يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: يانغىن

«قىزىل راۋاقتىكى چۈش» رومانىدىكى بىر شېئىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-24 19:00:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن مەزمۇنلۇق شېئىر بۇ!

ۋاقتى: 2013-11-25 17:16:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يوللىنىپتۇ، قەدىمى شىئىر ئىدى ئەمەسمۇ؟!

ۋاقتى: 2014-4-8 14:52:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ سىناپ باقتىم، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا تولىمۇ ياقتۇرۇپ كۆرەتتىم، ئەمما ئۇ چاغلاردا بۇ قەترىلەرنىڭ تېگىگە يېتەلمەيتتىم.

ۋاقتى: 2014-4-8 16:51:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  بەكلا  ئامراق  بۇ  نەزمىگە. رەھمەت  يانغىن  ئىنىم!!!



ۋاقتى: 2015-8-18 23:06:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن بۇ ئىككىلا شىئېرنى  خاتىرەمگە يېزىۋالدىم.يانغىن ئىنىمنىڭ ئەجىرىگە رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-8-18 23:25:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا يەنىلا ‹‹سۇ بويىدا››دىكى نەزمىلەر ئىسىلدەك بىلىنىۋاتىدۇ ؟.

ۋاقتى: 2015-8-19 08:52:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانغىن يوللىغان ۋاقتى  2013-11-23 01:18

ئادەتتە تەرجىمە شېئىر ئەسلى شېئىردا ئىشلىتىلگەن تىلنىڭ پاساھىتىنى خېلى سالماقتا يوقاتقان بولىدۇ،دېيىشىدۇ.ئەمما ،ھۆرمەتلىك رەھىم قاسىمدەك شائىر تەرجىمانلىرىمىز تەرجىمە قىلغان ئەي چىڭ شېئىرلىرى بولامدۇ،مانا بۇنداق كىلاسسىك شېئىرلار بولامدۇ،خۇددى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغاندەك راۋان،پاساھەتلىك  تەرجىمىسى ئارقىلىق
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى، ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئانا تىل ۋە باشقا تىللار قابىلىيىتىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

ۋاقتى: 2015-8-19 11:09:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى كۆرمەپتىكەنمەن. ھازىر كۆرۈپ يەنە بىر قېتىم ھاياجانلاندىم. ئالدىنقى بەتتىكى يانغىن يوللىغان رەسىملىك شېئىرنى ئەينى ۋاقتتا مەن يازغان ئىدىم (ئەلكۈيىدىكى تور نامىم «خان»). ئوقۇرمەنلەر ئۇ شېئىرىمنى تاغتۇرا دەپ بىلگەي.

ۋاقتى: 2015-8-19 11:14:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://bbs.alkuyi.com/thread-18057-1-1.html


«قىزىل راۋاقتىكى چۈش» ناملىق رومان ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ مۇۋەپىقىيەتلىرى بىلەن ئەدەبىيات ساھەسىنى ۋە تېلېۋىزىيە ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان ئىدى. بۇنىڭدىن بىز ئۇيغۇرلارمۇ مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە. بولۇپمۇ بۇ رومان بىلەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تەرجىمىسىدىكى پاساھەت ھازىرمۇ ئەقلىمىزنى لال قىلىدۇ. بەلكىم بۇ تەرجىمىلەر ئىچىدە ۋە ياكى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن يېرىنى شۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تۈگەللىمىسىدىكى ئابدۇقەييۇم ئىمىن ئوقۇغان (好了歌 بۇنى قانداق تەرجىمە قىلدىكىن بىلمىدىم) دېگەن شىئېر دېسەك مېنىڭچە خاتا بولماس. بۇ شىئېرنىڭ تەرجىمىسىدىكى پاساھەت ۋە بالاغەت تەرجىماننىڭ تولىمۇ ئىستىداتلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ. مېنىڭچە بۇنداق ئېسىل تەرجىمە قىلىنغان شىئېرلار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.
مەنمۇ ئۆزۈمنى چاغلىماي بۇ شىئېرنى قايتا تەقلىد قىلىپ يېزىپ باقتىم. مېنىڭ يازغىنىم پەقەتلا تەقلىد نۇسخىسى بولۇپ، تەرجىمىسىمۇ ئەمەس، قايتا ئىجادىيەتمۇ ئەمەس. ئابدۇكېرەم ئابلېزنىڭ گېپى بويىچە «قاپىيە ئويناپ قويدۇم.» بۇ خۇددى غازى ئەمەتنىڭ مۇقام ناملىق رەسىمىنى سۈرەتكە تارتىۋالغاندەكلا ئىش. ئەسلى ئەسەر بىباھادۇر. تەقلىد نۇسخىسى بولسا شاكالنىڭ ئورنىدا. تورداشلارنىڭ ئەسلى ئەسەرگە سېلىشتۇرۇپ تەنقىدىي نۇقتىدا باھا بېرىشىنى سورايمەن.
ئەسكەرتىش: تەنقىدنى قارشى ئالىمەن.


ئۇيغۇرچە (ئەسلى تەرجىمە)
ئۆز ۋاقتىدا بەگ غوجاملار تولغان ساراي،
غۇربەت بېسىپ، قۇرۇق سۆلەت دالان بولدى
بىر چاغلاردا بەزمە، مەشرەپ قاينىغان جاي،
گۈللەر توزۇپ، دەل - دەرەخلەر خازان بولدى.
زەر تورۇسقا ئۆمۈچۈكلەر باغلىدى تور،
گۈل پەنجىرلەر ئوت - گىياغا ئاشيان بولدى.
ئۇپا ئەڭلىك، خۇشپۇراقنىڭ نە ھاجىتى؟
قىراۋ قوندى، چاچقا قېرىلىق ئايان بولدى.
كېچە تۇپراق ئارا كىرسە مۇردا، بۈگۈن __
ئاشىق مەشۇق ھۇجرا ئارا پىنھان بولدى.
ساندۇق ساندۇق ئالتۇن كۈمۈش ساقلىغانلار،
كۆز ئاچقىچە گادايلىشىپ ۋەيران بولدى.
ئۆمرى قىسقا دەپ ئۆزگىدىن ئاھ ئۇرغانلار،
كېلىپ ئۆزى ئۇ ئالەمگە راۋان بولدى.
ئاتىسىدىن قاتتىق تەنبىھ ئالغان زاتلار،
ئېھتىمالىم قىلمىشلىرى ئەسيان بولدى.
بايۋەتچىدىن ئۆزىگە جور ئىزدىگەنلەر،
تاپقان جايى خۈنۈك چالا مەيدان بولدى.
تاجىسىنى كىچىك كۆرۈپ كەيمىگەنلەر،
كىيىپ قوۋۇق ياتقان يېرى زىندان بولدى.
ئاخشام تېخى جۇل جۇل توندىن غىڭشىغانغا،
بۈگۈن بەگلىك چاپىنىمۇ يامان بولدى.
بىرى تەختتىن چۈشسە يەنە بىرى چىقتى،
ئاقىۋەتتە ماڭا يات يۇرت ماكان بولدى.
قويغىنە بۇ ئەپسانىنى، ھەننىۋاسى __
باشقىلارغا ئاخىر تويلۇق چاپان بولدى.


ئۇيغۇرچە (زەينۇللا ھەققۇللا)
بەگلەر كېتىپ، شۇ ئىمارەت، شۇ سارايدىن،
چاشقانلارغا قەسىر، ماكان__كامار قالدى.
ئىچىپ شەربەت، قىزىپ ئىشرەت، قۇرۇپ بەزمە،
سېسىپ شەھۋەت، خازان بولغان باغلار قالدى.
نېلۇپەرنىڭ يېشى قانچە سورىما بەس،
پىشايۋاندا مۇڭلار تۆكۈپ چىلتار قالدى.
خېرىدارسىز زىبالىقنىڭ نە كېرىكى؟
زۇلمەت بېسىپ، كۈلۈپ ئاتقان تاڭلار قالدى.
جۈپ ئۆردەكلەر كەتتى قايان، سوراي كىمدىن؟
مەشۇق كەتتى، ئەمدى كىمگە نىگار قالدى؟
ئالتۇن-كۈمۈش باقى ئەمەس، يۈتتى ئۈنسىز،
ئىڭىل مەينەت، ئۆيدە ئەخلەت چاۋار قالدى.
ئۆتەر يىللار، ئاتار تاڭلار، ئۆمۈر سۇدەك،
كېتىپ ھەممە، نام نىشانسىز مازار قالدى.
ئەي خالايىق، تۇردى كىملەر ئىبادەتتە،
جاھان تەتۈر، ئۆلدى مۆمىن، گۆركار قالدى.
ۋادەرىخا، گۈلگە قازدىڭ نىچۈن لەھەت؟
گۈللەر توزۇپ، بۇلبۇل يىغلاپ زار-زار قالدى.
ئەمەل ساتقان ئەمەل ئالدى، تويمىدى ھېچ،
ماكان باققان زامان باقماي، خار زار قالدى.
زىمىستانغا قىلىپ غەۋغا، تىترەر جانلار،
يىرتىلدى تون، مۇزلىدى تەن، باھار قالدى.
تاجى دۆلەت كىمدە تۇرماس، بۇھەقىقەت،
ئۆچتى شۆھرەت، ئەمدى لەنەت دىشۋار قالدى.
قويغىنە بۇ ئەپسانىنى، ھەممىسىدىن __
باشقىلارغا ئاخىر تويلۇق تاۋار قالدى.


陋室空堂,
当年笏满床;
衰草枯杨,
曾为歌舞场;
蛛丝儿结满雕梁,
绿纱今又在蓬窗上。
说甚么脂正浓、粉正香,
如何两鬓又成霜?
昨日黄土陇头埋白骨,
今宵红绡帐底卧鸳鸯。
金满箱,银满箱,
转眼乞丐人皆谤。
正叹他人命不长,
那知自己归来丧?
训有方,
保不定日后作强梁。
择膏梁,
谁承望流落在烟花巷!
因嫌纱帽小,
致使锁枷扛;
昨怜破袄寒,
今嫌紫蟒长。
乱烘烘你方唱罢我登场,
反认他乡是故乡。
甚荒唐,
到头来都是为他人作嫁衣裳。

ۋاقتى: 2015-8-19 23:53:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەينۇللانىڭ ھازىرقى زامان «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» مۇ ،ياخشى چىقىپتۇ. كىمدىن قالمايدۇ بۇ-جاھان دىگەننى، قاتتىق ئويلاپ، سالماقلىق بىلەن ياشىشىمىز كېرەككەن.

ۋاقتى: 2015-12-23 12:37:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدەپ- ئىزدەپ ئاخىر تاپتىم!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش