ئە.قۇربان ئۇرغۇ يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 17:22
گەپ ئىجرا قىلىشتا !
ئەسسالام ئەمەتجان، ئامان-ئېسەن تۇرىۋاتامسىز؟
قانۇن دېگەننىڭ «ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ»! سىز دېگەندەك:«گەپ __ ئىجرا قىلىشتا». بىراق، «دەۋاگەر سۇس كەلسە، قازى مۇتتەھەم بولۇپتۇ» دېگەن گەپمۇ بار. ئەڭ موھىم گەپ يەنىلا بىزنىڭ ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى، ئىززەت-ئابرويىمىزنى قانۇنىي يول بىلەن قوغداش ئېڭىمىزنىڭ، جۈرئىتىمىزنىڭ بار-يوقلۇقىدا، دەپ ئويلايمەن. مۇشۇ مۇنبەردىكى بەزىبىر چاكىنا تالاش-تارتىشلار سەۋەبىدىن كۆڭۈلسىزلىك تارتىپ قېلىۋاتقانلارنىڭ بۇنى ئويلىنىپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ بەزىلەرنىڭ بۇ «يازغۇچىلار تورى»دا ئەدەبىي ئەسەر باھالاشتىن ھالقىپ، ئەسەر مۇئەللىپىنىڭ شەخسىيىتىگە دارىتمىلاشتەك ئىلمىيلىككە مۇخالىپ باشباشتاقلىقىغا مەسئۇلىيەتسىزلەرچە يول قويىۋەرمەسلىكىنى تەشەببۇس قىلىمەن! ھەر ھالدا ھەممىمىزنىڭ ئىنساپ قىلغىنىمىز ياخشى!!
بولاي دېسەڭ چىن ئىنسان، ئىنسانغا خاس ئىنساپ بىل،
ئىنساپ نېمە، بىلىشچۈن ماتېماتىكا-ھېساپ بىل.
ھېساپتىن سىرت ئىش بولماس، كالپۇكتىن سىرت چىش بولماس،
ھېسابى بار جاھان بۇ، توغرا ھېساپ-كىتاپ قىل!
(مەنبە: «مائارىپچىلار» تورى. ئادىل0998: «پەن ھەققىدە رۇبائىيلار»).