كۆرۈش: 349|ئىنكاس: 0

ئابدۇرۇسل مۇھەممەد [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 3092
تۆھپە : 236
توردا: 1546
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 21:45:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

untitled.bmp


ئابدۇرۇسل مۇھەممەد ئەلتۇغ 1974-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ مىشا يېزىسى ياغاچچىلار كەنتىدە دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا تاماملىغاندىن كېيىن، 1989-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئومۇمى پەن كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە تەقسىم قىلىنغان. ئىشتىن سىرت ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ  ئۇيغۇر تىل_ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ئالىي تېخنىكۇم ۋە تولۇق كۇرسنى تاماملىغان. ئۇ 2003-يىلى5-ئايدىن باشلاپ مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
     ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 1991-يىلى <<يەكەن گېزىتى>> دە ئېلان قىلىنغان <<تەئەججۈپ>> ناملىق نەسىرىدىن باشلانغان بولۇپ، ئىلگىرى ئاخىرى <<قەشقەر ئەدەبىياتى>>، <<قۇمۇل ئەدەبىياتى>>، <<جوڭگۇ مىللەتلىرى>>، <<شىنجاڭ گېزىتى>>،<<قەشقەر گېزىتى>>،  <<شىنجاڭ مائارىپى>>، <<تارىم غۇنچىلىرى>>،  <<شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى>> ، <<كۈسەن مەدەنىيىتى>> قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا <<قويمىچى>>، <<مۇھەررىر>>،  << خىلۋەتتىكى يارقىن چۈشلەر>> ، <<تاۋۇس ئەللەيىن>>، <<تور>> ،<<خىلۋەتتىكى مەھەللەم>>، <<يۇمىلاق خەرىتە>>ناملىق 200پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە،نەسر، شىئېرلارنى ئېلان قىلدۇرغان. ئەسەرلىرى <<زەرەپشان گۈلزارى>>، <<جەزبىدار گۈلدەستىلەر>> ناملىق كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن ۋە تەرجىمىھالى تونۇشتۇرۇلغان.ئۇ يەنە خەنزۇ تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ <<كۆۋرۈك>>،  <<ھېلالئاي>>، <<رەسىم تېرىش>>،  << سۈيقەست>>، <<كىچىك بېكەتتىكى ناخشا ساداسى>> قاتارلىق ھېكايىلارنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ <<ئەدەبىي تەرجىمىلەر>>، <<ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى>>، <<ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى>> قاتارلىقلاردا ئېلان قىلدۇرغان.ئۇ تەرجىمە قىلغان <<مەكتەپكە بېرىش يولىدا>>  ناملىق تېلېۋېزىيە ھېكايە فېلىمى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، يەكەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن تارقىتىلىپ  كۆرۈرمەنلەرنىڭ  ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
    ئۇ يەنە ئىزچىل تۈردە مائارىپ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ <<شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى>>، <<پەن ۋە تۇرمۇش >> ژۇرنىلى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا  <<دەرسلىك يۇمشاق دېتالى لايىھىلەش ۋە ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتا>>، <<ئۇيغۇرلارنىڭ  ئاشلىق، مېۋە_چېۋە ساقلاشتىكى ئەنئەنىۋىي ئۇسۇللىرى>> ،  <<تىل_ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى باھالاشنىڭ خاس ئۆلچىمىنى بېكىتىش كېرەك>> قاتارلىق  ماقالىلارنى ئېلان قىلغان. <<ئەخلاق تەربىيەنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك>> ناملىق ماقالىسى <<شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى>> تەرىپىدىن <<مۇنەۋۋەر ماقالە>> ، <<تىل_ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى باھالاشنىڭ خاس ئۆلچىمىنى بېكىتىش كېرەك>> ناملىق ئىلمىي ماقالىسى قەشقەر ۋېلايەتلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات جەمئىيىتى تەرىپىدىن  1-دەرىجىگە ئېرىشكەن.
   ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى،  يەكەن ناھىيىلىك ئەدەبىيات_سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،  يەكەن ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش