يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 15655|ئىنكاس: 25

«قىزىل راۋاقتىكى چۈش» رومانىدىكى بىر شېئىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-22 11:34:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
«قىزىل راۋاقتىكى چۈش» رومانىدىكى بىر شېئىر

20122403053716.jpg



ئۆز ۋاقتىدا بەگ غوجاملار تولغان ساراي،
غۇربەت بېسىپ قۇرۇق سۆلەت دالان بولدى.
بىر چاغلاردا بەزمە-مەشرەپ قاينىغان جاي،
گۈللەر توزۇپ، دەل –دەرەخلەر خازان بولدى.
زەر تورۇسقا ئۆمۈچۈكلەر باغلىدى تور،
گۈل پەنجىرلەر ئوت-گىياھقا ئاشيان بولدى.
ئۇپا-ئەڭلىك،خۇش پۇراقنىڭ نە ھاجىتى،
قىروۋ قوندى چاچقا، قېرىلىق ئايان بولدى.
كېچە تۇپراق ئارا كىرسە مۇردا، بۈگۈن –
ئاشىق-مەشۇق ھوجرا ئارا پىنھان بولدى.
ساندۇق-ساندۇق ئالتۇن- كۈمۈش ساقلىغانلار،
كۆز ئاچقۇچە گادايلىشىپ ۋەيران بولدى.
ئۆمرى قىسقا دەپ ئۆزگىدىن ئاھ ئۇرغانلار،
كېلىپ ئۆزى ئۇ ئالەمگە راۋان بولدى.
ئاتاسىدىن قاتتىق تەنبىھ ئالغان زاتلار،
ئېھتىمالىم، قىلمىشلىرى ئەسيان بولدى.
بايۋەچچىدىن ئۆزىگە جۈر ئىزدىگەنلەر ،
تاپقان جايى خۇنۈك چالا مەيدان بولدى!
تاجىسىنى كىچىك كۆرۈپ كىيمىگەنلەر،
كىيىپ قوۋۇق، ياتقان يېرى زىندان بولدى.
ئاخشام تېخى جۇل –جۇل توندىن غىڭشىغانغا،
بۈگۈن بەگلىك چاپىنىمۇ يامان بولدى.
بىرى تەختتىن چۈشسە،يەنە بىرى چىقتى،
ئاقىۋەتتە ماڭا يات يۇرت ماكان بولدى.
قويغىنا، بۇ ئەپسانىنى،ھەننىۋاسى-
باشقىلارغا ئاخىر تويلۇق چاپان بولدى.


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تىللاسى +30 يىغىش سەۋەبى
qaraxan + 10 --------
Arghu + 10
ئەرتېكىن + 10 بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم.

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-11-22 11:43:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس ھېكمەتلىك شېئىر ئىكەن....رەھمەت.

ۋاقتى: 2013-11-22 11:59:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يانغىن ئىنىمىزنىڭ سەھەردە سۈزۈك تۇيغۇلاردىن بەھىرلەندۈرگىنى قالتىس ئىش بولدى دىسە؟!...

ۋاقتى: 2013-11-22 12:07:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جۇڭگۇ  تارىخىنىڭ شېئىرى تەسۋىرى!

ۋاقتى: 2013-11-22 12:14:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ قېلىپ يېزىۋالاي دەپمۇ يېزىۋالالمىغان ئىدىم. بۈگۈن ئاخىر بۇ ئارزۇيۇمغا يەتتىم. رەھمەت سىزگە!

ۋاقتى: 2013-11-22 13:19:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ بېرىلىپ ئوقۇغان . ئاپام قويلاغا ئوت ئېلىپ كىر دىسە ماقۇل دەپ ئېتىز بېشىدا ئوقۇۋېرىپ كەچ كىرىپ كېتپ، قويلارمۇ ئاچ قېلىپ، مەنمۇ ئاچ قېلىپ، يېرىم كېچىدە نان ئوغۇرلايمەن دەپ، كات ساندۇقنىڭ ئىچىگە سولىنىپ قېلىپ .... ۋاي ۋاي ۋاي شۇ چاغلار....

ۋاقتى: 2013-11-22 16:33:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئۇستاز ، ئوقۇپ ،ئاڭلاپ خۇرسەن بولدۇم .

ۋاقتى: 2013-11-22 16:39:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  بەكلا  ئامراق  بۇ  نەزمىگە.
رەھمەت  يانغىن  ئىنىم.

رۇخسىتىڭىزنى ئالمايلا  باشقا  مۇنبەرگە  يوللاپ قويدۇم.
ئەجرىڭىزگە كۆز  تەگمىسۇن.

ۋاقتى: 2013-11-22 20:16:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىدا مۇزىكىنىڭ ئاۋازى يۇقۇرى بوپ قالدىمۇ قانداق؟

ۋاقتى: 2013-11-22 20:20:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبنۇرى يوللىغان ۋاقتى  2013-11-22 12:07
جۇڭگۇ  تارىخىنىڭ شېئىرى تەسۋىرى!

دۇرۇس...

ۋاقتى: 2013-11-22 20:33:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەر سودىسىدا تىقىلىپ مىليونىر بولغانلار ،
بارغان جايى گۇندىخانا ئەرزەن (كورلىدىكى بىر تۈرمە) بولدى .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-23 01:18:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
psb.jpg

1.jpg





ۋاقتى: 2013-11-23 01:22:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت ئىنىم.

ۋاقتى: 2013-11-23 13:35:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مۇمكىن بولسا، رادىيودا كۈندە بىرەر قېتىم ئاڭلىتىپ تۇرسا دەيمەن.
      

ۋاقتى: 2013-11-24 17:42:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەك ياقتۇرىمەن بۇ شىئىرلارنى،ساقلىۋالدىم .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش