aptap يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 00:09
نىمىشقا يازغۇچىلارنىڭ ساپاسى تۆۋەندۇ دەپ ئويلىسام ...
بۇ يەردىكلەر ئۆزلىرىنى يازغۇچى دېمگەندۇ؟بەلكى ئوقۇپ باققان 20 كىتابنى ساناپ باقتۇق.باشقىلارنىڭ
20 ساننى كۆرستىپ بەرگەنلىكى ئەخمەقلىكى ئىكەندە!تىلغا ئالمىغانلىرى نەچچە يۈز بولۇشى مۇمكىن. كىتاب خالتلىرى يازغۇچى بولدىغان ئىش بولسا ئۇ چاغدا باشقا گېپىم يوق ئىدى.ئىنكاسنى يېزىۋالساقلا ھېساب ئەمەس. يازغۇچى دېگەن سۆزنى باشقىلارغا بەك تېزلا بېرۋەتكىنڭلارغا قارىغاندا ،يازغۇچى ھەققىدە ئۇقۇمڭلاربىر پارچە نەرسىىسى ئېلان قىلنسلا يازغۇچى شائىر دەپ قارايدىغان ئاددى ئاۋامدىن قېلشمايدىغان ئوخشايدۇ...
بىزنىڭ ھەممە گەپلىرىمىزدىن چوقۇم ساپا تۆكۈلۈپ تۇرۇشى كېرەكمۇ سىلەر ئاز- تولا تەبىئيلىكنىڭ تەمنى مەڭگۈ بىلمەي ئۆتۈپ كېتۋىرىڭلار! .تور دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭدا ئاز تولا ئەخمەقلىىق بولىدۇ.كۆڭۈل ئېچىش خاراكىتىرى بولىدۇ .بەزىدە ئىملا خاتالىقى بولىدۇ،چېكىت پەشلەرنى كۆزىگە كۆرستىپ تۇرۇپ يازغان ئىنكاسلارغا قاراپ بەزىدە كۈلۈپ كېتىمەن. باغداش مۇنبىرىدە تاشپولات ئاكىنىڭ پارىس دەپ يېزلىپ قالغان خېتى ئەسلىدە پارىژ بولسىمۇ بېشدا فرانسىيە تىلغا ئېلىنغان بولغاچقا شۇنى توغرا چۈشنىپ تۇرماي بىر ئەخمەق چىقىپ : ئىملا خاتاكەن ئەسلىدە..... دەپ ئىنكاس يېزىپ يۈرۇپتۇ.سەن ئامىرىكىغا بېرىپ ئون يىگىرمە يىل تۇرۇپ ئاندىن توساتتىن ئۇيغۇر مۇنبەرلەرگە تېما يېزىپ باق!قولۇڭ ئەمەس تىلڭمۇ زۇۋانغا كەلمەي دۇدۇقلاپ يۈرمىگەننى بىر كۆرەي! دەپ ئۇچۇر قىلۋىتىەي دەپ بولدى قىلدىم. يوللىغان تېملار ئىچىدە بەزىدە يۇمۇر كۈلدۈرگىلەر بولىدۇ. بەزىدە مۇشۇنداق داپقا ئۇسۇل ئوينايدىغان گەپ. ئىلميلىكتە چىكىگە يېتىپ كەتكەن ئامىرىكلىق ئالىملار< ساراڭلار كۇلۇبى> دەپ بىر كۇلۇپ قۇرغان يەردە سىلەرنىڭ ئىلميلىك ۋە ساپادا سالاپەتلىك بولىۋلىشڭلار ئادەمنىڭ ئىچنى سىقىۋتىدىكەن.
خېلى ئىلمىي ئىنكاس ۋە تېما يېزىپ تۇردىغان ئەزىز ھېيت كۈنمۇ ئىنكاسىدا توساتتىنلا بۇنداق يېزىش خاتا ئەمەس بەلكى توغرا.دەپ باھا بېرىپ يۈرۇپتۇ. يا بىرسى سوراپ ئايرىپ بەر دېمسە ھېچنمدىن يوقلا توغرا دىگەنلىك كشگە:< ئەسلىدە بۇنداق تېما يېزشنىڭ خاتاسىمۇ بولۇپ ئۇنى تەھلىل قىلش ئارقىلىق توغرا دەپ خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇ .>دىگەندەك پارتىيۋى چۈشەنچىنى بېرىدۇ. دېمەك مۇشۇنچلىك ئىشلاردا بىز نېمە قىلىپ يۈرۈيمىز؟بىزنىڭ قىلدىغان باشقا ئىشىمىز يوقما؟بىر توپ بالىلار سۇ چېچىپ ئويناۋاتسا بىرسى كېلىپ بۇ نېمە دېگەن ساپاسزلىق؟ سۇ _تەبئىەتتكى چەكلىك بايلىق تۇرسا ئۇنى ئىسراپ قىلماسلىق كېرەك دېسە يەنە بىرەيلەن بۇنداق ئەمەس بۇ بالىلار مەقسەتسىز سۇ چاچمىدى بەلكى بۇنىڭ تارىخى ئاساسى بار ،شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى خەلىقلەردە ئەنئەنىۋى سۇ چېچىش بايرىمى بار. دېمەك ئۇ شۇنىڭ بىلەن مۇناسۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ پىكىر قىلغاندەك ئىش بولىۋاتىدۇ. بالىلار تەبىئەتتىن ھوزۇرلانسا سۇ چېچىپ ئوينىسا بۇ نېمە دېگەن كۆڭۈللۈك ئويۇن!( بىزنىڭ نېمە كارىمىز؟)
زىىغرلاپ يۈرۇش كېسىلى ئەدەبىياتقا كىرىگىلى خېلى بولدى
بۇنداق خاھىشلار (گرانىت تاش كېسلى)خېلى ۋاقتلارغىچە داۋاملىشدىغان ئوخشايدۇ.لىكىن ئۇنىڭمۇ بىر ئامالى بار: يەنى _پەرۋا قىلماسلىق. مېغىزنى يەۋىلپ شاكلىنى تاشلىۋتىىش,
ئاخىردا ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتنى خۇددى مۇشۇ تېمدەك خوشال خورام ئۆتكۈزۈشڭلارنى ئۈمىد قىلمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۆۋرۇك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-16 17:36