يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1802|ئىنكاس: 26

دىققەت: ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺗﯚﮪﻤﻪﺕ ﭼﺎﭘﻼشنى توختىتىڭ!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
         ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺗﯚﮪﻤﻪﺕ ﭼﺎﭘﻼﺷﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﯩﺰﺍﮪﺎﺕ

    ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮﺕ ﻣﻪﮪﻜﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﮪﻜﯩﻤﯩﺴﻰ 9- ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ، «ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﻪﮪﻜﯩﻤﻪ» ﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯚﮪﻤﻪﺕ ﭼﺎﭘﻼﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺩﯦﻠﻮﺳﯩﻨﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺸﺘﻪ ﺗﻪﺩﺑﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰﺍﮪﺎﺗﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﯩﺰﺍﮪﺎﺗﺘﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺸﭽﻪ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ،ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﯩﯔ 246- ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ 1- ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ «ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﯚﮪﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ» ﺩﻩﭖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ:

   ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﯩﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ، ﻛﯜﺷﻜﯜﺭﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ؛
   ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﭼﯧﺘﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﯘﭼﯘﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﯩﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﻛﯩﺘﻘﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ، ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ، ﻛﯜﺷﻜﯜﺭﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ؛
    ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﯩﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ،ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ- ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ «ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﯚﮪﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ» ﺩﻩﭖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﯩﺰﺍﮪﺎﺗﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯚﮪﻤﻪﺕ ﭼﺎﭘﻼﺵ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﻰ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﯩﺰﺍﮪﺎﺕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺸﭽﻪ، ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯚﮪﻤﻪﺕ ﭼﺎﭘﻼﺵ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﺪﺍ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ،ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﯩﯔ 246- ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ 1- ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ «ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ» ﺩﻩﭖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ:
   ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ،ﺑﯩﺮ ﺗﯚﮪﻤﻪﺕ ﺋﯘﭼﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﭼﯧﻜﯩﻠﯩﺶ, ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﺵ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﺎﻧﻰ ﺑﻪﺵ ﻣﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﺴﺎ،ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﭖ ﻳﻮﻟﻼﺵ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﺎﻧﻰ 500 ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﺴﺎ؛
   ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﯘﭼﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯘﺭﯗﻕ- ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺭﻭﮪﯩﻲ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻣﯧﻴﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ؛
   ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯚﮪﻤﻪﺕ ﭼﺎﭘﻼﺵ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺟﺎﺯﺍﻻﻧﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﯚﮪﻤﻪﺕ ﭼﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ؛
ﺗﯚﺗﯩﻨچى، ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭ.
    ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﯩﯔ 246- ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ 1- ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺗﯚﮪﻤﻪﺕ ﭼﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﯚﮪﻤﻪﺕ ﭼﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻣﺎﺵ، ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﺶ، ﺭﯦﺠﯩﻤﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﮪﻮﻗﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﮪﺮﯗﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺸﭽﻪ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﯩﺰﺍﮪﺎﺕ 2013- ﻳﯩﻠﻰ 9- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10- ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

مەنبە: http://m.nur.cn/do.php?do=show&mid=135271





ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-9-12 13:11:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇركەن، ئەجرىڭىزگە رەخمەت

ۋاقتى: 2013-9-12 13:19:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇركەن ،يوللىغىنىڭزغا رەخمەت

ۋاقتى: 2013-9-12 14:43:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


     بۇ ياخشى ئۇچۇر ئىكەن. رەھمەت!

ۋاقتى: 2013-9-12 15:21:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆھمەت چاپلىغانلارنى جازالىماي،بوش قويۇۋىتىشكە بولمايدۇ.بۇ ياخشى ئىش بوپتۇ.

ۋاقتى: 2013-9-12 16:40:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇر ئىكەن. رەھمەت!

ۋاقتى: 2013-9-12 17:22:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  گەپ ئىجرا قىلىشتا !

ۋاقتى: 2013-9-12 22:53:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ جۇڭگۇچىلىقتا... ئوقۇپ قويايلى. پايدىسى بولمىسىمۇ زىيىنى بولماس...

ۋاقتى: 2013-9-12 23:57:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قانۇن ئىككى يىل ئاۋال چىققان بولسا مەن قورساق كۆپۈكى تارتىۋالماس ئىكەنمەن. شائىرە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۈڭ........ دەپ.

ۋاقتى: 2013-9-13 12:22:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك ياخشى ئۇچۇر ھەم ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپتۇ،ئىنسانى ئەخلاق ھەم بىلىم ئەخلاقىمىزغا ھۆرمەت قىلىشىمىز،بىر-بىرىمىزنى قوللىشىمىز،ئۆز-ئارا ياردەم بىرىشىمىز،ئۆز-ئارا ئۈگۈنىشىمىز،ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىمىز،يازغۇچىلار تورىنىڭ بارلىق ئەھلى بولغان قىرىنداشلىرىمىز،ئەخلاق جەھەتتە باشقىلارغا ئۈلگە بولىشىمىشىز،قىلچىمۇ شەخسىيەتچىلىك،ۋە ھەسەتخورلۇق قىلماسلىقىمىز كىرەك،بۇ سىلەردەك بىلىم ئەھلى ئۇستازلارغا كەمىنە دوستلىرىدىن كىچىكىنە ئىلتىماس،دوستلارغا ئامانلىق ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن

ۋاقتى: 2013-9-14 15:08:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى ئىش بوپتۇ . كەڭ پۇقرالارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى قانۇن تەرپىدىن قوغدالسا ،

يامانلار ۋاختىدا دەككىسىنى يىسە جەمئىيتىمىز ئىناق بولىدۇ .


ۋاقتى: 2013-10-14 00:37:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپ ئىجرا قىلىشتا !    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-14 00:41  


ۋاقتى: 2013-10-14 01:07:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پان يوللىغان ۋاقتى  2013-10-14 00:37
گەپ ئىجرا قىلىشتا !

گەپ ئەرز بېرىشتە! چاقچاققا يۆلەپ ئۆتكۈزۈۋەتسەك ئىجرا بولماۋېرىدۇ!

ۋاقتى: 2014-1-8 04:24:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بۇپتۇ ،تورغا چىقىپ دەرت تارتماي خوشال ،دوستانە پىكىرلىشىمىز لازىم

ۋاقتى: 2014-1-8 04:26:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۈندە توردا 6   ــ  7    سائەت تۇرىۋاتىمەن ،سائەت جايىدىلا تۇردىغۇ؟!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش