گۆھەر ئابلا يوللىغان ۋاقتى 2013-10-12 13:48
چالا تەككەن ئوق
بالدۇر ئويغانغان ئادەم.
ئانا يۇرت
«ئۈچ ياش» دېگەن كىنودا مۇنداق دىئالوگ بار:
مۇكەررەم:
__ ئاچا، ھېچ بولمىغاندا كىتاب ئوقۇساڭمۇ ھېساب، ماۋۇ كىتابنى ئوقۇپ باقە،__ ئاچىسى مۇھەررەمگە بىر كىتابنى سۇنىدۇ.
__ چالىقۇش؟
__ ياق، چالىقۇش ئەمەس، چالىقۇشى، شاختىن - شاخقا ئۇچۇپ يۈرىدىغان چىرايلىق قۇشنىڭ ئىسمى.
______________________________________________________
مەن بۇ روماننى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىرى. 17 يىل بۇرۇن مەن بۇ روماننى 12 ھەسسە جەرىمانە تۆلەپ تۇرپان ۋىلايەتلىك كۈتۈپخانىدىن ئېلىۋالغان ئىدىم.(گەرچە بۇ ئەخلاقسىزلىق بولسىمۇ) ھازىرمۇ شۇ چاغدىكى 9 مو 6 پۇڭلۇق نۇسخىسىنى قەدىرلەپ ساقلاۋاتىمەن.
مېنىڭ چالىقۇشى ئىسىملىك بىر نەچچە توردىشىم بار . ئۇلارنىڭمۇ دەسلەپتە ئىسمى چالىقۇش ئىدى. مەن ئۇلارغا سۆزلەپ يۈرۈپ چالىقۇشىغا ئۆزگەرتكۈزگەن ئىدىم.
دېمەكچى بولغىنىم مۇشۇ روماننىڭ ئىسمىنى توغرا ئاتىغان بولساق.
گۆھەر ئابلا خانىم، كەچۈرۈڭ، ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم.