11-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن چاقىلىق ناھىيە "كروران" كېنو - تىياتىرخانىسىدا مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تېمىسىدا مەخسۇس لىكسىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. لېكسىيەنى شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئاتاقلىق كومپۇزىتور ياسىن موخپۇل بىلەن شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتۇرى، يازغۇچى ئابلەھەت ئابدۇرېشىت بەرقى سۆزلىدى. چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى كۈرەش يۈسۈپ لېكسىيەگە رىياسەتچىلىك قىلدى. چاقىلىق ناھىيەسىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ ساھەلىرىدىن بولۇپ 400دىن ئارتۇق كىشى لېكسىيە ئاڭلاش پائالىيىتىگە قاتناشتى.