كۆرۈش: 964|ئىنكاس: 10

«قۇتادغۇبىلىك»دىكى بىلىش نەزەرىيەسى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-18 23:25:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى


«قوتادغۇبىلىك»دىكى بىلىش نەزەرىيەسى توغرىسىدا

رەھىمجان بارات، نۇرگۈل ئاۋات

(ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قانۇن-ئىقتىساد فاكۇلتېتى دوتسېنتى،

ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ماركسىزم ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىسى)

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە، ماركسىزملىق كۆزقاراشنى چىقىش، تارىخىي ماتېرىيالىزملىق كۆزقاراشنى ئاساس قىلغان ھالدا، «قوتادغۇبىلىك»تىكى بىلىش نەزەرىيەسىنى ئۆزگىچە تەھلىل قىلىپ، ئەينى تارىخىي شارائىت ئاستىدا، ئەجدادلارنىڭ دۇنيانى بىلىش ۋە ئۆزگەرتىش كۆزقارىشى ۋە تەرەققىيات سەۋىيەسىنى تەھلىل قىلىپ، ئەجدادلارنىڭ دۇنيانى بىلىش ۋە ئۆزگەرتىش كۆزقارىشى ئەمەلىيىتى ۋە نەزەرىيەسىنى قىبلىنامە قىلىپ، ئەۋلادلار ئۈچۈن گۈزەل كېلەچەك يارىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: قوتادغۇبىلىك؛ تارىخىي شارائىت؛ بىلىش نەزەرىيەسى


«بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى دۇنيا توغرىسىدىكى پىكىرلىرىمىزنىڭ بۇ دۇنيانىڭ ئۆزىگە بولغان مۇناسىۋىتى قانداق؟... پەيلاسوپلارنىڭ مۇتلەق زور كۆپچىلىكى بۇ مەسىلىگە ئىجادىي جاۋاب بېرىشكەن».[1] «...تەپەككۇر ۋە ئاڭ... ئادەم مېڭىسىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى، ئۆزى بولسا، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ مۇھىتىدا ۋە بۇ  مۇھىت بىلەن بىللە راۋاجلانغانلىقىنى بىلىمىز»... «دۇنيا توغرىسىدىكى ۋە دۇنيا پەيدا بولغان ۋەقەلەر توغرىسىدىكى دەلىللەنگەن بىلىملەر بولىدۇ»[2] غانلىقى بىلىش نەزەرىيە مەسىلىسى بىر-بىرىگە تۈپتىن قارىمۇقارشى بولغان ئىككى روشەن ماددىدىن ئىدىيە ۋە تۇيغۇغا، تۇيغۇ ۋە ئىدىيەدىن ماددىغا ئۆتىدىغان بىلىش نەزەرىيەسى بولۇپ، بۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيانى بىلىش مەسىلىسىنى ئايرىشتىكى تـۈپ ئۆلچىمى ئاساسىدا، تارىختا شەكىللەنگەن مەزھەپلەرنىڭ خۇسۇسىيىتى بولسىمۇ، بىز كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت تەھلىل قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك»تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۇنيا ماھىيىتى مەسىلىسىگە نەزەر سالساق:
1. ئۇ قۇدرەتلىك، بىرلا خۇدا ھەممىدىن ئىلگىرىدۇر، بارلىق شۈكۈر مەدھىيەلەر ئۇنىڭغىلا مەنسۇپتۇر.
3. (ئۇ) بوز يەر. يېشىل ئاسمان. كۈن ۋە ئاي. تۈننى، خەلقنى، زامان ۋە كۈنلەرنى ياراتتى.
21. سەن تۈمەن مىڭ، سان-ساناقسىز تىرەكلەرنى ياراتتىڭ، تۈزلەڭ، تاغ-دېڭىز، دۆڭ، ئويمان يەرلەرنى (ياراتتىڭ).
22. يېشىل ئاسماننى تۈمەن مىڭ يۇلتۇز بىلەن بېزىدىڭ، قاراڭغۇ تۈننى نۇرلۇق كۈندۈز بىلەن يورۇتتۇڭ.
دېيىش ئىنساننىڭ بىلىم ۋە بىلىش مەسىلىسى ـ ئىلاھنىڭ بەلگىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلە دائىرىسىدىن ھالقىپ، رېئال دۇنيادىكى كىشىلەر ئارىسىدا ساپ مەسىلىگە ئايلانغان. «قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىلغان يىلى مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمى ئىسلام دىداكتىك مەزمۇنىدىكى يادىكارلىقىدۇر. ئۇنىڭ ئەرەب ئېلىپبەسى بىلەن يېزىلغان نۇسخىلىرى 11-ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تاۋۇشلىرىنى بىرقەدەر روشەن ئەكس ئەتتۈرىدۇ»[3] غانلىقىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان ئەڭ مۇكەممەل بولغان «ئەينى زامان ئىجتىمائىي ھايات بىلەن زىچ باغلانغان، ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن رېئاللىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئەدەبىي ئەسەردۇر»[4]لىقى شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭمۇ دۇنيانىڭ بىرلىكى ماھىيىتى ۋە يارىلىش مەسىلىسىدۇر:
ياراتقان تەربىيە قىلغان ۋە كەچۈرگەن ئىگەم (خۇدا)نىڭ، نامى بىلەن سۆزۈمنى باشلىدىم.
4. بۇ ھەممە بارلىقىنى خالىدى ۋە ياراتتى، بىرلا (پەيدا) بول دېۋىدى، خالىغىنىنىڭ ھەممىسى (پەيدا) بولدى.
خۇدانىڭ دۇنيانى ياراتقانلىقى ئاساسىدا باشقا ئىجتىمائىي تۇرمۇش ـ كىشىلىك ھايات ئەمەلىيەت ئاساسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە ماددىي تۇرمۇشنى ئاساس قىلىپ تەھلىل قىلىشنى، مەسىلىلەرنى كۆزىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇتەپەككۇرنىڭ ئىسلام دىنى ئاساسىدا خۇدانىڭ بىرلىكىنى تەشۋىق قىلىشى ـ شائىرنىڭ چىن ئېتىقاد مەسىلىنى كۆرسىتىپ بەرسە، دۇنيانى بىلىش مەسىلىسىدە، ئىنسانلار ئىلاھىنىڭ ياردىمىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ رېئال دۇنياسىدىكى بەختىنى تاپالايدىغانلىقىنى، كىشىلەر ئۆزىنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن مەسىلىسىنى ئەمەس، بەلكى رېئال تۇرمۇش پائالىيىتىنى ئاساس قىلىشنى، خۇدا ـ ئىنسان ۋە كائىناتنىڭ يارىلىشىدىكى ئاساسىي سۇبيېكتىپ ئامىل بولسىمۇ، لېكىن ئىنسان ئۆزىنىڭ ئوبيېكتىپ تەقدىرىنى، رېئال بەختىنى ئۆز قولىدا تۇتۇشى، ياۋايى ھالەتتە تۇرۇپ، نادان تۇرمۇش كەچۈرۈش ـ خۇدانىڭ بەلگىسى، بەختلىك ياشاپ، گۈزەل كېلەچەك يارىتىشنى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن كۆرمەيدىغان بىر تەرەپلىمىلىك سۇبيېكتىپ قاراشتىن خالىي بولۇپ، ھەممە شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى، ئۆزىنىڭ بەخت-تەلىيىنى ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەت ئاساسىدىكى رېئاللىقتىن ئىزدەشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى مۇتەپەككۇرنىڭ ئىدىيەسى دەۋردىن ھالقىغان ئىلغارلىققا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسى ۋە فېئودال ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئىدىيە يېتەكچىسى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان شارائىتتا، خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش، ھۆكۈمران سىنىپنىڭ «نادان قالدۇرۇش سىياسىتى» يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، مۇتەپەككۇرنىڭ بۇ خىل ئىدىيەسى يېڭىلىققا كۆچۈش، يېڭىلىق يارىتىش، بىلىم بىلەن گۈزەل كېلەچەك، پارلاق ئىستىقبال يارىتىشنىڭ  ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەن.
1712 بىلىمسىزگە بەخت كېلىدىغان بولسىمۇ،  ئىشىنىمەنكى، بۇ دۆلەت ئۇنىڭ بىلەن تۇرالمايدۇ.
ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئەقىل-پاراسەتنىڭ (بىلىم بىلەن ئەقىلنىڭ) سىمۋولى بولغان ئۈگدۈلمىش دۆلەت باشقۇرۇش، جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقنى پاراۋان-بەختلىك تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش پەقەت ئادىل قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا، ئىجرا قىلىنىشىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قانۇننىڭ ئادىللىقىنى بىلىشتىكى مول بىلىم ئىقتىدارىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئادىل قانۇن، سىياسىي تۈزۈملىرىنى ئۆزىنىڭ توغرا بولغان ئەقىل-پاراسىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن باي، پاراۋان، مەدەنىيەت جەھەتتىن ساپ، ئىناقلىقنى ئاساس قىلغان، سىياسىي جەھەتتىن ئىناق-ئىتتىپاق، ئۆزئارا ماسلاشقان جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك. دۆلەتنى قۇرغۇچىلار، كەلگۈسىنىڭ ئىز باسارلىرى پەقەت ئىزچىل تەربىيە ئېلىپ بېرىش، بىلىم بېرىش ئارقىلىق تەدرىجىي يېتىلىپ ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى قولىدا تۇتالايدىغان، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان، ھايات-ماماتلىق پەيتلەردە كەسكىن تەدبىر بەلگىلەپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلىيەلەيدىغان كىشىلەرنى تەربىيەلەپ چىققىلى بولىدۇ.
شائىر بىلىم ئېلىپ قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى كىشىلىك پەزىلەت جەھەتتە يۈكسەك ئەخلاقىي خىسلەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. چۈنكى بىلىمنى قانچە كۆپ ئىگىلىگەنسېرى ئىنسان شۇنچىلىك قابىلىيەتلىك ۋە بىلىملىك بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئەخلاق جەھەتتە يۈكسەك كامالەتكە يېتىدۇ، دەيدۇ:
1822. يەنە بىر سەۋەب (شۇكى)، ئوغلان بىلىم تەلەپ قىلسا، كىچىكىدىنلا بىلىمگە قول ئۇزىتىشى كېرەك.
1823. ئوغلان كىچىك ۋاقتىدىلا بىلىم ئۆگەنسە،  چوڭ بولغاندىن كېيىن تىلىكىگە يېتىدۇ.
1820. بىلىمگە يېتىشىپ كېيىن دانا بولىدۇ،  بۇ بىلىمى بىلەن ئەلگە پايدىسى تېگىدۇ.
شۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئەقلىي بىلىم ۋە قابىلىيەت تەربىيەسى يۇقىرىلاش بىلەن ئەخلاق تەربىيەنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش كېرەك. قۇش قاناتسىز ئۇچالمىغىنىدەك، قابىلىيەت (ئەقىل) ۋە ئەخلاق تەربىيە بىر بولۇپ ساغلام ئىنساننىڭ قانىتى ھېسابلىنىدۇ.
1840. ئادەم گويا تۈندەك قاراڭغۇ ئۆي بولسا، ئىدراك ئۇنى يورۇتقۇچى مەشئەلدۇر.
1841. بارلىق ياخشىلىقلار ئىدراكتىن كېلىدۇ، بىلىم بىلەن ئەر يۈكسىلىپ مەشھۇر بولىدۇ.
1842. بۇ ئىككىسى بىلەن ئىنسان ئۇلۇغ بولىدۇ،  بۇ ئىككىسى ئادالەت يولىنى ئاچىدۇ.
«ئادەم گويا تۈندەك قاراڭغۇ ئۆي»، «ئادەمنىڭ توغرا ئىدىيەسى نەدىن كېلىدۇ...؟ پەقەت ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ. ئادەملەرنىڭ ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيىتى ئادەملەرنىڭ ئىدىيەسىنى بەلگىلەيدۇ»[5][6]، «يىراق قەدىمكى زامانلاردا، كىشىلەر ئۆزىنىڭ تەن تۈزۈلۈشىنى بىلمىگەنلىكتىن ھەمدە چۈشىدىكى نەرسىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان»[6][7] لىغى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، مەيلى ئىنسانلار قانداقتۇر بىرخىل ئىلاھ ئادەمنى ياراتتى دەپ قارىسۇن، ياكى ماددىي دۇنيانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەدرىجىي تەرەققىياتى بىلەن بارلىققا كەلگەن دەپ چۈشەنسۇن ۋە ياكى فىزىيولوگىيەلىك، بىيولوگىيەلىك نۇقتىئىنەزەردىن قارىسۇن، دۇنياغا ئەمدىلا كۆز ئاچقان ۋە ئالەم پەيدا بولغاندىن كېيىن پەيدا بولغان ئىنساننىڭ ئىدىيەسى قۇرۇق، تەن تۈزۈلۈشىنى پۈتۈنلەي بىلمەسلىكى «ئاق تاختاي» بولۇشى ۋە «قاراڭغۇ ئۆي» ـ تەبىئىي ھالدا ئىنساننىڭ پەقەت ئەقىل–ئىدراك، ئىزدىنىش، جاپالىق تىرىشىش ئارقىسىدا دۇنياغا بولغان بىلىشى، شەيئىلەرنى تونۇشى بىلەن دۇنيانىڭ تۈپ ماھىيىتىگە بولغان ھەقىقىي قانۇنىيەتلىرىنى ئىگىلىيەلەيدۇ. لېكىن بۇ خىل بىلىش، ئىگىلەش جەريانى ئاددىي ھەرىكەتلەر يىغىندىسى، سۇبيېكتىپ ئىدىيەلەر توپلانمىسى بولماستىن، بەلكى ئىنسان ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن مەنىۋى تەپەككۇرىنىڭ جاپالىق سەرگۈزەشتىسى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئەنە شۇ چاغدىلا، ئىنسان ماددىي دۇنيانى بىلىشىنىڭ تەپەككۇر يېشىل چىرىغىنى يورۇتۇپلا قالماستىن، بەلكى مۇھىمى روھى دۇنياسى بىلەن ماددىي دۇنيانى تونۇشنىڭ مەنىۋى چىرىغىنى يېقىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن دۇنيانى بىلىشنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكىنى تىكلىيەلەيدۇ.
1861. قارا، ئەقىل-ئىدراك بىر مەشئەل، قارىغۇغا كۆز، ئۇ ئۆلۈك تەنگە جان، كېكەچ تىلغا سۆزدۇر.
1855. كۆزى ئۆتكۈر يىراقنى كۆرەلەيدۇ، ھەر قانداق ئىشنى پۇختا قەدەم بىلەن قىلىدۇ.
1864. كىمدە ئىدراك بارلىقىنىڭ بەلگىسى ئەنە شۇ، بۇ بەلگە بىلەن ئەقىل-ئىدراكنى بىلگىلى بولىدۇ.
ئىنساننىڭ بىلىش قانۇنىيىتى ۋە جەرياندىن قارىغاندا، بىلىش، بىلمەسلىكتىن بىلىشكە، ۋاسىتىلىك بىلىشتىن بىۋاسىتە بىلىشكە، بىلمەسلىك، ئاددىي بىلىشتىن مۇكەممەل، مۇرەككەپ بىلىشكە، بۇ ئاساستا، ئەمەلىيەتتىن بىلىشكە، يەنە بىلىشتىن ئەمەلىيەتكە ئۆتۈشتەك مۇرەككەپ زىددىيەتلىك جەريانلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ جەرياندا كىشىلەردە شەيئىلەر توغرىسىدا دەسلەپكى بىلىش ـ ھېسسىي بىلىش شەكىللىنىدۇ، ھېسسىي ماتېرىياللارنىڭ داۋاملىق توپلىنىش، رەتلىنىش، خۇلاسىلىنىپ، سىستېمىلىشىشى، سىستېمىلاش ئارقىسىدا شەيئىلەر توغرىسىدا بىلىم ـ بىلىش بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى بىلىش جەريانىنىڭ دىيالېكتىك جەريانىنى كۆرسىتىشنى شائىر مۇنۇ بايانلار ئارقىلىق كۆرسەتكەن:
669. ئاقار سۇ، راۋان تىل ۋە بۇ بەخت تۇرمايدۇ،
تىنماستىن يۈرۈپ دۇنيانى كېزىدۇ.
1214. يىل، ئاي، كۈن ئۆتكىنىدەك ئۆمۈر ئۆتىدۇ،
ئېنىقكى، ئۆتۈۋاتقان كۈنلەر سېنىمۇ ئېلىپ كېتىدۇ.
1213. ھەر نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، كۈنى بەلگىلىكتۇر، نەپەس ئېلىپ تىنىشنىڭمۇ سانى بەلگىلىكتۇر.
كىشىلەر ئۆز تېنىدىكى ئەزالارنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيانى تونۇش جەريانىدا ھېسسىي ماتېرىياللارنى توپلاپ، مۇكەممەل ئەقلىي بىلىشنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. لېكىن دۇنيانىڭ يارىلىش ئۇقۇمىنى سۇبيېكتىپ نۇقتىنەزەردىن چۈشىنىپ ۋە بۇ سۇبيېكتىپ ئىدىيەنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە تەدبىقلايدىغان كىشىلەرنىڭ دۇنيانى بىلىشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن دۇنيانىڭ يارىلىشىنى سۇبيېكتىپ چۈشەنسىمۇ، «يارىتىش مەندىن، يارىلىش ئۆزۈڭدىن» دەپ قارايدىغان كىشىلەرلا دۇنيانى ھەقىقىي ئەقىل كۆزىنىڭ ئىدراك توچكىسى بىلەن كۆزىتىپ، سۇبيېكتىپ مەسىلىگىمۇ ئوبيېكتىپ باھا بېرىدىغان، مەسىلىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ سەۋەبىنى باشقىلاردىن ۋە سىرتتىن ئەمەس، ئۆزىدىن ـ ئىچكى قىسىمدىن ئىزدەيدىغان دۇنيانى بىلىش روھىغا ئىگە خاراكتېرنى ھاسىل قىلىدۇ.
1825. بىلىم ياكى ھۈنەر، پەزىلەتنى كىشى ئۆگىنىدۇ، ئىدراك بولسا ئەسلىي تەبىئىتىدىن بولىدۇ.
6605. بىلىم ئۆگەن، ئۆگەن ئۆزۈڭگە تۆرىدىن جاي ھازىرلا، بىلىم بىلىش ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت قورغاندۇر.
شائىر ئىنسانلارنىڭ بىلىشىنى يەنە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي تۇرمۇش ساھەسىدىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ، ئۆزلىرىنى قورشاپ تۇرۇۋاتقان تەبىئەت دۇنياسىغا كېڭەيگەنلىكى شۇ دەۋر كىشىلەرنىڭ دۇنيانى بىلىش سەۋىيەسىنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. «ساناشقا بولىدىغان ئوبيېكتىپلار بولۇش بىلەن قالماستىن، بەلكى ئوبيېكتىنى كۆزىتىۋاتقاندا، ئۇنىڭ باشقا بارلىق خۇسۇسىيەتلەرنى قويۇپ تۇرۇپ، سانىغىلا قاراش قابىلىيىتىمۇ بولۇش كېرەك. بۇنداق قابىلىيەت بولسا، ئۇزاق مۇددەتلىك تەجرىبىنى ئاساس قىلىدىغان تارىخىي تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى... باشقا بارلىق پەنلەرگە ئوخشاش ماتېماتىكىمۇ ئادەملەر ئېھتىياجىدىن: يەرلەرنى گوڭلاش ۋە سىغىمىنى ئۆلچەشتە، ۋاقىتنى ھېسابلاش ۋە قاچا-قۇمۇشلارنى ياساشتا پەيدا بولغان»[7][8]، «پەيلاسوپلار دۇنيانى ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللار بىلەنلا چۈشەندۈرۈپ كەلدى. لېكىن گەپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتە»[8] ئىكەنلىكىنىڭ تۈپ بەلگىسىنى كۆرسىتىپ بەردى.
60. بۇ تۆت ھەمراھ مەن ئۈچۈن تەبىئەتنىڭ تۆت ئاساسىدەك تۇيۇلىدۇ. تۆت ئاساس مۇۋاپىقلاشسا ھەقىقىي تىرىكلىك بولىدۇ.
63. شەرقتىن ئىللىق باھار شامىلى ئېسسىپ كەلدى،  دۇنيانى بېزەش ئۈچۈن جەننەت يولىنى ئاچتى.
ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى تونۇشتىكى ئەڭ دەسلەپكى شەكىل بولغان بىلىش نەزەرىيەسىدە سۇ، تۇپراق، ھاۋا، ئوتتىن ئىبارەت تۆت خىل شەيئىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، تەبىئەت دۇنياسىدا بۇ خىل ئامىل شەيئىلەرنىڭ ئاساسىي بولغىنىدەك، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭمۇ مۇۋازىنەت ھالىتىنى ساقلاشنىڭ تۆت خىل ئاساسى. شائىر داستاندا تۆت پېرسوناژنىڭ سىمۋوللۇق خاراكتېرى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ بەختلىك بولىشى، روناق تېپىشى، جەمئىيەت بىلەن تەبىئەتنىڭ ماس ھالدا تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بىر تۈپ قانۇنىيەتنى تېپىپ چىقىش كېرەك. «ئىجتىمائىي زىدىيەتلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماستىن ۋە رېئاللىقنى پەردازلىماستىن، بەلكى ئۇنىڭدىكى مەۋجۇت ئىللەتلەرنى دادىللىق ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن ئېچىپ تاشلايدۇ ۋە سۆكىدۇ»[9].
142. بىلسەڭ (بۇلارنىڭ) ئۈچى ئەتىيازلىق، ئۈچى يازلىق يۇلتۇز، ئۈچى كۈزلۈك، يەنە ئۈچى قىشلىق يولتۇزلاردۇر.
143. (ئۇلارنىڭ) ئۈچى ئوت، ئۈچى سۇ، ئۈچى شامال، ئۈچى تۇپراق بولۇپ، شۇلاردىن دۇنيا ۋە ئەللەر پەيدا بولغان.
3725. تېگى بوز يەر، يېشىل سۇدىن ئىبارەت بولسا، يۇقىرى ساپ ھاۋا ئوتتىن ئىبارەت بولىدۇ.
6201. شەرقتىن قارا قۇش يۇلتۇزى چىقىپ يۇقىرى ئۆرلىدى، دۈشمەن ئوت ياققاندەك، ئوت كۆتۈرۈلدى.
يۇقىرىدىكى بايانلار شۇنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتۇكى، مۇتەپەككۇر ياشىغان دەۋرلەر ئەجدادلىرىمىز ئاسمان جىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ قەۋەتلىرىگە بولغان تونۇشى قانداقتۇر بىر خىل ئەنئەنىۋى ئىدېئالىزم تۈسىدىكى بىلىش بولماي، بەلكى ئىدىيالىزم ئاساسىدىكى دۇنيانى بىلىش نەزەرىيەسى بولۇپ، باشقا ئەل خەلقلىرىگە ئوخشاش يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن پەسىللەرنىڭ قانۇنىيەتلىك ئالمىشىشى، يىللارنىڭ ئىش باشلاش نۇقتىسىغىچە، تەپسىلىي بايان قىلىشى شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ بىلىم ئىگىلەش ۋە تەبىئەت دۇنياسىنى كۆزىتىش سەۋىيەسىنى كۆرسىتىش بىلەن بىللە «‹تۆت تادۇ›نى تەبىئەتنىڭ ئاساسى، تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ئاساسى، تەبىئەتتىكى زىددىيەت...نىڭ ئاساسى ...تۆت پەسىل ۋە ئىنساندىكى تۆت مىجەز (تېمپىرامىت)گە بولغان مۇناسىۋىتى، كىشىنىڭ روھى ھالىتى ... تەبىئەتنىڭ تۆت پەسلى، ئادەم ئۆمرىنىڭ تۆت پەسلى ۋە ئادەمنىڭ تۆت مىجەزىگە ئاساسلىنىپ ئىزاھلىنىشى»[10][11]. «ئۇيغۇر تۈرۈك خەلقلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ قەدىمكى تۆت زات كۆز قارشى ئۆزىگە خاس ئورگىناللىققا ۋە ئۇزاق تارىخقا ئىگە... تۆت زات قارىشىنىڭ تەركىبى قىسىمى بولغان تۆت خۇسۇسىيەت (ئىسسىق، سوغۇق، ھۆل، قۇرۇق) كۆز قارشى، تۆت خىللىق (قان، ئوت، سەپرا، سەۋدا)، تۆت مىجەز (تېمپىرامىت) كۆزقارىشى... ھازىرمۇ فىزىيولوگىيە، پىسخولوگىيە ۋە تېبابەتچىلىك ساھەسىدە قوللاندى...» فارابى ئۆزىنىڭ «پەنلەرنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىشى» ناملىق زور ھەجىملىك كىتابىدا تۆت زات توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز ئۇلارنى تۈرگە ئايرىپ بايان قىلساق، تۆتلىك شېئىردىن ئىبارەت بولۇپ چىقىدۇ. ئۇلار: ئوت، تۇپراق، ھاۋا، سۇدىن ئىبارەت... ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرىنىمۇ تۆت خىل قىلىپ ئاتاپ ئېيتقاندا: ئىسسىق، سوغۇق، ھۆل، قۇرۇقدىن ئىبارەت...» ئەمما ئارىستوتېل تۆت خىل خۇسۇسىيەت ـ ئۇنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «1-سۈپەت» دەپ ئاتالغان «ئىسسىق، سوغۇق، قۇرغاق، ھۆل»لىكىنى 1-ئورۇنغا قويۇپ، «ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراق»تىن ئىبارەت «تۆت فىزىل»نى 2-ئورۇنغا قويغان... فارابى جىسىم ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكەندە، ئۇنى تۆت زاتنىڭ مۇرەككەپلىشىشىدىن پەيدا بولغان... دەپ چۈشەندۈرگەن. ئۇ «پەلسەپىۋى سوئاللار ۋە ئۇنىڭ جاۋابلىرى» ناملىق ئەسىرىدە: «تۇپراق باشقا نەرسىلەر ئىچىدە قارا بولۇپ، ئوت يالتىراقتۇر، ئوت ئۈستۈنلۈكنى ئالسا جىسىمنىڭ رەڭگى ئاق؛ تۇپراق ئۈستۈنلۈكنى ئالسا، ئۇنىڭ رەڭگى قارا بولىدۇ ۋە شۇ تەرتىپتە قوشۇلغان مىقدارغا قاراپ ئوتتۇرىسىدىكى رەڭلەر پەيدا بولىدۇ، دەپ كۆرسىتىدۇ»[11]. ئەڭ ئىلمىي بايان، يۈكسەك پەلسەپىۋى پىكىر، مۇكەممەل بولغان تەبىئەت ھادىسىلىرىگىچە بولغان بىلىم شائىرنىڭ ئۆز ئەسىرىدە روشەن گەۋدىلەندۈرگەنلىكى، كىشىلەرنىڭ ئالەمنى كۆزىتىشى تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كامالەتكە يەتكەنلىكى سەۋەبىدىن «چىنلىقلار شاھلار ئەدەپ-قائىدىسى» دەپ ئاتىدى. ماچىن پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى «مەملىكەت قائىدىسى» دېيىشتى. مەشرىقلىقلار «ئەمىرلەر زىننىتى» دەپ ئاتىدى. ئىرانلىقلار «تۈركىي شاھنامە» دېيىشتى، بەزىلەر بولسا «پادىشاھ نەسىھەتنامىسى» دېيىشتى، تۇرانلىقلار «قۇتاتىغۇ بىلىگ دەپ ئاتايدۇ»غانلىقى «بۇ كىتابنى قەشقەر ئىلىدە تاماملاپ، مەشرىق پادىشاھى تابغاچ بۇغراخان ھۇزۇرىغا سۇنغان. شاھ بۇغراخانمۇ ئۇنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلۇغلاپ ئۆزىنىڭ خاس ھاجىپلىقىنى ئۇنىڭغا بېرىپ تەقدىرلىگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپ دەپ نام-شۆھرەت دۇنياغا يېيېلغاندۇر»[12]لىقى قىلچىمۇ شەك-شۈبھىسىز ۋە ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە.
ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ئىلىم-پەن تەتقىقات ساھەسى، پەلسەپىۋى تەپەككۇرى باشتىن-ئاخىر ھەقىقەتكە ئېرىشىش ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇش جەريانىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. شۇڭا، ھەقىقەتنى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزىنى ئۇنتىغان ھالدا ئىزدىگەن ۋە قەيسەرلىك بىلەن قوغدىغان بولسا، يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھەقىقەتكە قارشى كۈرەش قىلىپ، شەرمەندىلەرچە دەپسەندە بولغان. چۈنكى ھەقىقەت ئوبيېكتىپ شەيئى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ كىشىلەر مېڭىسىدىكى توغرا ئىنكاسى بولغان نەزەرىيەۋى بىلىشى بولۇپ، بۇ ھەقىقەتنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئوبيېكتىپ بولىدىغانلىقى ۋە شەكلىنىڭ سۇبيېكتىپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە، ھەقىقەت ـ نۇر چاقناپ تۇرغان بىباھا گۆھەر بولغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ مەسىلە پەقەت «نەزەرىيەنى سىرلىقلاشتۇرۇشمەسلىكى تەرەپكە باشلاپ كېتىدىغان سىرلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ ئەمەلىيىتى جەرياندا ۋە بۇ ئەمەلىيەتنى چۈشىنىش جەرياندا ئەقىلگە مۇۋاپىق يوسۇندا ھەل قىلىنىدۇ»[13][14].
198. كىم يېڭىلمەيدۇ، ماڭا ئېيتىپ بەرگىن (چۇ)؟
ساڭا ئېيتايكى يېڭىلىدىغان نەرسىلەر تۈمەن مىڭدۇر.
687. بارلىق كونا نەرسىلەر كۆرۈمسىز بولىدۇ،
كۆرۈمسىزنىڭ ئەيىبى يىرگىنچلىك بولىدۇ.
ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى سەپسەتە ئېرىقلىرىدا ئېقىپ كەلگىنىدەك، بىر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساڭ بىر ئەقىل تاپىسەن، مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى دېگەندەك، دانىشمەن شائىر داستاندا بىلىش جەريانىنىڭ چەكسىزلىكىنى، ھەقىقەتكە ئېرىشىشنىڭ جاپالىقلىقىنى، خۇددى تۆت ئاياغلىق ئاتنىڭمۇ پۇتلاشقىنىدەك، ئىنسان بىلىش جەريانى بىلەن ھەقىقەتكە ئېرىشىش جەريانى، توغرا بىلەن خاتانىڭ، سەپسەتە بىلەن ھەقىقەتنىڭ كۈرەش جەريانىنى ئىپادىلىسە، بۇ جەرياندا كونا بىلەن يېڭىنىڭ ئورۇن ئالمىشىش، ئۈستۈنلۈك تالىشىش مەسىلىسى پەقەتلا كىشىلەر توغرا بولغان بىلىشنى قولغا كەلتۈرەلىسىلا، ئاندىن پەرق ئەتكىلى بولىدىغانلىق مەسىلىسى.
686. تۇراقسىزلىق مەن ئۈچۈن ئەيىب ئەمەس،
ئۆزۈمگە دائىم يېڭى نەرسە تاللايمەن.
يېڭى شەيئى كونا شەيئىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا پەيدا بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە كونا نەرسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىش، ئۆزىنى تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇكەممەللىشىش ئۈچۈن تەرەققىيات جەريانى، دەل كىشىلەرنىڭ بۇ جەرياننى قانداق تونۇش مەسىلىسى، ئەنە شۇ چاغدىلا كىشىلەر كونا بىلەن يېڭىنى پەرق ئېتىپ ھەقىقەتكە ئېرىشەلەيدۇ. «يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ قەدىمكى جۇڭگو ياكى مىسىر ۋە بابىل ئاسورىيىدە ئۆتكەن بەزى پەيلاسوپلارغا ئوخشاش سۇبيېكتىپ ئېتىقادنىڭ قانداقلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئۆزىدە ئىستىخىيەلىك ساددا ماتېرىيالىستىك قاراشنىڭ بارلىقىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇ دۇنيا ۋە ھاياتنىڭ ماددا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغاندىن تاشقىرى، خۇددى قەدىمكى جۇڭگو پەيلاسوپى لاۋزىغا ئوخشاش چەكسىز ئۆزگىرىشلەر جەريانىدا كونا نەرسىلەرنىڭ يوقىلىپ، يېڭى نەرسىلەرنىڭ ھامان غەلىبە قازىنىشىغا ئىشىنىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ يېڭىلىق تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ»[14][15].
677. راھەت مەن بىلەن، مۇشەققەت مېنىڭدىن تازىدۇ، خۇشاللىق مەن بىلەن، قايغۇ ماڭا يوللىمايدۇ.
678. كىم ماڭا قارشىلىق قىلسا، قىينىلىپ ئۆلىدۇ، كىم ماڭا بويۇن ئەگىسە، ئارزۇسىغا ئېرىشىدۇ.
6634. نى-نى مال دۇنياغا ئىگە بولغان دۇنيا بەگلىرى، ئۆلۈم ياقىسىدىن تۇتقاندا كۆزلىرى تەلمۈرۈپ (ئۆلۈپ) كەتتى.
6635. يىگىتلىك بىھۇدە ئۆتتى، ئېسىت ياشلىق كۈنلىرىم، بۇ ھايات پۇشايمان قايغۇ بىلەن تۈگەيدۇ.
6636. نەچچە مىڭ (يىل) ياشىسىمۇ ئاخىرى ئۆلۈم بار، قانچىلىك دۇنيا توپلىسىمۇ، ئارقىسىدا قالىدۇ.
668. ھەي بەختلىك ئادەم، (بىر دەملىك) بەختكە مەغرۇرلانمىغىن، ھەي ئاتاقلىق ئادەم سەن بەختكە ئىشىنىپ كەتمە.
670. بەخت ئىشەنچسىز، ۋاپاسىز، تۇراقسىزدۇر، كەتكەندە تېز ئۇچىدۇ، ئايىغى تايغاق.
6643. تىلىڭنى تارت، گېلىڭنى يىغ، كۆپ ئۇخلىما، كۆزۈڭنى يۇم، قۇلىقىڭنى ئەت، خاتىرجەم تۇرىسەن.
ئىنسانلار مەيلى دۇنيانى بىلىش جەھەتتە بولسۇن، مەيلى ھەقىقەتكە ئېرىشىش جەھەتتىن بولسۇن، ئالەمدىكى بارلىق شەيئى بىرنىڭ ئىككىگە بۆلىنىش پىرىنسىپىمىز بويىچە، ئۆزىنىڭ قارىمۇقارشى تەرىپى بىلەن بىرگە بولغىنىغا، ھەقىقەتكە يېتىش ئۈچۈن سەپسەتە بىللە بولمىسا بولمىغىنىغا ئوخشاش ئۆزئارا قارىمۇقارشى ھەم مۇتلەق، ھەم نىسبىي بولۇشتەك دىيالېكتىكىلىق جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. كىشىلەرنىڭ شەيئىلەرگە بولغان توغرا بىلىشى بەلگىلىك شارائىتتا مۇتلەق بولسا، بەلگىلىك شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، مۇتلەق نەرسە نىسپىيلىككە ئايلىنىشىدەك، راھەت ئازابقا، خوشاللىققىمۇ قايغۇ-ئەلەملەرگە ئايلىنىپ كېتىشى، شەيئىلەرنىڭ ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللىشىش جەريانى. بۇ ھەقىقەتنىڭ  كىشىلەر ئىدىيەسىگە باغلىق بولمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولغان ھەقىقەتنىڭ ئوبيېكتىپلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، كونكرېت شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ھەقىقەتنىڭ نىسبىي ۋە مۇتلەقلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلىش ۋە ھەقىقەتنىڭ شەكلى بولغان ئادەمنىڭ كونكرېت شەيئىلەرنى تونۇشى، كىشىلەرنىڭ بەلگىلىك شارائىت ئاستىدا ئوبيېكتىپ جەريان ھەمدە ئۇنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان بىلىشنىڭ ھامان چەكلىك بولىدىغانلىقى، تولۇق بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پۈتكۈل دۇنياغا نىسبەتەن ھەر قانداق ھەقىقەت پۈتكۈل ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىنكاسى بولسا، كونكرېت شەيئىگە نىسبەتەن ئالغاندىمۇ بۇ ھەقىقەتلىك بىلىش يەنىلا شۇ كونكرېت شەيئى ۋە ھادىسىنىڭ مەلۇم تەرىپىنىڭ ئىنكاسىدىن ئىبارەت بىر خىل دىيالېكتىكىلىق تەرەققىيات جەريانىدۇر. لېكىن، قارشىلىشىش بىلەن بويسۇندۇرۇش مەسىلىسىگە كەلگەندە، ھەر قانداق بىر ئىجتىمائىي فورماتسىيەدىكى ھۆكۈمران سىنىپ ئىدىيەسىنىڭ ئىنكاسىنى ئىپادىلىسە، ئىككىنچى بىر تەرەپتىن، تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تارىختىكى   پەيلاسوپلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەت ۋە دەۋرنى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسى، ئۆزىنىڭ پەلسەپە ئىدىيەسىنى «پەنلەرنىڭ پېنى» دەپ قارايدىغان كۆز قاراشلار بىلەن ئوخشاشلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۈچىنچى بىر جەھەتتىن، «ھەر قايسى سىنىپلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە دۇنيا قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ. ھەر قايسى سىنىپلارنىڭ ئورنى، ئېھتىياجى، خاھىشى ھەمدە ھەر قايسى سىنىپلارنىڭ كۈرەش مۇساپىسىنى ئاساس قىلىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ»[15] غانلىقىدەك، سىنىپىي جەھەتتىن پەلسەپەنىڭ روشەن سىنىپى ۋە خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن «قوتادغۇبىلىك» خۇراپىيلىق ئىچىدە تۆرەلگەن، يەنى ئەقلىيەتچىلىك «كاپىر»، «دىنسىز»لارنىڭ ئىلىمى دەيدىغان خۇراپىي كۆز قاراش ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقان دەۋردە روياپقا چىققانلىقىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ»[16][17].
ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە قاتنىشىش ۋە بۇ جەرياندا دۇنيانى بىلىش، قانۇنىيەتلەرنى ئىگىلەپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىنىڭ تۈپ مەقسىتى ـ دۇنيانى ئۆزگەرتىش بىلەنلا قالماي، ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى باشقىلار ئۈچۈن ياخشىلىق قىلىش ۋە ئۇلار ئۈچۈن بەخت يارىتىش جەريانى بولۇپ، بىز ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى ئىنسانلار تېز سۈرەتتە كېتىۋاتقان كارۋان توپىغا ئوخشايدۇ. ئەگەر كىم بۇ مۇساپىنىڭ ئالدىدا ماڭالىسا، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىيالىشى، ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئېنىق تونۇش، ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىشلىرىغا ھەقىقىي تۈردە ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن يول ئېچىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن ئىدىيەۋى، ئىجتىمائىي ئاساس سېلىشىمىز ھەمدە يەنە دۇنيانى بىلىش ۋە ئۆزگەرتىش ئەمەلىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، كاللىمىزنى ئەنئەنىۋىلىك بىلەن ئەمەس، رېئال دۇنيانىڭ رېئاللىقى بىلەن زىچ باغلاپ، توغرا بىلىش ئاساسىدا ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، دادىل ئىزدىنىپ، ئۆزىمىزدىكى ئۈمىدسىزلىك ۋە «ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ» دەيدىغان خاتا ئىدىيەدىن خالىي بولۇپ، ئەجدادلارنىڭ نەتىجىسىنى «ئاخىرقى نۇقتا»، «كامالەت بەلگىسى» دەپ قارىماستىن، ئەمەلىيەت ۋە بىلىش ساھەسىدە «چەكلەنگەن رايون»لارغا بېسىپ كىرەلەيدىغان رول بولغاندىلا، ئالتۇن ئاچقۇچقا ئېرىشىپ، بىلىم دېڭىزىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ، ئۆزىمىز ۋە ئۆزگىلەر ئۈچۈن بەختنىڭ كەڭ قۇچىقىنى ئاچالايمىز.
ئىزاھاتلار ۋە پايدىلانمىلار:
[1][6][8][13] ئىنگلىز: «لىيۇدۋىگ فېييىرباخ ۋە گېرمانىيە كىلاسسىك پەلسەپىسىنىڭ ئاخىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1975-يىلى 10-ئاي نەشرى، 25-،27-، 28-، 98-، 99-بەتلەر.
[2] [7] «دىيۇرىشقا قارشى»، مىللەتلەر نەشرىياتى،  1972-يىلى 10-ئاي نەشرى، 60-، 62-، 65-، 66-بەتلەر.
[3][4][9][12] «قۇتادغۇبىلىك»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006-يىلى 6-ئاي نەشرى، 2-، 5-، 6-، 8-بەتلەر.
[5] «ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى(A)»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1964-يىلى 11-ئاي نەشرى، 951-بەت.
[10] «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006-يىلى 4-ئاي نەشرى، 416-بەت.
[11] «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1982-يىللىق 3-سان، 10-، 13-، 14-، 16-، 17-بەتلەر.
[14] «خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2008-يىلى 7-ئاي نەشرى، 45-،46-بەتلەر.
[15] «ماركسىزملىق پەلسەپە قائىدىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىللىق 8-ئاي، 33-بەت.
[16] «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»، 2008-يىللىق 3-سان، 26-بەت.
تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن

论“福乐智慧”的认识论

热合木江•巴拉提,努尔古丽•阿伍提

摘  要:本文从马克思主义观点出发,以历史唯物主义观为基础,分析了“福乐智慧”中的认识论。阐述了在历史条件下,祖先认识世界和改造世界的发展水平,并以此为行动指南,将祖先认识世界和改造世界的理论实践,承前启后,继往开来。
关键词:福乐智慧;历史条件;认识论




        

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-10-19 14:39:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزدىن خۇرسەنمەن.

ۋاقتى: 2013-10-20 18:46:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىرەر ژورنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىمۇ؟ مەنبەسى ئەسكەرتىلمەپتۇ .

بۇنداق ئاسانلا يېشىپ قويدىغان ئىش بولسا تەتقىقاتنىڭمۇ تاينى قالماپتۇ.
تۆۋەندىكى قۇرلارغا قاراپ باقايلى:

يېڭى شەيئى كونا شەيئىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا پەيدا بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە كونا نەرسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىش، ئۆزىنى تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇكەممەللىشىش ئۈچۈن تەرەققىيات جەريانى، دەل كىشىلەرنىڭ بۇ جەرياننى قانداق تونۇش مەسىلىسى، ئەنە شۇ چاغدىلا كىشىلەر كونا بىلەن يېڭىنى پەرق ئېتىپ ھەقىقەتكە ئېرىشەلەيدۇ.
يېڭى شەيئى ھەرگىزمۇ كونا شەيئىنىڭ ئىچكى قىسمدا پەيدا بولمايدۇ.بەلكى يېڭى شەيئىلەر ئۈزلۈكسىز بايقىلىپ تۇرۇلىدۇ. بىز كونا  شەيئىنى  بىردىنبىر ماھىيەت دەپ قارىمساقلا يېڭى شەيئىلەر ئۇنىڭدىن بىغلىنىپ چىقىشى تەس.  بۇ خۇددى يېڭى دېگەن سۆز كونا دېگەن سۆزدىن تۈرلنىپ چىقمىغاندەكلا بىر ئىش.
ماقالىدا،بىرىنچى جۈملىدە شەيىئى دەپ ئېلنسا ئارقىدىنلا ئۇ ‹نەرسە ›دەپ ئېلىندۇ. ئۇلار دېمەكچىكى،يېڭى شەيئىلەر كونا شەيئىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبول قىلارمىش! ئارقىدىن :«ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىش، ئۆزىنى تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇكەممەللىشىش ئۈچۈن تەرەققىيات جەريانى ،» buجەريانى  نېمە بولۇپتۇ. گەپ بۇ يەردە بەكلا چۈشنكسىز بولۇپ زادى بۇ بۆلەكتە نېمە دېمەكچى؟ مۇشۇ خىل تەدرىجى تەرەققىيات جەريانى <كونا بىلەن يېڭىنى (كونا شەيئى بىلەن يېڭى شەيئىنى دېمەكىچى) پەرىق ئېتىپ ھەقىقەتكە ئېرشەلەيدۇ. >بۇ يەردە كونىلىق بىلەن يېڭلىقنى پەرىقلەندۇرگەندە ھەقىقەتكە ئېرشكلى بولىدۇ.دېگەنلىكمۇ ياكى كونا شەيئىدىن تەرەققى قىلىپ پەيدا بولغان يېڭى شەيئىنى پەرقلەندۇرپ ھەقىقەتنى تاپىدۇ دېمەكچىمۇ؟ ئۇنداقتا ئەسلى ئۆز ئارا مۇناسۋەتلىك نەرسىلەرنىڭ بىرى    ھەقىقەت بولۇپ يەنە بىرى باشقا نەرسە بولۇپ ئايرلىپ چىقامدۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن ئاقمايدىغا ھەم ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان قارسىغلا ئېيتلىغان سۆزلەر بولۇپ ئۇلار ئۆزلىرنىڭ نېمە داۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ.

16-17- سان قويولغانلار گەرچە يۇقارىقى ئاپتورلارنىڭ پىكىرى ئەمەس بەلكى ئىجتمائى پەنلەر ژورنلىنىڭ مەلۇم ساندىن ئېلىنغان نەقىل ئىكەنلىكى كۆرستىلگەن بۇ قۇرلار:بۇ نۇقتىدىن «قوتادغۇبىلىك» خۇراپىيلىق ئىچىدە تۆرەلگەن، يەنى ئەقلىيەتچىلىك «كاپىر»، «دىنسىز»لارنىڭ ئىلىمى دەيدىغان خۇراپىي كۆز قاراش ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقان دەۋردە روياپقا چىققانلىقىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ.
مېنڭچە قۇتادغۇبلىك يېزلغان ۋاقىت قارخانىلار ئىلىم مەرىپەت گۈللىنىپ يۇقىرى پەللىگە چىققان دەۋېرىدە يېزلغان ئۇنداق بولمسا خاس ھاجىپدەك ئالىملار مەيدانغا كەلمىگەن. قۇتادغۇبىلىك ئەسىرىمۇ مەيدانغا كەلمگەن بولاتتى. بۇ ماركىسىزمىچىلارنىڭ   نېمشقا سىنى قاراشلارنىڭ جوڭگونىڭ يېقىنىقى زامان تارىخىچە بولغانلىقى سىنىپى كۈرەشلەرنىڭ   تاكى يېڭى جوڭگو قۇرۇلغىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ سىنىپ بولغانلىقى ۋە سىنىپى پەرىق بولغانلىقى  ئۈچۈن شۇ جەمئيەتكە باھا بەرگەندە قانداقتۇر خۇراپيلىق دەپ چۈشەندۇرۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلمامدىغاندۇ؟
قۇتادغۇبلىكىنىڭ دۇنيا ۋە ھاياتنى بىلىش مەنبەسى ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت ئەڭ ئىلىغار  دىننىڭ دۇنيا ھەققىدىكى تەلىماتلىرنى مەنبە قىلغان بولۇپ دۇنيا ۋە دۇنيا ھاياتنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكى ،بەخىت ۋە بەختسزلىكنىڭ نېسىپىلىكى تىلغا ئېلنغان تۇرسا ئۇنىڭ ئۈمىتسزلىككە يول ئىچىشى مۇمكىنمۇ؟

لېكىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسى ۋە فېئودال ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئىدىيە يېتەكچىسى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان شارائىتتا، خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش، ھۆكۈمران سىنىپنىڭ «نادان قالدۇرۇش سىياسىتى» يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، مۇتەپەككۇرنىڭ بۇ خىل ئىدىيەسى يېڭىلىققا كۆچۈش، يېڭىلىق يارىتىش، بىلىم بىلەن گۈزەل كېلەچەك، پارلاق ئىستىقبال يارىتىشنىڭ  ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەن.
مۆھتىرەم ئوقۇغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلار، خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياستىى بولسا جىن شۇرىن ۋە جاللات شىڭسسەي زامانىدا بارلىققا كەلگەن ۋە يولغا قويۇلغان ئىش. يۈسۈپ خاس ھاجپنىڭ زامانىسدا ئۇنچلىك شۇملۇق تەدبىرلەرنى بىلىدىغان شاھلار ھەر ھالدا ئۆتمىگەن . ناۋادا شۇنداقىراق ئىشلار بولغان بولسا باشقا بىر ئىبارە قوللانساق بولىدۇ . يەنى خەلق ئۆزى نادان بولغاچقا سىياسەتنى چۈشەنمىگەن.شۇڭلاشقا ئۇلارغا ئاخىر سىياسەتمۇ كار قىلمىغان شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەت يەنىلا تەرەققى قىلپ زامانسنىڭ ئالىملىرى مەيدانغا كېلىۋەرگەن دەپ يازىۋرسەك بولىدۇ.



قسقىسى بۇ  ساياق ماقالە ئاددى ,تىيىز پىكىرلىكى ۋە ماتىريال مەنبەسنىڭ ئاز بولۇشى بىلەن ئادەمنى ئۈمىتسزلەندۇرىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆۋرۇك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-20 19:23  


ۋاقتى: 2013-10-20 18:59:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنىڭ ماركىسىزم بىرنىڭ  ئىقتساد قانۇن فاكۇلتىتىدا ئوقۇپ تۇرۇپ قۇتادغۇبلىكنىڭ بىلىش نەزەرىيسىنى تەتقىق قىلغانلىقى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ.

ۋاقتى: 2013-10-20 20:05:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆۋرۇك يوللىغان ۋاقتى  2013-10-20 18:59
بىرىنىڭ ماركىسىزم بىرنىڭ  ئىقتساد قانۇن فاكۇلتىتىدا ئ ...


ۋاقتى: 2013-10-20 23:06:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەزىرىمدە ماقالىنىڭ خاتالىقلىرى:

      ‹‹ئۇ قۇدرەتلىك، بىرلا خۇدا ھەممىدىن ئىلگىرىدۇر، بارلىق شۈكۈر مەدھىيەلەر ئۇنىڭغىلا مەنسۇپتۇر.
3. (ئۇ) بوز يەر. يېشىل ئاسمان. كۈن ۋە ئاي. تۈننى، خەلقنى، زامان ۋە كۈنلەرنى ياراتتى.
21. سەن تۈمەن مىڭ، سان-ساناقسىز تىرەكلەرنى ياراتتىڭ، تۈزلەڭ، تاغ-دېڭىز، دۆڭ، ئويمان يەرلەرنى (ياراتتىڭ).
22. يېشىل ئاسماننى تۈمەن مىڭ يۇلتۇز بىلەن بېزىدىڭ، قاراڭغۇ تۈننى نۇرلۇق كۈندۈز بىلەن يورۇتتۇڭ.
دېيىش ئىنساننىڭ بىلىم ۋە بىلىش مەسىلىسى ـ ئىلاھنىڭ بەلگىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلە دائىرىسىدىن ھالقىپ،...››


     ئاللاھنىڭ ئالەمنى ياراتقانلىقى بايان قىلىنغان نەقىللەر ئېنىق تۇرسىمۇ، ئاپتورلار يەنە ‹‹ئىلاھنىڭ بەلگىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلە دائىرىسىدىن ھالقىپ›› دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. بۇ نەقىلنى جايىغا ئالالمىغانلىق ياكى نەقىلنى چۈشەنمەي بۇرمىلىغانلىق.


‹2› ‹‹ ‹قۇتادغۇبىلىك› ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىلغان يىلى مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمى ئىسلام دىداكتىك مەزمۇنىدىكى يادىكارلىقىدۇر››

    ئەڭ قەدىمىي ئىسلام دىداكتىك(پەندى-نەسىھەت) مەزمۇنىدىكى ئەسەر فارابىينىڭ ‹‹ پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىلىرى›› ناملىق ئەسەر. ئەگەر يۇقىرىقى خاتا جۈملىگە ‹‹داستان›› دېگەن سۆز قوشۇلغان بولسا ئاندىن ئۇ جۈملە توغرا بولاتتى.


‹3› ‹‹ «ئەينى زامان ئىجتىمائىي ھايات بىلەن زىچ باغلانغان، ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن رېئاللىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئەدەبىي ئەسەردۇر»[4]لىقى شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭمۇ دۇنيانىڭ بىرلىكى ماھىيىتى ۋە يارىلىش مەسىلىسىدۇر:...››

        بۇ جۈملىنى نەچچە ئوقۇپمۇ بىر-بىرىگە باغلاشتۇرالمىدىم، قولاشمىغان جۈملە ئاپتورنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكنى بىلدۈرەلمەپتۇ.


‹4› ‹‹ لېكىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسى ۋە فېئودال ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئىدىيە يېتەكچىسى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان شارائىتتا، خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش، ھۆكۈمران سىنىپنىڭ «نادان قالدۇرۇش سىياسىتى» يولغا قويۇلغان بولسىمۇ،...››

   بۇ جۈملىلەردىن خەلقنى نادان ھالەتتە قالدۇرۇش دېگەن سەلبىي ئىبارە ئىسلام دىنىنىڭ ھاكىمىيەت پرىنسىپى قىلىپ ئىپادىلىنىپتۇ. لېكىن مىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر خەلقى ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى قانداقتۇر ئۇلار دېگەندەك دىن ئەمەس، قارىغاندا ئاپتورلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدە ‹‹ ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارنى قالاقلىقتا قالدۇرغان سەۋەب›› دەيدىغان خاتا قاراش بار چېغى!...

‹ 5› ‹‹ بىلىمنى قانچە كۆپ ئىگىلىگەنسېرى ئىنسان شۇنچىلىك قابىلىيەتلىك ۋە بىلىملىك بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئەخلاق جەھەتتە يۈكسەك كامالەتكە يېتىدۇ، دەيدۇ..››

     بۇ جۈملە خاتا مەزمۇندا سۇغىرىلغان جۈملە بولۇپ، بىر تەرەپلىمىكى كۈچلۈك. بىلىمىلىك كىشىنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتە كامالەتكە يېتىپ كېتىدىغانلىقى مۇتلەق ھەقىقەت ئەمەس، ‹ئەخلاقمۇ بىلىم››كى، قانداقتۇر بىلىملىك بولسىلا ئەخلاقلىق بولۇپ كېتىدىغان ئاسان ئىش يوق، نى-نى بىلىملىك كىشىلەرنىڭمۇ ئەخلاقسىز قىلىقلىرى مەۋجۇد، بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ ئىچىدە قائىدە-يوسۇنلۇق، پەزىلەتلىكلەر نۇرغۇن، ئەگەر بۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سۆزى بولسا، ئۇنداقتا خاتلاشقان بولىدۇ، لېكىن بۇ مېنىڭچە بىراۋلارنىڭ ئۇنىڭغا تاڭقان بۇرمىلانما سۆزى بولسا كېرەك...


‹ 6› ‹‹ «ھەر قايسى سىنىپلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە دۇنيا قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ. ھەر قايسى سىنىپلارنىڭ ئورنى، ئېھتىياجى، خاھىشى ھەمدە ھەر قايسى سىنىپلارنىڭ كۈرەش مۇساپىسىنى ئاساس قىلىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ»[15] غانلىقىدەك، سىنىپىي جەھەتتىن پەلسەپەنىڭ روشەن سىنىپى ۋە خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن «قوتادغۇبىلىك» خۇراپىيلىق ئىچىدە تۆرەلگەن، يەنى ئەقلىيەتچىلىك «كاپىر»، «دىنسىز»لارنىڭ ئىلىمى دەيدىغان خۇراپىي كۆز قاراش ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقان دەۋردە روياپقا چىققانلىقىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ»[16][17].››


      بېشى توغرا، ئايىغى گۇمانلىق بۇ جۈملىلەر توغرىسىدا ئوبدانراق ئويلىنىش كېرەك، ‹‹«قوتادغۇبىلىك» خۇراپىيلىق ئىچىدە تۆرەلگەن››مۇ؟؟ بىز پەخرلىنىپ سۆزلەيدىغان ۋە ئەسلەيدىغان شۇ دەۋرلەردە راستىنلا ‹‹ خۇراپىي كۆز قاراش ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقان›› مىدى؟؟

‹7› ‹‹ دۇنيانى بىلىش ۋە ئۆزگەرتىش ئەمەلىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، كاللىمىزنى ئەنئەنىۋىلىك بىلەن ئەمەس، رېئال دۇنيانىڭ رېئاللىقى بىلەن زىچ باغلاپ، توغرا بىلىش ئاساسىدا ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ،...››
     
بۇ جۈملىدىكى ئەنئەنىۋىلىكنىڭ چىگراسى قەيەردىن قەيەرگىچە؟ قايسى ئەنئەنىنى دېمەكچى؟ بۇ جۈملىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تۈگىگىچە ماڭا نىسبەتەن توغرا.
   
   ئەڭ خەتەرلىك ماقالە - پۈتۈنلەي خاتالىق بىلەن تولغان ماقالە ئەمەس، بەلكى توغرىسى بىلەن خاتاسى چىرمىشىپ كەتكەن ‹‹ماقالە››. چۈنكى ئۇنداق ‹‹ماقالە›› بىزنى ئاسانلا ئازدۇرۇپ كېتىدۇ.

ۋاقتى: 2013-10-21 00:28:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بۇنداق نەزىرىيەلەرنىڭ بىزگە پايدىسى بوپ  قالار ،ھىچ بولمىغاندا مۇلاھىزە يولىنىشمزنى بەلگىلەپ بىرەر.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-26 18:58:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



         ئوقۇغانلار ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغانلارغا رەھمەت!
      ماقالىنى ژۇرنالغا بېرىش ئالدىدا بەك كۆپ دىلغۇل بولغانىدىم. «نېمىلا بولسۇن باشقلار كۆرۈپ باھا بېرىپ باقسۇن» دەپ بېرىۋەتكەن ۋە بۇ يەرگە يوللاپ قويغانىدىم. خېلى ياخشى پىكىرلەر بېرىلىپتۇ...
          ماقالىنى ئابزاسمۇ ئابزاس مۇھاكىمە قىلىپ كۆرگەن يۈسۈفىگە كۆپ رەھمەت!

ۋاقتى: 2013-10-26 19:28:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخىمجان مۇئەللىم شۇ مەكتەپتىكى سەل بىر نەرسە بىلىدىغان ئوقۇتقۇچى.بىراق بۇ ماقالىنىڭ چولتا يېرى ئاز ئەمەستەك قىلىدۇ ئابدۇرېھىم زۇنۇن مۇئەللىم!!!

ۋاقتى: 2014-6-5 10:25:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماركىسزىملىق دۇنيا قاراشنىڭ يىتەكچىلىكىدە دەمدا،قىسقىچە مەزمۇنى بويىچە بولغاندا بۇ ئېنىقلا بۇرمىلاش

ۋاقتى: 2016-4-7 18:56:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر تېمىنى يوللاپسىز، ئىزدىنىش قەدەملىرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش