ximal
كۆرۈش: 827|ئىنكاس: 9

ئوت ئىچىدىكى _ پەرىدە ياقۇپ (10) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 18:26:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


پەرىدە ياقۇپ  1986- يىل 24-ئىيۇن توغۇلغان، تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ؛ 2006-يىل «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىدە تۇنجى ھېكايىسى ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ «تۇرپان گېزىتى» ، «كروران» ، «شىنجاڭ ياشلىرى» ، «ئېلى دەرياسى» ، «تۇرپان» ژۇرنىلى قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللاردا بىر قىسىم شېئىر ، نەسىر، ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان؛ «تۇرپان گېزىتى» ئۇيۇشتۇرغان «ئىدىقۇت قەسىدىسى» مۇكاپاتلىق پائالىيىتىدە بىر پارچە ئەسىرى 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

پەرىدە ياقۇپنىڭ ئىجادىيەتتىكى دادىللىقى، يېڭىلىق يارىتىش روھى، ئىزچىللىقى مەدھىيەلەشكە ئەرزىيدۇ. بىز ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە ئىلھام-مەدەت بېرىش يۈزىسىدىن بىر قىسىم شېئىر، نەسىرلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.


                                                                                              ـــــ مەسئۇل مۇھەررىردىن



ھايات


كۆيۈپ - كۆيۈپ دۇنيا دىگەندىن،

ھېچنىمىنى سورىماي ئۆتتۈم .

نىسىۋەڭ بار دىسە مۇبادا ،

كەلمەيدىغان نىگارنى كۈتتۈم.

ھايات دىگەن ھېچنىمە ئەسلى ،

مەن شۇنىڭغا پۈتىمەن ، پۈتتۈم.


پەلەمپەي


پەلەمپەيلەر تۈگەپ كېتىدۇ،

تۈگىتەلمەي سەن بىلەن مېنىڭ

ئارامدىكى چەكسىز بوشلۇقنى.


تەسبىھ


يۈزلىرىمىز تەتۈر قارىشىپ،

سىز بىلەن مەن ئۆلۈپ كەتسەك گەر،

ئۆز قوينىغا ئالمىغاي ھېچ يەر!


جانان

1

كېتىۋاتقان كەينىڭگە قاراپ،

پېتىۋاتقان قوياشنى سىزدىم.

مەڭزىمدىكى ياشلارنى ئېلىپ،

كۆيىۋاتقان مەڭزىگە تىزدىم.

قوياش چىقسا ئەمما سەھەردە،

ئامال بارمۇ سىزىشقا يەنە،

كېلىۋاتقان سېنىڭ تۇرقۇڭنى؟!

2

ئۇنى قوياش دىيەلمىدىم، ياق

قوياش پاتسا يەنە چىقىدۇ .

ئۇنى شامال دىيەلمىدىم، ياق

شامال كەتسە يەنە كېلىدۇ.

قوياشتەكلا پارلىدى ،

نە پاتمىدى قوياشقا ئوخشاش.

شامالدەكلا كەتتى ،

نە كەلمىدى شامالغا ئوخشاش...

3

ئاسمانلاردىن ئىزدىدىم، سىز يوق،

دېڭىزلاردىن سورىدىم ، سىز يوق،

يۈرىكىمدىن چىقىپ كەتتىڭىز،

دەڭچۇ جانان نەگە پاتتىڭىز؟!

4

سىزنىڭ بىرتال ھەسرىتىڭىزنى ،

سۆزلىيەلمەس مىڭ تال ھەسرىتىم.

كۆيۈپ - كۆيۈپ يۇم-يۇم كۆزۈمدە ،

سىزنى سۆيۈش مېنىڭ قىسمىتىم.

بىر ئۆمرۈمدە تۈگىتەلمەسمەن،

شېئىر يازسام بولۇپ مىڭ دانە،

سىز قەلبىمدە ئەجەپ بىر دانە!

5

سېنى ئەسلەتكۈدەك گۈللەر قالمىغان،

غازاڭلارمۇ قۇرىغان تامام ،

ئېرىقلاردا شىلدىرلىماس سۇ،

ھەممە كەتكەن جىمجىتلىق تامان.

ئاھ، ھەممىنى ئەسلىتىپ شۇتاپ،

ئەسلىنىسەن مۇشۇتاپ جانان.


ئوت


ھەممە بىلدى كۆيدۈرگىنىڭنى،

كىم سورىدى كۆيگەنلىرىڭنى ؟!


بەخت


بەخت ئەمەس كۆرمەي كۈتكىنىم،

بەخت ئەمەس تاشتەك ئۆتكىنىم،

بەخت ئەمەس يوققا ئەگىشىپ،

يوق ئىچىدە يوقتەك يۈتكىنىم.

بەخت پەقەت مۇشۇ ئازابنى،

سۆيۈپ تۇرۇپ ياشتەك پۈتكىنىم.


سېنى سۆيىۋاتقان سۆرىتىم


ھەممىنى ئىچىمدە بىلىپ تۇرۇپتىمەن،

سېنى سۆيۈش نىمانداق ئازاب؟!

سېنىڭ مۇقەددەس رەھىمسىزلىكىڭ،

مېنى تىرىك ئۆلتۈرىدۇ، قىلىدۇ خاراپ.


سارغىيىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدىم،

يېشىل- يېشىل قۇرۇپ كەتتىم!


لىققىدە دەزلەرگە تولدۇم بىلدىڭمۇ؟

سېنى كۈتۈپ تۇرۇپتىمەن بىلدىڭمۇ؟

سېنىڭ شۇنچىكى تېگىپ كېتىشىڭنى،

بىر ئۆمرۈمگە تېگىشىۋاتىمەن ،بىلدىڭمۇ...


بەلكىم كېلەرسەن

ھەممىنى بىراقلا ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە.

بەلكىم ئۇنتۇلۇپ كېتىمەن،


ئۇنتۇلۇپ كېتىمەن...

سېنى سۆيىۋاتقان مۇشۇ پېتىمدە.


ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدىكى...


بۇ ھاياتتىكى نۇرغۇن ئىشلار مېنى چارچاتتى .

ئۇ ئۆيدە بىر كىشى ياتىدۇ ، توسۇلۇشقا باشلاۋاتقان قان تۇمۇرلىرىغا غەمكىن تىكىلىپ .

ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدىكى ھېلىقى غازاڭ

سارغۇچ ئاۋازىمدەك كەتتى يىرتىلىپ .


تۇرۇپلا ئىچىم سىقىلىدۇ،

ماشىنىلار توسۇلۇپ كەتكەن يوللار كىشىنى بىئارام قىلىدۇ .

يوللار بىردىنلا قان تۇمۇرلىرىغا ئايلىنىپ قالىدۇ ،

ھېلىقى كىشى قەلبىمدە شەھەردەك ئېغىر تىنىپ ياتىدۇ...


_ ئاتا !!!،- دەۋىتىشتىن ئۆزۈمنى توسۇمەن،

لەۋلىرىم قىزىل گۈلگىلا ئوخشاپ قالدى!

بىر تال غازاڭدەك لەيلەپ چۈشىمەن

كىمدۇر دەردىنى ھېچكىمدىن ئالدى.


ئاھ، ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدىكى ،

ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز غېرىپلىق


ساڭا خەت يىزىۋاتىمەن


ساڭا خەت يىزىۋاتىمەن جېنىم، يەنە ئاشۇ مەڭگۈ پۈتمەيدىغان ، مەڭگۈ داۋامى كۆرۈنمەيدىغان ، مەڭگۈ قورالمايدىغان سۆزلەرنى مەڭگۈ توشمايدىغان بەتلىرىمگە يىزىۋاتىمەن!

ئۈزلۈكسىز ياسىغان كوزىلىرىنى ئۈزلۈكسىز چاققۇچى نوھتەك ، بىر ئۆمۈر قەغەز - قەلەمنى كىتىرلىتىپ ئولتۇرۇپمۇ مەڭگۈ پۈتمەيدىغىنىنى بىلىپ تۇرغان ئاشۇ خەتنى يىزىۋاتىمەن.

ئەنە بىرىنچى بىر بەتنى سىياھ يازدىم ، يىرتتىم ، شاماللارغا بەردىم ؛ ئىككىنچى يېرىم بەتنى ياش بىلەن يازدىم ، كۆيدۈردۈم قوقاسقا بەردىم ؛ ئۈچىنچى بىر قۇرنى پۇرلىدىم ، سۇلارغا بەردىم...ساناپ ھاردىم!

تالاي قەغەزلەر تۈگىدى ، تالاي سىياھلار قاندەك قىزاردى

ئاخىرقى يېرىمىنچى قۇرنى غەزەپ بىلەن چاينىدىم ،ئىچىمگە بەردىم!

يازدىم جېنىم،ساڭا يازدىم، بۇ باشلىنالمىغان ھەم ھېچ تۈگىمىگەن ، دەستە - دەستە ھەم مەۋجۇت بولالمىغان خەتلىرىمنى...


شائىرىڭنىڭ شائىرىدۇرسەن


< مەن شائىر ئەمەس ، شېئىر شائىر، شېئىر مېنى يازىدۇ،شېئىردىن باشقا سۆيگىنىم بولمايدۇ >دەيسەن ؛ ئۇنداقتا ماڭا يېزىل!مەڭگۈلۈك شېئىر ھەم شائىرىڭ بولاي


تىنىقىڭنىڭ بورانلىرىغا


تىنىقىڭنىڭ بورانلىرىغا تۇغلىرىم يەلپۈندى ! قەددىم يانىڭ كىرىچىدەك كېرىلدى؛پۇتلىرىم زېمىن ، چاچلىرىم كۆكتەك يېيىلدى تىنىقىڭنىڭ بورانلىرىغا


( 1 )

شامالنىڭ توختىغان ئاۋازى ئاڭلىنىدىغۇ؟!ئەجەپ ئۇنىڭ ئايىقى سۇنغانمۇ؟ياكى ماڭا بېرىدىغىنىنى ئىزدەۋاتقانمۇ؟ياكى يوللىرى كېسىلىپ كەتكەنمۇ؟

ئاھ، شامال...زادى نېمىشقا توختىغان شامال بۇ مېنىڭ دېرىزەمدە؟


( 2 )

كېتىۋاتامسەن ياكى كېلىۋاتامسەن؟

پەقەت يىراق - يىراقلاردىن قىچقىرغان ئاۋازىڭ مېنى قاپلىماقتا!مەن بۇ ئەسلىلا ئاجىز ئاۋازنىڭ كۈچىيىۋاتقان ياكى ئاجىزلاۋاتقىنىنى ئاڭقىرالمىدىم؛پەقەت يىراق - يىراقتىن ئاۋازىڭ قاپلىنىۋاتىدۇ

كېلىۋاتامسەن ياكى كېتىۋاتامسەن؟


( 3 )

قورقما،جېنىم چىقىۋەر...

يېقىلساڭ ماڭا يېقىلىسەن!!!


( 4 )

ساڭا دەيدىغانلىرىم جىمى جاھاندىن يۇشۇرمايدىغانلىرىم،جىمى جاھاندىن يۇشۇرمايدىغانلىرىم مېنىڭ يورۇقۇم، ئوچۇق - ئاشكارىلىقىم ھەمدە مۇقەددەس چىنلىقىمدۇر!


( 5 )

سېنى ئەزىزلەيمەن ، سېنى قەدىرلەيمەن ، سېنىڭ سېنىڭنى!

مېنىڭ بولغان بولساڭ چوقۇم ئۇنچە قەدىرلىك بولمايتتىڭ؛ سېنىڭ بولغىنىڭ سېنىڭ بەختىڭ، چۈنكى سېنىڭ بولغانلىكى ھەممە نەرسە ماڭا شۇنچە قەدىرلىك!


مېنىڭ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر كېچەملا بار

كېچەمنىڭ يېرىمىغا قوياشنى يېقىپ قويىدۇ، يېرىمىنىڭ يېرىمىغا ئاينى يورىتىدۇ،قالغان يېرىمىدا تالاي يۇلتۇزلارغا ئايلىنىپ ماڭا تىكىلىدۇ ، تىنىقىڭنىڭ بورانلىرى...


ۋاقىتقىمۇ ۋاقىت كېتىدۇ


ھەممىنىڭ ئورنى قويۇغلۇق ، ئورنىدا ھەم ھەممىسى تولۇق؛

پەقەت سېنىڭ ئورنۇڭلا ئۇزۇندىن بېرى بوش ھەم قۇرۇق!

تالاي يىللار ئۆتتى ، ئۇنى ھېچكىم تولدۇرمىدى ، چۈنكى ھەممىسى ئورنى بىلەن كەلگەن ئېدى


باھار يامغۇرى كەبى


بىر پارچە بولۇت تاقەت قىلالمىدى ، ئۆزىنى قويىۋەتتى يامغۇر كەبى ؛

بىر پارچە گۈلزارلىق تاقەت قىلالمىدى ، ئۆزىنى تۆكۈۋەتتى يامغۇر كەبى ؛

بىر پارچە ئورمان تاقەت قىلالمىدى ، ئۆزىگە ئوت قويىۋەتتى ... يامغۇر كەبى ؛

مەن تاقەت قىلالمىدىم! ساڭا ئېتىلدىم، يامغۇر كەبى ، يامغۇر كەبى...


سېنى كۈتۈش


بىر دەرەخ بىر ئايال بولار ئېدى كۈتسەم ئېدىم، سېنى كۈتكەندىن؛

بىر تامچە بىر دېڭىز بولار ئېدى كۈتسەم ئېدىم، سېنى كۈتكەندىن؛

بىر زەڭگەر كىپىنەك بىر ئاسمان بولار ئېدى كۈتسەم ئېدىم، سېنى كۈتكەندىن؛

سېنى كۈتتۈم، بىر ئەر بىر دەرەخكە ئايلاندى؛ بىر دېڭىز بىر تامچىدەك قۇرۇدى؛ بىر ئاسمان بىر كېپىنەكتەك زەڭگەر قاناتلىرىدىن ئايرىلدى، جېنىم ، سېنى كۈتسەم...


نىگارىم مەن ساڭا ئاتالغان رەسىم


مىنۇتلار لەھزىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىدۇ، مەن ئاڭا سېغىنىشتىن تۆكىمەن ئازراق؛ ئۇلار ماڭا كۈنلەرنى پۈتۈپ بېرىدۇ، ئۇلار ماڭا تۆكىدۇ ھىسابسىز ئازاب؛

مەن سېغىنىۋېرىمەن كۈنلەرنى كۆمۈپ، يىللارنىڭ دەھشىتىمۇ بولىدۇ خاراپ؛ زامان - زامانلاردىن ئۆتىدۇ تېخى، سېنى كۈتكەن مېنىڭدە ياشاپ!

كۈتۈپ - كۈتۈپ بر پارچە رەسىم ياكى بىر كۇبلىت شېئىرغا ئايلىنىشىم مۇمكىن، تەڭرى پۈتكەن ساڭىلا ئاتاپ.


نىگارىم ، مەن سېنى كۈتىۋاتقان قۇش


مەن سېنىڭدە كۆيدۈم بىر زامان، ھەمدە بىر زامان ئۆتتى؛

مەن ئورمانلاردەك تىنچىدىم بىر زامان، ھەمدە بىر زامان پۈتتى؛

مەن ئايدەك بىر يالغۇزلۇقنى كۆندۈردۈم بىر زامان، ھەمدە بىر زامان كۆكلىدى؛

مەن زامان - زامانلاردىن بېرى كۈتتۈم ، ھەمدە بۇ كۈتۈش مېنى بىر زاماندەك ئۆتكۈزدى...


ئەي ، نويابىرنىڭ يىگانە گۈلى


نە گۈل شاخلىرىنى قايرىيالمىدىم،

نە ئۇ گۈلدىن ئۆزۈمنى ئايرىيالمىدىم!

سېنىڭ بىلەن مېنى ئايرىغان ئارلىق، سېنىڭ بىلەن مېنى باغلاپ تۇرىدۇ ؛ < ھېچكىمگە ھېچنىمە مەڭگۈ ئەمەس !> دەپ ، سەن كەتكەن يوللار قاقاقلاپ كۈلىدۇ؛

سەن بىلىسەن ، مەن ساڭا شۇقەدەر ئاشىق،سەن بىلىسەن مەن بىر پارچە تەتۈر شامال؛ سەن بىلىسەن... مەن پەنجىرەڭدىكى ، سەن كېرەك قىلمايدىغان ھېلىقى خىيال؛

ئەي ، نويابىرنىڭ يىگانە گۈلى،ئەپۇ قىل... سېنىڭ ئالدىڭغا تىزلىرىم پۈكىلىۋاتىدۇ...

ئەي ،نويابىرنىڭ يىگانە گۈلى، ئەپۇ قىل... جېنىم ساڭا شەربەتتەك تۆكۈلىۋاتىدۇ...


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 790
تۆھپە : 10
توردا: 215
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 19:29:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇڭ!

توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
سۇئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  678
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 503
تۆھپە : 0
توردا: 244
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 23:18:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىبنىڭ ئەڭ پىنھان جايلىرىدىكى سىرلار ئوخچۇپ چىققاند؛ سەن شئىرنى ئەمەس،شئىر سېنى يازغاندا ، مانا مۇشۇنداق تاتلىق ئەسەر رۇياپقا چىقىدۇ.

ياشىماسلىققا ئاساسىمىز يوق !

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  232
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1815
تۆھپە : 10
توردا: 208
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 00:17:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرىدەنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

ئاتاسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
ئاناسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
بۇ يۇرتتا نىمەسى بار -
مېنىڭدەك بەختى قاچقاننىڭ ؟

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  689
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 46
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 08:45:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولۇڭ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  500
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 72
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 23:48:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



         بۇ قىز(پەرىدە) ھەقىقەتەنمۇ يېقىملىق شېئىرلارنى يازىدۇ!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  159
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1575
تۆھپە : 1
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-12 14:22:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرىدىگە قۇت تىلەيمەن

بىر قولدا قۇرئان بار، يەنە بىردە جام ،
بەزىدە ھالالمىز ،بەزىدە ھارام .
كۆك گۈمبەز ئاستىدا ياشاپ ھەممىمىز ،
ئەم

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  640
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 49
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 21:01:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەششەت نوچىكەن بۇ ياش باللار

تەنھا مۇھاجىر  سەرگەردان شائىر

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72
يازما سانى: 752
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1601
تۆھپە : 4
توردا: 419
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 21:29:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىز تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولسۇن گۈلۈم. شېئىرلىرىڭىزنىڭ داۋامىنى ئوقۇشقا ئىنتىزار بولۇۋاتىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2273
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 396
تۆھپە : 0
توردا: 52
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 00:01:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىرلەرنىڭ تىلى شۇنداق يەڭگىل ھەم ئويناق چىقىپتۇ، مەزمۇنلىرىمۇ ئادەمنى گۈزەل بىر ۋادىغا باشلاپ بارغۇسى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش