ئۇيغۇر دېڭىزچى-ئەل ئۇقمىش
لى جىنفۇ
غەربىي رايۇندا تۇغۇلغان ئۇيغۇر دېڭىزچى-ئەل ئۇقمىش يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە شەر*قىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەللەرگە بىر نەچچە قېتىم سەپەر قىلغان.ئۇنىڭ دېڭىز سەپىرى جېڭ خېنىڭ<<غەربىي ئوكيان>>(ھازىرقى ھىندى ئوكيان)غا ئەلچىلىككە بېرىشىدىن 100نەچچە يىل ئىلگىرى بۇلۇپ،ئېلىمىزنىڭ دېڭىز سەپىرى تارىخىدا بەلگىلىك ئورۇن تۇتىدۇ.
ئەل ئۇقمىش مىلادى 1272-يىلىدىن مىلادى 1301-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈەن شىزۇ-قۇبلايخاننىڭ يارلىقى بىلەن بارۇب،زىڭگار(بۈگۈنكى سېرىلانا)،مابۇر (بۈگۈنكى ھىندىستاننىڭ شەر*قىي جەنۇبىي قىسمى)،نانۋارى(سۇماترانىڭ غەربى)،سۇماترا قاتارلىق جايلارنى توپتۇغرا 20يىل ئايلىنىپ بولغان.ئۇ يېتىپ بارغانلىكى ئارال دۆلەتلىرىدە قىزغىن كۈتۈۋىلىنغان ھەمدە دوستلۇق يۈزىسىدىن سوۋغات قىلىنغان ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئوردىغا ئېلىپ كەلگەن.
ئۇ 1287-يىلى مابار دۆلىتىگە ئەلچىلىككە بېرىش سەپىرىدە،بوران-چاپقۇنغا ئۇچراپ،كۆپ رىيازەت چەككەن ۋە بىر يىلدىن كېيىن مابارغا يېتىپ بارغان.ئۇ<<شۇ يەرنىڭ ياخشى داۋالاش ئۇسۇلى،دورىسىدىن بەھرىمان بۇلغان يەرلىك خەلق تارتۇق قىلغان سوۋغا-سالامنى قۇبۇل قىلغان،ئۆز پۇلىغا ئوردىغا كېرەكلىك ئېسىل ياغاچ ماتىريالى سېتىۋالغان>>(<<يۈەن سۇلالىسى تارىخى>>131-جىلىد).يۈەن شىزۇ-قۇبلايخان ئەل ئۇقمىشنىڭ كۆپ قېتىم دېڭىز سەپىرى قىلىپ كۆپ رىيازەت چەككەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ،ئۇنىڭغا مەرۋايىت كۆزلۈك كەمەر ئىنئام قىلغان ھەمدە دىيانەتلىك بەگ،جىياڭ خۇەي دىۋان ۋازرىتىنىڭ سول قول ۋەزىرى،خىڭچۈن مەھكىمىسىنىڭ تۆرىسى قاتارلىق مەنسەپلەرنى بەرگەن.1292-يىلى قۇبلايخان ئۇنى يەنە ئوردىغا چاقىرغاندا،ئەل ئۇقمىش ئۆزىدىكى بارلىق قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى پادىشاھقا تەقدىم قىلغان.ئۇزاق ئۆتمەي،ئەل ئۇقمىش شىبى،گاۋشىنلار بىلەن بىللە دىۋان مۇئەككەلىكىگە تەيىنلەنگەن،ئۇلار قۇشۇن باشلاپ جەنچىڭ شەھىرى (بۈگۈنكى ۋېيتنامنىڭ جەنۇبىي قىسمى)نى ئىشغال قىلغان.پادىشاھ شىبىنى ئۇمۇمىي ھەربىي ئىشلارغا،ئەل ئۇقمۇشنى دېڭىز يولى ئىشلىرىغا سەردار قىلىپ تەيىنلىگەن.بۇنىڭدىن ئەينى چاغدا ئەل ئۇقمىشنىڭ شەر*قىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ دېڭىز يوللىرىنى پىشىق بىلىدىغان دېڭىزچى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ.كېيىن ئۇ يەنە سۇرۇنچىن ئامبال،دىۋان مۇئەككىلى،ئاقىل-ئۆلىمالار مەھكىمىسىنىڭ ئەلچى بېگى قاتارلىق مەنسەپلەردە بولغان،يۈەن سۇلالىسىنىڭ رېنزۇڭ خانى <<ئۇنى يىراق جايلارغا كۆپ قېتىم ئەلچىلىككە بېرىپ زىيازەت چەككەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ،ئۇنىڭغا ۋۇ گوگۇڭ دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن>>.ئۇ ئەل ئۇقمىشنىڭ ئەينى چاغدا يۇقىرى ئابرۇي ۋە ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئابلەت نۇردۇن تەرجىمىسى
مەنبە:-جاھاننامە دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.