كۆرۈش: 296|ئىنكاس: 0

ئەركىن داۋۇت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2885
تۆھپە : 236
توردا: 1531
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-26

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 21:25:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

untitled.bmp


ئەركىن داۋۇت ئوغۇز 1960-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى قاغىلىق ناھىسىنىڭ چوپان يېزىسىدا خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1978-يىلى خوتەن ئالىي پىداگوگىكا تېخنىكومىنىڭ  تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن،1982-يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ شۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.1982-يىلى 9-ئايدىن 1983-يىلى 7-ئايغىچە شاڭخەي پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتېتىدا «يېزىقچىلىق»،«ئىستېتىكا» پەنلىرى بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلغان.1994-يىلدىن 1996-يىلغىچە شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ چوڭلار مائارىپى ئىنىستېتوتىدا ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى بويىچە ئۆرلەپ ئوقۇغان.2007-يىلى 3-ئايدىن 7-ئايغىچە شاڭخەي پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېلىلوگىيە ئىنىستېتوتىدا ۋەزىپە بىلەن چېنىققان.
    ئەركىن داۋۇت ئوغۇز ھازىرغىچە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا «سوغۇق مۇئامىلىگە دۇچ كېلىۋاتقان شېئىريەت ئىجادىيىتى»،«تەسەۋۇرنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەتتىكى رولى ھەققىدە»،<<يېزىقچىلىق ئوقۇتۇشى ۋە ئۇنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدا مۇلاھىزە»،«ئانا ۋە ئەللەي ناخشىسى»،««ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئوقۇتۇشىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدا»،«گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇشى ۋە ئۇنى ئىسلاھ قىلىش»،ئۇيغۇر ئۇسۇل سەنئىتىدە ساقلىنىۋاتقان بىرقانچە مەسىلە»،«كۈزۈتۈش ۋە كۈزۈتۇشنىڭ بىرقانچە خىل ئۇسۇللىرى»،«ئۇيغۇر بالىلار قوشىقى-يېڭىلتماق»،«ئۇيغۇر بالىلار شېئىرلىرىدىكى گۈزەللىك قارىشى»،«ئۇيغۇر بالىلار قوشىقى-يېڭىلتماق»،«ئەدەبى ئەسەرلەردىكى ھېسسىيات ۋە ھېسسىيات ئىستېتىكىلىقى》قاتارلىق 85پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ،نەزەرىيىۋى ماقالىلىرىنى ئىلان قىلىنغان.«ئەمەلى يېزىقچىلىق»،(قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى )،«ماقالە ئەسەر يېزىقچىلىقى»،(شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى )،«ئىلان،ئۇچۇر يېزىقچىلىقى»،(قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى)«بالىلار ئەدەبىياتى نەزەرىيىسى»(شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى)،«بايان خاراكتېرلىك ماقالە-ئەسەر يېزىقچىلىقى»(خوتەن ئالىي فىداگوگىكا تېخنىكومى پەن-تەتقىقات ئىشخانىسى )قاتارلىق ئىلمى كىتاپلىرى نەشر قىلىنغان. «ئويناق كۆزلەر»،(قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى)،«مەن زېمىننىڭ ئەركە بالىسى»،(شىنجاڭ خەلق نەشىتياتى)، «ئوتلۇق بالامەن》قاتارلىق ئەدەبىي توپلاملىرى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. بىر قىسىم تاللانغان شېئىرلىرى«جانان بىلەن ئېيىتقان ناخشىلار》،«خوتەندە راۋان يوللار»،«ئانا يۇرت سۆيگۈسى»،»يول راۋان ،ئەل شادىمان》،«ئاھ،نۇرلۇق ئابىدىلەر»قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
     ئۇنىڭ«ئىلان ـ ئۇچۇر يېزىقچىلىقى»مەخشۇس تىمىلىق ئىلمى كىتابى 2005-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ئىجتىمائى پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا «مۇنەۋەر ئىلمى ئەسەر» دەپ باھالىنىپ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان . خوتەن ئالىي فىداگوگىكا تېخنىكومى 2001-يىلى «يېزىقچىلىق ئوقۇتۇشى ۋە ئۇنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدا»2000-يىلى قەشقەر ئەدەبىياتى تەرىپىدىن«چىنلىق ۋە شېئىر》ناملىق ئىلمى ماقالىلىرى مۇكاپاتلانغان. باشقا،ئالتە پاچە ئەدەبى ئەسىرى ھەر دەرىجىلىك ئەدەبى،ئونىۋېرسال ژورناللار تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان. تەرجمىھالى «جۇڭخۇ ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ شەرەپلىك تارىخى»،«جۇڭگۇ مەدەنىيەت ئامبىرى»،«جۇڭگۇدىكى مەشھور كىشىلەر قامۇسى»غا كىرگۈزۈلگەن.
   ئۇ ھازىر شىنجاڭ يېزىقچىلىق ئىلمى جەمئىيىتى،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى،خوتەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش