ئىگىسى: eybuyaqup

ئارۇز گۈلىستانىدىكى _ ئەراپات ئابدۇرۇسۇل(9)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-6-1 00:02:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەراپاتنىڭ ئىجادىيتىگە بەرىكەت تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2013-6-1 09:35:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
12
ئوت قالاپ ئىستەكلىرىمنى ئۆرتىگەن جانان قېنى؟
چۈش سۈراپ چەكسىزلىكىمدىن ئىزدىگەن ئارمان قېنى؟
ئاقتى قان ئېرىقلىرىمدىن تۈن ئارا كۆزلەپ ئېكىن،
ئارمىغان ئەيلەپ جېنىمنى ئالغىنىم خامان قېنى؟
ئاشتى تەن ئاشىقلىقىدىن، ئۆزگىسى كەتتى نېسى،
ھەممىدىن بەرمىش بىشارەت سۆزى بال، پالۋان قېنى؟
ئازغىنىم ئەيبىم،ئازاپقا پاتمىقىم بىر سىر ئېنىق،
ئايلىنىپ كەزسەم جاھاننى گۈل سىياق ئازغان قېنى؟
ئوخشىماس قىسمەت، ئۇشۇقتۇر غەم ئوتى ئەمما ماڭا،
ئەي مېنى،سۆيگەن چىرايلىق،سۆزلىرى يالغان قېنى؟
مەنزۇرى بولماي ،مۇھەببەت بەھرىگە چۆكمەك قېيىن،
ئالتە كۈن ئۆتمەي يۈرەكتە جەسسىتى قالغان قېنى؟




ئەراپاتنىڭ يۇقىرىقى غەزىلىگە مۇخەممەس

ئابدۇسالام مۇھەممەد بەگزات


ئوق ئېتىپ كرپىكلىرىدىن دىلغا دەرت سالغان قېنى؟
زۇلفىدىن دار باغلىبان جانىمىنىمۇ ئاسقان قېنى؟
بىر قاراشتا قاش ئېتىپ مەيلىمنى ھەم ئالغان قېنى؟
ئوت قالاپ ئىستەكلىرىمنى ئۆرتىگەن جانان قېنى؟
چۈش سوراپ چەكسىزلىكىمدىن ئىزدىگەن ئارمان قېنى؟

ئول پەرىۋەش بەرسە پەرمان نە قىلاي دەرھال چېكىن،
مەن دېيەلمەيمەن ئېشق مەيزابىنى ئىچمەيمىكىن،
گەر ئاڭا جانىم پىدا ئەيلەپ ئۆلەي ئاخىر لېكىن،
ئاقتى قان ئېرىقلىرىمدىن تۈن ئارا كۆزلەپ ئېكىن،
ئارمىغان ئەيلەپ جېنىمنى ئالغىنىم خامان قېنى؟

گەر دىماغىمدىن چىقىپ ئۆرلەر ساماغا دەرت ئېسى،
سانجىلۇر باغرىمغا ھىجران تىغلىرىنىڭ بارچىسى،
بار يەنە زۇلمىڭ بىلەن ھالى خاراپتىن قانچىسى،
ئاشتى تەن ئاشىقلىقىدىن ئۆزگىسى كەتتى نېسى،
ھەممىدىن بەرمىش بىشارەت سۆزى بال پالۋان قېنى؟

ئاھ ئۇرۇپ ئىشقىڭ ئوتىدا يۈزلىرىم بولدى سېرىق،
كۆز يېشىم ئاقتى پىغاندىن تولدۇرۇپ لەكمىڭ ئېرىق،
بىلمىدىم رەھمىڭ قاچان كەلگەي ماڭا باغرىم يېرىق،
ئازغىنىم ئەيبىم ئازاپقا پاتمىقىم بىر سىر ئېنىق،
ئايلىنىپ كەزسەم جاھاننى گۈل سىياق ئازغان قېنى؟

بولسا گەر ئاشىققا چۆللەر كىزىبان يۈرمەك راۋا،
شۇل سەۋەبتىن تەڭرىگە ئېيتىمەن ھەمدۇ سانا،
مەن پىراقتىن جان بېرەيمۇ بولسىلا ھەققىم ئادا،
ئوخشىماس قىسمەت ئوشۇقتۇر غەم ئوتى ئەمما ماڭا،
ئەي مېنى سۆيگەن چىرايلىق سۆزلىرى يالغان قېنى؟


ئەل پاسات قىلغان بىلەن بەگزاتنى ھەم سۆكمەك قېيىن،
چۈنكى ئاشىق قىلسا ھەر نە  يۈزلىرىن تۆكمەك قېيىن،
شۇندىمۇ قانچە قىچىپ يۈرگەن بىلەن مۆكمەك قېيىن،
مەنزۇرى بولماي مۇھەببەت بەھرىگە چۆكمەك قېيىن،
ئالتە كۈن ئۆتمەي يۈرەكتە جەسىتى قالغان قېنى؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-1 11:21  


ۋاقتى: 2013-12-30 23:56:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەراپات،ئىجادىيتىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن.

ۋاقتى: 2013-12-31 15:48:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر پىشقەدەم ئوخشايدۇ دەپتىمەن ئۇكا،غەزەللىرىڭىزنى سۈيۈنۈش ئىچىدە ئۇقۇپ چىقتىم.بەگزات ئەپەندى يازغان مۇخەممەسمۇ ھەم ئۆزگىچە!.....

ۋاقتى: 2013-12-31 19:55:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بەگزات ئاكامنىڭ مۇخەممىسىمۇ باشقىچە ھۆسن قوشۇپتۇ نۇ غەزەلگە. «ئالتۇن ئۈزۈككە، ياقۇت كۆز»دېگەن مۇشۇ- دە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش