كەل دىگەندە يېنىڭغا بارالمىدىم، رەنجىمە،
سېنىڭ ئەجەپ رايىڭغا باقالمىدىم ، رەنجىمە.
ئىللققىنە مېھرىڭگە تەشنا ئىدىم دېگەنتىڭ،
تەبەسسۇمدا بىر بېقىپ قارالمىدىم رەنجىمە.
مېنى سۆيۈپ دىلىڭدىن بەرگەنىدىڭ سۆيگۈڭنى،
مەن ئەجەپكى سەن تامان ئاتالمىدىم رەنجىمە.
كەلگىنىڭدە يېنىمغا قەلبىڭ ئازار يىگەندە،
تەسەللى قىپ كۆڭلۈڭنى ئالالمىدىم ، رەنجىمە.
ۋەدىلەرنى بەرگەنتىم ئاشۇ ئىللىق خانەڭدە،
شۇ ۋەدەمدە ئەي... ئېسىت... تورالمىدىم ، رەنجىمە.
چىن ۋاپادار يار بىلىپ سۆيگەن ئىدىڭ سەن مېنى.
شۇ ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلەلمىدىم رەنجىمە.
ئايرىلمىغىن مەڭگۈ دەپ ئۆتۈنگەنتىڭ مېنىڭدىن،
سېنىڭ نازۇك قەلبىڭگە ئازاپ سالدىم ، رەنجىمە.
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى
3
ئال قولۇڭغا رومكىنى شوخ ئىچەيلى كەل دەيدۇ،
قىززىسۇن سورۇن بۈگۈن رەت تۈزەيلى كەل دەيدۇ.
ئەر دىمەسمەن ئىچمىگەن ، شوخلاپ تازا كۈلمىگەن،
ئەركەك يۈزىنى تۆكمىگىن ھۇزۇر سۈرەيلى كەل دەيدۇ.
ئۈلپەتداشلار بىر بولۇپ ، قۇيغىن رومكىنى تولدۇرۇپ،
چىلاشقۇچە ئىچىپ راسا دەرت تۆكەيلى دەل دەيدۇ.
ئاتاڭ ئۆلسۈن ، ئاناڭ ئۆلسۇن بولسىمۇ بۈگۈن ماتەم،
تۇرۇپ تۇرسۇن ئۇلار چەتتە شاد كۆلەيلى كەل دەيدۇ.
ئېچىپ قانغۇچە مەينى ئەسلىمىزنى تامان ئۇنتۇپ،
تاپقۇسى كۆڭۈل تەسكىن بىردەم كۆلەيلى كەل دەيدۇ.
ئۆيۈڭنى ئويلىما بولدى ، خوتۇننى ئەسلىمە بولدى،
تاشلىۋەت بالاڭنى ھەم ئۇنۇت قاينايلى كەل دەيدۇ.
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى