كۆرۈش: 372|ئىنكاس: 0

ھەبىبۇللا سېيىت باھاۋۇدۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1002
تۆھپە : 12
توردا: 347
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-31

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 17:59:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                 h_s 001.jpg


ھەبىبۇللا سېيىت باھاۋۇدۇن 1963-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى پىچان ناھىيە پىچان يېزا ماچاڭ كەنتىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1979-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە تۇرپان ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە، 1984-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە شىنجاڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا، 1991-يىلىدىن 1993-يىلغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تولۇق كۇرس سىنىپىدا ئوقۇغان. تولۇق كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە. 1982-يىلى خىزمەتكە قاتنىشىپ پىچان ناھىيە چىقتىم 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، پىچان ناھىيە ماچاڭ ئوتتۇرا مەكتىپى، پىچان ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1994-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ پىچان ناھىيە پىچان يېزا ماچاڭ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. پارتىيە ئەزاسى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە.
   ئۇ 1982-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ، تۇنجى ئەسىرى «ئىشنىڭ يولى»ناملىق ھېكايىسى «تۇرپان گېزىتى»نىڭ 1988-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان.
«تۇرپان گېزىتى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى»، «شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى»، «تۇرپان» ژۇرنىلى، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى، «تۇرپان مائارىپى» ژۇرنىلى، «تەربىيىچى» ژۇرنىلى، «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى... قاتارلىق ھەرخىل گېزىت-ژۇرناللاردا 50 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، ئۇچرىك، راست ئىشلار خاتىرىسى، 20 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ۋە ئەسلىمە، بەش پارچىدەك شېئىر، 50 پارچىدىن ئارتۇق لەتىپە-چاقچاق يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان.
   2005-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «مۇھەببەت سىنىقى»ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان. 2008-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «قۇمتاغ چاچقۇلىرى»(باشقىلار بىلەن بىللە) ناملىق شېئىر، ھېكايىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.
1992-يىلى يازغان «تۆھپىكار ياش باغۋەن»ناملىق ماقالىسى تۇرپان ۋىلايەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 2010-يىلى ئېلان قىلدۇرغان «كوڭ يىجى ئوبرازى ھەققىدە»ناملىق ماقالىسى «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
   ئۇ 2005-يىلى 2-ئايدا پىچان ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، 2012-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش