|
بۇ بىرەر ژورنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىمۇ؟ مەنبەسى ئەسكەرتىلمەپتۇ .
بۇنداق ئاسانلا يېشىپ قويدىغان ئىش بولسا تەتقىقاتنىڭمۇ تاينى قالماپتۇ.
تۆۋەندىكى قۇرلارغا قاراپ باقايلى:
يېڭى شەيئى كونا شەيئىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا پەيدا بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە كونا نەرسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىش، ئۆزىنى تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇكەممەللىشىش ئۈچۈن تەرەققىيات جەريانى، دەل كىشىلەرنىڭ بۇ جەرياننى قانداق تونۇش مەسىلىسى، ئەنە شۇ چاغدىلا كىشىلەر كونا بىلەن يېڭىنى پەرق ئېتىپ ھەقىقەتكە ئېرىشەلەيدۇ.
يېڭى شەيئى ھەرگىزمۇ كونا شەيئىنىڭ ئىچكى قىسمدا پەيدا بولمايدۇ.بەلكى يېڭى شەيئىلەر ئۈزلۈكسىز بايقىلىپ تۇرۇلىدۇ. بىز كونا شەيئىنى بىردىنبىر ماھىيەت دەپ قارىمساقلا يېڭى شەيئىلەر ئۇنىڭدىن بىغلىنىپ چىقىشى تەس. بۇ خۇددى يېڭى دېگەن سۆز كونا دېگەن سۆزدىن تۈرلنىپ چىقمىغاندەكلا بىر ئىش.
ماقالىدا،بىرىنچى جۈملىدە شەيىئى دەپ ئېلنسا ئارقىدىنلا ئۇ ‹نەرسە ›دەپ ئېلىندۇ. ئۇلار دېمەكچىكى،يېڭى شەيئىلەر كونا شەيئىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبول قىلارمىش! ئارقىدىن :«ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىش، ئۆزىنى تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇكەممەللىشىش ئۈچۈن تەرەققىيات جەريانى ،» buجەريانى نېمە بولۇپتۇ. گەپ بۇ يەردە بەكلا چۈشنكسىز بولۇپ زادى بۇ بۆلەكتە نېمە دېمەكچى؟ مۇشۇ خىل تەدرىجى تەرەققىيات جەريانى <كونا بىلەن يېڭىنى (كونا شەيئى بىلەن يېڭى شەيئىنى دېمەكىچى) پەرىق ئېتىپ ھەقىقەتكە ئېرشەلەيدۇ. >بۇ يەردە كونىلىق بىلەن يېڭلىقنى پەرىقلەندۇرگەندە ھەقىقەتكە ئېرشكلى بولىدۇ.دېگەنلىكمۇ ياكى كونا شەيئىدىن تەرەققى قىلىپ پەيدا بولغان يېڭى شەيئىنى پەرقلەندۇرپ ھەقىقەتنى تاپىدۇ دېمەكچىمۇ؟ ئۇنداقتا ئەسلى ئۆز ئارا مۇناسۋەتلىك نەرسىلەرنىڭ بىرى ھەقىقەت بولۇپ يەنە بىرى باشقا نەرسە بولۇپ ئايرلىپ چىقامدۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن ئاقمايدىغا ھەم ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان قارسىغلا ئېيتلىغان سۆزلەر بولۇپ ئۇلار ئۆزلىرنىڭ نېمە داۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ.
16-17- سان قويولغانلار گەرچە يۇقارىقى ئاپتورلارنىڭ پىكىرى ئەمەس بەلكى ئىجتمائى پەنلەر ژورنلىنىڭ مەلۇم ساندىن ئېلىنغان نەقىل ئىكەنلىكى كۆرستىلگەن بۇ قۇرلار:بۇ نۇقتىدىن «قوتادغۇبىلىك» خۇراپىيلىق ئىچىدە تۆرەلگەن، يەنى ئەقلىيەتچىلىك «كاپىر»، «دىنسىز»لارنىڭ ئىلىمى دەيدىغان خۇراپىي كۆز قاراش ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقان دەۋردە روياپقا چىققانلىقىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ.
مېنڭچە قۇتادغۇبلىك يېزلغان ۋاقىت قارخانىلار ئىلىم مەرىپەت گۈللىنىپ يۇقىرى پەللىگە چىققان دەۋېرىدە يېزلغان ئۇنداق بولمسا خاس ھاجىپدەك ئالىملار مەيدانغا كەلمىگەن. قۇتادغۇبىلىك ئەسىرىمۇ مەيدانغا كەلمگەن بولاتتى. بۇ ماركىسىزمىچىلارنىڭ نېمشقا سىنى قاراشلارنىڭ جوڭگونىڭ يېقىنىقى زامان تارىخىچە بولغانلىقى سىنىپى كۈرەشلەرنىڭ تاكى يېڭى جوڭگو قۇرۇلغىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ سىنىپ بولغانلىقى ۋە سىنىپى پەرىق بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ جەمئيەتكە باھا بەرگەندە قانداقتۇر خۇراپيلىق دەپ چۈشەندۇرۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلمامدىغاندۇ؟
قۇتادغۇبلىكىنىڭ دۇنيا ۋە ھاياتنى بىلىش مەنبەسى ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت ئەڭ ئىلىغار دىننىڭ دۇنيا ھەققىدىكى تەلىماتلىرنى مەنبە قىلغان بولۇپ دۇنيا ۋە دۇنيا ھاياتنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكى ،بەخىت ۋە بەختسزلىكنىڭ نېسىپىلىكى تىلغا ئېلنغان تۇرسا ئۇنىڭ ئۈمىتسزلىككە يول ئىچىشى مۇمكىنمۇ؟
لېكىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسى ۋە فېئودال ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئىدىيە يېتەكچىسى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان شارائىتتا، خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش، ھۆكۈمران سىنىپنىڭ «نادان قالدۇرۇش سىياسىتى» يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، مۇتەپەككۇرنىڭ بۇ خىل ئىدىيەسى يېڭىلىققا كۆچۈش، يېڭىلىق يارىتىش، بىلىم بىلەن گۈزەل كېلەچەك، پارلاق ئىستىقبال يارىتىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەن.
مۆھتىرەم ئوقۇغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلار، خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياستىى بولسا جىن شۇرىن ۋە جاللات شىڭسسەي زامانىدا بارلىققا كەلگەن ۋە يولغا قويۇلغان ئىش. يۈسۈپ خاس ھاجپنىڭ زامانىسدا ئۇنچلىك شۇملۇق تەدبىرلەرنى بىلىدىغان شاھلار ھەر ھالدا ئۆتمىگەن . ناۋادا شۇنداقىراق ئىشلار بولغان بولسا باشقا بىر ئىبارە قوللانساق بولىدۇ . يەنى خەلق ئۆزى نادان بولغاچقا سىياسەتنى چۈشەنمىگەن.شۇڭلاشقا ئۇلارغا ئاخىر سىياسەتمۇ كار قىلمىغان شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەت يەنىلا تەرەققى قىلپ زامانسنىڭ ئالىملىرى مەيدانغا كېلىۋەرگەن دەپ يازىۋرسەك بولىدۇ.
قسقىسى بۇ ساياق ماقالە ئاددى ,تىيىز پىكىرلىكى ۋە ماتىريال مەنبەسنىڭ ئاز بولۇشى بىلەن ئادەمنى ئۈمىتسزلەندۇرىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۆۋرۇك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-20 19:23
|
|