشر ھوقۇقى بېرىش ھاۋالىنامىسى،كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى پوچتىدىن ئەۋەتىلىدۇ، كونۋېرتنىڭ ئۈستىگە «ئېلىكتىرونلۇق كىتاپ ئامبىرىغا» دەپ ئىزاھلاپ قويۇشنى ئۇنتىماڭ!

   ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى شىخوڭ غەربىي يولى 40-نومۇر ئەدەبىيات-سەنئەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى2-قەۋەت  ئەقىدە ئەركىنگە تېگىدۇ.
   پوچتا نومۇرى:830000، تېلىفۇن نومۇرى:0991-4547687، فاكس نومۇرى:0991-4542648

    ھەرقايسى تىللاردىكى ئالاقىلاشقۇچىلار:
   خەنزۇ تىلىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئالاقىلاشقۇچىسى: بى تىڭتىڭ ،      تېلفۇن:18616789979   0991-4547687
   ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئالاقىلاشقۇچىسى: ئەقىدە ئەركىن،   تېلفۇن:13659928464   0991-4547687
   قازاق تىلىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئالاقىلاشقۇچىسى: ئېلناز،             تېلفۇن:15099529233   0991-4542648




                                      شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى         
                                    ئۈرۈمچى يىشىن يۈئېدۇ مەدەنىيەت، پەن –  تېخنىكا چەكلىك شىركىتى


                                                      2013-يىلى 11-ئاي                                                                 







ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-11-25 13:28:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇمۇ ياخشى بىلدۈرگۈ  بولاپتۇ..............

ۋاقتى: 2013-11-25 13:46:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ

ۋاقتى: 2013-11-25 14:18:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىنجاڭنىڭ رەقەملىك نەشر دەۋرىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ... قوللاش كېرەك! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارايۈز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-25 14:20  


ۋاقتى: 2013-11-25 14:37:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل 7- ئايدا شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى رەقەملىك ئەسەر ئىشلەش مۇناسىۋىتى بىلەن توردا ئۇقتۇرۇش بېرىش، ئاپتورلارغا توختامنامە يوللاپ بېرىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن بىر تۈركۈم ئاپتورلار بىلەن توختام ئىمزالىغان ئىدى. توختام مەزمۇنىدا توختام ئىمزالىغان ئاپتورلار ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدىن باشقا ئىككىنچى بىر تەرەپ بىلەن قايتا توختام ئىمزالىنىشى چەكلەنگەن ئىدى. نۆۋەتتە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ يېتەكچىلىگى، تەشكىللىشى بىلەن «شىنجاڭ يازغۇچىلار ئېلىكتىرونلۇق كىتاپ ئامبىرى»نى قۇرۇش ۋە ئەسەر قوبۇل قىلىش بۈلدۈرگۈسى ئېلان قىلىنىپتۇ. شەخسەن مەن 20 كۈنلەرچە بۇرۇن بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدىم. بىراق  7-ئايدا شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى بىلەن توختام ئىمزالىغان ئاپتورلار شىنجاڭ يازغۇچلىرى جەمىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەسەر تەشكىللەش خىزمىتىگە قانداق ماسلىشىشنى ئاڭقىرالماي قالدۇق. شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى بىلەن توختاملاشقان ئاپتورلار بۇ تۈرنىڭ سىرتىدا تۇرۇشى كېرەكمۇ ياكى ئىككى ئورۇن بىلەن توختام ئىمزالىسا بولىۋىرەمدۇ؟
شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى بىلەن توختام ئىمزالىغان ئاپتورلار خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چۈشەنچە سوراپ بېقىشنى مۇۋاپپىق كۆردۈم.

ۋاقتى: 2013-11-25 14:50:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشلارنىڭ خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىتى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەۋېتىپتۇ.

ۋاقتى: 2013-11-25 14:59:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى بەلگۈلىمىلەر ئاپتۇرلارنىڭ نەشىرىيات ئالدىدىكى جاۋابكارلىقى ۋە ئاپتۇرنىڭ كۆپ ۋاستىلىق مەدبۇئاتلار ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەتىگە بېرىپ تاقىلىدىكەن.
   بۇ ھەقتە ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كىلەمدۇ نىمە؟

ۋاقتى: 2013-11-25 15:10:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kokbora يوللىغان ۋاقتى  2013-11-25 14:37
بۇ يىل 7- ئايدا شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى رەقەم ...

بۇ ھەقىقەتەن بىر ياخشى ئىش ئىكەن، مەنمۇ «مۇھەببەتتە مېنىڭۇ ھەققىم بار» ناملىق تۇنجى رومانىمنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن «شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى» بىلەن شۇنداغراق بىر توختام تۈزۈشكەن ئىدىم، مەنمۇ بۇھەقتىكى ئۇقتۇرۇشنى خېلى بۇرۇنلا تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇلار بىلەن ئالاقىلەشتىم، ئۇلار «توختامدا رەقەملىك نەشىر ھوقۇقىنىمۇ بەرگەنلىك ئىسپات بولسا بولماسمىكىن، ئەمما ئادۋوكاتىمىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ جاۋاب بېرەيلى» دېگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن شۇلارنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ ئېۋەتكەن ئۇقتۇرۇشىغا جاۋاب بەرمىگەن ئىدىم. يېقىندا مۇناسىۋەتلىك بىر خادىمدىن ئۇقۇشىمچە، ھەر قايسى نەشرىياتلار بىلەن كىتاب چىقىرىش توختامى تۈزۈشسەكلا بۇ خىل ھوقۇق ئاشۇ توختامنىڭ مەزمۇنىدا بولىدىكەن، توختام تۈزمىسەك كىتاب چىقمايدۇ، تۈزسەك بۇ ئىشقا قاتناشقىلى بولمايدۇ، بۇ ئىشنى زدى قانداق قىلىش ئەڭ ئاقىلانە ئىشتۇ؟، مېنىڭمۇ بېشىم قېتىپ تۇرىدۇ،  مۇمكىن بولسا  مۇشۇ ئىشقا ئېنىقلما بەرگىلى بولامۇ؟

ۋاقتى: 2013-11-25 15:12:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەيرلىك بۇ ئىشنىڭ نەتىجىلىك داۋاملىشىشىغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2013-11-25 16:06:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرياتى بىلەن تۈزىلىدىغان توختامدىمۇ، بۇ«ئېل كىتاپ ئامبىرى»نى ئىشلەيدىغان شىركەت بىلەن تۈزىلىدىغان توختامدىمۇ ئوخشاشلا مۇنداق بىر ماددا ئېنىق تەكىتلىنىدۇ:« توختام كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە ئا تەرەپ ب تەرەپنىڭ رۇخسىتىسىز توختامدا بەلگىلەنگەن ئەسىرىنىڭ بىرىنچى ماددىدا دېيىلگەن نۇسخىلىرىنىڭ نەشر قىلىش ۋە تارقىتىش ھوقوقىنى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولمايدۇ. توختام تۈزۈلۈشتىن بۇرۇن باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەرگە ئەسەرلىرىنى توردا تارقىتىش ھوقوقىنى بەرگەن بولسا، بۇنى ئەسكەرتىشى كېرەك.»بۇنىڭدىن بىر ئەسەرنىڭ ئېلكىتاپ نۇسخىسىنى ئىككى ئورۇنغا تەڭ بېرىشكە بولمايدىغانلىقى چىقىپلا تۇرىدۇ.

بۇ يەردە مېنىڭ ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم، ياشلار نەشرياتى ھازىرغىچە پەقەت ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان ئەدەبىي كىتاپلارنىڭلا ئېلىكتىرون نۇسخىسى ھەققىدە ئۇيغۇر يازغۇچىلار بىلەن توختام تۈزىۋاتىدۇ. بۇ شىركەت بولسا، ھۆكۈمەت تۈر مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ،ئۇيغۇرچىدىن باشقا يەنە قازاقچە، خەنزۇچە ئەدەبىياتتىن باشقا ھەممە تۈردىكى كىتاپلارنىڭ ئېلكىتاپ ئامبىرىنى ئىشلەپ چىقماقچى. ئۇيغۇرچە ئەدەبىي كىتاپلار ئەنە شۇ ئامبارنىڭ ئىچىدىكى بىر بۆلەكلا بولىشى مۈمكىن.
مەزكۇر شىركەتكە ياش - ئۆسمۈرلەر نەشرياتىنىڭ  بۇ جەھەتتە ھازىرغىچە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنىمۇ ۋاقىپلاندۇرغان ئىدۇق. ئۇلار ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ ھەمكارلىق مۇناسىۋېتى ئورناتسا، ئاپتورلىرىمىزغا تېخىمۇ قولايلىق بولىشى مۈمكىن. ئۇنداق بولمىسا، ياش - ئۆسمۈرلەر نەشرياتى بىلەن ئېلكىتاپ توختامى تۈزۈپ بولغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ يەنە بىر مەزگىل قاراپ بېقىشىغا توغرا كېلىدۇ.

بۇ ئىشقا ياش - ئۆسمۈرلەر نەشرياتىدىن ئابلىكىم ھەسەن مەسئۇل ئىدى. (ئۇمۇ بۇ تورغا چىقىپ تۇرىدۇ) مۈمكىن بولسا ئۇمۇ نەشريات نامىدىن قارىشىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقسا بولىدىكەن.   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eybuyaqup تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-25 16:13  


ۋاقتى: 2013-11-25 16:11:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش بوپتۇ.خەيرىلىك بولسۇن . ياردەم قىلدىغان ئىشلار بولسا قولىمىزدىن كىلىشچە ياردەم قىلىمىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-25 22:21:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سانغۇن يوللىغان ۋاقتى  2013-11-25 20:15
بۇنىڭغا قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرگە قەلەم ھەققى بېرىش ت ...


مۇناسىۋەتلىك توختاملار يازغۇچىلارنىڭ قولىغا پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈلمەكتە. سىز ئېيتىۋاتقان ھەققە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار شۇ توختاملاردا يېزىلغاچقا، ئۇنى بۇ ئۇقتۇرۇشتا يەنە يېزىشنىڭ ئورنى يوق. بۇ ئىش يازغۇچىنىڭ ئىختىيارلىقى بويىچە بولىدۇ. ئەگەر ئاپتور بۇنىڭغا قىزىقمىسا، پەرۋا قىلمىسىمۇ، مۇناسىۋەتلىك توختاملارغا مۆھۈرىنى باسمىسىمۇ، ئۇنى يەنە پوچتىدىن قايتا ئاۋۇ شىركەتكە ئەۋەتىپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ.

ۋاقتى: 2013-11-26 12:04:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ 7-ئايدا شىنجاڭ -ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى بىلەن رەقەملىك نەشىر ھوقۇقى توختامى تۈزگەن،ئېسىمدە قېلىشىچە بۇ  كەسپى ئىشلارغا ياقۇپجان ياسىن مەسئۇل  ئىكەن، تېلفۇن قىلىپ سۈرۈشتە قىلىپ باقسام بولغۇدەك!

ۋاقتى: 2013-11-26 16:17:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2013-11-25 22:21
مۇناسىۋەتلىك توختاملار يازغۇچىلارنىڭ قولىغا پوچتا ئ ...

«بۇ ئىش يازغۇچىنىڭ ئىختىيارلىقى بويىچە بولىدۇ. ئەگەر ئاپتور بۇنىڭغا قىزىقمىسا، پەرۋا قىلمىسىمۇ، مۇناسىۋەتلىك توختاملارغا مۆھۈرىنى باسمىسىمۇ، ئۇنى يەنە پوچتىدىن قايتا ئاۋۇ شىركەتكە ئەۋەتىپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ»
   بۇ گەپتىن قارىغاندا، قەلەم ھەققى بېرىشى ناتايىندەك تۇرىدۇ، چۈنكى، «يازغۇچى ئەسىرىنى پۇل ئالماي بېرىشكە قوشۇلسا مەيلى، قوشۇلمىسا، پەرۋا قىلمىسىمۇ بولىدۇ» دېگەن مەنىنى چۈشىنىۋېلىش تەس ئەمەس. يازغۇچى دوستلارنىڭ يەنىلا ئويلىنىپ ئىش قىلغىنى زۆرۈر. ئاخىرىدا ئېست دەپ قالىدىغان ئىش بولمىغىنى ئەۋزەل.

ۋاقتى: 2013-11-27 02:31:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئېلاندا دىيىلگەن مەنزىلگە يىتىش ماھىيەتتە ئاپتۇرلارنىڭ ئەجرى ئارقىلىق تۈر مەبلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك شىركەت خارەكتىرلىك ھەركەت بولۇپ، توختاملاشماقچى بولغانلار ۋە كىتاب چىقارماقچى بولغانلار مىنىڭچە مۇنداق ئەھۋالنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشى كىرەك:

1-مەسىلە.  توختاملاشقان ئاپتۇرلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن مەڭگۈ ھەقسىز پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولالامدۇ؟ چۇنكى نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى تور بەتتىن  خەنزۇچە تور  中国知网 دەل مۇشۇ خىل ئايلىنىش ئەندىزىسى بويىچە كىتىپ بارىدۇ. قۇرۇۋالغاندىن كىيىن ماتىرىيالدىن پايدىلانماقچى بولغانلار  چوقۇم ھەق تۆلەيدۇ. بۇ خىل تۆلەنمە ھەق قار پونزىكىدەك كۆپىيىپ غايەت زور ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ياشلار نەشىرىياتىمۇ مۇشۇلارنى ئويلىغان بولسا كىرەك. چۈنكى مىنىڭمۇ مۇشۇنداق قىلغۇم بار. لىكىن ئاپتۇرلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش دېگەن ئاخبارات نەشىرىيات ئىدارىسىنىڭ ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىشى. يازغۇچىلار جەمىيتى ئاپتۇرلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزى قۇرغان بولسا بۇنىڭ يولى بۆلەك بولاتتى. ئەگەر  مەن ئاشۇنداق ئامبار قۇرۇۋالسام مەڭگۈ پۇلدىن غەم يىمەيتتىم. شۇڭا ئاپتۇرلار ھە دىسىلا قىزىپ كەتمەي، ئۆزىنىڭ قەدرىنى ئۆزى قىلىش كىرەك. ئۆزىنى كەمسىتىش كىسىلىگە مەجبۇرى گىرىپتار بولۇشقا  قەتئىي بولمايدۇ. مەيلى قانداق ئەسەر بولسۇن، ئوبدان دىيىشىش كىرەك. نەشىرىياتنىڭ قەلەم ھەققى ماھىيەتتە كۆپ ئۆسۈپ كەتتى. لىكىن كىتاب چىقىرىش مۇھەرىرلەرگە ھۆددە بولغاچقا، كىمگە قانداق قەلەم ھەققى قانچىلىك بىرىش مۇھەرىرلەرنىڭ ئىشى بولۇپ قالدى. ئارىدىكى زور بىر قىسىم قەلەم ھەققى قۇدۇققا چۈشۈپ كىتىشى چوقۇم. كىتابنىڭ پايدىسى شۇ قەدەر يامانكى، بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللانغانلار بېيىپ تىنالماي قالدى. ئاپتۇرلار يەنىلا  ئۆز ئەسىرىنى ياخشى يېزىپ، نەشىر توختامى بولغاندا قاتتىق دىيىشىشى كىرەك. ئىلىكتىرۇنلۇق ئامبار دېگەنمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە.
    2-مەسىلە، ئاپتۇرلاردا ئازراق ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ يىشىمى ۋە ئالاقىدار  قانۇن ھۆججەتلەردىن خەۋەردار بولۇپ قويغىنىنىڭ زىيىنى يوق. جەمىيەتتە نىمە بولاۋاتىدۇ بىلىپ ئىش قىلغانلار يازغان ئەسەرلىرىنىڭ نېنىنى يەپ ھاردۇقى چىقتى .بىلەلمىگەنلەر  تارتىنىپ قىزىرىپ قورۇنۇپ كالتا پەم خىجىلچان ئەدىب بولۇپ ئىشتىنى تىزىدىن ئاشماي چېچىغا ئاق كىرىپ كەتتى.
3- مەن يەنە بىر ئىشنى ئەسكەرتكىم كىلىپ قالدى. بىر قىسىم كىتاب سودىگەرلىرى كىمنىڭ نىمە يېزىۋاتقانلىق ئۇچۇرىنى  تىمىسقىلاپ يۈرۈپ بىلىۋېلىپ شۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، كىتابىڭىزنى مەن چىقىرىپ بىرىمەن دەپ ئالداپ قويۇپ، ئۆزىنى ئاتالمىش پىلانلىغۇچى قىلىۋېلىپ. ئارىدىن تەڭگە-تەڭ نەپ ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرى . ئۆزىڭىز يازغاننىڭ قەدرىنى نىمىشقا قىلمايسىز. پىلانلىغۇچى دېگەنلەر ئۆزى ھىچ ئەجىر قىلمايلا باشقىلارنىڭ قەلەم ھەققىنىڭ يېرىمىنى تەپ تارتمايلا يەۋالىدۇ. ئەلبەتتە بۇ خىل پىلانلىغۇچى بولىۋالغان نەشىرىيات سودىگەرلىرى بەلگۈلىمە بويىچە قەلەم ھەققىنىڭ يېرىمىنى ئالالايدۇ. ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى ئۆزى پىلانلىيالماي باشقىلارغا پىلانلاتقۇزۇش نىمە دېگەن كۈلكىلىك -ھە؟  شۇڭا مۇشۇنداق بىدىكلەردىن ھەزەر ئەيلەڭ. ئۇلارغا پىلانلاتقۇزماڭ. ئەسەرنى يېزىپ بولغاندا پىلانلايدىغان ئىش يوق. ئەسىرىىڭىز پىلانلاش قىسمىتىگە دۇچار بولۇپ قالسا، ماڭا تىگىشلىك ھەقنىڭ يېرىمى بىكاردىن ئولتۇرۇپ پىلانلىغانلارغا يېرىمى كىتىپ قاپتۇ دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ.
4-مەسىلە: قەلەم ھەققى ھىسابلاش. تەرەققىيات پىلان كومىتېتىنىڭ  يېڭى ھۆججتىدە 1000 خېتىگە 150-300 سومغىچە ،ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بىرىش بىكىتىلگەن . خەتنى قانداق ھىسابلايدۇ؟ مۇنداق ھىسابلايدۇ--يەنى ئۇيغۇرچە خەتلىك كىتاب بولسا ، بىر بېتىنى 450-500 خەتكىچە دەپ ھىسابلىنىدۇ. 880 ئۆلچەملىك كىتابلاردا  بىر بەتكە 26-27 قۇر  خەت پاتىدۇ، خەت سانى 500-600 گىچە ھىسابلىنىدۇ. مۇشۇ بويىچە بولغاندا بىر بېتىڭىز كامىدا 100 سوملۇق بولالايدۇ . بىر رۇمان بولسا ھىچ بولمىغاندا  450 بەتتىن كەم ئەمەس، مۇشۇنداق بولسا سىز  ئەڭ ئاز بولسا 45000 سوملۇق بولالايسىز، باجنى چىقىرىۋەتكەندا 40000 سوم سىزنىڭ. ئەگەر سىزنى بىرسى پىلانلاپ كىتابىڭىزنى چىقىرىپ بەرسە ، سىز پەقەت 20000 سومغا ئېرىشىسىز. ئارلىقتىكى باجنى يەنە سىز تۆلەيسىز.  كىتابنى كومپېيوتىردا بېسىپ بەرگەن بولسىڭىز ، خەت بېسىش ھەققى نەشىرىياتقا ياكى مەلۇم شەخسكە قالىدۇ، تەننەرخ ھىسابلىغاندا سىزنىڭ باسقان خېتىڭىز نەزەرگە ئېلىنماي، تەننەرخكە قېتىلىپ كىتابنىڭ باھاسىدا ئەكىس ئېتىۋىرىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە ئويلىنىشىڭىز كىرەك.
  4-مەسىلە. توختام مەسىلىسى ۋە كىتابنىڭ تىراجى مەسىلىسى. كىتابنىڭ توپ باھاسى ئادەتتە 40-45-% باھادا كىتابخانىلارغا بىرىدۇ. پارچە باھاسىدا ئارقىسىدا بىكىتىلگەن باھا بويىچە ئەينەن تۆلەيسىز، كىتاب نومۇرىنى ئالالىسىڭىزلا ، مۇھەرىرنىڭ تەھرىرلەش ھەققىنى بىرىپ، كورىكتورنىڭ ھەققىنى بېرىۋېتىپ، ئۆزىڭىز شەخسى مەبلەغ سېلىپ نەشىر قىلدۇرۇۋالسىڭىز، ساتالىسىڭىزلا، پايدىنىڭ قانچىلىك قالىدىغىنىنى بايقىۋالالايسىز. بەلكىم ئىككى بازارلىق كىتابتا مائاشلىق بىر كادىرنىڭ بىر ئۆمۈر تاپقان پۇلىنى تاپالىشىڭىز مۇمكىن.
شۇڭا نەشىر توختامى قىلغاندا بازارنى مۆلچەرلەڭ. ئەلبەتتە ئەسىرىڭىز ياخشى يېزىلغان بولۇشى كىرەك. بۇنىڭدىن نەشىرىيات قانچىلىك پايدا ئالالايدىغانلىقنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بىر كىتابنى 5000نى باستى دىيىلسە، باھاسى 20 سوم بولغان بولسا( نىپىز كىتاب شۇنداق ئەرزان بولىدۇ) 100000 سوم كىرىم بولىدۇ. 400 بەتلىك بىر كىتابنىڭ بېسىلىش تەننەرقى ئەڭ قىممەت بولۇپ كەتسە 15 سومدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. قالدىسى 5000 كىتابنىڭ ھىساباتىنى ئۆزىڭىزش چىقىرىپ بېقىڭ. داۋامىنى دىمىسەممۇ مەسىلىنىڭ تېگىگە يىتىپ بولدىڭىز. بۇنى دىيىشىمدىكى مەخسەت. ئاپتۇر مەڭگۈ زىيان تارتقۇچى، نەشىرىيات پايدا ئالغۇچى. شېئىر توپلاملىرىنى چىقارمايمىز دەپ تۇرۇپ، تۈركۈملەپ چىقىرىۋەتتى. شېئىر ئەسەرلەرنىڭ 10 قۇرىنى 1000 خەت دەپ ھىسابلىنىدۇ. تەرجىمەسىمۇ 1000 خەت بويىچە 150-300 سومغىچە بولىدۇ . شۇڭا توختامنى تۈزگەندە 10 يىللىق نەشىر ھوقۇقى بويىچە تۈزۈڭ. گەپ ئېنىق بولسۇن. بولمىسا نەشىر ھوقۇقىڭىزنىڭ 100 يىللىقى نەشىرىياتقا بولۇپ كىتىدۇ. يۇقۇرقى ئېلان بىرىلگەن تۈر مەبلىقى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان تۈرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، بىر رۇمان ئەسەرنىڭ كىتاب بولۇپ چىقىشىدا مۇنداق ھوقۇقلىرى بار، يەنە كىتاب ھوقۇقى، ئۈن-سىن بويىچە نەشىر قىلىنىش ھوقۇقى، كىنو قىلىپ ئىشلەش ھوقۇقى ، تېلېۋىزىيە فىلىمى قىلىپ ئىشلەش ھوقۇقى. سىنارىيە قىلىپ ئۆزگەرتىپ باشقا ژانىرغا ئۆزگەرتىش ھوقۇقى. قايتا نەشىر قىلىش ھوقۇقى، قايتا بېسىلىش ھوقۇقى قاتارلىق. توختام تۈزگەندە ئېنىق ئەسكەرتىپ قويسىڭىز زىيان تارتمايسىز. ئەسكەرتىلمىسە ھەممە ھوقۇقنى نەشىرىياتقا ئىككى قوللاپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولىسىڭز. كىتابنى قايتا باسقاندا تەننەرخ تۆۋەنلەپ كىتىدۇ، پايدىسى تېخىمۇ زور بولىدۇ، لىكىن  سىزنى ئازراق پۇل بىلەنلا خاپا بولماي قىلىپ تۈگىتىدۇ. ئەگەر ياخشى دىيىشەلىسىڭىز، يەنە خېلى كۆپ پۇلغا ئېرىشەلەيسىز. دىمىسىڭىز  2-قېتىم بېسىلىشى دەپ قويۇپ سېتىلىپ تۈگىسە 10 قېتىم بېسىپ سېتىۋىرىدۇ. قارىسىڭىز يەنە 2- قېتىم بېسىلىشى دىيىلگەن . ئالامەت ئىشلارنى كۆرىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا توختامنى بەك ياخشى تەتقىق قىلىپ، ئەتىراپلىق تۈزىشىڭىز لازىم.
    يېقىندا نەشىرىياتلار ئەسەرگە بېرىلىدىغان قەلەم ھەققىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشكە باشلىدى. ئەسەرنى ياخشى يېزىڭ ، قەدەمنى بايقاپراق مېڭىڭ. ئەجرىڭىزنى تۇتۇپ يىيىشنى بىلىڭ. يەنە بىراۋلار سىزنى پىلانلىۋالمىسۇن.    ئازراقلا گەپ تەگەپ قالدىم.  نەشىرىياتتىكىلەر  ماڭا ئۆچ بولۇپ كەتمىسۇن يەنە. يەنە ئاۋۇ شىركەتمۇ بار. شىركەت دېگەن ئورۇن پۇل تاپىدىغان يەر دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arttekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-27 02:41  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش