- UID
- 11
- ھوقۇقى
- 255
- ھەقىقىي ئىسمى
- ئەيبۇ ياقۇپ
- يازما
- 657
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 3711
- تىزىملاتقان
- 2012-3-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-7
- توردا
- 1390 سائەت
|
|
|
|
|
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 7-نۆۋەتلىك 5-قېتىملىق ھەيئەتلەر ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى «كوئىنلۇن مېھمانسارىيى»دا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 7-نۆۋەتلىك 5-قېتىملىق ھەيئەتلەر ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى.چۈشتىن ئاۋالقى يىغىنغا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت رىياسەت ئەزالىرى، ھەيئەت ئەزالىرى ۋە ئورگاندىكى خىزمەتچى خادىملاردىن بولۇپ 40 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىنغا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان رىياسەتچىلىك قىلدى. يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى دوڭ لىبو ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھەيئەتلەر ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلەر ھەققىدە دوكىلات بەردى. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن غەيرەت ئاسىم،ليۇ لىياڭچېڭ،ئېركېش قۇرمانبەك،مەمبەت تۇردى، موڭغۇلچە «چولپان» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بايىن باتۇ، يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەدەبىي تەرجىمانلار شۆبە جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى دىلمۇرات تەلئەت قاتارلىقلار ئالدىنقى يىللاردىكى ئۇيغۇر،خەنزۇ، قازاق، قىرغىز،موڭغۇل ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىي تەرجىمە خىزمەتلىرى ھەققىدە چۈشەنچە دوكىلاتى بېرىپ ئوتتى.
ئاخىرىدا رەئىس ئازات سۇلتان يېقىندا ئېچىلغان جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھەيئەتلەر ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.
چۈشتىن كېيىن يىغىن قاتناشچىلىرى، شىنجاڭ ئەدەبىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەرەققى قىلدۇرۇش،يېقىنكى يىللاردىن بۇيانقى يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرى،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بۇ يىل يولغا قويۇلىدىغان «توختاملىق يازغۇچى تەكلىپ قىلىش» تۈزۈمىنىڭ ئومۇمىي لاھىيەسى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ – كۇشادە پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرغا قويدى.
چۈشتىن كېيىنكى يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن قاتناشتى ۋە ئاخىرىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
|
|
|
|
|
|
|