2009-يىلى ئەنگلىيە «بۆك ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تارقىتىلىشتىن ئاۋال، ھېلارى مەنتېلنىڭ نامى دۇنياغا ئانچە تونۇش ئەمەس ئىدى. مۇكاپاتتىن كېيىن ئۇنىڭ نامى پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى. مەنتېل 1952-يىلى ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان. ئالى مەكتەپنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەن. گېزىتخانىدا خىزمەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. كېنو ئوبزۇرچىلىقى، قىسقا ھېكايە ۋە ئەدەبىي خاتىرە يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. 1993-يىلى فىرانسىيە بۇيۇك ئىنقىلاۋى تەسۋىرلەنگەن تۇنجى تارىخى رومانى «بىخەتەر بىر جاي»نى نەشر قىلدۇرغان. 1998-يىلى ئۇ 18-ئەسىردىكى تارىخى شەخس چارلىز ئوبرائىن ھەققىدىكى «گىگانت ئادەم ئوبرائىن»نى نەشر قىلدۇرۇپ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ۋە كېيىنكى ئىجادىيىتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان. 2009-يىلى ئۇ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم تارىخى رومانى ـ «بۆرىلەر زالى» بىلەن ئەنگلىيەدىكى سارا ۋورتىس، A.S بېئىت قاتارلىق داڭلىق يازغۇچىلارنى يېڭىپ، 2009-يىللىق «بۆك ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. ئۇ رومانى ھەققىدە توختىلىپ:«تارىخشۇناسلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش، تەنقىدچىلەرگە قۇسۇر ئىزدەتكۈزۈش، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسەۋۇرىغا ھۆكۈمىرانلىق قىلىش ئۈچۈن بۇ روماننى يازدىم» دەيدۇ. روماننىڭ ئاجايىپلىقى شۇ يەردىكى مەنتېل ھازىرقى زامان ھېكايىچىلىقى ئۇسۇلى بىلەن 16-ئەسىردىكى ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تارىخى ۋەقەلەرنى، ئۇششاق تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىنى تەسۋىرلىگەن. مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن بۇ كىتاپ ھەققىدىكى قىزغىنلىق كۈندىن كۈنگە ئۆرلەپ «ئامازون كىتاپ تورى»نىڭ بازارلىق كىتاپلار رەت تەرتىپىنىڭ 2- ئورنىغا چىققان. بۇ رومان، ئوبزورچىلار تەرىپىدىن «ئەقىلغە سىغمىغۇدەك دەرىجىدىكى مۇنەۋۋەر تارىخى رومان»، «تارىخى رومان ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ يېڭى ئۈلگە» دەپ تەرىپلەنگەن.
* u: Y: K. ^8 c+ x+ o; N# h0 p6 J
[/url]
0 I N# F4 `8 F
[url=http://new.xjzjxh.com/upload/2009091410432495025-20111281554080.jpg]
& j& c7 K: j1 q6 Q
. S# [0 n3 t5 c. G8 l5 W2 Z. z0 j7 L3 ?
[url=http://new.xjzjxh.com/upload/人-2011128155847466.jpg][/url]
: r$ |) U) Q0 u2 U خەنزۇچە «تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 1- سانى ۋە «sina تورى»دىن تەييارلاندى.' m8 q8 C) l3 Q, X& b. A
6 X2 E! @5 } _8 a
|