سولژېنىتسىن روسسىيەدە ھەممە ئادەم بىلىدىغان قاھىرمان. «نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نىڭ ساھىبى. 2010-يىلى 6-ئايدا ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك زېھنىنى سەرىپ قىلىپ يازغان ئېپوس خاراكتىرلىك بۈيۈك ئەسىرى ـ «قىزىل چاق» جاڭسۇ ئەدەبىيات ـ سەنئەت نەشرياتى تەرىپىدىن خەنزۇچە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
كىتاپ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىش بىلەنلا ئەدەبىيات، ئوبزور ساھەسىدىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى ۋە «2010-يىلىدىكى ئەڭ سالماقلىق، ساقلىنىش قىممىتىگە ئىگە دۇنياۋى كىلاسسىك ئەسەر» دەپ تەرىپلەندى. سولژېنىتسىن تەرىپىدىن «ئۆتمۈش بايانلىرى» دىيىلگەن بۇ ئەسەر ـ بۈگۈنكى دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ھەجىمى غايەت زور، قىسىملىرى زىيادە كۆپ، تارىخى ۋەقەلەرنىڭ بايان قىلىنىش مۇساپىسى ئۇزۇن، يۈرۈشلۈك رومان بولۇپ، ئۇنىڭدا 1914-يىلىدىكى 1-دۇنيا ئۇرۇشى،ئاپىرىل ئىنقىلاۋى، ئۆكتەبىر ئىنقلىۋى، 1920-يىلىدىكى چەتئەللەرنىڭ سۆۋىت روسسىيەسىگە بولغان مۇداخىلىسى، 1922-يىلىدىكى ماتىرۇسلار توپىلىڭى، 1928-يىلىدىكى سانائەتلىشىش، 1931-يىلىدىكى كولخوزلىشىش دەۋىرلىرى، 1940-1945-يىلىرىدىكى ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى قاتارلىقلار ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ. پۈتۈن رومان 20 توم بولۇپ، ھەر بىر توم 2-4كىچە قىسىملارغا بۆلۈنىدۇ. ھەر بىر قىسىم 400مىڭ خەتتىن700 مىڭ خەتكىچە يېزىلىدۇ.
! r0 P a5 w# r0 B8 D