«نىيۇيورگ ۋاقىت گېزىتى» بارازلىق كىتاپ رەت تەرتىپىدىكى چولپان ــ «ئاچلىق ئويۇنى»$ Q6 T8 `- O/ O) Y
* q% j3 p" V( g# z* A* A! E" P6 J
1 g f3 V' o) a* r: b" V8 s- h# T
6 h/ L+ Q& x( C) ^! d- q) i
5 j0 T4 j7 \5 I, L9 N$ }/ l, H4 V3 cمەزكۇر كىتاپ، ئامىرىكىلىق بازارلىق كىتاپ يازغۇچىسى سۇزان كېرنىس يازغان «ئاچلىق ئويۇنى» ناملىق تىرىلوگىيەنىڭ 1- تومى بولۇپ، ئۇ نەشر قىلىنىش بىلەنلا «نىيۇيورگ ۋاقىت گېزىتى»، «بۈگۈنكى ئامىرىكا گېزىتى»، «نەشرياتچىلار ھەپتىلىك ژۇرنىلى»،«ئامازون تور كىتاپخانىسى»، «ئامىرىكا مۇستەقىللىق كىتاپخانىسى» قاتارلىقلارنىڭ رەت تەرتىپىدە 66 ھەپتىگىچە 1-ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن.39 دۆلەتكە نەشر ھوقۇقى سېتىلغان. ئامازون «ئەڭ ياخشى كىتاپ»، «نەشرياتچىلار ھەپتىلىك ژۇرنىلى» ياش ـ ئۆسمۈرلەر تۈرى بويىچە «ئەڭ ياخشى كىتاپ»، ئامىرىكا كۇتۇپخانىچىلار جەمىئىيىتى «ئون ياخشى كىتاپ» ۋە Cybils ياش ـ ئۆسمۈرلەر سېھرىي، ئىلمىي فانتانىزىيە رومانى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
0 b1 R! O3 p" u) L ~ روماننىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق باشلىنىدۇ: كەلگۈسى شىمالى ئامىرىكا قىتئەسىدىكى نامرات ۋە قالايمىقان «قىسىلچاق رايۇن»دا تولىمۇ نامىرات ھەم غۇرىۋانە بىر توپ كىشىلەر ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كېتنىس ئىسىملىك 16 ياشلىق بىر قىز بار بولۇپ، ئۇ ئانىسى ۋە سىڭلىسىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن دوستى گېرىل بىلەن چەكلەنگەن «12-رايۇن»غا ئوۋ ئوۋلاشقا بارىدۇ. شۇ كۈنى ئۇ ئورمانلىقتا ئولجىسىدىن ھوزۇرلىنىپ تۇرغىنىدا، بىرقانچە سائەتتىن كېيىن ئۆز ھاياتىدا غايەت زور بىر ئۆزگۈرۈشنىڭ بولىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايدۇ. تەغدىرنىڭ ئۆزگۈرۈشى بىلەن بۇ بىچارە قىز ھەممە ئادەمنىڭ دىققەت ـ نەزىرىدىكى شەخسكە ئايلىنىدۇ. «74-قېتىملىق ئاچلىق ئويۇنى» ئەنە شۇنىڭدىن باشلىنىدۇ...
6 ]4 A- J$ l6 K% U: g
|