كۆرۈش: 358|ئىنكاس: 3

ئالىپ ئوغۇز: ئەزىز نۇرنىڭ «دەرۋازىۋەن» ناملىق ھېكايىسى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەزىز نۇرنىڭ ‹‹دەرۋازىۋەن  ››*ناملىق ھېكايىسى ھەققىدە

(ئوبزۇر )

نۇرمەھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز

      دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىغا قارايدىغان بولساق،  نۇرغۇن  يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھېلىغىچە  كىتابخانلار تەرپىدىن سۆيۈپ ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز .بۇنداق بولىشىنى بەلگىلىۋالغان ئامىل دەل ئۇ يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانى ئەمەس بەلكى سۈپىتىدۇر . بىز  ھازىرقى ئەدەبىياتىمىزنىڭ  ئەھۋالىغا  قارىساقمۇ بىر قىسىم يازغۇچىلار توم – توم كىتاپلارنى يازغان بىلەن ،  لېكىن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى كىتابخانلارنىڭ  قەلبىدىن ئورۇن ئالالمىدى،   ھەتتا  بىر قىسىم يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلەر ئېلان قىلىنغان بىلەن ئۇزاققا قالماي كىشلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلدى .  دېمەك ئەسەر ياخشى بولسا ، يەنى سۈپەتلىك يېزىلغان بولسىلا  مەيلى ئۇ قاچان ئېلان قىلىنغان بولۇشتىن قەتئىي نەزەر كىشلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولالايدىغانلىقى بىر ھەقىقەت . ئەمما ھازىرقى ئەدەبىياتىمىزدىكى   بارلىق ئەسەرلەرنى بىر قىسىملىرىمىزدەك ‹‹ سۈپەتسىز ››گە چىقىرىۋېتىپ، ياخشى ۋە ناچار  يېزىلغان ئەسەرلەرنى پەرقلەندۈرمەي بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ . ھازىرقى  ئەدەبىياتىمىزدا نۇرغۇنلىغان سۈپەتسىز ئەسەرلەرنىڭ بارلىقى بىز ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدىغان  رېئاللىق بولسىمۇ ،ئەمما نۇرغۇنلىغان  سۈپەتلىك يېزىلغان ئەسەرلەرمۇ بار . بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى دەل ‹‹دەرۋازىۋەن ››دېگەن ھېكايىدۇر .بۇ ھېكايە ئېلان قىلىنغىنىغا   خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ ، لېكىن  ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن تۇرمۇش كارتىنىسى  ھېلىغىچە  قەلبىمنى لەرزىگە سېلىپ كەلدى  . ئاخىرى مەن مەزكۇر ھېكايىنى قىممەتكە ئىگە قىلىۋاتقان نەرسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى  ھەققىدە ئىزدىنىپ بېقىش ئۈچۈن قولۇمغا قەلەمنى ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم . تۆۋەندە مەن ھېكايە  ھەققىدىكى قىسقىچە تەھلىلىمنى قۇربىمنىڭ يېتىشچە ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن.

. 1         ھېكايىدا  ئادەملەر ئوتتۇرىسدىكى ياتلىشىش  ھادسىسى مەركەزلىك يورتۇپ بېرلگەن .

       ئادەم جەمىيەتنىڭ مەسئۇلى ، ئۇ ئۆزنىڭ قىممىتىنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا يارىتىدۇ . ناۋادا بىر ئىنسان ئۆزى ياشاۋاتقان توپ ياكى جەمئىيەت تەرپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىلسە  ياكى ئۇنىڭ ئۆز قىممىتىنى يارىتىشى يولىدىكى تىرىشچانلىقى  ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمىسە ئۇ ئۇ ئىنسان چەكسىز روھى ئازاب ئىچىدە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۈرىدۇ ھەم ئۇنىڭدا ئاسانلا ھاياتقا بولغان بىزارلىق تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ .
مەزكۇر ھېكايىدا باش پىرسۇناج دەرۋازىۋەن يۇقۇردا ئېيتىلغاندەك  قىسمەتكە دۇچار بولغان . ھېكايىدا دەرۋازىۋەننىڭ قەلب ساداسىغا ھېچىكىم قوللاق سالمايدۇ،  ھەتتا باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا قەلب دەرۋازلىرىنى ئېچىپ بەرمەيدۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى دائىم غېرىب ھەم ھايات تەرپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ئوشۇق ئادەمدەك ھېس قىلىدۇ .بىز بۇنى ھېكايىدىكى تۆۋەندىكى بايانلاردىن ئېنىق كۆرۈپ يېتىمىز :‹‹بەزىدە بەكرەك ئىچى پۇشقانلىرىدا ئۆزى كۆڭلى تارتقان بىرەر ئىشخانىغا كىرىپ مۇڭدۇشۇپ چىققاتتى .ئەمما كۆپ ھاللاردا بۇ كىشىلەرنىڭ بىر نەرسىگە بېرىلىپ ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى ،ئۆزىگە كۆڭۈل بەرگۈدەك ئورۇن ۋە ۋاقتىنىڭ يوقلىقىنى بايقايتتى –دە ،بىرەر- ئىككى پارچە گېزىتىنى ئوقۇۋېلىش ئۈچۈن ئارىيەت ئالغىلى كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆزىنىڭ ئوڭايسىزلىقنى باسماقچى بولاتتى –دە ،بۇ قەغەزلەرنى كۆتۈرگىنىچە چىقىپ كېتەتتى ، يەنە ئۆزى يالغۇز قالاتتى .››①   دېمەك بۇ يەردە دەرۋازىۋەننىڭ  مەۋجۇتلىقى ئۆزى بىلەن بىر ئىدارىدا ئىشلەيدىغان ئادەملەر تەرپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن بولۇپ ...ئۇ ئۆز قەلبىدىكى ئارمانلىرىنى ، ئوي – خىياللىرىنى باشقلارغا چۈشەندۈرۈشكە  ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ئاۋازغا قولاق سالىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىغان .   شۇڭا    ئۇ روھى جەھەتىن زور ئازاپقا مۇپتىلا بولۇپ،   ئۆزنىڭ روھى دۇنياسىغا بېكىنىۋېلىپ ئۆزى بىلەن –ئۆزى ياكى بىردىن - بىر كۆز ئالدىدىكى دەرۋازا بىلەن ، يەنى ئۇنى بىزار قىلىپ كېلىۋاتقان دەرۋازا بىلەن مۇڭدۇشۇپ ھاياتىنى  مەنىسىزلىك ئىچدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان  . بۇ خىل ئادەملەر ئوتتۇرىسدىكى ياتلىشىش ھادىسىسىنى ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارمىغان ئىدى ، بەلكى ماددى نەرسىلەر ۋە ئىمتىياز ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش ياشاپ مىھىر – مۇھەببەت ، ئۆز –ئارا چۈشىنىش شۇنداقلا روھى سادالىرىنى ئۇنتۇپ كەتكەن كىشىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى . ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى  يۇقارقىدەك بىنورمال بولغان ياتلىشىش ھادىسسى ھەتتا ئۇنىڭغا :‹‹يول ،كوچا ،دوككان – ساراي ھەممە يەرنىڭ ئۆزى قاراپ تۇردىغان ھېلىقىدەك دەرۋازىسى باردەك ...››②تۇيۇلىدىغان ھەم ھەر -بىر ئادەملەرنىڭ قەلبى خۇددى ئۇنىڭغا ھىم ئېتىلگەن دارۋازدەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالغان .  
         بۇنىڭدىن باشقا  دەرۋازىۋەندە  روھىي ئازاب پەيدا قىلغان ھادىسە ئۇنىڭ كەسپى جەھەتتىن كەمستىلىشىدۇر  .بولۇپمۇ دەۋرنىڭ ئۇچقانداق تەرەققىيى قىلىشى بىلەن ھەرخىل كەسىپ تۈرلىرى ئايرىلىپ چىقان  بولسىمۇ ،لېكىن  ئەنەنىۋى قاراش تۈپەيلى باشقا كەسىپلەرنى ياراتماسلىق ۋە پەس كۆرۈش خاھىشى بىر قىسىم كىشلەردە ھېلىمۇ مەۋجۇت . ئەمىلەيەتتە ھەرقانداق كەسىپ خەلق ۋە دولەت مەنپەتىگە  پايدىلىق بولسىلا ئۇ قىممەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ .  كەسىپلەرنى يۇقىرى –تۆۋەنگە ئايرىش ھەم ھالال ئەمگەك قىلۋاتقان ئەمگەكچىلەرنى ھۆرمەتلىمەسلىك  بىنورمال  بولغان ئىجتىمائىي  ھادىسە بولۇپ ، بۇنى چەكلىشىمىز  ھەم بۇ خىل قاراشلارنى قاتتىق  تەنقىدلىشىمىز لازىم .ساغلام بولغان مۇھىت كىشلەرنىڭ كەسپىگە قاراپ ئۇلارغا مۇئامىلە قىلمايدۇ .  بەلكى كىشلەرنىڭ ھالال ۋە خەلققە پايدىلىق كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياكى شۇغۇللىنماۋاتقانلىقىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىدۇ . دەرۋازىۋەننىڭ كەسىپى دەرۋازىغا قاراش بولسىمۇ ،ئەمما ئۇ ئىدارىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ۋە مال – مۈلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچنى ئۈستىگە ئالغان .كىشىلەر بۇ خىل كەسپنىڭ ئۆزىلىرىگە ۋە خەلقكە  بەخت كەلتۈرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن بولسا ھەم ئۇلاردا كەسپلەرنى كەمسىتىش خاھىشى بولمىغان بولسا،  ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا نورمال مۇئامىلە قىلغان بۇلاتتى  ۋە ئۇنىڭ ئەمگىكىنى  قەدىرلىگەن بولاتتى . لېكىن ھېكايىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدىكى  كىشىلەر دەرۋازىۋەنگە ئۇنداق مۇئامىلە قىلمىغان ، ئۇ ئۆزنىڭ قەلبىنى باشقىلارغا ئاشكارلاش ۋە باشقىلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن  ئىشخانىلارغا  كىرگەندە ئۇ دەرۋازىغا قارايدىغان ئىشنى قىلىدىغان بولغاچقىلا  كىشىلەر ئۇنى ئېتىۋارغىمۇ ئېلىپ قويمىغان. . ھېكايىدىكى ؛‹‹ كىمنىڭ گىدىيىپ چىقىپ كېتىدىغانلىقى ئۇنىڭ ئېنىق ئېسىدە ساقلىنىپ قالاتتى  .››③دېگەن بايانلاردىن  كىشلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلىمەيدىغان  ھەم باشقا كەسپلەرنى پەس كۆرىدىغان ناچار ئادىتى تۈپەيلى دەرۋازىۋەندە چەكسىز روھى ئازاب پەيدا قىلغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يېتىمىز .

2 .        ھېكايىدا شەخسنىڭ  غايىسى   بىلەن مۇھىت ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەتلەر جانلىق ئىپادىلەپ بېرلگەن .

        نۇرغۇن ئەدىپلەر <‹‹ غايە بولمىسا مەلۇم گۈزەل ئۈمىدلەر بولمايدۇ ھەم گۈزەل رېئاللىقمۇ بولمايدۇ ››④، ‹‹تۇرمۇش سەپەر قىلىشقا ئوخشايدۇ ، غايە سەپەردىكى نىشان ، نىشاننى يىتىرىپ  قويساق  ئىلگىرىلەشتىن توختاپ قالىمىز .››⑤  ، ‹‹مەقسىتى بولمىغان تۇرمۇش قولىدا كومپىسى بولمىغان سەپەرگە ئوخشايدۇ .››⑥دەپ ئىنساننىڭ غايە  ۋە ئارمانلىرىنى ئۇلۇغلاپ ، كىشىلەرنى  ئۆز مەقسەتلىرى يولىدا كۈرەش قىلىشقا ۋە ئىزدىنىشكە ئىلھاملادۇرىدۇ . مەيلى نېمە مەقسەت بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇ ئىنسانىيلىقنى چىقىش قىلغان بولسا ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان بولسا ئۇ ھامان  كىشىلەرنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشىدۇ . ھېكايىدىكى  :‹‹ئۇ كىچىكىدە نى – نى ئىشلارنى قىلىشنى ئويلايتى ،دۇنيادىكى جاھان تەۋرەتكۈچى مەشھۇر شەخسلەردەك ئىنسانىيەت تەقدىرنى ئۆزگەرتەلىگۈدەك چوڭ- چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى ئويلايتى ، ئۆزنى ئالاھىدە ئادەم دەپ قارىغاچقىمۇ ، ھەتتا دۇنيانى ئۆزگەرتىشكىمۇ ئىشەنچى بار ئىدى . ››⑦دېگەن تەسۋىرلەرنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا ئىختىيارسىز  دەرۋازىۋەنگە بولغان ھۆرمىتىمىز ئاشىدۇ . ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار غايىلىرى تەپەككۈرى چوقۇر بولغان ھەرقانداق ئادەمدە مەۋجۇت .  بۇ بىز قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان نورمال ھادىسە . ھېكايىدا  دەرۋازىۋەن ئۆزىنىڭ  يۇقۇردىكى غايىلىرىنى ئىشقا ئاشرالامدۇ ؟ مانا بۇ بىز قاتتىق ئويلۇنۇپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە .ئەمما ھېكايىدا  دەرۋازىۋەننىڭ  قەلبىدىكى گۈزەل  غايىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى بايقىمايمىز ... ئۇ ئادەملەر ئوتتۇرىسدىكى چۈشىنىشنىڭ سوسلاپ كېتشى سەۋەپلىك ھەم ئۇلارنىڭ مەنىۋى مەقسەتلەردىن كۆرە ماددى مەقسەتلەرنى مۇھىم ئورۇنغا قويىشى سەۋەپلىك ، بۇ تۈپەيلى كېلىپ چىققان مۇھىتتىكى ھەر خىل چەكلىمىلەر سەۋەپلىك غايە  ۋە ئىستەكلىرى تامام يوقالغان غېرىب بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ .بۇنىڭ بۇ خىل روھى كىرىزىسقا پاتقان ھالىتىنى ھېكايىدىكى    : ‹‹ئۇ ياشاشنىڭ ئادەملەرگە تېڭىلغان بىر خىل ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى ئاخىرى تونۇپ يەتتى .ئۇنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ھاياتقا بولغان ئوتتەك قىزىقىشى ،رومانتىكى   ئىنتىلىشلىرى سوۋۇپ بىر پارچە مۇزغا ئايلاندى .›› ⑧دېگەن بايانلاردىن كۆرۈپ يېتەلەيمىز  .
  ئىنساننىڭ غايە  ۋە ئىستەكلىرى ئۆلگەندە ياكى ئۇنىڭغا يېتىشنىڭ  مۆمكىن ئەمەسلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتكەندە ، ئۇ ھاياتقا ئاكتىپ ھالەتتە ئەمەس  بەلكى مېخانك ھالدا ماسلىشىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئادەمدە روھى ئازاب شەكىللىنىدۇ . خۇددى ياشاش مەقستىنى يىتىرىپ قويغان ئادەمدەك ھەممىگە پەرۋاسىز قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ . ھېكايىدىكى  دەرۋازىۋەن ئۆزلۈكىنى ئىپادىلەشتىن مەھرۇم بولۇپ قالغاچقا ، ئۆزنىڭ غايىلىرىنى رېئاللىققا  ئايلاندۈرالمىغاچقا   ياشاشنى بىر يۈك دەپ قارايدىغان پاسسىپ پىسخىكىنى ئۆزىدە شەكىللەدۈرىدۇ .ئۇنىڭ بۇ خىل روھىي ھالىتىنى  دەل ئۇنىڭ غايسى بىلەن مۇھىت  ئوتتۇرسىدىكى ماسلاشماسلىق ، يەنى تەتۇر تاناسىپلىق پەيدا قىلغان ئىدى .ئەمەلىيەتتە: ‹‹ھەرقانداق شەئىيدىن  شۇنداق بولۇشى لازىم دەپ چۈشەنگەن تۇرمۇشنى كۆرۇۋالالىساق ئۇ گۈزەلدۇر .››⑨  بىراق،  دەرۋازىۋەننىڭ كۆرگىنى غايىسىدىكى تەلپۈنگەن دۇنيا بولماستىن ،  بەلكى ئۆمۇر بۇيى پەقەت قورساق ئۈچۇن  قارىشىغا مەجبۇر بولىۋاتقان  دەرۋازا  بىلەن قەلبلىرى  خۇددى دارۋازدەك ھىم ئېتىلگەن كىشىلەر ئىدى .

3  . ھېكايىدا  ۋىجدانى بۇرۇچ تۇيغۇسى ئالقىشلانغان .

      ھېكايىدا دەرۋازىۋەن ئاتسىنىڭ خاتىرىسىنى تۇتقان ھالدا سوغدا توڭلاپ ئۆلۈپ قالىدۇ .  مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا  ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىلغارلىققا ئىگە .چۈنكى ئۇ ھەر ۋاقىت ئاتىسى ئۇنىڭغا ۋەسىيەت قىلىپ قالدۇرغان خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ، ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت  مۇقەدەس بۇرچىنى ئېسىدىن چىقارمايدۇ .ئۇ ھەر دائىم ئاتىسىنىڭ   :‹‹بۇ يەر ... بىزنىڭ كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن ماھىلە ،ئوبدان قوغدىغىن ...››دېگەن ۋەسىيىتى يېزىلغان خاتىرىنى قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدۇ   ،  ھەتتا ئۇنى ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ئېسىدىن چىقارمايدۇ . مانا بۇ دەرۋازىۋەن روھىدىكى بىز قەدىرلەشكە تېگىشلىك خىسلەت  .ھېكايىنى  ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا  دەرۋازىۋەن بىزگە خۇددى ھاياتلىقىنى تامام چۈشۈنۈپ بولغان پەيلاسوپتەك تۇيغۇ بېرىدۇ . ئۇنىڭ قەستەنگە دەرۋازىغا قاراشنى بانا قىلىپ دەرۋازا ئالدىدا توڭلاپ ئۆلۈپ قېلىشى ، ئۇنىڭ تەقىدىرىنى ئۆزگەرتىشكە تاشلىغان يەنە بىر دادىل قەدىمىدۇر . چۈنكى ئۇ گىرمان پەيلاسوپى پولسېن: ‹‹ھەر بىر ھەقىقى قۇربان بېرىش بەدىلىگە    غايىدىكى  ئۆزلۈك ساقلىنىدۇ   ››⑩دەپ  ئېيتقاندەك ئۆزىنىڭ روھىي ئارمانلىرىنى  ۋە ئۆزلۈك  چوڭقۇرلۇقىدىن ئېتىلىپ چىققان ئىستەكلىرى  ئۈچۈن ھەرقانداق قۇربان بېرىشتىن يانمايدۇ  . دەرۋازىۋەن يەنىلا غايىسىگە زىت بولغان ئۆزگەرمەس ، يەنى تەكرار – تەكرار دەرۋازا ئېچىش ۋە يېپىشتىن  ئىبارەت ھايات شەكىلنى ئىسلا قىلىشقا تىرىشتى  .بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ غايىسى ۋە ئاتسىنىڭ ۋەسىيىتى بولغان  ۋەتەن ۋە خەلققە خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ۋىجدانى بۇرچىغا سادىق بولدى  . چۈنكى ئۇ ئىزچىل  ئۇلۇغ مەقسەتلەر يولىدا تىرشىپ ياشاشنى ۋە ئۇنىڭغا يېتىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى .
        خۇلاسىلىغاندا ئاپتور دەرۋازىۋەن ئوبرازى ئارقىلىق ئادەملەر ئوتتۇرىسدىكى  ياتلىشىش ، شەخس غايسى بىلەن  مۇھىت ئوتتۇرسىدىكى ھەرخىل مۇناسىۋەتلەرنى ۋە ۋجدانى بۇرۇچ ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى قېزىش ئارقىلىق ئۆزگە خاس بولغان ئىستېتىك قىممەت ۋە مەنا قاتلىمى ياراتقان   .  .ھېكايە ئادەمنى پىكىر قىلىشقا ، ئۆزى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلۇنۇپ بېقىشقا ئىنتىلدۈرىدۇ   ...ھېكايىدىكى روھى كەچۈرمىشلەر تەبىئىي راۋاجلانغان بولغاچقا دەرۋازىۋەن خۇددى كۆز ئالدىمىزدا ياشاۋاتقان تىرك ئىنساندەك تۇيغۇ بېرىدۇ . .ھېكايىدا  ئىپادىلەنگەن چوڭقۇر مەنىنى ۋە يارىتىلغان تىپىك ئوبرازنى ھەم جانلىق  تەسۋېرلەنگەن ئىچى كەچۈرمىشلەرنى نەزەردە تۇتقاندا ئۇنى مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان ئەسەر دەپ قاراشقا بولىدۇ . مېنىڭ يۇقىردىكى تەھىلىلىم ئۆزەمنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىمنىڭ دائىرىسدە ئېلىپ بېرىلغان  يۈزەكى تەسىراتىم بولغاچقا  . تەھىلىل جەرياندا كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىم بولسا كىتابخانلارنىڭ تەنقىدى پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
.
پايدىلانمىلار :
*ئەزىز نۇر :‹‹ دەرۋازىۋەن››، ‹‹تەڭرىتاغ ››ژۇرنىلى 2010- يىلى ،1-سان .
①ئەزىز نۇر :‹‹ دەرۋازىۋەن››، ‹‹تەڭرىتاغ ››ژۇرنىلى 2010- يىلى ،-سان .27- بەت .
②ئەزىز نۇر :‹‹ دەرۋازىۋەن››، ‹‹تەڭرىتاغ ››ژۇرنىلى 2010- يىلى ،-سان ،27-بەت .
③ئەزىز نۇر :‹‹ دەرۋازىۋەن››، ‹‹تەڭرىتاغ ››ژۇرنىلى 2010- يىلى ،-سان ،27-بەت.
④‹‹مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئەقلىيە سۆزلىرىدىن تاللانما ››(خەنزۇچە ) ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2007 – يىلى ،5- ئاي ، 33 – بەت .
⑤‹‹مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئەقلىيە سۆزلىرىدىن تاللانما ››(خەنزۇچە ) ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2007 – يىلى ،5- ئاي ،34 – بەت.
⑥‹‹مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئەقلىيە سۆزلىرىدىن تاللانما ››(خەنزۇچە ) ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2007 – يىلى ،5- ئاي ، 38- بەت .
⑦ئەزىز نۇر :‹‹ دەرۋازىۋەن››، ‹‹تەڭرىتاغ ››ژۇرنىلى 2010- يىلى ،-سان .26- بەت .
⑧ئەزىز نۇر :‹‹ دەرۋازىۋەن››، ‹‹تەڭرىتاغ ››ژۇرنىلى 2010- يىلى ،-سان .26- بەت .
⑨ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن :‹‹ئومۇمى ئىستېتىكا ››، شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى 1985- يىلى ، 4 –ئاي ، 524- بەت .
⑩‹‹مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئەقلىيە سۆزلىرىدىن تاللانما ››(خەنزۇچە ) ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2007 – يىلى ،5- ئاي ، 27- بەت .


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-19 12:57:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غايە بىلەن مۇھىتنىڭ سۈركىلىشىنىڭ ئارىلىقىدىكى ئادەم.  

ۋاقتى: 2016-3-19 19:38:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى يوقىرى بولغان ماقالە

ۋاقتى: 2016-3-21 10:24:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسلى مەزكۇر ھېكايىمۇ ناھايىتى ياخشى يېزىلغاىكەن...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش