جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 970 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 310|ئىنكاس: 12

رۇقىيە ئابدۇللا : شىراق (داستان) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  172
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 138
تۆھپە : 3
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 10:48:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىراق


رۇقىيە ئابدۇللا


تىترىتپ زېمىننىڭ جىمجىت باغرىنى ،
تارىدى پىغانلىق كارۋاننىڭ ئۈنى.
قۇياشنىڭ كۆزىدىن ئاقتى مۇڭلۇق ياش،
بىر ئانا ھەسرەتتە يىقىلغان كۈنى.

قىسمەت
1
قىسمەت بورىنى
تارىم بويىغا
كەلدى ئۇچۇرۇپ بىر توپ ئادەمنى.
مۇڭ تۆكۈپ قۇياش
زورۇقۇش ئىچرە
ئىللىتماقتا ئىدى ئالەمنى.
توغراق
دولقۇنلۇق تارىم
ۋە بىر توپ ئادەم
تونۇش ئاۋاز
تونۇش ئاھاڭدا
بىر-بىرىنىڭ يۈرىكىگە باش قويۇپ،
پىچىرلىشار يېنىك ئاھ ئورۇپ.
- بۇيان كەپسىلەر قېرىنداشلىرىم،
-تۇرمۇش، تۇرمۇش...!
-ئەقىل تاپقىن دىل قاياشلىرىم،
-ئاھ، ئېست...
-ئامان بولغىن گۈل قاياشلىرىم،
- تەقدىر...
...
2
ئاپئاق بۇلۇتلار چۈشكەندەك يەرگە
كۆز يەتكۈسىز ئاپپاق پاختىزار،
ئاق پاختىدەك ئاق چاچلىق موماي
قۇياش بىلەن بەسلىشىپ ئۈنسىز
بىر ئىستەكتە ئوت بولۇپ يانار.
بىر توپ ئادەملەر
خىياللارغا بولغانچە ئەسىر
ئانا بىلەن كەلمەكتە قاتار.

پاختىدەك خىيال،
پاختىدەك يۇمشاق
پاختىدەك ئاپئاق
ئۈزۈپ يۈرەر تەر ئېقىنىدا.

قۇياش
غەربىي ئۇپۇققا قويۇپ بېشىنى
ياتماق بولدى پۇتىنى سۇنۇپ.
بىر توپ ئادەملەر
ئاق ئېقىننىڭ ئىچىدە
ئۈزۈشمەكتە غەيرەتكە تولۇپ.

گۇگۇم قارا چىچەكلىگەندە،
تىراكتۇرچى ياش
ئېتىزلىققا كەلدى  ئالدىراش.

ئامبار ئالدىدا
ئېلېكتىر چىراغنىڭ غۇۋا نۇرىدا
يېمەكتە ئىشلەمچىلەرنىڭ ھالال رىسقىنى
ئىچمەكتە قان- تەرىنى
تويماس تارازا

3
يۇلتۇز خىرە، تولۇن ئاي خىرە،
ئوخشىمايدۇ ئۇلار ئۆزىگە.
تۈن قوينىدا زەھەرلىك يىلان
سويلاپ كېلەر كەپە تەرەپكە...
غۇۋا يورۇقلۇق
تىرمىشىپ گەمە ئىچىدە
سولغۇنلارغا بەرمەكتە مېھىر.
ئەلەم بىلەن يۇتار كېچىنى
ئانىسىغا باققان ھەر چېھىر.
دېدى ئانا كۆز يېشىنى تارام قىلىپ:
«گۇناھكارمەن ئالدىڭلاردا بەك ئېغىر.
تەقدىر بىلەن ئۇچۇپ كەلدۇق بۇ يەرگە،
بولدى ئەجەپ ئازغۇنلۇقتىن دىل يېغىر.
قان-تەر
كۆز ياش
ئەلەملىرىمىز
سېڭىپ كەتتى خىلۋەت ماكانغا.
يېرىم ئايلىق ئەجرىمىز ھەققى
ۋاي، بوپتۇلا ئۆز يېرىمىزغۇ،
بالا تېگەر قارنى يامانغا.
يول ئالايلى ئۆز يۇرت تامانغا.»

ئانا سۆزى بولغاچ مۇقەددەس
تەييار بولدى يۈك-تاقلار چەبدەس.
چوڭ ئوغۇل
چىقىپ ئىشىك ئالدىغا،
ئۆزىن ئېلىپ دالدىغا،
بارمىكىن دەپ يات تىۋىش
قۇلاق سالدى دالىغا.

جىمى گەپنى ئاڭلىغان چايان
ئەندىشىدە قالدى ئالدىراپ.
كېتىپ قالسا تەييار تاماقلار
ئۇنىڭ ھالى بولمامدۇ خاراب؟...

پىلان تۈزدى ئۇ
نەشتەر ئۇردى شۇ ھامانلا ئەجەللىك.
قاراڭغۇ جاڭگالنىڭ باغرىغا شۇدەم،
بىر يۇلتۇز ساقىدى ئارمانلار بىلەن.
كۆمۈلدى بىر يوغان توغراق تۈۋىگە،
مۇناپىق قىلمىدى ھېچقانچە ئىرەن.
گەمىدە توققۇز جان كۈتەر بىتاقەت
كەتتى قايان ئۆينىڭ تۈۋرۈكى
ئانىسىنىڭ قاياش يۆلىكى
-ئوغلۇم باھادىر...
-باھادىر...
-ئاكا...
-دادا...

ئۈنسىز كېچە
ئۆزىنى سوتلاپ ياتار تولغىنىپ
مەن بولمىسام، ئۆلمەيتتى بىر جان،
مەن بولمىسام...

4
بىچارە ئانا
گەمىدىكى پاخال ئۈستىدە
ياتار ئاچچىق خىيال ئىلكىدە.
نىچۈن قايتىپ كەلمەس باھادىر؟!
بىرەر شۇملۇق بولدىمۇ سادىر.

تەشۋىش
كۆرەڭلىك بىلەن
غاجىسىمۇ يۈرىكىنى رەھىمسىز،
سەزگۈلىرى
چۇۋۇسىمۇ  ئۆزىنى ئەنسىز،
تاقىتىگە قويۇپ بېشىنى
نەم پاخالغا تۆكەر يېشىنى.
بىر كۈن ئۆتتى
ئۆتتى ئىككى كۈن...
تىمتاس جاڭگال ئۆرتەندى قاتتىق،
تارىم  يىغلىدى ئاچچىق.
جان پارەم دەپ يىقىلدى ئانا،
باھادىر دەپ ئاھ ئۇردى گۈلخان،
قېرىنداش دەپ ئاقتى قېرىنداش
ئاھ دادام دەپ ئۆچتى جۈپ چۆلپان.

بىچارىلەر
ئىزلىدى
ھارمىدى،
سېغىندى
قانمىدى،
كۈتۈش
كۈتۈش
ئۈمىدسىز ئۈمىد...
ۋاقت كەلمەكتە ھەممىنى تۈرتۈپ.
گەمىدە
يەنىلا شۇ ئازابلىق كۈتۈش...
ئۇنتۇلدى يۇرتىغا-ئۆيىگە كېتىش.

5
تۇرمۇش
سۆرەپ چىقتى
پاختىزارغا ھەممىنى.
60 ياشلىق بىچارە ئانا
ئازابىنى يۇتۇپ ئىچىگە
پاختا تېرەر چىشلىگەنچە لېۋىنى،
رايى يوقتۇر ئېلىشقىمۇ دېمىنى.
كېلىپ قالسا جىگەر پارىسى
رازى ئىدى ئورنىغا
سېلىپ بەرسىمۇ قېرى جېنىنى.
گەر كۈتۈشلەر بولسا بىھۇدە
تەقدىر بىلەن يۇمۇلسا كۆزى
قويالىسۇن قانداق يېنىنى.
ئانىنىڭ لېۋىدە ئۈمىدسىز ئۈمىد،
ئانىنىڭ كۆزىدە زارىقىش كۈتۈش.
«ياق،
تەقدىر قويماس مېنى ئۈمىدسىز!
ئاھ،
يىتىپ كەتسە جاڭگالدا ئىزسىز
نى قىسمەتتە يۈرسە چارىسىز،
كېتەلەيمىز تاشلاپ قانداقچە،
كەلسە قانداق قىلىدۇ بىزسىز،
تەڭرى قويماس بىزنى ئۈمىدسىز.»

ئەپسۇس...!!!
كەلمەس ئەمدى ،
ئوغلى باھادىر
قايتىش يوقتۇر باقىي ئالەمدىن
ئىنسان ئەمەس ئۇنىڭغا قادىر.
تارقالدى ئەتراپقا ئاجايىپ بىر گەپ:
جىن بار ئىكەن جاڭگالدا
باھادىرنى ئەپقاچتى
قويدىمىكىن پۈتۈن يەپ.
ئانىمۇ ئىشەندى بالىلىرى بىلەن
كۈتمەكتە
جىن
قويۇپ بەرسە كېلەر بىر كۈن دەپ.

جىن ئالسا
كېلەر ئىدى بەلكىم بىر كۈنى،
جىنلارمۇ مەرد بۇلار ئىمىش بەزىدە.
ئادىمىي جىنلارنىڭ پاسىقلىقىدىن،
ئەرۋاھلار تىترىشىپ تۇرار گۆرىدە.
كۆردىڭمىكىن ئەي سۇلايمان پادىشاھ
جىنلىرىڭدىن ئۆتە ئىبلىس جىنلارنى
نەپسى ئۈچۈن تالاي جاننى رەھىمسىز
بۇ جاڭگالغا تىرىك كۆمگەن ئىزلارنى.
ھېچكىم ئۇنى سورىماس
ھېچكىم ئۇنى سورىماس...

كەلسەڭ شۇ تاپ بۇ ئالەمگە بىر مەرتە،
خاسىيەتلىك ئۈزۈكۈڭ بىلەن
مۇناپىق جىنلارنى باغلاپ پۈتۈنلەي
يەتتە قات ئاسماندىن تاشلاپ بىرەھىم،
چۆكتۈرسەڭ يەتتە قات يەرنىڭ تېگىگە.
كۈلىۋالسا ھەسرەت يۇتقان ئانىلار،
كۈلىۋالسا ئۆلىۋاتقان ئانىلار،
كۈلىۋالسا ئىزتىراپسىز بىر مەرتە.
ئىي سۇلايمان پادىشاھ!
جىنلىرىڭدىن ئۆتە جىنلار بار
تۇيۇلماقتا بۇ كەڭ ئالەم تار...

قۇترىغان جىن
1
تارازا
يېمەكتە ئادەملەرنىڭ ئىلىكىنى،
ۋاقىت
يېمەكتە تۈنۈگۈننى ۋە بۈگۈننى.

كۈندە تالاش
ئىتتەك تالاش
سۆڭەك غاجاش
ئادەم غاجاش
يالاق يالاش
كۈندە تالاش ...
چۆرگىلەيدۇ قەدىم جاڭگالدا.
خوجايىن
كېلىپ قالسا سالاپەت بىلەن،
تىراكتورچى ياش
شىپاڭلىتىپ قۇيرۇقىنى
جان دەپ ئاڭلار بۇيرۇقىنى.
تىلى چالا ئۇنىڭ،
دىلى ئالا ئۇنىڭ
قىرى كۆپ ئۇنىڭ
پىنھان كېچىدە
سىرى كۆپ ئۇنىڭ .

2
چەكسىز ئېتىز
غېرىپلىقىدا ياتار چۈشەكەپ
تۇتقۇن قىلىنغان مىسكىن ئانىدەك.
ئۇ
ئىشتىھاسىز يۇتۇپ  ئازوتنى،
قارنىدىكى ھامىلە ئۈچۈن
تىركىشىدۇ تۆمۈر كالىدەك .
ئۇ
تۇغۇت ماشىنىسى،
دوللار تۇغىدۇ.
ئۇ
ئۆز ئۆيىدە خورلانغان ئايال
ئوغۇز سۈتى تېشىپ تۇرسىمۇ،
ئېمىتەلمەي ئۆز بالىسىنى
داغدا قالغان ھەسرەتلىك ئايال.

سوغۇق گەمە
يالار ئادەملەرنىڭ تېنىنى سوغۇق.
نومۇسىنى قايرىپ قويۇپلا
شال پاخىلى ياتار يالىڭاچ،
قازان- قومۇچتا سانسىز جاراھەت
ياش تۆكىدۇ
نەچچە مىڭ ئىرا ئاۋالقى
غېرىپلىقىنى قىلغانچە ھاپاش.
...
بىر توپ ئادەملەر
ئۇچۇر دەۋرىدىن بەكمۇ يىراقتا،
زاماننىڭ  چېھرىنى كۆرەلمەي
ياشار ئۆزىدىن بەكمۇ ئۇزاقتا.
«جىن بار ئىكەن جاڭگالدا
كەتمەك بولغان ئادەمنى
مۇجۇيدىكەن چاڭگالدا.»
گەپ تارقالغاچ ئاشۇنداق،
كېتەلمەس ئۇلار.
يالقاۋلىقتىن يەر سېتپ
قاڭقىپ يۈرەر قامغاقتەك،
ئەقلى كورلار، نادانلار.
قورقىدۇ جىنلارمۇ
ئىناقلىقتىن ئۆملۈكتىن،
چۈشەنمەس بۇ ھەقىقەتنى
ئاھ بىچارە نادانلار...

3
نويابىر ئىشىكىنى ئاچقاندا قىيا،
ئېغىر شاماللار
نوقۇپ قويدى جىننىڭ چۈشىنى،
قاغجىراق ئېتىز
چىڭ ئورىنىپ ئازابلىرىغا
قويدى ئۇزىتىپ مەھەللىسىگە
سىرداش بولغان ھەر بىر كىشىنى.

قۇياش مىسكىن قايتتى ئۆيىگە،
كېچە ئېغىر قورسىقىنى كۆتىرىپ
لەنەت ئوقۇپ  ئولتۇرىدۇ ئۆزىگە.

گەمىدە ئانا
(تېخى ئۇ ھايات)
قىز نەۋرىسىنى كۈتەر ئۈمىدتە.
ئىزلەر ئەنسىز قېرىنداشلىرى
جىن ئالدىمۇ دېگەن تەشۋىشتە
-چولپان  قىز...
-چولپان...
-چولپانىم...
-ئاچا...
سوغۇق ھاۋا
يىرىك قۇمنى چاينار بەك ئاستا...

4
تۈننىڭ ئېتىكىگە پۇتلۇشۇپ،
كېلەر بىر قىز
كىيىكتەك ئۈركۈپ.
بىر زەھەرلىك يىلان ئارقىدىن
سويلاپ كېلەر
ۋىشىلداپ تۈرتۈپ.
گەمە قايان قالدى سىڭىلچاق،
قېرىنداشتىن كەتتىڭ بەك ئۇزاق.
قىسمىتىڭدىن ئۆرتەندى يۈرەك،
قىينىدىڭغۇ بولۇپ گال پىچاق.
غەيرەت قىلغىن يىغلىما بىراق.

قىز قاچار...
جىن قوغلار...

توغراقزار
سۇمبۇل چېچىنى ئولتۇرار يۇلۇپ.

كۆكتە چولپان
ياش تۆكەر تارام.
يەردە چولپان
ئالماس ھىچ ئارام.
ئال قوينۇڭغا ئۇنى توغراقلار
چولپانغا بول يىقىلماس قورغان.

قىز قاچار ...
جىن قوغلار...
توغراقزارنىڭ سالدى يۈرىكى
دۈك دۈك دۈك!!!
ئېھ،بىر ئاۋاز ياڭرىدى بىر چاغ
يىرتىپ ئەسىرلەرنىڭ كېپىنىنى.
-كەل قىزىم، كەلگىن بۇيان،
كەل باغرىمغا سىڭىپ كەت.
چولپان قالدى تەمتىرەپ
كىم ئۇ مېنى چاقىرغان ؟
بوۋامدەكلا  مېھرىبان ؟

مەن توغراقمەن ئالدىڭدا
يېتەي قىزىم ھالىڭغا.

بەھەيۋەت بىر توغراق ياتاتتى قىيپاش
شاخلىرى ھەر تامان يېيىلغان چىرماش.
سېھىرلىك بىر قول
سېھىرلىك بىر كۈي
سۆيدى قىزنىڭ چېھرىگە يارقىن .
قىز يىقىلىدى توغراق تۈۋىگە
يەتتى بەلكىم،
ئىسسىق ئۆيىگە.
ئۆلۈۋاتقان ئۆلۈم  ھېدى چېچىلدى،
جىن ھۆمۈدەپ قىز ئۆيىگە ئېتىلدى.
قارىدى  جىن
قىز ياتار ئايدەك
تىنىقىدىن ئوت چېچىپ
يازدەك.
جىن قۇترىدى،
ئەپسۇن ئوقۇپ
قولىنى سۇندى.
ــ تارت قولۇڭنى بىئەدەپ،
تويمىدىڭ قانغا ئەجەپ.
خۇمسى بولدۇڭ مۇناپىق
جىن بولمىقىڭ نەسەۋەپ؟
ــ كىم سەن ئۆزۈڭ  گەپ قىلغان؟
تىل تىغىدا قەست قىلغان ؟
ــ مەن توغراقلار  شاھىمەن،
ئاجىزلارنىڭ يارىمەن،
نىقابىڭنى ئال تۇزكور!
بۈگۈن ئادىل قازىمەن.

يىقىلدى مەلئۇن
قانىدى بۇرۇن.
ئالدى نىقابنى
ئېگىلدى بويۇن .
ۋاي توۋا!
كىمنى كۆردى كۆز
تىترىمەكتە سۆز
بوغۇزلاندى سۆز.

تراكتورچى ياش
ئىكەن باغرى تاش.
قان ئىچىپ تىنماي،
نەپسىنى يىغماي،
جىنغا بوپ قاياش،
بوپتۇ جىن ئوخشاش.
ئەمدى يوق ئاياش
ئەمدى يوق ئاياش...

توغراق سوئال قويدى غەزەپلىك:
ـــ قان ئىچەرسەن نېمە سەۋەپلىك ؟
ـــ پۇل كېرەك ماڭا
قان ئىچتىم شۇڭا.
ـــ بايان ئەيلە گۇناھىڭنى بېشىدىن،
ئىبرەت ئالسۇن جاھان تۇزكور ئىشىدىن
تۇزكور
قورققىنىدىن ئېرىدى  چىپ-چىپ،
سۆز باشلىدى ئۆتمۈشىن تىتىپ:
ئۆيۈم ئىدى يىراق سەھرادا
غېرىب ئانام يولۇمغا باققان،
ئوقۇدۇم بەش يىل  ئالى مەكتەپتە ،
مېھنەت تەرىم ئۇستازغا ياققان.
ئارزۇيۇم ئىدى چەتئەلدە ئوقۇش،
پۇلۇم يوق بىراق، پۇل تاپاي دېدىم .
خىزمەت تاپقىچە بۇ يەرگە كېلىپ،
ئىشلىدىم مۇندا يول تاپاي دېدىم.
چىرايلىق سۆزلەپ ئىشلەمچى تاپتىم،
ۋاستىچى بولۇپ ئالدىم سۆيۈنچە،
تاپقان پۇلۇمدىن خۇدۇم يوقىتىپ،
گۇناھقا پاتتىم، پاتتىم بېلىمچە.
...
خوجايىن خالاپ قالغاچقا قىزنى،
يۇلتۇز قىزچاقنى ئاپاردىم ئالداپ،
نومۇس، ئىزادىن ئۆلۈۋالدى قىز
دېدى ھەممىسى، كەتتى جىن بۇلاپ.
بۈگۈن پىشىندىن يانغان مەھەلدە،
خوجايىن دېدى: «يەنە قىز كېرەك.
پۇل دېسەڭ ئالغىن ھەققىڭدىن ئارتۇق،
قىز كېرەك ،يەنە چوقۇم ئۇز كېرەك»
ياق دېيەلمەيمەن، پۇلغا مەيلىم بار،
يەنە قىز تاپسام تارتار دەردىم بار.
ئاخىرى دېدىم جىن بولاي بىر رەت،
ئارزۇغا يەتسەم چوقۇم قەدرىم بار.

يۇلتۇز قىزچاقنىڭ  ئاچىسى چولپان،
(قانىتى سۇنغان يۈرىكى يارا)
ھېسابىڭلارنى كۆرسىتەي دېسەم،
خوپ دېدى شۇئان كۆرسەتمەي بانا،
ئالدىدىم قىزنى، قىزنىڭ قەلبىنى
خورلۇققا تاشلاپ قويدۇم خىرامان.
تونىيالمايمەن ئۆزەمنى بەزەن،
ئەمەستىم خۇمسى، زەھەرلىك يىلان.
تۈن كېچە
خوجايىن ئۇيقۇدا ياتسا،
قېچىپتۇ چولپان قىز پالتىدا چېپىپ،
ئەزرائىل ئىلكىدە قالدى  ئۇ شۇ تاپ،
«يۈر دېدى، ئېلىپ كەل تىرىكىن تېپىپ».
قۇيۇندەك ئۇچتى قىز، تۇتالمىدىم ھېچ،
يولۇقتۇم تەلىيىم كاج كېلىپ ساڭا،
يوقالسا بۇ شاھىد قولۇمدىن ئەگەر،
پۇل تۈگۈل پالاكەت يۇقمامدۇ ماڭا.
قويۇۋەت چولپاننى ئېپ كېتەي دەرھال
پۇل ئۈچۈن قەست قىلغان دېمىسۇن مېنى.
كېتەيمەن چەتئەلگە، كۆمۈلسۇن سىرلار،
تويغۇزدى شۇ قاششاق خەقلەرنىڭ ئۈنى...
«قارس»قىلغان ئاۋاز بىلەن يىقىلدى ئۇ،
ئۇرغان ئىدى ئۇنى توغراق شاخلىرى.
تىترىدى غەزەپلىك ئاۋازدىن جاڭگال،
نومۇستىن توغراقنىڭ ئاقتى ياشلىرى؛
-ئەي مەلئۇن،
تىلىڭ يىغ!
ئەزرائىل كۈتەر سېنى بىتاقەت.
ئۆز ئۆيىدىن
ئۆز قەۋمىدىن بەزگەنگە،
نە چارە بار، ئارتۇق سۆزمۇ بىھاجەت.
لېكىن،
بىلىۋالغىن بىر ھەقىقەتنى،
بىلىۋالغىن ئۇلۇغ ھېكمەتنى:
جاھاندا ئەڭ ياڭراق ئۇيغۇرنىڭ ئۈنى،
ئون ئىككى مۇقامدا كېزەر ئالەمنى.
جاھاندا ئەڭ گۈزەل  ئۇيغۇرنىڭ ئۈنى،
نەزمىگاھ تەختىگە ئالار ئادەمنى.
جاھاندا ئەڭ پارلاق ئۇيغۇرنىڭ ئۈنى،
گويا روھ تۈنىدە پارلىغان قۇياش.
جاھاندا ئەڭ مۇڭلۇق ئۇيغۇرنىڭ ئۈنى،
گويا گۈل بەرگىدىن تامچىلىغان ياش...
ئۇ-ئانا تىل، ئۇ- غۇرۇر
ئۇ مۇقەددەس تاۋاپگاھ- مەككە.
ئۇ ئانىدۇر گۈزەل، مۇلايىم
خورلىغانلار يەكسان ئەبەدكە
ئاناڭ باركەن ئۆيۈڭدە تەنھا،
كۆيمىگەنمۇ ئوتۇڭدا بىر رەت؟
شۇ ئاناڭنى تاشلاپ باغرى تاش،
چەتكە چىقىپ كېتەمسەن نامەرد؟
گۆھەرنىڭ ئىچىدە تۇرساڭمۇ كۈلۈپ،
كەتسىمۇ ئىچ-تېشىڭ ئىلىمدىن پۈتۈپ،
ئاناڭ كىم، ئۆزۈڭ كىم، ھاياتلىق نېمە؟
بىلمىسەڭ دۇنيادىن كېتىسەن توزۇپ.
سېنىڭدەك بىلىملىك مىڭ مۇناپىقتىن،
شىراقتەك چوپاننىڭ تىرنىقى ئارتۇق.
كەلسە گەر شىراقتەك باھادىر بىر رەت،
ئارمىنىم قالمايتتى چىقاتتى ھاردۇق.
ھاياجاندىن تىترىدى سۆزلەر،
ھاياجاندىن نۇرلاندى يۈزلەر،
نېمە تەڭكىن بۇنداق ھوزۇرغا،
توغراق ئايلانغان ئىدى خىزىرغا.
ــ كىم ئۇ شىراق ئېيت ماڭا،
ئۆلۈپ كەتمەي بىلمەستىن يانا.
ــ ئېسىت سەن ئۈچۈن بەش يىللىق ئوقۇش
بىلمەي يۈرگىنىڭ نومۇسقۇ، نومۇس!
ئېغىزغا ئېلىشقا توشمايدۇ شەرتىڭ
خەير بوپتۇ، بىلىۋال ئېچىلسۇن قەلبىڭ.

شىراق
1
مەن ياشايمەن ئۈچ مىڭ يىل،
ئۈچ مىڭ باھار، يازىم بار.
مەن ياشىغان دەملەردە
غۇرۇرۇم ھەم قەدرىم بار.
مۇندىن تالاي يىل بۇرۇن
(نۆۋەر ۋاقتىم ئۇ مېنىڭ )
ياشار ئىدى،
ئۇلۇغ ساكلار
(ئاللاھ  قۇت بەرسۇن)
ئۆملۈكتە
شۆھرەتتە
بۇ مۇقەددەس زېمىندا
چەكسىز يايلاق
زۇمرەت سۇلار
كۆپ-كۆك ئاسمان
توپ-توپ ئاھۇلار
خوپ ياراشقان شۇقەدەر.
ئوت چاچرىسا تۇياقلاردىن
ئەيلەيتتى ھەركىم ھەزەر.
ئېچىلاتتى تۈمەنمىڭ گۈل ۋادىلاردا ناز قىلىپ
قىز-ئاياللار
گۈزەللىكتە
پەزىلەتتە
ئۆتۈشەتتى تۆت پەسىلنى ياز قىلىپ.
كۈلەر ئىدى ئانا ئارمىنى
ئوغلى قۇچقان زەپەردىن،
ئۆلەر ئىدى تۇزكۇر ئوغۇل
ئانا بەرگەن زەھەردىن.
ۋاپاسىز ئوغۇلنى باققان ئانىمۇ
ياشىمايتتى نومۇس-ئەلەمدىن.
بۇ ئۇدۇم
شۇنداق بولۇپ كەلگەن ئەزەلدىن.
قىز تاللىشى ئىدى باھادىر
مۇشەققەتتە سىنىلاتتى ئەر.
مەردانىلەر ياشايتتى شۇڭا
ئىپتىخاردىن چېچەكلەيتتى يەر.
ئىلىم-ئىرپان گۈللىگەن شۇ چاغ،
تۈزۈلگەن تاغ كەبىي دەستۇرلار
كېلەلمىگەچ بۈگۈنگە قەدەر
ئىنكار قىلدى ئۇنى نۇرغۇنلار.
(بوياق يالاپ يۈرگەن قۇزغۇنلار)
2
ئۆتۈپ ئاي-يىل شۇنداق بىر كۈنى
ئىران شاھىي دارا 1
چۈشەپ قالدى ساكلار ئېلىنى
كېڭەش تۈزۈپ بەگلىرى بىلەن
ئەگمەك بولدى ساكلار بېلىنى.

دارا
يولغا چىقتى
ئالەمنى تەر باستى.
تارىمنىڭ قۇمى قانچە
قۇترىغان قۇشۇن شۇنچە.
تۇپان بېسىپ كەلگەندەك
ھاياتلىقتىن بەزگەندەك
ئالەم ئادەمنى
ئادەم ئالەمنى
يېمەكتە ئىدى
دەھشەت
قورساقتىىكى بوۋاقمۇ
قورقۇپ
تېلىقىپ
ياتار ئىدى، شۈمشىيىپ
ياكى
ئۆلۈپ.
زېمىن تىلغاندى،
قىز-ئاياللار سارغايدى.

كۆرەڭ قوشۇن تىنىمسىز يۈرۈپ،
ئۇلۇغ ساكلارنى بېلى بوش كۆرۈپ
ساك ئېلىگە كەلدى يېقىنلاپ،
قۇترىغان ئىستەكتىن  ۋاقىتنى سۈرۈپ.
ياۋ كەلدى زېمىنگە نە قىلماق كېرەك ؟
تاللاش يوق، رەقىبنى لەت قىلماق كېرەك.
بىلگەچكە ھەممىسى ۋەتەننى ئۇلۇغ،
ئۈن–تۈنسىز رەقىبكە تىك تۇردى تولۇغ .
ئۇيۇشقان بۇ ئەلنى كۆرسە گەر دارا
كېتەتتى جەڭ قىلماي قەلبىدە يارا.
ھېچكىمگە جەڭ قىلىش بولمىدى نېسىپ،
چۈنكى بىر شىراقلا جەڭ قىلدى تېتىپ.
3
رەقىب بوسوغىدا
ئومارگ
ساكسىفار
ئوئاھىرىس
(باھادىرلار تەڭرى يۆلىگەن)
كېڭەش قىلدى ئۇزاقتىن-ئۇزاق.
قىلماق بولۇپ دۈشمەننى يىراق .
دەل شۇ پەيتتە بىر چوپان،
كىرىپ كەپتۇ بەك ئويچان.
دەپتۇ:«تېتاي ھەممىگە،
پىلاننى تۈزۈپ قويغان...»

ئاقساقاللار
تەھسىن ئېيتتى باتۇرغا:
ھەممىمىز سۆيىمىز ئەزىز تۇپراقنى
ئېھ، سېنىڭ  سۆيۈشۈڭ ئۆزگىچە گۈزەل،
سۆيۈش ھەم سۆيۈشنى بىلىش ئىككى ئىش،
ئاقىلسەن بەرگنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ بەدەل،
سەن بەرگەن ھەقىقەت ھەممىدىن ئەۋزەل.
سۆيۈشلەردىن پۈتكەن ئەۋلادلار
نامىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ باتۇرۇم ،
مىليون يىللاپ توۋلايدۇ غەزەل.

شىراق دېدى ئاقساقاللارغا:
«ئانام خۇشال بولار‹پىلان›غا؛
قەدىناسىم پەخىرلىنەر ھەم
پەرزەنتلىرىم ياشاپ غۇرۇردا
مېنىڭ ئۈچۈن چەكمىسىكەن غەم.
ئىلتىماسىم شۇكى سىلەردىن،
ياش تۆكمىسە ئەزىزىم ئانام،
زارلانمىسا خوتۇن ۋە بالام
بىر كۈنلەردە ئۆز ئۆيىدىن
ھەيدەلمىسە چارۋا-كالام.»
شىراق
ئاددى ئاتباقار،
بۈيۈك باھادىر
كۆيەر سۆيگۈ يۈرىكىدە گۈرۈلدەپ ،
ئۇ سۆيىدۇ يايلاق ھىدىنى،
ئۇ سۆيىدۇ ئەجداد ئىزىنى.
ئوقۇمىغان بولسىمۇ چوپان
ئەقلى بىلەن
سۆيگۈسى بىلەن
بۇ  ئالەمنى تاڭ قويغان
ساك ئېلىنى قايتىدىن قۇرغان.

بار ئەتراپتا شۇنداق ئادەملەر،
يېرىنى ساتقان،
جېنىنى ساتقان،
قىسىپ تارتقان،
زەھەر ساتقان،
ئىپپەت ساتقان
بالا ساتقان
ئوشۇق ئاتقان
يۈرەك پوك-پوك
تاۋۇز يېيەلمەي.
بالا مىسكىن،
ئەركىن يۈرەلمەي.
ئاتا پىقىرايدۇ ئورنىدا يوق،
ئانا ۋاقىرايدۇ يۈرىكى يوق.

ئاقساقاللار قوشۇلدى سۆزسىز،
شىراق تۇردى ئورنىدىن ئۈنسىز.
شىراق جەڭنى باشلىدى،
ياۋغا قەدەم تاشلىدى
ئۇ
قوينىدىن
ۋال-ۋال چاقنىغان پىچاقنى ئېلىپ
قۇلاق-بۇرۇنىنى كەستى شارت قىلىپ.
ئەزايى بەدەننى تىلدى بىرەھىم
بارماقلار كېسىلدى يەتتى كۆپ زەخىم.
ئېلىگە خىيانەت قىلغان سىياقتا،
ياۋ ئالدىغا كەلدى قىپ تازىم:
ئې شاھى جاھان،
ساڭا بولغاچ خەيرىخاھلق، دوستلۇقۇم
ئازاب تارتتىم زىيادە
دېگەن ئىدىم مەن شۇنداق:
«بۈيۈك شاھتۇر دارىئوس
بويسۇنايلى ئۇنىڭغا،
ئىشىك ئاچاي ئۇنىڭغا،
بوپ قالمىسۇن كۆپ ئۆلۈش.
غەزەپلىنپ ھەممىسى
كەستى قۇلاق بۇرنۇمنى،
ياردەم قىلىڭ ئۆچ ئېلىپ،
بىر كۆرسىتەي ئۆزۆمنى»
شىراق ئېيتىپ دادىنى
كۆرسىتىپتۇ ھالىنى
دارا ئاڭا ئىشىنىپ،
بىلەلمەپتۇ دامىنى.
شىراق دەپتۇ تۇشمۇ-تۇش:
«سۇنماس ئاتەش،
مۇقەددەس سۇ
قوللار سىزنى ئۇلۇغ شاھ
خاسىيەتلىك بۇ ئۇرۇش.
ئۆچ ئالىمەن ئۇلاردىن،
ئاقسۇن دەريا قانلىرى»
دەپتۇ شىراق ئۇلاپلا:
«ساكلار بۈگۈن كۆچمەكچى
ھەممىسى تەڭ قاچماقچى.
پىلان قىلغان جاي ئۇزاق.
خالىسىڭىز شاھىنشاھ
كېسىپ چىقار يول بىلەن
قوغلاپ يەتكەيسىز بىۋاق .
ئالدىن چىقىپ تۇرىمىز،
يولغا  قاپقان قۇرىمىز.
كەلگەن ھامان ھەممىنى
بېلىق كەبى تۇتىمىز.
مەن يىلقىچى مال باققان،
ھەممە ياقنى بىلۇرمەن.
ئالالمىسام ئۆچۈمنى،
ئالدىڭىزدا  ئۆلۈرمەن.
يەتتە كۈنگە يەتكۈدەك،
ئوزۇق ھەم سۇ ئالىسىز.
غەلىبىدىن، شەرەپتىن
چوقۇم ھەيران قالىسىز...
غەلبە قىلىشنىڭ ئىشتىياقىدا،
مەست بولۇپ دارا
كەپتۇ غەيرەتكە.
يول باشلىغۇچى قىپتۇ شىراقنى
ئاتلىنىپتۇ  تەخىرسىز.
ئۇ باشلىغان تەرەپكە.
دارىئوس
ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش
خۇشاللىقىدا
كۆرەلمەپتۇ يىراقنى،
باش قىلىپتۇ شىراقنى.
شىراق سەركەردە
ياۋ قوشۇنىدا قوماندان بولۇپ،
پىلانلاپتۇ ئۇزاقنى
غەلىبىدىن ئىشەنچكە تولۇپ،
شىراق كەلمەكتە يۇلتۇزدەك يورۇپ.

4
جازا يۈرۈش...
بىرىنچى كۈنى
تېز-تېز ئۆتۈپتۇ.
لەشكەرلەرمۇ خۇشال كۈلۈپتۇ.
ئىككىنچى كۈنى
ئۆزگىرىپتۇ تەبىئەت
ئاندا-ساندا يولۇقۇپتۇ ئوت-چۆپلەر،
كەلمىگەندەك ئادەملەر پەقەت.
ئۈچىنچى كۈنى
باشلىنىپتۇ دەشتى–چۆل
ئالتۇن قۇياش _
ساكلار ھامىسى
ئوت چېچىپتۇ
باسقۇنچىلارغا.
تۆتىنچى كۈنى
ھەم بەشىنچى كۈنى ئۆتۈپتۇ.
قوشۇن ئۇسساپ دەرمانىدىن كېتىپتۇ.
قۇملۇقلاردا
يىغلىشىپتۇ.
يېتىپتۇ.
جاراھىتى تۇرسىمۇ قىيناپ
پەرۋا قىلماي يۈرۈپتۇ شىراق.
رەناسىبەت لەشكەر باشلىقى
غەزەپلىنىپ قىلىپتۇ سوراق:
راست ئېيتتىڭمۇ ئېي شىراق،
قېنى قاچقان ساكلىرىڭ؟
ئالدىساڭ گەر قوشۇننى
ئامان قالماس باشلىرىڭ!
شىراق تەمكىن ھالەتتە
دەپتۇ مەنزىل يېقىنلا،
سەۋر قىلىڭ سەركەردە.
ئالدىمىزدا ئېقىن بار»...
يەتتىنچى كۈن
سەپەردە
ساكتىن نىشان بولماپتۇ
رەناسىبەت غەزەپتىن
كۆكىرىپتۇ، توۋلاپتۇ.
بىلىپ دامغا چۈشكەننى
قاق يەتتە كۈن يۈرگەننى
تىل سېلىپتۇ شىراققا،
قول ئۇزىتىپ ياراققا:
«ۋاپا قىلماي ۋەدىگە،
بىزنى شۇنچە ئالدىدىڭ.
قېنى ساكلار بۇ چۆلدە؟
ئېيت نە سەۋەپ ئالدىدىڭ؟
ئوت يېلىنجار بۇ دەشتتە
كۆيەر قۇشنىڭ قانىتى
كۆيەر ئاتنىڭ تۇيىقى
مىستەك قىززىق قۇملۇقتا.
يۈرەلمەيسەن ئالدىڭغا،
يانالمايسەن ئارقاڭغا.
نە سۇ بولسۇن
نە ئوزۇق
بوپ قالدى كۈپلەر قۇرۇق.
ئېگىلمەس زور قوشۇننى
دەشتى چۆلدە يېقىتتىڭ
ئۇلۇغ شاھنى ئالداشقا
نە سەۋەپتىن پېتىندىڭ؟!»
شىراق
ئوت چاقنىتىپ كۆزىدىن مەغرۇر
تىكىلىپتۇ
قان تولغان
ماغدۇرسىز كۆزگە
ئۇ
چاۋاك ئۇرۇپ
قاقاقلاپ كۈلۈپ،
توۋلاپتۇ شۇنداق:
«مەن يەڭدىم،
مەن يەڭدىم!
يالغۇز ئۆزۈم دارانى يەڭدىم
يالغۇز ئۆزۈم قوشۇننى يەڭدىم.
ئېگىلمەس قوشۇننىڭ بېلىنى ئەگدىم.
ياش تۆكمەيدۇ
ئەزىز تۇپراق.
ئەمدى ئامان
ئۇلۇغ خەلقىم.
دەپنى قىلدىم
ئېغىر بالانى
سۈزۈك قىلدىم
كەڭرى سامانى.
تۆت تامان ھەممە ياق
يەتتە كۈنلۈكتۇر.
ئىزدىسەڭ كېتىۋەر
يولۇڭ ئوچۇقتۇر
مەنمۇ ھەم ئۆلىمەن قېنىم تۆكۈلۈپ،
بۈيۈكمەن،
يۈرمەيمەن قىلچە ئۆكۈنۈپ.
ئويلاشماي ئېلىمگە كەلدىڭ تاپ بېسىپ،
ئاھ بۈگۈن ئۆلەرسەن بۇ چۆلدە سېسىپ
كۆرەڭلەپ جاھانغا پاتمىغان سەركە،
بىر ساكتىن يېڭىلىپ قالدىڭ باش ئېگىپ.
ھاھ، ھاھ، ھاھ...
ئەلەم،
پۇشايمان
سەركەردىنى قىيان بولۇپ بېسىپتۇ.
مەغلۇب سەركەردە
ئۇزۇن قىلىچىن سۇغۇرۇپ،
شىراقنىڭ بېشىنى
شارت قىپ چېپىپتۇ.
ئۈزۈلسىمۇ باش
كۈلەر يانا شاش
كۈلەر يانا شاش...
سەركەردە
ئۆزىمۇ  ھەم قوشۇنى بىلەن
ھالاكەتكە پېتىپتۇ.
ئۆزىن ھەريان ئېتىپتۇ.
ئۆلەر چاغدا بىچارە
بىر ھەقىقەت تېپىپتۇ:
يۇرتۇم تامان بارسۇن دەپ،
ئىسسىق شامال ئۇرغاندا.
بۇ ئۇلۇغ سىر ھېكمەتنى
شاماللارغا قېتىپتۇ.

شىراق بېشىنى چاپقان،
نەپسىدىن ئازاپ تارتقان.
ئۆلەردە ئەقىل تاپقان،
دەشتتە سېسىپ ياتقان
سەركەردە ئۆلۈپ كەتتى.
ھەممە ئۇنتۇلۇپ كەتتى...

5
تۆكۈلگەندە قېنى شىراقنىڭ
ئاقتى يېشى يېقىن-يىراقنىڭ.
ساپ قېنىدىن بۈركۈت تۆرەلدى،
قۇياش تامان كۆككە ئۆرلىدى.
شۇندىن ساما ئەركىسى بولۇپ،
ئەل ۋەتەننى، مەرتنى كۈيلىدى.
پەرۋازى بىلەن
ئەركەكلىكى سوۋۇغان ئەلنى
پەزىلەتكە
باتۇرلۇققا
ئۇندىدى
سۈيلىدى...
ياشار شۇڭا ئۇ تىك قىيادا
ئۇچار ھامان ئىگىز سامادا.
بىلسەڭ ئۇ كىم ؟ ئۇ شىراق بوۋاڭ.
ئۆلۈپ كەتمە، بىلمەي ئارماندا.
سەن ئۆز نەۋرە شىراققا
چولپانمۇ ھەم بىر خەمەك.
قارا سۈرتۈپ بوۋاڭغا،
بولالمىدىڭ توڭ تېزەك.
توغراق سۆزدىن توختاپتۇ،
خىزىرمۇ ھەم يوقاپتۇ
جاڭگاللىقنى دەقىقە
بىر ئۇلۇغ كۈي ئوراپتۇ.

چولپان توغراق

بىلىپ توغراق قەھرىنى
تۇزكور تېپىپ ئەقلىنى
چولپانقىزنى يۆلەپتۇ،
يۈتۈپ ئۈنسىز دەردىنى،
«توغراق بوۋا تەشەككۈر
مىليون ئۆلۈم ئاز ماڭا
يوقاتقاچقا ئەقلىمنى،
ساتتىم ئەسلى-ۋەسلىمنى.
قېرىنداشلار ئالدىدا
يۈزۈم قارا، بەك قارا
مەن ئۆتۈنەي سېنىڭدىن .
كۈتۈپ تۇرسۇن ئەزرائىل
چولپان قىزنىڭ ئانىسى
كۈتەر شۇ تاپ بىتاقەت،
تېز كەتمىسە بۇ يەردىن،
پۇراپ تۇرار بىر ئاپەت.
كۆكتە چولپان ئۆرلىدى،
خەۋەر قىلاي ئۇلارغا.
ۋىجدان ئەجەب قىينىدى،
يىقىلاي ئاياقىغا.
يۈر قېرىنداش، جان سىڭىل
ئاناڭ باغرىغا قېتىل»
دېدى قىز توغراققا يېپىشىپ مەھكەم
بۇلاقتەك كۆزىدىن تۆكۈپ مىڭ ئەلەم:
«مەن كەتمەيمەن ئۆيۈمگە،
چۆكۈپ كېتەي ئۆزۈمگە.
نومۇسۇم خار بولغان دەم،
ئاللىقاچان
ئۆلۈمگە قويغان قەدەم.
بىللە ئۆسكەن يېتىلىشىپ قاتار،
يارىم بارتى يولۇمغا باقار،
نومۇس ئۇنىڭ باقسام يۈزىگە،
سۆيگۈمىزنىڭ قۇياشى پاتار.
يۈرەلمەيمەن ئەمدى مەن قاتار.
پاك مۇھەببەت ئۆلمىسۇن بىكار.
ئاتام باردۇر بۇ جاڭگالغا كۆمۈلگەن،
سىڭلىم بار ھەم گۈل غۇنچىسى تۆكۈلگەن.
بىر ياپرىقىڭ، شېخىڭ بولۇپ قالايمەن.
توغراق بولۇش تەقدىرىمگە پۈتۈلگەن.
ئانام بولۇپ ئەركىلىتەر بۇ تۇپراق،
ئېتىكىمگە تۆكەر تارىم رىۋايەت،
كۆرەلەيمەن بۇندا بوۋام شىراقنى،
توغراق بوۋا تەلىپىمنى قوبۇل ئەت.
ــ ئېي قېرىنداش، ــ دېدى چولپانقىز يەنە:
تونۇۋالغان ئىدىم سېنى باشتىلا،
كور بولغاچقا كۆزۈڭ مېنى چۈشەنمەي،
ئىبلىس بولدۇڭ بولدى يۈزۈڭ بەك قارا.
مەن كەچۈردۈم،
كەچۈرەرمۇ بوۋىمىز؟!
بەتخۇيۇڭدىن ئازاب تارتقان
قەۋمىمىز!؟
مۇناپىقنىڭ ئۆمرى كوتا ئەزەلدىن.
ئالدىمىزدا نى كۈنلەر بار كۆرىمىز.
تاپشۇراي ساڭا
ئىشىنىپ بىر رەت
گەمىدە
ئۆلۈۋاتقان
چوڭ ئانامنى
ئانامنى
ئىككى ئاكام،
ئۇكىلىرىمنى،
يولغا سالغىن ئۇلارنى دەرھال
ئۇلار يەنە تارتمىسۇن ئۇۋال.
ئۇلار ئۆتسۇن مېنىڭ يېنىمدىن
ياپراق بولۇپ تۇتاي پېشىدىن.
توغراق بولۇپ بېرەي مېھرىمنى،
ھاۋا بولۇپ سۆيەي چېھرىنى.
مەشئەل بولۇپ،
نۇر زىيا بولۇپ،
يورۇتاي مەن ماڭار يولىنى.»
دېدى چولپان ئەزرائىلغا يۈزلىنىپ:
«چوڭ ئانامدىن ئامانەتنى كېيىن ئال.
ئانام گۈلخان بولۇپ قالدى سەدپارە،
ئىككى ئانا بىر-بىرىگە بولسۇن دال.
چۆچىكىگە قانمىغانتىم مومامنىڭ
شامال بولۇپ ئاڭلاپ تۇراي چۆچىكىن
چۆچەكخۇمار ئۇكىلىرىم بار يەنە
شۇڭا مومام يېقىلسىمۇ يۆلىگىن »
قىز سۆزىنى تۈگەتتى،
دەريا-دەريا ياش تۆكتى.
سۆيۈپ توغراق بوۋاينى،
ئايىقىغا تىز چۆكتى:
«مېنى ئالغىن باغرىڭغا
جېنىم بوۋا، جان بوۋا»
ئەزرائىل ياش تۆكتى
ياش تۆكتى توغراق.
قاراسلاپ
بەھەيۋەت
ياندى
شاخ-ياپراق.
سىلكىندى ئۇزاق.
غايىپ بولدى قىز
قالمىدى ھېچ ئىز.
يىگىت گەمىگە
يۈرۈپ كەتتى تېز.
چۈنكى
بوينىدا بار ئېغىر قەرز.
ئەزرائىل ئۇنى
كۈتمەكتە ئۈنسىز...

چولپان توغراق ئېغىر خىيالدا
بىر چۈش كۆردى ئۆتكەن ئىرادا...
ئاپپاق لىچەك سالغان بىر ئانا
ئەگەشتۈرۈپ بىر توپ ئادەمنى
ئۆز ئۆيىگە يانماقتا ئاستا.
قۇرۇپ كەتكەن ياشلىرى تامام
چۆچىكىمۇ
ئاۋازسىز ھەتتا.

بىر توپ ئادەم سۈكۈتتە قاتار.

بىر بۈركۈت
يول باشلىغۇچى بوپ
پەرۋاز قىلار كۆپ-كۆك  سامادا...


2006-يىل نويابىر


Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 900
تۆھپە : 59
توردا: 147
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 12:30:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇقىيە ھەدەمنىڭ بۇ ئېسىل داستانىنى ئۇقۇپ يەنە بىر قېتىم قايىل بولدۇم . قەلەملىرىڭىز داۋاملىق تۇسۇن ئاتتەك چاپچىپ تۇرسۇن . سىزگە گۈزەل ئىلھاملار يار بولسۇن ھەدە !

ۋىسال سەپىرىدە ئۇچىۋاتىمەن ، سېنىڭ ئىزلىرىڭ تامان . شۇنداق بىر ئۇۋا باركى زىمىندا ، سېنىڭ يۈرىكىڭ شۇ تىلسىملار بىلەن قورشالغان . دوزاخقا كىرسەممۇ رازى ئىدىم بىر ئۆمۈر ، كۈلرەڭ ئوت پۈركۈپ تۇرغان ئاشۇ ئۇۋا مېنىڭ ماكانىم بۇلىدىغانلا بولسا ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 371
تۆھپە : 17
توردا: 33
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 15:54:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىنىڭىزگە سالامەتلىك، قەلىمىڭىزەە بەركەت تىلەيمەن، بۇ داستانلىرىڭىزمۇ ئىلگىرىكى داستانلىرىڭىزدەك ياخشى چىقىپتۇ.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  546
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 50
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 17:09:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، قەلەم قۇۋتىڭىز تېخىمۇ ياخشىلانغۇسى ، ھەدە !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 207
تۆھپە : 4
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 17:35:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ مېنىڭ «ئاھ مېنىڭ خەلقىم»، «قەشقەردىكى يەرشارى»داستانلىرىدىن كېيىن، ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولغان ھەقىقى بىر داستان بولدى. رۇقىيە ئابدۇللانىڭ قەلبىگە قۇت، قەلىمىگە بەركەت يار بولغاي.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  93
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 107
تۆھپە : 9
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 18:10:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەرنىڭ تەسىرلىك يەرلىرىنى ئوقۇساملا پۇغانىم ئۆرلەپ، ئۆپكەم ئۆرۈلەتتى...بۇ داستاننى ئوقۇۋىتىپ ئۆز تۇيغۇمنى يوقاتقاندەك بولۇپ قېتىپ... ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ، پۇغانىمنىڭ نەچچە ئۆرلىگىنى سەزمەي قاپتىمەن....
ئۇلۇغ بىر ئانىنىڭ بىقوۋۇللۇقىدىن بىر پۈتۈن قەۋمنىڭ قىسمىتىنى ياراتقان...ئۇلۇغ شىراق روھىدىن  يىگىتكە ۋىجدانىنى ئەسلەتكەن ، ئاجىزەلىرىمىزگە چولپانئايدەك ئۇلۇغ روھنى ئەسلەتكەن شائىرە رۇقىيە ئابدۇللاغا سالام!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاتقۇچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-19 18:13  


شىنجاڭ يەكەندىن: تۇراپ نۇر

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  431
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 75
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 22:32:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشتىن ھېرىپ كەلگەندە ئەجەپ ھاردۇقۇم چىقتى .ئېسىل يازمىلىرىڭىز ئۈزۇلمىسۇن !....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 747
تۆھپە : 7
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 23:04:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


  ياشاڭ ،رۇقىيە.... دىل يالقۇنلىرىڭىز ئۆچمىسۇن...   ئىسىل يازمىلىرىڭىز ئۆزۈلۈپ قالمىسۇن، ...سالامەت بولۇڭ....   

پاختا ھاشىرىدىكى پاجىئەنى  ئوقۇپ دىمىغىم ئېچىشتى(ئىلگىرى بىرسىدىن ئاڭلاپ ، شۇنچە غەزەپلەنگەنىدىم)....

ناتىۋانلىرىمىزنى ئاللا پاناھىدا ساقلىسۇن!-ئۇلارغا باغرىمىزنى ئاچايلى ، قولىمىزدىن كېلىدىغاننى ئايمايلى...     

چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  700
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 97
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 03:13:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ھەققىدە چۆچەك.   داستانىدەك ئېسىل چىقىپتۇ.

ئىجتىھاتلىرىڭىزغا  بەركەت تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  154
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 122
تۆھپە : 0
توردا: 23
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 12:17:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرە رۇقىيە ئابدۇللانىڭ «شىراق» دېگەن بۇ داستانى تېخى يېقىندا نەشرىدىن چىققان شېئىرلار توپلىمى «فېۋرالنىڭ چۈشى» گە كىرگۈزۈلمەي قالغان  يەنە بىر تارىخى داستانى بولۇپ، «فېۋرالنىڭ چۈشى»، «تۇمارىس»، «كۆيۈك تۇپراق»، «نىساخان ئانا»، «قۇياش رىۋايىتى»، «مۇھەببەت»،  قاتارلىق بىر يۈرۈش  داستانلىرىنى پات يېقىندا كىتاب تارقىتىلسا كىتابىدىن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولساقمۇ، «شىراق» داستانىنى كۆرەلمەي قالاتتۇق... شائىرەنىڭ مۇنبەردىن ئىبارەت چىمەنزارلىقىمىزدا «شىراق» نى كۆرۈش پۈرسىتى يارىتىپ، داستاننى يوللاپ قويغىنىغا سۆيۈندۈم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاتىگۈل نىياز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-21 14:08  


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  689
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 43
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 13:52:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرەتلىك بولۇڭ!  يول تېخى ئالدىڭىزدا...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  152
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 194
تۆھپە : 13
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 14:48:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي...

كۈرەش بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 16:14:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش