كۆرۈش: 376|ئىنكاس: 0

ئابدۇرېىھم ئابدۇللا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2885
تۆھپە : 236
توردا: 1531
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-26

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 21:22:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئابدۇرېىھم ئابدۇللا 1954-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۇنى ئاقسۇ كەلپىن ناھيىسىدە تۇغۇلغان. 1968-يىلغىچە كەلپىن ناھيىسىدە باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئورتا مەكتەپلەردە ئوقۇغان.   1979-يىلى شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتنىڭ جۇڭگۇ تىل ئەدەبىيات فاكولتىتىغا قۇبۇل قىلىنغان. 1984-يىلى ئونۋېرسىتىتىكى ئوقۇشىنى باكلاۋىرلىق ئونىۋانى بىلەن پۈتتۈرۈپ شۇ يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۈن –سىن نەشىرىياتىغا تەقسىم قىلنغان. ھازىرغىچە مەزكۇر نەشىرياتنىڭ ئەدەبىيات مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەۋتىدۇ.
    ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى  1978-يىلى«ئاقسۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان«كۆردۈم» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان.   ھازىرغىچە ئۇنىڭ «يېڭى ھايات»، «كەچۈر ئانا»، «پۇلغا يىزىلغان خەت» قاتارلىق 15 پارچە ھىكايىسى، «ھايات سىنىقى»، «داۋانلىق يوللار» قاتارلىق 3 پارچە پوۋسىتى، «سىنى ئەسلەيمەن»، «سۈرەتتىكى مۇقام»، «جاھالەتتىن كامالەتكە» قاتارلىق 5 پارچە ئۇچىرىكى، «تۆمۈرچى دۇكىنىدىن ياڭرىغان ئاۋاز»، «سۇنۇق قېلىچ»، «ئۈمۈد ھەققىدە ناخشا»، «ئاھ، ئاتىلار» قاتارلىق 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئاپتۇنۈم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى گېىزىت ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن سىرىت ئاپتۇرنىڭ سىنارىيەسىنى ئۆزى يېزىپ ئۆزى رىژىسورلۇق قىلىپ ئىشلىگەن «كەچۈر ئانا»، «ئامەت ۋە قىيامەت»، «باياۋاندىكى پادىشاھ» قاتارلىق تېلېۋزىيە فىلىملىرى نەشىر قىلىنىپ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۇشكەن. ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ «كەچۈر ئانا»، «ئانام يەلكەمدە»، «سېىنى ئەسلەيمەن» قاتارلىق ھىكايە، ئۇچىرىكلىرى، «سۇنۇق قېلىچ»، «شۇنداق ۋەتەننىڭ ئوغلى ئىدىم، مەن» ناملىق ئون نەچچە پارچە شېئىرى ئالى مەكتەپ، تولۇق ئورتا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرىسلىرىگە كىرگۇزۈلگەن.
    «داۋانلىق يوللار» ناملىق ھىكايە پوۋسىتلىرى مەركىزى مىللەتلەر نەشىرىياتىدىن، «بويناق» ناملىق پوۋسىتى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىدىن نەشىر قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە «سىېنى ئەسلەيمەن» ناملىق ئۇچىرىكى ئاپتونۈم رايۇنىمىز بويىچە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «بويناق» ناملىق پوۋسىتى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «ئانام يەلكەمدە» ناملىق ھىكايىسى «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، «ئەجداد ۋە ئەۋلاد» ناملىق شېئىرى مەملىكەت بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش