كۆرۈش: 557|ئىنكاس: 13

ياڭ زېڭشىننىڭ «خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش» سىياسىتى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1897
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5605
تۆھپە : 10
توردا: 541
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 18:19:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
    ياڭ زېڭشىننىڭ «خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش» سىياسىتى توغرىسىدا
                  
                                  نۇربىيە ئوسمان

     ( شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى تارىخ فاكۇلتېتى 2009-يىللىق ماگىستىرانتى)

摘 要] 杨增新统治新疆的17年,为了保持和巩固自己的专制政权,他推行闭关自守和愚民政策,所以在他主政时期,新疆的教育不仅没有发展,而且日益倒退。本文主要论述杨增新推行的愚民政策对新疆教育事业发展产生影响的一些表现                                                                              
关键词] 杨增信;新疆;闭关自守和愚民政策;教育      

ياڭ زېڭشىننىڭ پۈتۈن شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن باشلانغان بولۇپ، شىنجاڭدا 1912-يىلدىن 1928-يىلىغىچە مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. ئەينى ۋاقىتتا، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا گېلاۋخۇي①(哥老会)لارنىڭ ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان بولۇپ، ھەر ۋاقىت يۈەن داخۇانىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت سىلكىپ تۇراتتى. يۈەن داخۇا گەرچە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تېلېگراممىسىغا بويسۇنۇپ شىنجاڭ ئىلى باش تۇتۇق مەھكىمىسى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارسىمۇ، لېكىن ئۇ شىنجاڭدىكى گېلاۋخۇيچىلارنىڭ ئۆزىگە قەست قىلىشىدىن قورقۇپ، تېزدىن يۇرتىغا كېتىۋېلىشقا ئالدىرىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئەسلىدىكى قەشقەر مۇپەتتىشى يۈەن خۇڭسىنى شىنجاڭنىڭ تۇتۇقلىقىغا كۆرسەتتى. نەتىجىدە، يۈەن خۇڭسى ئۆلتۈرۈلدى، ئۇ ئامالسىز مەركىزىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە ياڭ زېڭشىننى «تۇتۇق، قوشۇمچە پەرمانبەردار»لىققا تەيىنلەشنى تەلەپ قىلىپ تېلېگرامما يوللىدى. يۈەن شىكەي يۈەن داخۇانىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مىنگونىڭ بىرىنچى يىلى (1912) 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ياڭ زېڭشىننى شىنجاڭنىڭ تۇتۇقلىقىغا تەيىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ تارىخى ياڭ زېڭشىننىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىگە كىرىشكە باشلىدى.
ياڭ زېڭشىن (1864-1928)، تەخەللۇسى دىڭ چېن، يۈننەن مېڭزى ناھىيەسىنىڭ موبېي كەنتىدىن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ تۇڭجى 3-يىلى (1864) 3-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇغۇلغان، مىنگونىڭ 17-يىلى (1928) 7-ئاينىڭ 7-كۈنى 64 يېشىدا ئۆلگەن. ياڭ زېڭشىن بالا ۋاقتىدىن باشلاپلا «تۆت كىتاب، بەش دەستۇر» نى ئوقۇپ، گۇاڭشۈنىڭ 14-يىلى (1888) ئەمەلدارلىققا ئىمتىھان بەرگەن، 1889-يىلى تەشرىپدارلىققا ئۆتكەن. گەنسۇدا ئامبال، ئايماقدار، مۇپەتتىش، مائارىپ ياساۋۇلى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1907-يىلى شىنجاڭ ۋاسسالبېگى ۋاڭ شۈنەننىڭ كۆرسىتىشى بىلەن شىنجاڭ باش مۇپەتتىشى ليەن كۈيزۇ تەرىپىدىن شىنجاڭغا يۆتكەپ كېلىنىپ، ۋالىي نائىبى سۈپىتىدە قالدۇرۇلغان، قۇرۇقلۇق ئارمىيە شۆتاڭىدا نازارەتچى ئامبال، ۋالىي، تەربىيەلەش ئورنىدا كېڭەش ئەمەلدارى بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي پايتەختكە چاقىرىلىپ، سىشى تەيخۇ بىلەن گۇاڭشۈ(1871-1908) نىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن②. ئۇ پايتەختتىن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەنى 1907-يىلى 7-ئايدا ئاقسۇ مۇپەتتىشى بولغان. 1911-يىلى 4-ئايدا بارىكۆل ــ ئۈرۈمچى باسقاقبېگى، قوشۇمچە تەپتىش ئەمەلدارى بولۇپ يۆتكەلگەن. 1912-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، تۇتۇق بولغان. 7-ئايدا ئىلى ئىنقىلاب پارتىيەسىدىكىلەر بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، 1913-يىلى تۇرپان، قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى قوشۇنىنى پارچىلىغان. ئوچۇق تېلېگرامما ئېلان قىلىپ، يۈەن شىكەينىڭ پادىشاھ بولۇشىنى قوللىغان. 1918-يىلى كۇچادىكى مەمەت ئېلىخان توپىلىڭىنى باستۇرغان③. 1928-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ھەربىي ۋازارەتنىڭ نازىرى پەن ياۋنەن قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
جۇڭخۇا مىنگونىڭ بۇ تۇتۇقبېگى سېپى ئۆزىدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ قالدۇق ئەمەلدارى بولۇپ، فېئودال بىئوگراتلار سىنىپىغا مەنسۇپ. شۇڭا، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتى ئاساسىي جەھەتتىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى كونا بەنزە بولۇپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارلىرى ساقلاپ قېلىنغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ياڭ زېڭشىننىڭ يۈەن شىكەينىڭ خانلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللىشى مۇقەررەر ئىدى. شىنجاڭدا مۇستەبىتلىك ھاكىممۇتلەقلىقنى يۈرگۈزۈۋاتقان ياڭ زېڭشىن يۈەن شىكەينىڭ پادىشاھ بولۇشىنى ھىمايە قىلىشتەك بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، كاتتىلارنىڭ قولتۇقىغا كىرىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەش كويىدا ئىدى. لېكىن، ياڭ زېڭشىن يۈەن شىكەينىڭ كۈچىنى ۋە يۈەن شىكەينىڭ پادىشاھ بولۇشىنى قوللاشنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى بەك يۇقىرى مۆلچەرلىۋەتكەن. ئۇ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، يۈەن شىكەينىڭ پادىشاھ بولۇشىنى ھىمايە قىلىشتا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرغان. قۇمۇل رايونى يۈننەندىكى يۈەن شىكەينىڭ پادىشاھلىقنى تىرىلدۈرۈش ھەرىكىتىگە ئەڭ بۇرۇن ئاۋاز قوشقان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ياڭ زېڭشىن يۈەن شىكەينىڭ پادىشاھلىقنى تىرىلدۈرۈش سىياسىتى پىلانىغا قارىتا شىنجاڭدا كىم قارشى تۇرسا، شۇنى يوقىتىشنى يولغا قويغان ھەمدە تىغ ئۇچىنى پادىشاھلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنى قوغداش ھەرىكىتىگە ۋە شىنجاڭ خەلقىگە قاراتقان④. پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قارشى تۇرۇشى نەتىجىسىدە، يۈەن شىكەي 1916-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى پادىشاھلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلدى ۋە 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۆلدى، شۇنىڭ بىلەن ياڭ زېڭشىن پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھىمايە قىلىشتەك ھەرىكىتىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى.
مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت سىياسەتلەرنى بەلگىلىدى. مەسىلەن، ھاكىمىيەت ئاپپاراتىنى كۈچەيتىش ۋە كېڭەيتىش، ئارمىيەنى تارقاق باشقۇرۇش ۋە ئەسكەرلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇش سىياسىتى، بېكىنىۋېلىش ۋە خەلقنى نادانلىقتا تۇتۇش سىياسىتى، تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ تىزگىنلەپ باشقۇرۇش سىياسىتى قاتارلىقلارنى يولغا قويدى. بۇ سىياسەتلەر ئىچىدە، بېكىنىۋېلىش ۋە خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتى شىنجاڭنىڭ ئىدىيە، مەدەنىيەت، مائارىپىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەن. تۆۋەندە ياڭ زېڭشىن شىنجاڭدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە يولغا قويغان بېكىنىۋېلىش ۋە خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىمەن:
1. بېكىنىۋېلىش سىياسىتى
ياڭ زېڭشىن شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ئىزچىل تۈرىدە ئۆزىنىڭ مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قىلىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، بېكىنىۋېلىش ۋە خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان. ياڭ زېڭشىننىڭ يولغا قويغان بېكىنىۋېلىش سىياسىتى لاۋزى تەلىماتىدىن كەلگەن. «بېكىنىۋېلىپ تۈزەش»نىڭ بىر يادروسى لاۋزىنىڭ «دۆلەت كىچىك، خەلق ئاز بولسا، باشقۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەن ئىدىيەسىدۇر، ئۇنىڭ ماھىيىتى «بېكىنمىچىلىك» بولۇپ، ئاتالمىش «دۆلەت كىچىك، خەلق ئاز بولسا، بېكىنىۋېلىپ باشقۇرۇشقا ئەپلىك بولىدۇ»دىن ئىبارەت. ياڭ زېڭشىن «دۆلەت چوڭ بولسا، باشقۇرۇش تەس بولىدۇ، دۆلەت كىچىك بولسا، باشقۇرۇش ئاسان بولىدۇ؛ خەلق كۆپ بولسا، باشقۇرۇش تەس بولىدۇ، خەلق ئاز بولسا باشقۇرۇش ئاسان بولىدۇ» دېگەننى قايتا-قايتا تەرغىب قىلىپ «چوڭ دۆلەتلەرنى كىچىك دۆلەتلەرگە پارچىلاش»نى تەشەببۇس قىلدى⑤. ياڭ زېڭشىن بېكىنىۋېلىپ باشقۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشكە قارشى تۇردى. ئۇ: «قوشنا دۆلەتلەر بىر-بىرىگە قارىشىپ، خورازلىرىنىڭ چىللىشى ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ، خەلقلىرى قېرىپ ئۆلگىچە ئۆزئارا بېرىش-كېلىش قىلمىسا، دۆلەتلەر ئۆزئارا تىنچ بولىدۇ، ۋەقە كۆرۈلمەيدۇ. بېرىش-كېلىش بولسا، رىقابەت بولىدۇ، ئالاقە بولمىسا، سىرتقى ئاپەت بولمايدۇ»، «بىر دۆلەت شۇنداق قىلسا، بىر دۆلەت ئامان بولىدۇ، ھەممە دۆلەت شۇنداق قىلسا، ھەممە دۆلەت ئامان بولىدۇ»⑥ دېگەننى تەرغىب قىلدى ھەمدە مۇشۇنداق ئىدىيەسى بولغاچقا، ئۇ ئىلغار تېخنىكىنى كىرگۈزۈشكە تەسىر يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىنى تېگىشلىك تەرەققىي قىلدۇرالمىدى.
ياڭ زېڭشىن «كىچىك دۆلەت، نادان خەلق» بولۇشنى تەرغىب قىلىپ، شىنجاڭنى ئۆزىنى ئۆزى قامدايدىغان جەمئىيەتكە ئايلاندۇرۇش ھەم بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇستەبىتلىك ھاكىممۇتلەق ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان. «بېكىنىۋېلىش» ۋە «نادانلىقتا قالدۇرۇش» سىياسىتى ماھىيەتتە بىر خىل مۇتەئەسسىپلىك، كونىلىقنى تىرىلدۈرۈش پەلسەپىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى كونىلىققا ئېسىلىۋېلىش، قەدىمكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قىلىش، ئىلگىرلەشكە قارشى تۇرۇش. بۇ خىل تەرغىب ئېنىقكى، شىنجاڭنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى توسۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى ئىلغار ھېسابلانغان پەن-تېخنىكىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىگە يول قويمىدى، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنىڭ تەسىرىگە قارىتا، قاتتىق مۇداپىئە ئېلىپ باردى. شۇ سەۋەبتىن، 1919-يىلىدىكى «4-ماي» ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ئىنقىلاب-كۈرەشلەر ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدا مۇئەييەن تەسىر پەيدا قىلالمىغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىدىيە، مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنى تولىمۇ ئارقىدا قالدۇرغان ۋە مۇئەييەن دەرىجىدە چېكىندۈرگەن.
2. «خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش» سىياسىتى
ياڭ زېڭشىن خەلقنىڭ كۆزى ئېچىلىپ كېتىشىدىن قورقۇپ، شىنجاڭدا مەدەنىيەتنى قامال قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. ئۇ شىنجاڭغا تۇتۇق بولغان مەزگىلدە، شىنجاڭنى لاۋزىنىڭ «دانىشمەنلەرنى ئەتىۋارلىماي، نادانلارنى ئەتىۋارلاش» نەزەرىيەسى بىلەن ئىدارە قىلدى⑦. ئۇ لاۋزىنىڭ «نادانلارنى ئەتىۋارلاش» نەزەرىيەسىنى يولغا قويغانلىقى ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت قالاق ھالەتتە تۇرۇش ۋەزىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ياڭ زېڭشىن لاۋزى تەلىماتىغا چوقۇنۇپ، «نادانلىق قىممەتلىك» دېگەن ئىدىيەنى تەرغىب قىلدى، بۇنىڭدىكى مەقسىتى شىنجاڭنى «گومۇشلار دۇنياسى»غا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى بىلىمسىز «ئەڭ قەدىمكى ئادەملەر»گە ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى مىلىتارىست ھاكىمىيتىنى ساقلاپ قىلىش ئىدى. ياڭ زېڭشىن يولغا قويغان خەلقنى نادانلىقتا تۇتۇش سىياسىتىنىڭ تۈپ چىقىش نۇقتىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى «خەت يازالمايدىغان، كىتاب ئوقۇيالمايدىغان» ۋە «نادانلىق، ئويۇن-كۈلكە بىلەنلا ياشايدىغان» «پاراسەتسىز خەلق»قە ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ «بىپەرۋالىق بىلەن باشقۇرۇش»ىنى ئىشقا ئاشۇرۇش⑧.
        ياڭ زېڭشىن «خەلقنى باشقۇرۇشنىڭ تەسلىكى ئۇلارنىڭ ئەقلىنىڭ كۆپلىكىدە» دېگەننى نەزەرىيەۋى ئاساس قىلىپ، «دۆلەتنى ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىدارە قىلىش» تەشەببۇسىغا قارشى چىقتى⑨. دۆلەتنى ئەقىل-پاراسەت بىلەن باشقۇرۇشتا نادانلار يوقىتىلىدىغان بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ ئويغىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نەتىجىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلالمايتتى. بىلىم يۇرتى تەسىس قىلىپ، مەكتەپ ئىچىپ مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش ئەسلىدە «ئادەملەرنى كىتاب ئوقۇپ قائىدە بىلىدىغان قىلىش»نىڭ، ئۇلارنىڭ «ئادەتتىكى بىلىملىرى»نى كۆپەيتىپ، «خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئېچىش»نىڭ ئاساسلىق يولى ئىدى. لېكىن، ياڭ زېڭشىن «ئەقىل-پاراسەتتىن چوڭ ساختىلىق چىقىدۇ» دېگەن تەلىماتتا چىڭ تۇرۇپ، «قانچە ئەقىللىك بولغانلار شۇنچە ساختىپەز بولىدۇ» دېگەن نۇقتىئىنەزەرنى تەرغىب قىلدى. ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشىگە، ئىجتىمائىي ئىسلاھات، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا قارشى تۇردى. ياڭ زېڭشىن «خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش» سىياسىتىنى باشتىن-ئاخىر مائارىپنى يولغا قويۇشنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى قىلغان بولۇپ، ئۇ مەكتەپلەرنى «قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدىغان مەنبە» دەپ قارىغان ۋە «يېڭى ئىدىيە، يېڭى مەدەنىيەتنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىغا تارقىلىپ، ناتوغرا گەپ-سۆز، قوپال قىلىقلار» يۈز بېرىپ، «كەلكۈن سۇ، يىرتقۇچ ھايۋانلار ئاپىتى» كېلىپ چىقىشىدىن قورقتى⑩. ئېنىقكى، ياڭ زېڭشىن يېڭى ئىدىيە، يېڭى مەدەنىيەتنى كەلكۈن سۇ، يىرىتقۇچ ھايۋانغا ئوخشىتىپ، يېڭى ئىدىيە ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىدىن قورققان. مائارىپنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى قوزغىتىشقا قىزىقمىدى. مەكتەپلەردە ئۆتىلىدىغان دەرسلىكلەر يەنىلا «تۆت كىتاب، بەش دەستۇر» تۈرىدىكى نەرسىلەر بولۇپ، بۇرژۇئا دېموكراتىك سىياسىيسى ۋە پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرى ھەققىدىكى دەرسلىكلەر يوق دېيەرلىك ئىدى، بالىلارغا سىڭدۈرۈلگىنى فېئوداللىق ئەخلاق ئىدى.
ياڭ زېڭشىن يولغا قويغان نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتى شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا زور تەسىر كۆرسەتتى.
ئىلگىرى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭنىڭ مالىيەسىگە ھەر يىلى مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە ئىچكىرىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەر ئاجرىتىپ بېرىدىغان مەخسۇس پۇل ۋە ياردەم پۇل تەخمىنەن 3 مىليون سەر ئىدى. بىراق يىخېيۈەن ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئىچكى-تاشقى مالىمانچىلىق سەۋەبىدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتكە بولغان كونتروللۇقىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، مەركەز ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ شىنجاڭغا بېرىدىغان ئىقتىسادىي ياردەم تەمىناتى ئۈزۈلۈپ قالدى. جۇڭخۇا مىنگو دەۋرىگە كەلگەندە، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ياردىمى ئۈزۈلۈپ قالدى، مىنگونىڭ 2-يىلى (1913) دىن باشلاپ مەركىزىي ھۆكۈمەت شىنجاڭغا ھەر يىلى 600 مىڭ يۈەن مالىيە ياردىمى قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئىچكى قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇن قېتىم توختاپ قالغان.
ياڭ زېڭشىن مىنگونىڭ 1-يىلى «ھۆكۈمەتتىن بېرىلىدىغان تەمىنات ئۈزۈلدى، مالىيەدە قىيىنچىلىق كۆرۈلدى» دېگەننى باھانە قىلىپ، شىنجاڭ رۇسچە سىياسىي قانۇن مەكتىپى، ئۆلكىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە پېداگوگىكا مەكتىپىنى بىر-بىرلەپ تاقىۋەتتى⑪، ھەرقايسى ناھىيەلەردىكى يۇقىرى سىنىپلىق، تۆۋەن سىنىپلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەر شۇ چاغدىكى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يول قويمىدى. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، ياڭ زېڭشىن دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت ۋىۋىسكىسىنى كۆتۈرۈۋالغان بولسىمۇ، لېكىن مائارىپ جەھەتتە نۇرغۇن رايونلاردا يەنىلا خۇسۇسىيلار مەكتەپلىرىنى داۋاملىق ساقلاپ قالدى. دەرسلىكلەر بۇرژۇئازىيەنىڭ دېموكراتىك سىياسىتىگە ۋە پەن-مەدەنىيىتىگە دائىر مەزمۇنلار يوق دېيەرلىك بولۇپ، يەنىلا تۆت كىتاب، بەش دەستۇر قاتارلىق فېئودالىزم ئەقىدىلىرى دەرسلىك قىلىندى. ياڭ زېڭشىن «بىر تەرەپتىن بېقىپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇتۇش»نى تەشەببۇس قىلدى ھەمدە ئۆسمۈرلەرنى «ئۆز قېرىنداشلىرىغا ۋاپادار بولۇش» ئەقىدىسى بىلەن تەربىيەلەپ، كەلگۈسىدە ئۇلارنى «يارامسىز»لاردىن قىلىپ قويماي، «جاھاننىڭ ئېپىنى بىلىدىغان» قىلىپ چىقىشقا بۇيرۇدى. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنى بويۇنتۇرۇق دەپ قارىدى، مەكتەپكە كىرىدىغانلار «ناھايىتى ئەتىۋار» بولۇپ كەتتى. جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرى مەكتەپتە ئوقۇشنى خەتەرلىك ئىش دەپ قارىدى. شۇ چاغدىكى «ئوقۇش تۈزۈمى» بويىچە «ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالتە ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ۋاقتى ئوقۇش يېشى» ھېسابلاندى ۋە «مەجبۇرىي مائارىپ» تەربىيەسى ئالىدىغانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. لېكىن، ياڭ زېڭشىننىڭ خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتى تۈپەيلىدىن «ئويغىنىش كېچىككەن»لىكتىن ئوقۇغىلى مەكتەپ يوق، ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆپ قىسمى مەكتەپ سىرتىدا قالدى، كىرەلىگەندىمۇ «10 ياش ئەتراپىغا يەتكەندە» ئاندىن كىرەلىدى.
ياڭ زېڭشىن شىڭشىڭشيا (星星峡) ۋە چېگرادا قاراۋۇلخانا تەسىس قىلىپ، كېرىپ-چىققان كىشىلەرنى، خەت-چەكلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئىچكىرى ۋە چەت ئەلنىڭ بارلىق كىتاب-ژۇرناللىرىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى توستى، شىنجاڭدا كىتابخانا ئېچىشقا يول قويمىدى⑫. ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭدا بىردىنبىر بار بولغان «تەڭرىتاغ گېزىتى» ياڭ زېڭشىننىڭ كانىيىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن كۇڭزىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە كونىلىقنى تىرىلدۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، فېئوداللىق خۇراپاتلىقنى تەرغىب قىلغان.
3. ئادەم ئىشلىتىش سىياسىتى
ياڭ زېڭشىن شىنجاڭدا يولغا قويغان خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەسىرى مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتتىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئىختىساسلىقلار قىس بولۇش تەرەپتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. ياڭ زېڭشىن ئادەم ئىشلىتىشتە «نادانلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ چېچەنلەرنى ئىشلەتمەسلىك» دېگەننى تەشەببۇس قىلدى⑬. ياڭ زېڭشىننىڭ ھاكىمىيەت ئاپپاراتى ئاساسىي جەھەتتىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى كونا بەنزە بولۇپ، كۆپ ساندىكى ئارمىيە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى چىڭ سۇلالىسىدىن قېپقالغان چوڭ-كىچىك ئەمەلدارلار، شىنجاڭ ئىلى باش تۇتۇق مەھكىمىسىدە ئىنقىلابچىلاردىن بىر نەچچىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئىنتايىن ئاز ساندا ئىدى. مۇشۇ ئادەملەر ئىچىدە بەزىسى كونا بىئوگرات، بەزىسى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سانغۇن. ياڭ زېڭشىننىڭ قول ئاستىدىكى چوڭ-كىچىك ئەمەلدارلار توختىماي يەڭگۈشلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدىغىنى يەنىلا بىر نەچچە ئادەم بولغان.
ياڭ زېڭشىن شىنجاڭغا تۇتۇق بولغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدا خۇنەن، خۇبېيلىكلەر (湘楚人) كۆپ ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يېقىنلىرىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ، يات كىشىلەرنى چەتكە قاقتى، شۇنىڭ بىلەن ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىنىڭ تەشكىلىي قىسمىدا بارا-بارا ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى، نۇرغۇنلىغان يۈننەنلىك يۇرتداشلىرى رۇسىيە ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرىپ، بەس-بەستە ياڭ زېڭشىنغا خىزمەت قىلدى⑭. ياڭ زېڭشىن بۇ يۇرتداشلىرىغا ۋەزىپىلەرنى تۇتقۇزۇپ، ئۆزىنىڭ قولچوماقلىرىغا ئايلاندۇردى. ياڭ زېڭشىن گەنسۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتىدىكى شاگىرت ۋە ئەمەلدارلارمۇ مۇناسىۋەتكە تايىنىپ مەنسەپ تۇتۇشقا ۋە بايلىق توپلاش مەقسىتىدە بەس-بەستە شىنجاڭغا كىردى، شۇنىڭ بىلەن يۈننەن ۋە شەنشى-گەنسۇلۇق ئەمەلدارلار زور مىقداردا كۆپەيدى. شيا دىڭ، لى يىن، مايىلار ۋەقەسىدىن كېيىن⑮، ياڭ زېڭشىن يۈننەنلىكنى ئىشلەتمەسلىكنى قارار قىلدى ھەمدە شەنشى، گەنسۇلۇقلارنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويدى. ھەربىيلەرنىڭ قالايمىقانچىلىق چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ نەشە چېكىشىگە يول قويغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىرادىسى بوشىشىپ جەڭگىۋارلىقى يوقالغان. ئوفىتسېرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەندە، كۆپىنچىسىنى ئۆز ئارتۇقچىلىقىدىن چەتلەشتۈردى، مۈلكىي ئادەملەر ھەربىي ئەمەلدار، ھەربىيلەر مۈلكىي ئەمەلدار بولدى، ھەتتا ئاخون، گېگەنلەر ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىدى، ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئالغان ئوفىتسېرلار ئاز بولدى. ياڭ زېڭشىننىڭ مىلىتارىست ھاكىمىيىتىگە سادىق ياكى ئەمەسلىكى ئۇنىڭ ئادەم ئىشلىتىشىنىڭ ئۆلچىمى ئىدى، ئۇ ئۆزىگە مۆمىنلىك بىلەن بويسۇنىدىغان بىر قىسىم قابىلىيەتسىز كىشىلەرنى ئەتىۋارلاپ مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويغان بولۇپ، بۇ كىشىلەر ئۇنىڭ مىلىتارىستلىق ھاكىمىيىتىگە خائىنلىق قىلمايتتى.
ياڭ زېڭشىننىڭ خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە شىنجاڭدا مائارىپ تەرەققىي قىلمىغانلىقتىن، شۇ چاغدا ئوقۇتقۇچى، ئەمەلدار، دىپلوماتىيە خادىملىرى ۋە تېخنىكلار ئىنتايىن قىس بولغان. بۇ خىل ھادىسە شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، ياڭ زېڭشىننىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ياڭ زېڭشىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا ئەۋەتىپ بەرگەن ئەمەلدارلارنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى، لېكىن ئۇ ئىچكى ئۆلكىدىن كەلگەن كىشىلەرنى كەلگۈسىدە باشقۇرۇلماي قىلىشىدىن قورقۇپ، ئۇلاردىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلدى. 1916-يىلى يۈەن شىكەينىڭ پادىشاھلىقنى تىرىلدۈرۈش ھەرىكىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملىق ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ۋەزىيەتكە بويسۇنۇپ، ئىختىساسلىق خادىملارغا بولغان ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە شىنجاڭدا ئاز ساندىكى مەكتەپلەرنى ۋە تۈرلۈك قىسقا مۇددەتلىك كۇرس خاراكتېرىدىكى تەتقىقات ئورۇنلىرىنى قۇردى.
مىنگونىڭ 5-يىلى (1916)، ياڭ زېڭشىن ئالدى بىلەن دىخۇادا پېداگوگىكا كۇرسى ئېچىپ، يۇقىرى-تۆۋەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈردى. ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق ھەرقايسى ناھىيەلەردىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن نەتىجىسى ياخشى بولغان 45 ئوقۇغۇچىنى كۇرسقا قوبۇل قىلدى. ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئۇيغۇر، قازاق ئوقۇغۇچىلار ئاز، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار كۆپرەك بولدى. مىنگونىڭ 5-يىلى (1916) دىن مىنگونىڭ 13- يىلى (1924) يىلىغىچە جەمئىي تۆت قارار ئېچىلىپ، 200 دەك ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈردى، كۆپ قىسمى ھەرقايسى ناھىيەلەرگە باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىقىغا، ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىندى. مىنگونىڭ 13-يىلى (1924) ئۆلكىلىك پېداگوگىكا مەكتىپى مۇنتىزىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، بىر سىنىپتا 40-50 ئوقۇغۇچى بولۇپ، تۆت يىلدا مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان بولدى، شۇنىڭدىن باشلاپ كۇرس ئاچمايدىغان بولدى. پېداگوگىكا مەكتىپىدىن كېيىن ياڭ زېڭشىن يەنە مىنگونىڭ 9-يىلى (1920) شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاچتى، بۇ مەكتەپتە رۇس تىلى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان بولۇپ، رۇسچە قانۇن، سىياسەت مەخسۇس مەكتىپى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى مەقسەت قىلدى.
ياڭ زېڭشىن ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن پۈتۈن شىنجاڭدا «ئىختىساسلىق» ئەمەلدار ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ناھىيە ئامبىلى قاتارلىق ئەمەلدارلاردىن شىنجاڭدا 40 تىن ئارتۇق ئادەم كەم بولدى⑯. «ئىختىساسلىقلار قانچە ئاز بولسا، ئىدارە قىلىش شۇنچە ئاجىزلىشىدۇ» «ئىدارە قىلىشنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشى تامامەن ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ ئىقتىدارىغا باغلىق بولىدۇ.» ياڭ زېڭشىن «ئەمەلدار يېتىشتۈرۈش» ئارقىلىق «ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ»، ناھىيە ئامباللىرى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مۇپەتتىش مەھكىمىسىدە سىياسىي تەتقىقات ئورنى قۇرۇپ، «ئەمەلدار يېتىشتۈرۈش»كە ئىجازەت بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە تەلەپ سۇندى. ياڭ زېڭشىن بۇ ئورۇنغا 12 مىڭ سەر ئاجرىتىپ بەردى، ئوقۇغۇچى چەكلىمىسى 24 نەپەر بولۇپ، 1916-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوقۇش باشلاندى. دىپلوماتىيە، مالىيە، ساقچى، سودا-سانائەت، قانۇن ۋە ھېساب قاتارلىق ئالتە خىل دەرس ئۆتۈلدى. مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەت، قائىدە-يوسۇنلىرىنى بىلىۋېلىشى ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارغا شۇەنتۇڭنىڭ 3- يىلى (1911) يېڭىدىن تۈزۈلگەن «ئومۇمىي تەزكىرە» تارقىتىپ بېرىلدى. ئاي ئاخىرىدا بىر قېتىم ئىمتىھان ئېلىنىپ، نەتىجىسىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىغا قاراپ تەمىنات بېكىتىلدى⑰.
شىنجاڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن چېگراداش بولغاچقا، ئالاقىلىشىپ بېجىرىدىغان ئىشلار كۆپ بولدى، بولۇپمۇ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئاق گۋاردىچىلار قالايمىقان قىلغانلىقتىن، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۆزئارا بەش كونسۇلخانا قۇردى ۋە سودا ئالاقىسى ئورناتتى. لېكىن، دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا خادىملار يېتىشمىدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە خادىملىرى قىس بولغاچقا، شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈدەك ئىمكانىيىتى بولمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خادىم ئەۋەتەي دېسە، ياڭ زېڭشىن خاتىرجەم بولالمىدى. ئۇ شىنجاڭدىكى مەرتىۋىسىنى ئۇزاق مۇددەت ساقلاپ قىلىش، باشقىلارنىڭ ھوقۇق تارتىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ھەمدە دىپلوماتىيە خادىملىرى ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەي قالغان مۇشۇنداق ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، «ئۆز ئۆلكىسىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز ئۆلكىسىدىن چىققان ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق باشقۇرسا، باشقا جايلاردىن ئادەم ئەكىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ» دەپ قاراپ، شىنجاڭغا باشقا جايلاردىن خادىم ئەكىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مىنگونىڭ 13-يىلى (1924) كۈزدە دىخۇادا شىنجاڭ ئۆلكىلىك رۇسچە سىياسىي قانۇن مەخسۇس مەكتىپىنى قۇردى⑱. شۇ چاغدا، رۇسچە سىياسىي قانۇن مەخسۇس مەكتىپى شىنجاڭدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى ئىدى. بۇ مەكتەپ رۇس تىلىنى نۇقتا قىلغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقە قىلىدىغان دىپلوماتىيە خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. بۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى خەنزۇ بولۇپ، ئاز ساندا ئۇيغۇر، مانجۇ ۋە شىبە ئوقۇغۇچىلار بار بولدى. ياڭ زېڭشىن بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا بىرى، سىياسىنى تىلغا ئالماسلىق، يەنە بىرى، رۇسچىنى راۋان سۆزلەيدىغان بولۇش دېگەن ئىككى تەلەپنى قويۇپ، بۇ مەكتەپكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. 1-قارار ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندە، سوئال سوراپ، رەم سېلىشتەك ئالدامچىلىق ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەقىللىق، دۆت، ناچارلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئۆزىگە سادىق ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىلىتارىست ھۆكۈمرانلىقىغا سادىق «قابىلىيەتلىكلەر»نى تاللىدى.
ياڭ زېڭشىن ئۇزۇن مەزگىل بېكىنىۋېلىش ۋە خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقتىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىگە نىسبەتەن قاتتىق مۇداپىئە قىلىش ۋە باستۇرۇش ئېلىپ بارغان. شۇ سەۋەبتىن، «4-ماي» ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ھەمدە جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان كۆپ قېتىملىق ئىنقىلابىي كۈرەشلەر شىنجاڭدا كۆرۈنەرلىك تەسىر پەيدا قىلالمىغان. ياڭ زېڭشىننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا بىر قىسىم ئىلغار پىكىرلىك ياش ئوفىتسېر ئەمەلدارلار ياڭ زېڭشىننىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزگەن فېئوداللىق مۇستەبىتلىك سىياسىتىگە قارشى تۇردى. ئۇلار پەن ياۋنەننى مەركەز قىلىپ، بارا-بارا سىياسىي سەھنىدىكى ئۆكتىچىلەر بولۇپ شەكىللىنىپ، ياڭ زېڭشىن باشچىلىقىدىكى جاھىللار گۇرۇھىغا قارشى كۈرەش ئېلىپ باردى. ئۇلار ياڭ زېڭشىن شىنجاڭدا خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، مىللەتلەر زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىدى. سىياسەت ئىنتايىن چىرىكلىشىپ كەتتى، شىنجاڭنى ياخشى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن، سىياسىي جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ھەرقايسى مىللەتلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش زۆرۈر، دەپ قارىدى. بۇ خىل تەشەببۇسلار ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا تارقىلىشقا ۋە قوغداشقا ئېرىشتى. پەن ياۋنەن قاتارلىقلار 1928-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك رۇسچە سىياسىي قانۇن مەخسۇس مەكتىپىنىڭ تۇنجى قارارلىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدىن پايدىلىنىپ ياڭ زېڭشىننى ئۆلتۈردى.
ياڭ زېڭشىن شىنجاڭدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان 17 يىلدا ئۆزىنىڭ مىلىتارىست ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويغان بېكىنىۋېلىش سىياسىتى ۋە خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا تەرەققىيات بولمىغان، ھەتتا چېكىنىشكە قاراپ ماڭغان. ياڭ زېڭشىنمۇ شىنجاڭنىڭ بۇ خىل چېكىنىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئويىدا بولمىغان. كېيىن ياڭ زېڭشىن ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئوقۇتقۇچى، دىپلوماتىيە خادىملىرى، ئەمەلدار قاتارلىقلارنى تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن تەربىيەلەش كۇرسلىرى ۋە مەكتەپلەرنى ئېچىپ، مائارىپنى يولغا قويغان، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ياڭ زېڭشىننىڭ ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىممۇتلەقلىق ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشتىكى كوزىرى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، ياڭ زېڭشىننىڭ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش ھەمدە ئارقىدا قالغان مائارىپ ھالىتىنى ئۆزگەرتىش مەقسىتى يوق ئىدى.
دېمەك، يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ياڭ زېڭشىن شىنجاڭدا بېكىنىۋېلىش، خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، شىنجاڭ مائارىپ ئىشلىرىنى قامال قىلىپ، شۇ ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىدىيەسىنى چەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تەرەققىي قىلغان ئىلغار تېخنىكىلارنى ئىشلىتىشىنى، نەزەر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىنى، ئەقلىنىڭ ئېچىلىشىنى توسۇپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا ئۇزاق مۇددەت ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى، شىنجاڭنى ئۆزىنىڭ ئايرىم بىر دۇنياسى قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا، دىپلوماتىيە ئالاقىسىنىڭ قويۇقلىشىشى، بىر قىسىم ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ ئويغىنىشىغا ئەگىشىپ ياڭ زېڭشىننىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى شېرىن چۈشىنى بىتچىت قىلىۋەتكەن. لېكىن، بېكىنىۋېلىش ۋە خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مائارىپ ئىشلىرىنى چېكىندۈرگەن.
ئىزاھاتلار:
① گېلاۋخۇي (哥老会): ئىچكىرىدىكى چىڭ سۇلالىسىگە قارشى مەخپىي تەشكىلات بولۇپ، سىچۈەندە پەيدا بولغان. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەن ئېقىنىدا ئىنتايىن جانلانغان. 1877-يىلى زو زۇڭتاڭ قىسىملىرى بىلەن شىنجاڭغا كىرگەن ھەمدە پۈتۈن شىنجاڭغا تارقالغان.
②چېن خۇيشېڭ، چىن چاۋ تۈزگەن: «شىنجاڭنىڭ مىنگو دەۋرىدىكى تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىلى 11-ئاي (ئۇيغۇرچە)، 73-بەت.
③④⑤⑥⑦⑧⑨⑬چېن خۇيشېڭ، چىن چاۋ تۈزگەن: «شىنجاڭنىڭ مىنگو دەۋرىدىكى تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىلى 11-ئاي (ئۇيغۇرچە)، 131-،134-،236-بەتلەر.
⑩ چېن خۇيشېڭ، چىن چاۋ تۈزگەن: «شىنجاڭنىڭ مىنگو دەۋرىدىكى تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىلى 11-ئاي (ئۇيغۇرچە)، 136-بەت.
⑪⑯⑰⑱ چېن خۇيشېڭ، چىن چاۋ تۈزگەن: «شىنجاڭنىڭ مىنگو دەۋرىدىكى تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىلى 11-ئاي (ئۇيغۇرچە)، 262-،266-،268-بەت.
⑫ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتى شىنجاڭ تارىخى ماتېرىيال گۇرۇپپىسى تۈزگەن: «شىنجاڭ يەرلىك تارىخى» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1991-يىل (خەنزۇچە)، 263-بەت.
⑭ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى تارىخ تەتقىقات ئورنى تۈزگەن: «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى، 3-قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980-يىل (خەنزۇچە)، 116-بەت.
⑮ شيادىڭ، لى يىن، مايىلار ۋەقەسى: 1916-يىلنىڭ بېشىدا مايى شيادىڭ ۋە لى يىنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، يۈەن شىكەيگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلدى. بۇنى شيې ۋىنفۇ بىلىپ قىلىپ ياڭ زېڭشىنغا دوكلات قىلىپ قويىدۇ، نەتىجىدە ئۇلار ئۆلتۈرۈلىدۇ.
پايدىلانمىلار:
1. چېن خۇيشېڭ، چىن چاۋ: «شىنجاڭنىڭ مىنگو دەۋرىدىكى تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىلى 11-ئاي (ئۇيغۇرچە) نەشىرى.
2. خۇاڭ جيەنخۇا: «گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسەتلىرى توغرىسىدا تەتقىقات» (خەنزۇچە)، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2003-يىلى 4-ئاي، 1-نەشرى.
3. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتى شىنجاڭ تارىخى ماتېرىيال گۇرۇپپىسى: «شىنجاڭ يەرلىك تارىخى» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1991-يىل (خەنزۇچە) نەشىرى.
4. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى تارىخ تەتقىقات ئورنى: «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى، 3-قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980-يىل 8-ئاي (خەنزۇچە) نەشرى.
بېكىتكۈچى: (تارىخ پەنلىرى پېروفىسورى) رەھمۇتۇللا ھەسەن
                                 تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-20 18:24  


idraksoft

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1897
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5605
تۆھپە : 10
توردا: 541
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 18:58:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   دوستلارنىڭ تەلىپى بىجا كەلتۈرۈلدى. قېنى مەرھەمەت!

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1427
تۆھپە : 0
توردا: 265
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 19:03:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئابدۇرېھىم زۇنۇن ئاكا ،بۇغداينىڭ باھانىسىدە قارمۇق سۇ ئىچىپتۇ دېگەندەك ، بەگيار ئەپەندىنىڭ تەلىۋى بىلەن ياردىمىڭىزدە مەنمۇ بۇ ماقالىلەرنى ساقلىۋالىدىغان بولدۇم .جاپا چەكتىڭىز.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ماھىرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-20 19:16  


گۈلنىڭ گۈزەللىگى ھۆسنىدە ، ئادەمنىڭ گۈزەللىگى قەلبىدە.....

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 19:06:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي، ماۋۇ داستىخان كەڭرى بولۇپ كېتىپتۇ. مەنمۇ بىر كىشىلىك نىسىۋەمنى ئىلىۋالدىم ئەمىسە! ئابدۇرېھىم ئاكىغا رەھمەت.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1897
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5605
تۆھپە : 10
توردا: 541
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 23:26:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماھىرە يوللىغان ۋاقتى  2012-4-20 19:03
رەھمەت ئابدۇرېھىم زۇنۇن ئاكا ،بۇغداينىڭ باھانىسىدە قا ...

   ھېچقىسى يوق. سىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلالىغىنىمدىن خۇرسەنمەن. رەھمەت!

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1897
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5605
تۆھپە : 10
توردا: 541
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 23:27:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشتاغ يوللىغان ۋاقتى  2012-4-20 19:06
ۋاي، ماۋۇ داستىخان كەڭرى بولۇپ كېتىپتۇ. مەنمۇ بىر كىشى ...

   ئابدۇمىجىت سىزگىمۇ رەھمەت!

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  94
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 4930
تۆھپە : 30
توردا: 481
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 02:16:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مۇشۇ كۈنلەردە ماگىستىر ئاسپىرانتلارنىڭ ماقالە يېزىشىمۇ ئاسان بولۇپ كەتتى. ئۇلار يازماقچى بولغىنىنىڭ قېلىپىنى ياسىۋالسىلا ماتېرىيال دېگەن تەييار، دە! ئەمما، قۇراشتۇرۇشقىمۇ كۆپ كۈچ كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ...

مېنىڭ ئىسمىم يوق!...

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1897
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5605
تۆھپە : 10
توردا: 541
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 11:02:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىران يوللىغان ۋاقتى  2012-4-21 02:16
مۇشۇ كۈنلەردە ماگىستىر ئاسپىرانتلارنىڭ ماقالە يېزىش ...

       شۇنداق ھۈسەنجان، ئىلمىي ماقالە يېزىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدۇرسا، مەكتەپ 5 مىڭدىن 500يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىدۇ. ئامما شۇ پۇلنى ئالالايدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. نېمىشقا؟

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  719
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 257
تۆھپە : 0
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-9

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 03:07:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ قىلغان ئىش - ھەرىكىتى كۆپچىلىكىمىزنى ھەيرانلىقتا قالدۇرۇپ،
‹ توۋا.... قانداق ئىنساندۇر بۇ...› دەپ، ئۇلارنىڭ قىلىغانلىرىنى ياكى سۆزلىگەنلىرىنى قۇبۇل قىلالماي قالىمىز.....
مانا مۇشۇ بىزنى ھەيرانلىقتا قالدۇرغان ئىش- ھەرىكەتلەرنىڭ تۈپ سەۋەبى-نادانلىق!

دۇنيادا- ‹نادانلىق›تىن ئارتۇق خىجالەت يوق دەپ ئويلايمەن.

بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىن سۆز باشلاشنى بىر تەرەپكە قويۇپ تۇرايلى،
ئەڭ ئاددىسى:
بۇ نادانلىق- قېرىنداشلىق مېھرى-مۇھەببەت، ئائىلىگە ۋە تۇرمۇشقا بولغان مەسئۇلىيەتلەرنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ ئىنسانغا.

ئاللاھ ھىچكىمنى ‹خاتا›نى قوللىغۇدەك دەرىجىدە نادان،
‹توغرا›نى رەت قىلغىدەك دەرىجىدە نانكۆر قىلمىسۇن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   =intizar= تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-14 02:25  


سۇغا سالساڭ، سۇ كۆتۈرمەس مىسقال-تۆمۈرنى،
ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى،

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  240
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 226
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-16

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 09:31:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىدىن ئاسپىرانتلىرىمىز ئۈچۈن نومۇس قىلساق بولىدىغانلىقى ئايان بولۇپ تۇرۇپتۇ! بۈگۈنكى كۆپ ساندىكى ئاسپىرانتلىرىمىزنىڭ قۇراق تەكىي تىكىش ئۈچۈن جېنىنى قىيناپ يۈرگەنلىكىدىن ئەتىكى پاجىئەلىرىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ!

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1897
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5605
تۆھپە : 10
توردا: 541
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 17:11:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
=intizar= يوللىغان ۋاقتى  2012-4-22 03:07
ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ قىلغان ئىش - ھەر ...

   ياشىسۇن چۈشىنىش!
      رەھمەت ئىنتىزار!

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1897
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5605
تۆھپە : 10
توردا: 541
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 17:12:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
=intizar= يوللىغان ۋاقتى  2012-4-22 03:07
ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ قىلغان ئىش - ھەر ...

  ياشىسۇن چۈشىنىش!
ئىنتىزار، رەھمەت سىزگە!

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 441
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-20

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 17:57:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنى ئوقۇپ تۆۋەندىكى شېئىر يادىمغا يېتىپ قالدى .

«جۇمھۇرىيەت تۇنجى رەت قىلدى ئىزھار مەرىمەت ،
ئۇياد ئەمدى بەش خاقان يەتتە بەگدەك دەۋرىمەك .
جۇڭيۇەندىكى غەۋغاغا پەرۋا قىلىش نە كېرەك ،
چېگرا دىيار بەئەينى باغى ئېرەم ھۆسنىدەك .
مۇسۇلماننى جەنۇپتىن شىمالغىچە بەنت قىلساڭ ،
ئىپتىدائى پۇقرالار ئاڭقاۋ بولسا ئەۋزەلرەك . »

ياڭ زىڭ شىڭ

بولسىمۇ مىڭ تۇققىنىڭ ئاللاھقا ياد كۆڭلى چىگىش ،
بىر خۇداغا ئاشىنا ياد تەن بىلەن دەرھال تېگىش !
(سەئىدى)

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1897
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5605
تۆھپە : 10
توردا: 541
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 23:27:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qelem يوللىغان ۋاقتى  2012-4-22 09:31
بۇ ماقالىدىن ئاسپىرانتلىرىمىز ئۈچۈن نومۇس قىلساق بولى ...

   قەلەم، ماۋۇ پىكىرىڭىز سەل بىر تەرەپلىمە بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. ئاسپىرانلارنىڭ ھەممسى ئوخشاش بولمادۇ. خۇددى بەش قول تەڭ بولىغاندەك. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن نى-نى ياخشىلىرىمۇ چىقىدۇ، پەقەت كارغا كەلمەيدىغان لەقۋالىرىمۇ چىقىدۇ. بۇ ماقالە گەرچە قۇراشترۇلغان بولسىمۇ، مەزمۇن يېڭىنىش بىلەن بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ ئېسىگە ئەينى دەۋر تارىخنى سالىدۇ...

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش