يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1299|ئىنكاس: 27

قاسىم سىدىق:سېستىما تۆزۆلىشى،ھەركەت شەكىللىرى، مۇلاھىزىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سېستىما تۆزۆلىشى،ھەركەت شەكىللىرى،ئەركىن مۇلاھىزىلەر

___ مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئالەم ۋە ئالاقىدار بىلىش،ئىپادىلەش مىتوتلىرى

ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى:
مەن بۇ تېمىدا«ئېن»دنى يادىرۇ قىلغان ماددى مەۋجۈتلۆكنىڭ ھەر خىل تۆزۆلۆشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۈپ ھەركەت شەكلى ئۆستىدىكى قاراشلىرىمنى،كېڭىيىپ- تارىيىپ ئىزچىل دەۋرى قىلىدىغان "فىزىكىلىق ئالەم" ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمنى چامىمنىڭ يېتىشىچە ئىخچام ۋە چۈشۈنۈشلۆك بايان قىلىشقا تىرىشىمەن.مەخسۇس كەسىپ ئەھلى بولمىغانلىغىم ئۈچۈن سەھۋە-خاتالارغا يول قويۇپ قۇيۇشتىن ساقلانمىغىم قىيىن،ئۇستازلارنىڭ ،دۇسىتلارنىڭ سەھۋە -خاتالىقلارنى كۇرسۆتۆپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

1.سېستىما تۆزۆلىشى

شەكىل نەزەريىسىدە «فىزىكىلىق ئالەم»دىكى تۆزۆلۈشكە ئىگە زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ھەممىسى تۆزۆلۈشكە ئىگە بولمىغان،ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچەلەر نىڭ پۆتۆن سان ھەسسىلىگى بۇيىچە تۆزۆلگەن بولىدۇ.دەپ قارىلىدۇ. بۇنداق ماددى ئالەمنى بەرپا قىلغۇچى ئىلىمىنتار زەررىچىگە ئېينىشتېيىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن«ئېن»دەپ نام بېرىلگەن.بۇنداق ئېنلارنىڭ ئالەمدىكى سانى چەكلىك بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەجىمىنىڭ يىغىندىسى پۆتۆن ئالەمدىكى ماسسا - ئىنىرگىيىسىنىڭ ھەجىمىنى،يەنى "مۇتلەق ھەجىم"ىنى كۇرسۆتىدۇ.بۇ بىر تۇراقلىق مىقدار."ئېن"لارغا ساقلىنىش قانۇنلىرىدىكى بارلىق مىقدارلار تەقسىملەنگەن بولۇپ،ئېنلار بۇ ساقلىنىش قانۇنلىرىدىكى مىقدارلارنىڭ ئىلىمىنتار بىرلىكلىرىدىن ئىبارەت.


يۇقۇرقى رەسىم بىزدە "ئېن"ۋە ئۇنىڭدىن تۆزۆلگەن زەررىچە ۋە جىسىملار ھە ققىدە ئوبرازلىق چۈشەنچە ھاسىل قىلىدۇ.بۇ ھەقتە تېخىمۇ كەڭرەك چۈشەنچە ھاسىل قىلماقچى بولسىڭىز مىنىڭ«ئىلىمىنتار شەكىل»،«ھاسىلى شەكىل»...قاتارلىقلار_ دىگەن بۇ يازمامنى كۇرسىڭىز بولىدۇ.
يۇقۇرقى سۆرەت پەقەت ماددى ئالەمنىڭ «ئېن»دىنى تۆزۆلىدىغانلىغىنىلا چۈشەندۆرۆش زۆرۆرىيىتىدىن  سىزىلغان ،كونكىرىت،ئەمىلى تۆزۆلۈش ۋە شەكىللەر ھەققىدە ئايرىم توختۇلۇشقا توغرا كىلىدۇ.«ئېىن» ھېچقاچان يۇقۇردىكى سۆرەتتىكىدەك،بىر -بىرىگە ئۇرۇنغان ھالەتتە مەۋجۆت بولۇپ تۇرالمايدۇ،سەۋەبى ئۇلارنىڭ بۇلۇڭلۇق ۋە سىزىقلىق ھەركەتلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئۈچۈن مۇئەييەن ئارىلىق كىرەك بولىدۇ.«ئېن»لارنىڭ سوقۇلىشى ئىنتايىن قىسقا بىر پەيىتلىك جەريان،ئەلۋەتتە.ئەينى ۋاقىتتىكى چوڭ پارتىلاشنى مۇشۇنداق ئېنلارنىڭ سوقۇلىشى كەلتۆرۆپ چىقارغان.



"ئىلىم -پەن "تورىدا بۆگۆن ئېلان قىلىغان خەۋەر:ئىلىكتىرونلوق مىكراسكوپتا كۈزىتىلگەن ئەينەك ئاتوملىرىنىڭ تىزىلىشى





图3:这是81年前威廉-霍尔德-扎查里森描绘的玻璃结构,图中红色圆点是氧原子,黄色圆点是硅原子

بۇ بىر يىل ئىلگىرى بىرەيلەن تەسۋىرلىگەن ئەينەكنىڭ تۆزۆلۆشى ھەققىدىكى تەسۋىرى رەسىىم ئىكەن.

شەكىل نەزەريىسىدە ھەقىقى مەنىدىكى ئىچكى تۆزۆلۆشكە ئىگە بولمىغان ۋە ئەسلا پارچىلانمايدىغان ئىلىمىنتار زەررىچە _""ئېن"نىڭ ئۈچ تۆرى بار،دەپ قارىلىدۇ.ئۇلار مۇسبەت زەرەتلىك ئېن،مەنفى زەرەتلىك ئېن ۋە زەرەتسىز،نىترال ئېندىن ئىبارەت.ئۇلارنى بىزمودىل تۇرغۇزۇشتا ئايرىم -ئايرىم ھالدا 3 رەڭ بىلەن ئىپادىلىسەك بولىدۇ.


ھازىرقى زامان فىزىكىسى ئوخشاش زەرەتلەر تېپىشىدۇ،ئوخشىمىغانلىرى تارتىشىدۇ،دەپ قارايدۇ.بۇنداق قاراشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەھلىل قىلىنسا شەرىتلىك ئىكەنلىگى ئاشكارە بولىدۇ،مۇتلەقلەشتۆرۆلسەتەنقىتكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.پەقەت زەرەت مىقدارى بەلگىلىك چەككە يەتكەن ھالدىلا يۇقۇرقىچە ئۆنۆم كۇرىنىدۇ.مىنىڭ بۇنداق دىيىشىمگە يېقىندا بايقالغان ئوخشاش زەرەتلەرنىڭ تىپىشماي،ئەكسىچە تارتىشقانلىغى ھەققىدىكى تەتقىقات ئىلھام بېرىدۇ.بۇ تەتقىقات ۋە كۇزىتىشتە دىيىلىشىچە يىتەرلىك يېقىن ئارىلىقتا ئوخشاش زەرەتلەرمۇ تارتىشىدىكەن.

«ئېن»نىڭ 3تۆرى بار دىگەن ئىدىيەنىڭ ئۈچ ئاساسى:
1.مۇبادا مەنفى،مۇسبەت ئىككى خىللا «ئېن»بار دەپ قارالسا ،نىترال دۇنيانىڭ مەنبەسىنى چۈشەندۆرگىلى بولمايدۇ.
2.مۇسبەت،مەنفى ئىنلار بىرىكىپ مەنفىنى شەكىللەندۆرىدۇ،دىيىلسە،بىر مۇنچە نەزەريىۋى ۋە ئەمەلى مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.مەسىلەن،ئۇلار قانداق ئايرىلغان؟.
3.مىسال ئۈچۈن بولسىمۇ، ھاسىلى شەكىللەرنىڭ زەرەتلىك بولۇش خۇسۇسىيىتىنى تورغۇزغىلى بولمايدۇ.مەسىلەن باراۋەر زەرەتلەردىن تۆزۆلگەن سېستىما بىر سېستىما بار،دەپ پەرەز قىلساق ئۇ پەقەت نىترال سېستىما بولىدۇ،بۇنداقتا ئالەم پەقەت نىترال ئالەمگىلا ئايلىنىپ قالىدۇ.

بۇ تېمىنىڭ سەھپە چەكلىمىسىنى كۇزدە تۇتۇپ،كونكىرىت مەسىلىلەرنى ۋە «بوۋاق»زەرەت قاتارلىق يېڭى ئۇقۇملارنى ئايرىم تېمىدا بايان قىلمەن.

2.ھەركەت شەكلى

تۆۋەندىكى رەسمدىكى قىزىل سىتىرىلكىنىڭ سول تەرىپىدىكى سىفرال ياي 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ نۇرغۇن سىرلىرىنى بىزگە دەپ بېرىدۇ،مەن نۇرنىڭ ئىزىدىن دەل مانا مۇشۇنداق  سىفراللاردىن تۆزۆلگەن يايغا ئىرىشتىم.
29-تىئورمىنىڭ ماتىماتىكىسى ئۈچۈن ئازبولمىغان تىرىشچانلىقلارنى كۇرسەتكەن مۇھاكىمە ئەپەندىم سىفرال ھالەتكىلا دىققەت قىلىپ،ياي ھالىتىگە دىققەت قىلمىغاندەك قىلىدۇ.بۇ سىفرال تەركىپلىگۆچىلەرمۇ 29-تىئورمىنى قانا ئەتلەندۆرىدۇ،لىكىن ،مۇكەممەل ئەمەس.مۇھاكىمە ئەپەندىم "پەقەت بىر دولقۇن ئۇزۇنلىغى دائىرىسىدە 29-تىئورمىچە ئېغىش بار"دىگەندەك قىلدى.ماھىيەتتە بۇ سىفرال ھالەتلەر بىر پۆتۆن ياينىڭ تەركىپلىگۆچىلىرىدىن ئىبارەت.بۇ سىفراللار نىڭ ئۇزىمۇ 29-تىئورمىنى قوللايدۇ،لىكىن29-تىئورمىنىڭ ماتىماتىكىلىق تەسۋىرىدە ئاۋۇ يايمۇ بىرلىكتە نەزەرگە ئىلىنمىسا ھەرگىز بولمايدۇ.،چۈنكى سىفراللاردىن تۆزۆلگەن بۇنداق يايسىمان ھالەت بولمىسا شەكىل نەزەريىسى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئالەمنىڭ دەۋرىلىگىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ.بىز بۇنداق ھەركەت شەكىللىرىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ،ئويلىمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۆرەلەيمىز.مەن ماي قەلەمنى ئۇچ قىلىپ ئۇزەم ياسىۋالغان نۇر(پىقىرىغۇچ)نى ئاق قەغەز ئۆستىدە ئويناپ يۆرۆپ  بىرمۇنچە موھىم نەرسىلەرنى بايقىدىم ۋە ئىلھامغا ئىرىشتىم.

يۇقۇرقى رەسىمدە ئوقىدا ئايلىنىپ سىزىقلىق ھەركەت قىلىۋاتقان دىسكىنىڭ ئايلىنىش يۆنۆلىشى تەرەپكە ئېغىشى ئوبرازلىق ئەكىس ئەتكەندىن باشقا بۇنداق ئېغىشنىڭ سەۋەپلىرىمۇ چۈشەندۆرۆلگەن.



يۇقۇرقى رەسىم سول تەرەپتىكى سىفرال تەركىپلىگۆچلەردىن تۆزۆلگەن ياي،بىكھامچە توپنىڭ سىرلىرىنى بىزگە دەپ بىرىدۇ.بۇندىن باشقابۇ ياي ئوتتۇرىدىكى مېڭىپ بىرىپ قۇلۇلە قىپىسىمان ئويۇغان بۇ نۇرئىزىنىڭ بىر بۇلىكى دەپ قارىساق بولىدۇ.ئوتتۇرىدىكى نۇرنىڭ ئۇيغىچە بولغان بىر پۈتۈن جەريانى 41-تىئورمىنى ئوبرازلىق چۈشەندۆرۆپ بەرسە،سول تەرەپتىكى سىفرال تەركىپلىگۆچلەردىن شەكىللەنگەن ياي ئوتتۇرىدىكى نۇرئىزلىرىنىڭ بىر بولىكى بولۇش بىلەن بىرگە 29-تىئورمىنى ئوبرازلىق چۈشەندۆرۆپ بېرىدۇ.

مەن ئۈلۈشكۆن،يەنى 9-ئاينىڭ 15-كۆنى ئامرىكا جەرەن جىلغا ئونېۋېرىستىتىنىڭ مۇدىرى ،پىروپىسۇر «تاشپولات روزى مۇئەللىمگە قالدۇرغان ئىنكاس»قا مانا  تۆۋەندىكى بۇ رەسىمنىمۇ قىستۇروپ قويغان ئىدىم .بۇ رەسىم بىلەن،ئۇيغۇن ئەپەندى سىزغان نور ئويناۋاتقان يۇقۇردىكى رەسىمدىكى سىفرال سىزىقلارنىڭ ئوخشۇشۇپ كىتىدىغىنىنى تورداشلار قاراپلا ھېس قىلالايدۇ.

ئالىملار زەررىچە سۇقۇشتۇرۇش ئارقىلىق چوڭ پارتىلاشنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى نامايەن قىلدى
科学家用粒子碰撞重现宇宙大爆炸壮观景象

 

当这些粒子在一个温度低于零下271摄氏度的真空环境下发生撞击时,它们产生了非常壮观的光影展、许多热量和形状复杂的运动模式



يەرشارى ئوقىدا ھەركۆنى  بىرقىتىم ئايلىنىپ ئوربىتىسىدا ئەنەشۇنداق بىردانەسىفرال تەركىپلىگۆچنىڭ ئىزىنى قالدۇرىدۇ. ئەنە شۇنداق سىفرال ئىزلاردىن يىلدا 365دانىسى قالىدۇ،يەرشارىنىڭ قوياشنى ئايلىنىشىدىن بولسا ياي ئىزى قالىدۇ.،فۇتونمۇ ئوخشاشلا شەكىللەرنى قالدۇرىدۇ."دولقۇن"ماھىيەتتە ئەنە شۇنداق سىفرال ئىزدىن ئىبارەت.فۇتۇن بولسا ئىزچىل ھالدا ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئېغىپ ياي ياسايدۇ.

قوياش ئەزالىرىنى يىتلەپ سامان يولى سىستىمىسىنى ئايلىنىپ يەنە شۇنداق ئوخشاش ئىزلارنى قالدۇرىدۇ.سامان يولى سىستىمىسى سىزىقلىق ھەركەتكە ئىگە بولسىلا ئومۇ ئوخشاشلا ئىزلارنى قالدۇرىدۇ.ئالەمنىڭ كېڭىيىش-تارىيىش،دەۋرى قىلىش جەريانلىرىنى مانا مۇشۇنداق تۆپ ئىككى ھەركەت شەكلىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.مانا مۇشۇنداق ھەركەت شەكلى بولغاندىلا دەۋرى ئالەم مۇدىلىغا ئىرىشكىلى،ساقلىنىش قانۇنلىرىنىڭ مەڭگۆ ئورۇنلۇقلىغىنى قانائەتلەندۆرگىلى بولىدۇ.كېڭەيگەنچە زىچلىق كېمىيىپ،فىزىكىلىق ئالەمنىڭ دىيامىتىرى ئۇزۇرايدۇ،تارايغانچە زىچلىق ئارتىپ دىيامىتىرى قىسقىرايدۇ.كېڭىيىشكە سىزىقلىق ھەركەت مىقدارىنىڭ ئارتىپ،بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارىنىڭ كېمىيىشى سەۋەپ بولسا،تارىيىشقا بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارىنىڭ ئارتىپ سىزىقلىق ھەركەت مىقدارىنىڭ كېمىيىشى سەۋەپ بولىدۇ.

بۇ ئىككى خىل ھەركەت شەكلى (سىفرال ۋە ياي) __ "ئېن"دىن تارتىپ پۈتكۆل "فىزىكىلىق ئالەم"نىڭ تۈپ ھەركەت شەكلى.

3.مىتوت

فۇتۇننىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىغىدىن پايدىلىنىپ  ئۇنىڭ ئومومى مۇساپىدە قانچە دانە سىفرال ئىز ياسىغانلىغىنى ھېساپلاپ چىقارغىلى بولىدۇ.يەرشارى قاتارلىقلارنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ سىلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق فۇتۇن قاتارلىق مىكرۇ زەررىچىلەرنىڭ ھەجىمىنى تاپقىلى بولىدۇ.مەيلى مىكرۇ زەررىچىلەرياكى ماكرۇ جىسىملار بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەجىملىرى ئۇلارنىڭ ماكاندا قالدۇرىدىغان يايلىرىنىڭ كەڭلىگىنى بىزگە دەپ بىرىدۇ.ئىلىكتىروننىڭ ھەجىمى بىرىلگەن،ئۇنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىغى سىفرال ئىزى،قالدۇرغان ياي قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ سىلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھەجىمى بىرىلمىگەن زەررىچىلەرنىڭ ھەجىمىنى تاپقىلى بولىدۇ.بۇ ئۇسۇللار شەكىل نەزەريىسىنىڭ "قاپلاش"ئۇقۇمى ئۈچۈن بەكمۇ ئەھمىيەتلىك.

قوياش سېستىمىسىدىكى پىلانىتلارنىڭ بىرقىتىملىق قوياشنى ئايلىنىپ چىقىش جەريانىدا قانچە دانە سىفرال قالدۇرىدىغانلىغىغا دىققەت قىلىش كىرەك.دولقۇن ئۇزۇنلىغى ئۆزگەرمىدى دىگەن شەرىت ئاستىدا سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق مۇشۇ سىفرال سانىنىڭ مىقدارى تۇراقلىق بولسا پىلانىتلار قوياش بىلەن مۇقىم ئارىلىقنى ساقلاۋىتىپتۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ،كېمەيسە قوياشقا يىقىنلاۋىتىپتۇ،دىسەك بولىدۇ،ئارتىپ كەتسە قوياشتىن يىراقلاۋىتىپتۇ،دەپ قارىساق بولىدۇ.ھەربىر دولقۇن مىقدارىنىڭ كېمىيىشى قوياشقا يىقىنلاشقانلىقتىن ،ئارتىشى يىراقلاشقانلىقتىن دىرەك بىرىدۇ.مۇقىم بولسا قوياش بىلەن بولغان ئارىلىق ئۆزگەرمىدى ،تۇراقلىق دەپ قاراش كىرەك.بىر قىتىملىق دەۋرىلىكتە قالدۇرغان سىفرال ئىزنىڭ سانى پۆتۆن سان ھەسسىلىگى بۇيىچە بولمىسا ۋە بۇنداق ھالەت تۇراقلىق بولمىسا بۇپىلانىت قوياشتىن يىراقلىشىۋاتقان ياكى يېقىنلىشىۋاتقان بولىدۇ.مەنپى تەرەپكە قاراپ سۆرۆلسە يېقىنلىشىۋاتقان،مۇسبەت تەرەپكە قاراپ سۆرۆلسە قوياشتىن يېراقلىشىۋاتقان بولىدۇ.زەررىچە ياكى جىسىملارنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقى قىسقىراپ كەتسە بۇ ھال زەررىچە ياكى جىسىملارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكىنىڭ ئاشقانلىغىدىن ،دولقۇن ئۇزۇنلىغى ئۇزۇراپ كەتسە  كېمەيگەنلىگىدىن دىرەك بېرىدۇ.باشقىچە ئىتقاندا دولقۇن ئۇزۇنلۇغى قىسقا زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى يۇقۇرى،دولقۇن ئۇزۇنلىغى ئۇزۇن زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى ئاستا دەپ قاراش كىرەك.بۇ خىل ھېساپلاش ئۇسۇلىنى "ئېن"دىن تارتىپ پۆتكۆل فىزىكىلىق ئالەمگە قوللۇنۇپ ،نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ.بۇ تەشەببۇس ۋە ئىدىيەلەر بىلەن دوپلىر ئىففىكىتىنىڭ مۇناسىۋىتى بار- يوقلىغىنى ،مۇناسىۋىتى بولسا قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىگىنى ئويلۇشۇش كېرەك.
ئادەتتە دولقۇن ئۇزۇنلۇغى ئىككى دولقۇن چوققىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنىڭ تۆز سىزىقلىق مىقدارى دەپ قارىلىدۇ.بىز ئىككى دولقۇن ئويمىنى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنىمۇ دولقۇن ئۇزۇنلىغى،دەپ قارىماسلىققا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق.بىز بۇلارنى دولقۇن ئۆستى ئوزۇنلىغى،دولقۇن ئاستى ئوزۇنلىغى،دەپ ئاتاپ پەرىقلەندۆرسەكمۇ بولىدۇ.ئەسكەرتىش كېرەككى،مەيلى قايسى دولقۇن ئۇزۇنلىغى بولسۇن،ئۇ ھەرگىز شۇ دولقۇننى شەكىللەندۆرگەن زەررىچە ياكى جىسىمنىڭ ئەمىلى تىرايىكتۇرىيىسى ئەمەس،پەقەت،ئۇ ئىككى دولقۇن چوققىسى ئارىلىقنىڭ مىقدارىنى تۆز سىزىقلىق ھالەتتە ئۈلچەش،بىلىش،ئىپادىلەشنىڭ بىر قورالىدىن ئىبارەت.ئەمەلى،رىيال زەررىچە ۋە جىسىمنىڭ ئىزى بولسا تەكشىلىكتە سىنوس ئەگرى سىزىغى ،بوشلۇقتا سىفرال ھالەتتە بولىدۇ.
دولقۇننىڭ ئاستى،ئۆستى ئوزۇنلۇقلىرىنىڭ مىقدارى تەڭ،سىممىتىرىك بولمىسا بۇنداق دۇلقۇن شەكلىدە ھەركەت قىلىدىغان زەررىچە ۋە جىسىمنىڭ ھەركىتى ئەسلا تۆز سىزىقلىق ھەركەت بولمايدۇ،بۇنداق زەررىچە ياكى جىسىم ھامان دولقۇن ئۇزۇنلىغى قىسقا تەرەپكە قاراپ ئاغىدۇ.مانا بۇ 29-41-تىئورمىلارنىڭ لوگىكىلىق ئاساسلىرىنىڭ بىرى.

ئەمدى ئاستى -ئۆستى دولقۇن ئۇزۇنلۇقلىرى باپ -باراۋەر بولسا  قانداق بولىدۇ؟
بۇ ھالدا تۆۋەندىكى رەسىمدىكى سېنوس ئەگرى سىزىقىنى،زەررىچە ياكى جىسىمنىڭ بوشلۇقتا قالدۇرغان ئىزىنىڭ تەكشىلىكتىكى ئىپادىسى دەپ قارىساق تەركىپلىگۆچىلىرى ئەگرى سىزىقلاردىن شەكىللەنگەن سىلىندىر سىفرالى ھاسىل بولىدۇ:


ئەسكەرتىش:باشقا مەنبەدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن رەسىم.ئاستى-ئۆستى دولقۇن ئۇزۇنلۇقلىرى باراۋەر دەپ چۈشۈنۈڭ..

يۇقۇرقىدەك ھەركەت شەكلىنىڭ ئۆمرى ۋە مۇمكىنلىك دەرىجىسى زادى قانچىلىك،بۇ ئەستايىدىل ئويلونۇشقا تېگىشلىك نۇقتا. كىچىككىنە بىر تەسىرمۇ بۇنداق شەكلدە ھەركەت قىلىۋاتقان زەررىچە ۋە جىسىمنىڭ ئاستى -ئۆستى دولقۇن ئۇزۇنلۇقلىرىنىڭ سىممىتىرىكلىگىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.بۇنىڭ بىلەنلا قالماي29-تىئورمىچە ئېغىش ئىزچىل سېلىندىر سىفرالى بولۇشقا يول قويمايدۇ،يەنى بۇنداق ئېغىش يۇقۇرقىچە ھالەتنى شەرىتلىرىگە ئاساسەن بىر پۈتۈنلۆكتە دەۋرى كونۇس سىفرالى ھالەتتە داۋام قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا ئاستى- ئۆستى دولقۇن ئۇزۇنلۇقلىرى باراۋەر،سىممىتىرىك بولغان يۇقۇرقىچە دولقۇنلارنىڭ ئۆزىمۇ ھەر بىر كونكىرىتلىقتائوخشاشلا 29-تىئورمىچە ئېغىشنى قانائەتلەندۆرگەن ،ئىپادىلىگەن بولىدۇ.

يۇقۇرقى سىلىندىر سىفرالى زەررىچە ياكى جىسىمنىڭ ئايلىنىش ئوقى بىلەن،سىزىقلىق ھەركەت يۆنۆلىشى بىر سىزىق ئۆستىدە ئىزچىل ياتقانلىرىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.بۇنداق ئىزچىللىق بۇنداق سىفرالنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ.ئۇنىڭ ئۆستىگە بۇ خىل ھەركەت شەكلىنى ساقلاش ئۈچۈن بۇلۇڭلۇق تىزلىك بىلەن سىزىقلىق تىزلىك قەتئى ئۇزگەرمەسلىكى كېرەك.كۇرۇۋىلىشقا بولىدۇكى."تۆز"لۆكنىڭ شەرىت ۋە كۈشەندىلىرى مانا مۇشۇنداق كۆپ.

41-تىئورمىدىن مەلۈمكى،سىزىقلىق تىزلىك ئېشىپ بارغانچە،بۇلۇڭلۇق تىزلىك كېمىيىپ بارىدۇ،بۇنىڭ مۇقەررەرنەتىجىسى كونۇس سىفرالىدىن ئىبارەت.بۇلۇڭلۇق تىزلىك ئاشقانچە سىزىقلىق تىزلىك كېمىيىپ بارىدۇ،بۇنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىمۇ كونۇس سىفرالى.پەرقى شۇكى،ئالدىدىكىسىنىڭ سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشى كونۇسنىڭ چۇققىسىدىن ئاساسىغا قاراپ يۆنەلگەن بولسا،كەينىدىكىسىنىڭ كونۇس ئاساسىدىن كونۇس چوققىسىغا قاراپ يۆنەلگەن بولىدۇ.
2009-يىلى 12-ئايدا نورۋىگىيە ئاسمىنىدا كۇرۇلگەن غەلىتە يورۇقلۇق ھادىسىسىنىڭ سۇرىتىدىن بۇ تەشەببۇسلارنى ئوبرازلىق چۈشەندۆرۆشتە پايدىلىنىشقا بولىدۇ.تۇۋەندىكىسى شۇ سۈرەت بولۇپ،ئاق رەڭلىك يورۇقلۇق سىفرالىنى كونۇس چوققىسىدىن كونۇس ئاساسىغا قاراپ يۆزلەنگەن سىفرال،ئاق رەڭلىك كونۇس سىفرالى مەركىزىدىن قويۇپ بىرىلگەن يىشىل رەڭلىك سىفرالنى كونۇس ئاساسىدىن كونۇس چۇققىسىغا قاراپ سىلجىلۋاتقان سىفرال،دەپ چۈشەندۆرۆشكە بولىدۇ.


رەسىمدىكى يىشىل سىفرال يوروقلۇق دەستىسى ئاۋۇ  قاينامىسىمان يورۇقلوق مەركىزىدىن چىقىدىكەن.ھەر ئىككىسى كونۇس سىفرالى،لىكىن يۆنىلىشى ئوخشىمايدۇ.

http://tech.sina.com.cn/d/2009-12-11/08083669286.shtml

بىز شەكىل نەزەريىسىنىڭ 41-تىئورمىسىدىن پايدىلىنىپ يۇقۇردىكى ئاق رەڭلىك سىفرالنى بۇلۇڭلۇق تىزلىك تەدرىجى كېمىيىپ،سىزىقلىق تىزلىك تەدرىجى ئاشقانلىقنىڭ نەتىجىسى دەپ چۈشەندۈرسەك،يىشىل سىفرالنى بۇلۇڭلۇق تىزلىك تەدرىجى ئېشىپ ،سىزىقلىق تىزلىك تەدرىجى كېمەيگەنلىكنىڭ نەتىجىسى دەپ چۈشەندۆرەلەيمىز.

بۇ تەشەببۇسنى ئوبرازلىق چۈشىنىش ئۈچۈن قۇيۇننى مىسالغا ئالساقمۇ بولىدۇ.مەيلى قۇرۇقلۇقتا ياكى سۇ يۇزىدە مەيدانغا كەلگەن قۇيۇن بولسۇن،ئۇنىڭ ئومۇمى شەكلىنىڭ كونۇس سىفرالى ئىكەنلىگى ھەممىمىزگە ئايان.قۇيۇن تەركىۋىدە يۇقۇرى كۇتۇرۇلىگەن زەررىچە ياكى كۇرۇنىدىغان جىسىملارنىڭ ئايلىنىش ئوقىنىڭ قۇيۇننىڭ يۇقۇرىغا يۇزلەنگەن يۇنىلىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىگىنى بايقايمىز ياكى پەرەز قىلالايمىز.
قۇيۇننىڭ يەر ياكى سۇ يۆزىدىكى قىسمىنىڭ ئايلىنىش تىزلىكى ھەرقاچان ،ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۇستىدىكى قىسمىنىڭ ئايلىنىش تىزلىكىدىن يۇقۇرى بولىدىغانلىغىنى كۇرۇپ ئالماق تەس ئەمەس.مۇبادا ئايلىنىش تىزلىكى ھەرقايسى ئورۇنلاردا باراۋەر بولغان بولسا،قۇيۇن كونۇسسىمان ئەمەس،سىلىندىرسىمان بۇلارئىدى.

            


بىز يۇقۇرقى ئۇقۇم ،ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ھەركەت شەكلى ۋەئۇنىڭ سەۋەپلىرىگە ئالاقىدار ئاز بولىغان فىزىماتلىق ئۇچۇرلارغا ئىرىشەلەيمىز.ئالاقىدار بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايمىز.



4.مۇھاكىمە

ئېھتىمال بەزىلەر «تۆز سىزىقلىق ھەركەت زادىلا مەۋجۈت ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن.بۇنىڭ توغرا جاۋابى،بىزنىڭ تۆز سىزىققا نىمە دەپ ئىنىقلىما بىرىشىمىز ۋە بۇ ئىنىقلىمنى فىزىكىلىق،خىمىيىلىك،بىئولۇگىيىلىك رىياللىقلارنىڭ قانچىلىك قوللىشىغا باغلىق.نوقۇل ماتىماتىكىلىق مەنىدىكى «تۆز سىزىق»بىلەن ،ئوبىكتىپ تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆز سىزىقنىڭ پەرقى بار.ئېۋكىلىتنىڭ تۇز سىزىغىنى بىز ئادەتتە بىر ئۆلچەملىك رىياللىق دەپ قارايمىز.لىكىن،ئوبىكتىپ ماددى ئالەمدە بىر ئۆلچەملىك رىياللىق مەۋجۈت ئەمەس،«نۇقتا»غا نىسبەتەنمۇ دەل شۇنداق.ھەرقانداق فىزىكىلىق مەناغا ئىگە نۇقتا ئۈچ ئۆلچەملىك بولىدۇ.باشقىچە ئىتساق ھەرقانداق زەررىچە ۋە جىسىم ئۈچ ئۆلچەملىك بولىدۇ.ئۈچ ئۆلچەملىك رىياللىقنىڭ بوشلۇقتا قالدۇرىدىغان ئىزىمۇ(ھەركەت شەكلىمۇ) تەبىئى ۋە مۇقەررەر ھالدا ئۈچ ئولچەملىك بولىدۇ.نوقۇل ماتىماتىكىلىق مەناغا ئىگە تۇزسىزىق چەكسىز بولىدۇ ،دەپ قارىلىشىدىن قەتئى نەزەر،فىزىكىلىق مەنەغا ئىگەئاتالمىش «تۆز سىزىق»مەۋجۈت بولمايدۇ.بىردانە سىلىندىرنى ئالساق ،ماتىماتىكا بۇ بىردانە سىلىندىرنى «چەكسىز»ئۇزۇن دەپ پەرەز قىلالايدۇ،فىزىكا ھەرگىز بۇنداق پەرەز قىلمايدۇ ۋەقىلالمايدۇ.چۈنكى فىزىكا ساقلىنىش قانۇنلىرىنىڭ،تۇراقلىق مىقدارلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.زەررىچە ۋە جىسىملار ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچىلەر(ئېن)دىن تۆزۆلگەن،ئالەمدىكى ئېن سانى چەكلىك بولىدۇ،دەپ قارايدىغان تەپەككۆر،ئاتالمىش چەكسىز ئۇزۇنلۇقتىكى سىلىندىرنىڭ مەۋجۈت بولىشىغا ياكى بۇنداق سىلىندىرنىڭ چەكسىز داۋاملىشىشىغا يول قويمايدۇ.سەۋەپ:

1. چەكلىك ئېن سانى چەكسىز سىلىندىر ياساشقا يەتمەيدۇ.
2.تۆز سىزىقلىق ھەركەت تۆزۆلۈشكە ئىگە زەررىچە ۋە جىسىملار نىڭ شەكىللىنىشىگە يول قويمايدۇ.ھالبۇكى،بىز ۋە بۇنداق جىسىملار مەۋجۈت بولۇپ تورۇپتۇق.
3.چەكسىز ئېن مەۋجۈت دەپ قارالسا،بۇھالدا ھەركەتنىڭ تاشقى شەرتى - سەھنىسى بولغان ماكان غايىپ بولىدۇ،ھەركەت مۇمكىن بولمايدۇ.كۋانىت نەزەريىسى قوۇرۇق گەپ بولىدۇ.چەكسىز زىچلىق سەۋەبىدىن ھاياتلىق ۋە يەككىلىك ئەسلا مەۋجۈت بولمايدۇ.

يۇقۇرقى ئۈچ مەنتىقى يەكۆندىن بىز فىزىكىلىق ھەركەتنىڭ ئۇزى تۆپ خارەكتىر جەھەتتىن ئەگرى بولىدىغانلىغىنى پەرەز قىلالايمىز.

ماكان ئەگرى شۇ سەۋەپتىن ھەركەت ئەگرى ،دەپ قارايدىغان ئىدىيە ئالەمنىڭ كېىڭيىشىگە يول قويمايدۇ.شۇڭا ئېينىشتېيىن ئەينى ۋاقىتتا تۇرغۇن ئالەم مودىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان.بۇ ھوببىلى ئالەمنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىغىنى بايقاشتىن بۇرۇنقى ئىشلار بولۇپ،مىنىڭ قارىشىمچە ماكان ئەگرى ئىدىيىسىدىن ھوببىلىنىڭ ئىختىراسىدىن كىيىنلا ۋاز كېچىش كېرەك ئىدى.ھالبۇكى ئىنسانىيەت ھازىرغىچە «زامان -ماكان ئەگرى»دىگەن بۇ ئېزىتقۇ سارىيىدا ئېزىپ يۆرمەكتە.


پايدىلانمىلار:






2013.9.16


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-6 10:08  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-10-6 15:11:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەقىل:مەسىلەن باراۋەر زەرەتلەردىن تۆزۆلگەن سېستىما بىر سېستىما بار،دەپ پەرەز قىلساق ئۇ پەقەت نىترال سېستىما بولىدۇ،بۇنداقتا ئالەم پەقەت نىترال ئالەمگىلا ئايلىنىپ قالىدۇ.


1.مۇبادا مەنفى،مۇسبەت ئىككى خىللا «ئېن»بار دەپ قارالسا ،نىترال دۇنيانىڭ مەنبەسىنى چۈشەندۆرگىلى بولمايدۇ.

سوئال:بۇ يەردە نېتىرال ئالەم دېگەنگە چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ،چۈنكى مەن فىزىكلىق ئاتالغۇلارنى تازا چۈشنىپ كېتەلمەيۋاتىمەن. نېتىرال ئالەمگە ئايلنىپ قالىدۇ دەپ ،يەنە كەيندىن نېتىرال دۇنيا(ئالەم)نىڭ مەنبەسنى دەپ ئېتىراپ قىلغاندەك ئېنقسىزلىق باردەك ھېس قىلدىم. ئەلۋەتتە مەن تېخى نېتىرال دېگەن سۆزنى ئوقۇپلا ئۆتۈپ كەتكۈم كەلمىدى،ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ باقسام ،‹نېتىرال›نىڭ ئايرىم مەنسى چىقمىدى،لىكىن نېتىراللىشىش چىقتى:硝化
نېتىرال سېستىما:硝化系统 بىر خەنزۇر تورداش مۇنداق ئېنتقلىما بېرىپتۇ:硝化系统是过滤系统的一部分,也叫生物过滤。是由微生物的生物链来互相弥补的  (سۈزۈش سېستىمسنىڭ بىر قىسمى،شۇنداقلا بېئو«  جانلىقلار »سۈزۈشى دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇ مىكرو ئورگانىزىملىق جانلىقلار زەنجىرى ئارقىلىق تولۇقلىندۇ. )
شۇڭا سىز تىلغا ئالغاندىكى نېتىرال ئالەم ۋە سېتىمىغا چۈشەنچە بەرگە ن بولسڭىز.

نەقىل:كونكىرىت مەسىلىلەرنى ۋە «بوۋاق»زەرەت قاتارلىق يېڭى ئۇقۇملارنى ئايرىم تېمىدا بايان قىلمەن.

سوئال: قاسىمكا يۇقارىقى ماقالىڭىزدا:‹‹شەكىل نەزەريىسىدە ھەقىقى مەنىدىكى ئىچكى تۆزۆلۆشكە ئىگە بولمىغان ۋە ئەسلا پارچىلانمايدىغان ئىلىمىنتار زەررىچە _""ئېن"نىڭ ئۈچ تۆرى بار،دەپ قارىلىدۇ.ئۇلار مۇسبەت زەرەتلىك ئېن،مەنفى زەرەتلىك ئېن ۋە زەرەتسىز،نىترال ئېندىن ئىبارەت.›› دەپ يېزلغان، بۇ يەردىكى زەرەتسىز نېتىرال ئېن ‹بۇۋاق زەرەت›شۇمۇ؟
بۇ يەردىكى نېتىرال نى قانداق چۈشنمىز،يەنى ئالدىنقى ئىككىسىدىن سۈزۈلۈپ نېتىراللىش جەريانىدا پەيدا بولغان بۇۋاق ئىن دەپ قارامدۇق؟
3- مېتوتتا  دېيلىگىنى:  شەكىل نەزەرىيسنىڭ بۇلۇڭلۇق ھەرىكەت ىمۇ؟
ئەسكەرتىش:مەن فىزىكىدە باشلانغۇچ سەۋىيدىمۇ ئەمەس ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملىرىمۇ ئۇنتۇلۇپ كەتتى،شۇڭا توغرا چۈشنشىڭىزنى ئۈمىد قىلمەن،تەبئىي پەن بىلمىلىرنى مۇشۇنداق مۇھاكىمە شەكلىدە قايتا ئىگەللەش نېيتىم بار .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆۋرۇك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-6 15:22  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-6 15:17:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆۋرۇك يوللىغان ۋاقتى  2013-10-6 15:11
مەسىلەن باراۋەر زەرەتلەردىن تۆزۆلگەن سېستىما بىر سېست ...

بۇ تېمىدا كۇزدە تۇتۇلغان نىترال،يەنى نىترال ئېن - زەرەتسىز ئېندىن ئىبارەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-6 15:21:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆۋرۇك يوللىغان ۋاقتى  2013-10-6 15:11
مەسىلەن باراۋەر زەرەتلەردىن تۆزۆلگەن سېستىما بىر سېست ...


3- مېتوتتا  دېيلىگىنى:  شەكىل نەزەرىيسنىڭ بۇلۇڭلۇق ھەرىكەت ىمۇ؟
___________

ھەرئىككىسى بار.بولۇڭلۇق،سىزىقلىق.سىزىقلىقمۇ ماھىيەتتە ۋە بىر پۆتۆنلىكتە ئەگرى سىزىقتىن ئىبارەت. سىز بىر چەمبەردىن ئەڭ قىسقا بىر كېسىك ئالسىڭىز ئۇ تۆزدەك كۇرىنىدۇ. ماھىيەتتە يەنىلا ئەگرى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-6 15:25:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2013-10-7 10:45:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭى كۆز قاراش،يېڭى ئىديىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلنشىغا ئۇزاق ۋاقىت كېتىدىكەن، ھىگگىس زەرىچىلىرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىسپاتىلنشى يېرىم ئەسردىن كېيىن بولغانلىقىدەك  تالاي  ‹‹كېچىكىش›› لەر بىزگە ئالىملارنىڭ خۇددى نىيۇتون ئيېتقاندەك باشقىلارنىڭ مۈرىسگە دەسسەپ يىراقنى كۆرۇپ  تۇرالغانلىقىدەك سەۋرلىك ۋە دانالىقىنى  ئېسمىزگە سالىدۇ.
قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ شەكىل نەزەرىيسى ۋە ئۇنىڭ بىر يۈرۈش ئىدىيە كۆز قاراشلىرنىڭ
ئۇيغۇر ئالىمىدە چۈشنشمەسلىككە يولۇقسىمۇ لىكىن ئىلىم -پەننىڭ دۆلەت، مىللەت چىگىرسى بولمايدىغانلىقىدەك ھەقىقەت ئۇنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.   ئۇنىڭ فىزىكا ساھەسدىكى باشلىغان يولنىڭ ئەمدىلاتىن ئېچىلۋاتقانلىقىنى بۇ يولنىڭ خۇددى ئۇ ئۇمىد قىلغاندەك ھازىرقى ۋە كەلگۈسدىكى كەسپى ساھەدىكى ياشلارنىڭ  مېڭشنى كۈتمەكتە.
زامان تەرەققىياتىغا باقمىغان ئىجتىمائىي سېستملىق ئىلىم- پەن كۆز قارشى ئۇزاقتىن ھۆكۈم سۈرگەن،ھېسسىبىلشكە كۈنۈپ كەتكەن ،گۈزەللىك قىممەت قاراشلىرىمىز پەلسەپىۋى لوگىكىلىق تەپەككۇر يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلمەي تۇرۇپ قاينام شەكىللىك قۇيۇنغا ئوخشاش رەڭگارەڭ مەدەنىيەت دۇنياسىدا مەۋجۇتلۇقىمىزنى ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولمايدۇ. تەبئىي پەننى نوقول قورال پەن دەپ قارايدىغان،ئۇنىڭ ئىنسانىيەت جۈملىدىن تەرەققى قىلغان ئەللەرنىڭ ئىدىيە سېتسىمى بەرپا قىلشقا كۆرسەتكەن زور يېتەكچلىك رولنى تەكتىلمەسلىك،پۈتۈنلەي ئاۋامى مەدەنىيەتنى چىقىش قىلغان ئويغۇتۇش پىكىرلىرىدە چۇقان سېلىش،<ئويون تاماشنىڭ مەھسۇلى> نى قانغۇچە ئىچىپ قەدەھ سۇنغان زەئىپ تەنلەردەك ئىزلىپ  ،ئۆزنى بەزلەش بىلەن   گېزىت- ژورناللارنىڭ بەتلىرنى ئىسراپ قىلىپ مىللەتنى ھەقىقى ئەقىلليلەشكەن دەۋرنىڭ ئالدىغا چىقارغىلى بولمايدۇ.
شۇڭلاشقا تەتقىقاتنى ئاساس قىلغان تەبئىي پەن ئالىملىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى تەشەببۇسلىرى تور ۋاستسى ئارقىلىق بىزگە تەسىر كۆرسەتتى. بىزدىكى ئىلىم -پەن ژورنال، مەجمۇئەنلەرنىڭ ئېتىبارغا ئېرشمەسلىكىگە يارىشا توردىن ئىبارەت زامانىۋى قورالغا ئۇلىشالىغانلىقىمىزنىڭ ئۆزى تەبئىي پەننىڭ ئۆزنىڭ غىمنى ئۆزى ئورۇندالايدىغان كۈچنى نامايەن قىلالىدى چۈنكى تور ئېنتىرنىت ماھىيەتتە تەبئىي پەننىڭ مەھسۇلى ئىدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆۋرۇك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-7 11:42  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-7 15:59:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئوڭ قەدىمىڭىزنى 60 سانتىمىتىر،سول قەدىمىڭىزنى 40 سانتىمىتىر ئېلىپ 20 قەدەم ماڭسىڭىز تەبىئى ۋە مۇقەررەر ھالدا سول تەرەپكە ئېغىپ ياي ياسايسىز.مانا بۇ 29-تىئۇرمىچە ئېغىشنىڭ ئەڭ ئەقەللى سەۋەبى.بۇنداق ئېغىش بىلەن ھاۋانىڭ قىلچە ئالاقىسى يوق.بىكھامچە توپنىڭ سەۋەبىمۇ دەل شۇ.ۋاراتاغا كتىپ بارغان بىكھام تەپكەن يايسىمان توپنى شارغا ئوخشاتساق،ئىككى يىرىم شاردىكى يىغىندى تىزلىك پەرقى بىكھام تەپكەن توپنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشىنى كەلتۆرۆپ چىقارغان.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-8 10:43:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆۋرۇك يوللىغان ۋاقتى  2013-10-6 15:11
نەقىل:مەسىلەن باراۋەر زەرەتلەردىن تۆزۆلگەن سېستىما بى ...

نىترال «ئېن» بۇۋاق زەرەت ئەمەس.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-8 19:03:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مانا مۇنداق تېمىلارنىڭ شەكىل نەزەريىسىنىڭ ھەركەت شەكلى،سېستىما تۆزۆلىشى ھەققىدىكى ئىدىيىلىرىنى چۈشۈنۈشتە مۇ ئەييەن ئەھمىيىتى بار:

ئاقار جىسىملار ۋە زەررىچىلەر ئېقىمى
Unifying Liquid and Granular Flow
统一的液体和颗粒流



图1的悬浮颗粒的剪切响应取决于直接接触的颗粒和运动会导致在周围的液体之间

http://physics.aps.org/articles/v4/86





 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-10 14:48:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-12 14:19:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


سۇ تامچىسىنىڭ يۇقۇرغا مېڭىشى
When water misbehaves: Amazing video reveals how super-high temperatures cause droplets to travel UPHILL

当水行为不端:惊人的视频显示了超高温条件下使液滴上坡行驶

تېما ئىچىدىكى فىلىمنى ئەستايىدىل كۇرۇڭ.





 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-16 22:08:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2013-10-16 22:14:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىمكا ئەسسالامۇ ئەلەيكوم،قۇربان ھېيتنى ياخشى ئۆتكۈزگەنسىز،سىزنى غۇلجىدىن  ئۇرۇمچىگە كۆچۈپ كەتكەن دەپ ئاڭلىغان.بەلكىم راست شۇنداقتۇر شۇڭا مەن ھازىرمۇ سىزنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە دەپلا ئويلايمەن.،شۇڭا ئارلىق يىراق بولغاچقا پەقەت مۇنبەردىلا ئەھۋال سوراپ تۇراي. غۇلجىدا بولغان بولسىڭىز ئىزدەپ ئۆيڭىزگە ھېيتلاپ بارغان بولاتتىم.
ماۋۇ ئۇلنشتكى ماقالنى قالدۇرۇپ بەك ياخشى قىلىپىسز،ئىچىم پۇشۇپ تۇرغاندا!
بۇ ماقالىنى ئوقۇغاچ بىر گەپنى دەپ كېتەي:بايا تېلىۋوزدا جاھاندىكى ئىشلار پراگراممسدا ئەمەتجان توختاخون رىياسەتچىمىز: ھېلقى ھېگگىس زەرىچىىسى توغرسىدا  توختالدى. سىز كۆردىڭىزمكىن؟
ھېندسىتانلىق بىرسى بۇرۇن بايقىغاندەك گەپنى قىلىدى  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆۋرۇك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-16 22:17  


ۋاقتى: 2013-10-16 22:44:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەرشارنىڭ دولقۇنسمان ھەرىكىتى    ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسىيتى ئەگرى بولىدۇ دېگەن كۆز قارىشىڭزدىن كەلگەنمۇ؟  
ئادەتتە يەر پوستنىڭ ھەرىكىتى دولقۇنسمان بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان مەسلەن:
地壳波状运动http://ipd.pps.tv/play_3768PK.html#stat_flash_innernext


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆۋرۇك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-16 22:53  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-17 11:53:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆۋرۇك يوللىغان ۋاقتى  2013-10-16 22:14
قاسىمكا ئەسسالامۇ ئەلەيكوم،قۇربان ھېيتنى ياخشى ئۆتكۈ ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،رەھمەت.
ئۇي غۇلجىدا،ئۇزەم ئۇرۇمچىدە.
ھىگگىس بوزىئۇنى ھەققىدە مەخسۇس يازمىلىرىم بار.ۋاقتىڭىز ياربەرگەندە كۇرۇپ چىقسىڭىز بولىدۇ.
ئاۋۇ فىلىمنى كۇرمۇدۇم.ئۇرۇمچىدىكى غېرىپ خانەمدە تېلىۋىزور يوق.



_____________________________

48-قەۋەت:

سالام قاسىمكا، سىزنىڭ يۇقىرىدىكى 2011-يىلى يازغان ماقالىڭىزنى ئوقۇدۇم.  سىزنىڭ شۇ چاغدىكى ھىگگس زەرىجىسىگە توغرا تەپەككۇر ئېلىپ بارغانلىقىڭىزنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ. چۈنكى ئالىملار ھىگگس زەرىجىسىنى زەرىجىلەر ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك زەرىجە دەپ پەرەز قىلىپ ئەمدى ئۇنۇڭدىن كىچىك زەرىجە يوق دەپ قارىغان. بىراق يېقىندا ياپونىيە ئالىملىرى ھىگگس زەرىجىسىنىڭ بىرىكمە زەرىجى ئىكەنلىكىنى چوڭ ھېسابلاش ئارقىلىق پەرەز قىلىپ، ئۇ نەتىجىنى دۇنياغا ئېلان قىلدى. كىشىلەردە پەرەز ھەم تەپەككۇر كۈچەيسە خەقلەر ئويلاپ باقمىغان مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نەتىجىلەر چىقىدۇ.  قارىغاندا سىزنىڭ ھىگگس زەرىجىسى توغرىلىق تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ بىلگۈڭىز بار ئىكەن. مەن بۇ ھىگگس زەرىجىسى توغرىلىق بىر نەرسە يېزىۋاتىمەن پۈتۈشى بىلەن باغداشتا ئېلان قىلاي.

قاسىم ئاكا ھارماڭ، ئۇيغۇرلار سىزدىن خىجىل بولۇش ئەمەس پەخىرلىنىشى كېرەك!

ھۆرمەت بىلەن تاشپولات روزى





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-17 12:03  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش