يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: admin

«شىنجاڭ يازغۇچىلار ئېلىكتىرونلۇق كىتاپ ئامبىرى» قۇرۇلۇشى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-30 21:40:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەڭ ياخشى كىتاپلارنى تاللاپ چىقىرىشىڭلارغا تىلەكداش!شۇنداقلا يازغۇچى ئۇستازلارنىڭ ‹خەلق ›ئالدىدىكى  يۈكسەك مەسئۇلىيەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن...تەڭرى مەدەت بەرگەي!!!

ۋاقتى: 2013-12-2 13:34:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئارتتېكىن ئەپەندىنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك پىكىرى ماڭا ئوخشاش ھېچنەرسىدىن خەۋىرى يوق ساددا دىھقان قەلەمگەر ئۈچۈن بىر قېتىملىق ساۋاق-دەرسلىك بولدى.تەشەككۈر!...
      يازغۇچى بولغان كىشى قەلەم ھەققىنى كۆزلەپ يازمايدۇ ئەلۋەتتە.ئەگەر پۇل تېپىشنى،ھالاۋەت كۆرۈشنى مەقسەت قىلدىغان بولسا باشقا ھەرخل كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ يەنىلا پۇل تاپقىلى بولىۋىرىشى مۈمكىن. ئەمما قەلەمنىڭ ئىشتىياقى،ياراتقۇچىنىڭ قەلەم ئارقىلىق يۈرەككە سالغان ئاجايىپ سىھىرلىك ئوتىنىڭ سەۋەبى بىلەن بۇ كەسىپنىڭ ئازاپلىق لەززىتىنى تېتىپ كەلگۈچى يازغۇچى-شائىرلارنىڭ دۈم يېتىپ،دۈم قوپۇپ ئىشلىگەن جاپالىق ئەمگەكلىرىنىڭمۇ ئەلۋەتتە قىممىتى بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئادەتتىكى كۈنلىك ئىشلەيدىغان مەدىكارمۇ بىر كۈنلىك ئەمگىكىنىڭ قىممىتىنى سۈرۈشتە قىلىدىغان بۈگۈنكى جاھاندا ھالا بىر مىللەت ياكى بىر قەۋمنىڭ مەنىۋى ئەينىكى بولغان قەلەم ساھىبلىرىنىڭمۇ يۈرەك قېنى،ئازاپ ۋە تولغاقلار بەدىلىگە يارالغان قىممەتلىك ئەقلىي ئەمگەكلىرى ئۆز قىمىتىنى تېپىشى ئەقەللىي ساۋات ۋە ھوقۇقدۇر! ئەنئەنىگە ئايلانغان نۇمۇس ۋە خېجىللىق تۇيغۇسى چەكتەن ئاشقاندا بىر قەلەمگەر ئاشۇ بىر كۈنلىك جىسمانىي ئەمگەكنىڭ قىممىتى ۋە ئىنسانىي ھوقۇقىنى قوغدىيالىغان مەدىكارچىلىكمۇ بولالماي قالىدۇ.بۇنداق دىيىشكە مېنىڭ يۈزدە يۈز ئاساسىم بار!
       چۈنكى بۇنداق كۈن مېنىڭمۇ بېشىمغا دۇچ كەلگەن. يۈرەك قېنىم بەدىلىگە كەلگەن،ئەمما ئەمگەك مىۋەمگە ئىگە بولالماي ھېلىقى مەدىكارچىلىكمۇ بولالماي قالغان بىچارە ھالىتىمغا بۈگۈنكى كۈندە ئاچچىق كۈلۈپ قويىمەن.يەنى 2000-يىلى قىزىلسۇدىكى مەلۇم بىر نەشىرياتتىن قىرغىز تىلىدىكى بىر بالىلار ھېكايىلىرى توپلىمىمنى ئۆز مەبلىغىم بىلەن چىقارغان ئىدىم.زاۋۇت ھەققىگە 2700 يۈەن تۆلىدىم.كىتاپ مىڭ تىراج بىلەن چىقىپ،نەشىريات بۇ كىتاپلارنى ئۆزلىرى تارقىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ماڭا يۈز دانەك كىتاپ بېرىپ قالغىنىنى ئېلىپ قالدى.ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتكەندە كىتاپنىڭ پۇلى مۇشۇ دەپ 547 يۈەن پۇلنى بېرىپ تۈگەتتى. قالغىنىنى داۋاملىق سۈيلەشتىن «نۇمۇس» قىلدىم. 2006-يىلى يەنە شۇ نەشىرياتنىڭ تەلىۋى ۋە ھاۋالىسى بىلەن يېزىپ چىققان يەنە بىر كىتاۋىم نەشىر قىلىنىپ 3000 مىڭ تىراجدا ئونبەش يۈەنلىك باھا بىلەن بېسىپ تارقىتىلدى. «قەلەم ھەققىڭنى مانا بېرىمىز،ئاينا بېرىمىز» دەپ يۈرۈپ بىر تىيىن كۆرمەي، 2009-يىلىغا كەلگەندە ئىككىنچى قېتىم قايتا بېسىلىپ 500 تىراجدا 45 يۈەنلىك باھادا بېسىلىپ تارقىتىلدى.قەلەم ھەققىنى سۈرۈشتە قىلسام مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر «قەلەم ھەققى ئۈچۈن ئىككىنچى نەشىرىدىن كىتاپ بېرەيلى» دىگەن جاۋاپنى بېرىشتى.بىرىنچى نەشىرىدىن بىر تىيىن بەرمەي،ئەمدى 45 يۈەنلىك باھادىكى ئىككىنچى نەشىرىدىن كىتاپ بېرىمىز دەپ مېنى «ئەپلىمەكچى» بولغىنىدىن يىرگىنىپ «بولدى،مەن كىتاپنى ئۆزۈم ئېلىشقا يېزىپ بەرمىگەن،ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن يازغان.ئۆزۈم يازغان كىتاپنى ئۆزۈم ئېلىپ نىمە قىلىمەن؟» دەپ قوشۇلمىدىم.شۇنىڭدىن بېرى مانا مۇشۇ مىنۇتقىچە  بۇ كىتاپ ئۈچۈن بىر گىردىنىڭ پۇلىنىمۇ ئېلىپ باقمىدىم.ھەم داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىشتىن «خېجىل» بولدۇم.بۇ ھال مېنى كىتاپ چىقىرىشقا قىزىقمايدىغان ئۈمىتسىز بىر كەيپىياتقا ئىگە قىلىپ قويۇش بىلەن خالاسلاندى.مېنىڭ ئۈمىت قىلىدىغىنىم «دىھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى قايتۇرۇش» سىياسىتى «دىھقان قەلەمگەرلەرنىڭ قەلەم ھەققىنى قايتۇرۇش»تىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپسا نىمە دىگەن ھەقىقەتلىك سىياسەت بولارىدى ھە؟!.....دىگەن گۈزەل بىر خىيالدۇر!
       مېنىڭ مەزكۇر تېمىغا يازغان بۇ ئىنكاسىم قانداقتۇر بىرەر نەشىرىيات ياكى ئورۇنلاردىن ئاغرىنىپ دەردىمنى تۆكۈش ئەمەس.ئەلۋەتتە نەشىرياتلارنىڭ ھەممىسىلا بۇنداق كېچىككە كىرىۋالمىغان بولۇشۇ مۈمكىن.بىرمۇنچىلىغان ياخشى كىتاپلار،ياخشى ئەمگەكلەر يەردە قالمايۋاتقىنى دىيارىمىزدىكى كۆپلىگەن شائىر-يازغۇچىلارنىڭ يېڭىدىن نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلىۋاتقان بىر-بىرىدىن ئېسىل كىتاپلىرى بىلەن ئەجرىگە تۇشلۇق قىممەتلەرنى يارىتىپ كىلىۋاتقىنى بۇنىڭ مىسالىدۇر.مەن پەقەت ئۆز چۈشەنچەم ۋە ھېسىياتىم بويىچە شۇنى دىمەكچىمەنكى،قەلەم تۇتۇڭ،بىراق قەلەم ھەققىنى ۋە ئاللىقانداق موكاپاتلارنى كۆزلەپ يازماڭ.ئەمما ئادىمىي ۋە قانۇنىي ھوقۇقىڭىزنىمۇ ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ،بولمىسا ماڭا ئوخشاش كۈنگە دۇچار بولۇپ قېلىشىڭىز مۈمكىن....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دېھقانباي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-2 13:35  


ۋاقتى: 2013-12-3 00:53:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىشلار بولىۋاتىدۇ،ئىجاتكارلارغا قۇتلۇق بولسۇن!

ۋاقتى: 2013-12-3 01:45:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاتنىشىپ بىقىش كىرەكمۇ؟ يەنە ئويلۇشۇش كىرەك

ۋاقتى: 2013-12-10 19:41:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى يۈزلىنىش بوپتۇ!

ۋاقتى: 2013-12-27 11:11:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ،ئىشىڭلارغا مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن!
يۇقىرىدا قەلەم ھەققى توغرىلىق نۇرغۇنلىغان ياخشى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپتۇ،مەنمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالدىم،تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ مىنىڭ مۇنداق بىر مەسلىنى بەكلا بىلگۈم بار،ئاڭلىسام نۇرغۇن نەشىرىياتلار ئاۋۋال ئۆزلىرىنىڭ تۇنۇش-بىلىشلىرىنىڭ ياكى ئازراق كەينى ئىشىك قىلغانلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىلان قىلارمىش.مەن بۇ گەپكە ئانچە ئىشىنىپ كەتمىدىم.ھەم ئىشەنگىممۇ يوق،لىكىن مەن بۇ گەپنى خېلى نۇپۇزلۇق بىر ئادەمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغاچقا گۇمانىممۇ يوق ئەمەس،شۇڭا ماڭا بىرەرسىڭلار بۇ توغرىلىق چۈشەنچە بەرسەڭلار بوپتىكەن.

ۋاقتى: 2013-12-27 12:11:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى ئارقا ئىشىك دىمەيمىز. كۆپ يىللىق ھەمكارلىشىشتىن كىيىنكى ئۆز ارا ئىشىنىش ۋە دوستلۇق ئاساسىدا شەكىللەنگەن چۆپكەتچىلىك بولىدۇ. بۇ نۇرمال ئەھۋال. كىنوچىلىق ساھەسىدىمۇ رىژىسورلار ئۆزىنىڭ فىلىمىدە رول ئېلىپ ئىشەنچىگە ئېرىشكەن ئارتىسلاردىن مۇئەييەن توپ شەكىللەندۈرىدۇ ۋە ئالدىن ئويلىشىدۇ. ئىجادىي ئەسەرلەردە كىم ياخشى يازالىسا ئەلبەتتە بازار شۇنىڭ بولىدۇ. بۇنىڭغا نەشىرىيات بىر نىمە دىيەلمەيدۇ. ئەمما تەرجىمە ئەسەرلەرگە نىسبەتەن ھەممە ئادەم تەرجىمان بولىۋالدىغان. ھەتتا ئەزەلدىن تەرجىمىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغانلارمۇ داڭلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلپ بۇزۇۋىتىدىغان ئەھۋاللار بار. بۇمۇ شۇ قوشۇندىكى ئادەملەرنىڭ سانىنىڭ ئاز بولۇشىدىن كىلىپ چىققان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arttekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-27 12:12  


ۋاقتى: 2014-3-19 01:43:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى ئىشنى مەن ئەمدى كۈرۈپتىمەن .

ۋاقتى: 2014-4-13 13:29:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىز ئۈچۈن چوڭ ياخشى ئىشكەن . مۇبارەك بولسۇن .

ۋاقتى: 2014-4-24 21:21:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز گە قايسى ياخشى بولسا شۇ بۇلىۋىرىدۇ   مۇشۇنداق مۇنبەر لەرنىڭ چىقىپ تۇرغىنى ياخشى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش