كۆرۈش: 397|ئىنكاس: 10

سوۋېت مەزگىلىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى تىل مەسىلىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  186
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 306
تۆھپە : 3
توردا: 78
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-15

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 12:12:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوۋېت مەزگىلىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى تىل مەسىلىسى
دىڭ خاۋ

تىل-مىللەتنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، تىل مەسىلىسى-مىللىي مەسىلىلەرنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى، يەنە كېلىپ ئىنتايىن نازۇك مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. مىللەتلەرنىڭ تىلىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش-مىللىي مەسىلىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىش ياكى قىلالماسلىققا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەر تىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بەلگىلىك تەجرىبىلەر توپلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خېلى كۆپ سەۋەنلىكلەرمۇ سادىر بولغان ئىدى. مۇشۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەستايىدىل خۇلاسە چىقىرىش-پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللىي مەسىلىلەرنى چۈشىنىشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، مەملىكەت ئىچىدىكى مىللەتلەر تىل خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە رېئال ئەھىيەتكە ئىگە.
1
ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رايونلار رۇسىيىنىڭ مەدەنىي-مائارىپ بويىچە ئەڭ قالاق چېگرا رايونى ھېسابلىناتتى. چاررۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 1897-يىلىدىكى پۈتۈن رۇسىيە نوپۇسىغا دائىر ئىستاتستىكىسىغا قارىغاندا، ئەينى ۋاقتتا رۇسىيە ئاھالىسىنىڭ ساۋاتلىق بولۇش نىسبىتى %20، تۈ*ركىستاندا %5.3، شۇ يەرلىك مىللەت ئىچىدە ئاران %2.3 بولغان. ئوتتۇرا ئاسىياغا تەۋە سەمەرقەنت، فەرغانە قاتارلىق ئوبلاستىلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئۇ يەردىكى ئاساسلىق بەش مىللەتنىڭ تىلىنى ئانا تىل قىلغان ساۋاتلىقلارنىڭ نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇنداق بولغان: ئۆزبېكلەرنىڭ %1.6، قازاقلارنىڭ %1.0، قىرغىزلارنىڭ %0.6، تۈ*ركىمەنلەرنىڭ %0.7، تاجىكلارنىڭ %3.9 ①. 1906-يىلى رۇسىيىدە چىقىرىلىدىغان «مائارىپ گېزىتى» دە تۈ*ركىستان رايونىدا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن 4600 يىل ۋاقىت كېتىدۇ، دېگەن غەلىتە پەرەز ئوتتۇرىغا قويۇلغان.② ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلارنىڭ مۇتلەپ كۆپ ساننى تەشكىل قىلىشى بۇ يەردىكى مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق تەرەققىياتىغا زور توسقۇنلۇق ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا يېزىقى بولسىمۇ، ئەمما ساۋاتسىزلىق خاھىشى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغاچقا، ئىشلىتىش، ئالاقىلىشىش رولى ئىنتايىن زور چەكلىمىگە ئۇچرىغان.
چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، مىللىي تىل-يېزىقىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى جېنىنىڭ بېرىچە توسۇپ كەلدى. چاررۇسىيە مەزگىلىدە بىر ئەقىل كۆرسەتكۈچى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز تىلى بىلەن دەرس ئۆتسە چار پادىشاھلىق تۈزۈمگە تەھدىت يېتىدىغانلىقىنى قەيىت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىر خىل تىلنىڭ يېزىقىنى تەستىقلاپ، ئۇنى مەكتەپ مائارىپىدا ئىشلەتسەك، بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولىمىز ھەم ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ قويىمىز.»③ شۇنىڭ بىلەن،  چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى تىل ئاسسىملىياتسىيە تۈزۈمىنى ھەدەپ يۈرگۈزۈپ، رۇس تىلىنى «مەجبۇرىي ئۆگىنىدىغان دۆلەت تىلى» قىلىپ بېكىتتى. بۇنىڭدىكى مەقسەت ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنى رۇسلارنىڭ تىلىنى ئىشلىتىشكە، ھەر قايسى مەكتەپلەردە رۇس تىلىدا دەرس ئۆتۈشكە مەجبۇرلاش ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، بارلىق ھۆججەتلەر رۇس تىلىدا چىقىرلاتتى. يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلىنى قوللىنىشقا بولمايتتى. ④
لېنىن چاررۇسىيىنىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش سىياسىتىگە قەتئىي قارىشى تۇرغان. ئۇ 1914-يىلى يازغان «مەجبۇرىي ئۆگىنىدىغان دۆلەت تىلىنى يولغا قويۇش زۆرۈرمۇ؟» دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن ئىدى: «ئۆز تۇرمۇشى ۋە خىزمىتى ئېھتىياجىدىن رۇس تىلىنى بىلمەكچى بولغان كىشىلەرگە كالتەك تەڭلەپ قىستىمىساڭمۇ ئۆگىنىۋالىدۇ. كالتەك تەڭلەپ مەجبۇرلىساڭ شۇنداق بىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇكى، ئۇلۇغ ھەم پاساھەتلىك رۇس تىلىنىڭ باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا ئومۇملىشىشى قىيىنغا چۈشىدۇ، تېخىمۇ يامان يېرى دۈشمەنلىشىش كەيپىياتىنى كۈچەيتىپ، سانسىزلىغا يېڭى سۈركىلىشلەرنى پەيدا قىلىپ، ئىناقسىزلىق ۋە ئايرىمىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»⑤ شۇڭا لېنىن ۋە بولشىۋېكلار پارتىيىسى تىل باراۋەرلىكىنى قەتئىي تەشەببۇس قىلدى ھەمدە 1895-يىلى لېنىن «سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پروگرامما لايىھىسى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئىزاھات»دېگەن ماقالىسىدە «ھەممە مىللەت باراۋەر» دېگەن ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1903-يىلى رۇسىيە سوتسىيال دېموكىراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ تۇنجى پروگراممىسىدا: ھەر قايسى مىللەتنىڭ ئۆز تىلى بىلەن ئوقۇش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى لازىم، دەپ تەكىتلەنگەن ئىدى. شۇنىدىن كېيىن لېنىن يەنە « ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىلى باراۋەر» دېگەن تەشەببۇسنىمۇ كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. 1913-يىلى لېنىن بىۋاستە يېزىپ چىققان رۇسىيە سوتسىيالىستىك دېموكىراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يازلىق يىغىنىدىكى قارارىدا مۇنداق دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن ئىدى: «ئۈزۈل-كېسىل دېموكىراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئاساسىدىكى دۆلەت تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ تامامەن باراۋەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مەجبۇرىي ئۆگىنىدىغان دۆلەت تىلى دېگەننى بىكار قىلىش، شۇ يەردىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلى بىلەن دەرس ئۆتىدىغان مەكتەپ ئېچىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ئاساسى قانۇنغا مۇشۇ ئەقەللىي قانۇن-مىزاننى كىرگۈزۈش، ھەر قانداق دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش بىكار قىلىنىدۇ، دەپ جاكارلاش كېرەك.»⑥ «كىمكى مىللىي باراۋەرلىك ۋە تىل باراۋەرلىكىنى ئېتىراپ قىلمىسا ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرمىسا، ئۇ ماركىسىزمچى ھېسابلانمايدۇ،»⑦ « ھەرقانداق بىر مىللەت، ھەر قانداق بىر تىلنىڭ ھەر قانداق ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمان بولۇشىغا بولمايدۇ!»⑧ لېنىنىڭ ئادەمنى روھلاندۇرىدىغان بۇ ھېكىمەتلىك سۆزلىرى ئۇنىڭ مەيدانىنى ئىخچام ھالدا ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
دەرۋەقە، لېنىننىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى رۇس تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاشقا قارىشى تۇرۇشى، رۇس تىلىغا قارىش تۇرغانلىق ھېسابلانمايدۇ. ئۇ: « ئىقتىسادىي ئوبوروت ئېھتىياجىدىن بىر دۆلەتتە ئورتاق ياشاۋاتقان مىللەتلەر (بىرگە ياشاشنى خالايدىغان مىللەتلەر) كۆپ سانلىق مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ».⑨ «ئىقتىسادىي ئوبوروتنىڭ ئېھتىياجى بىر دۆلەتتە قايسى خىل تىلنىڭ كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ سودا-ئالاقىسىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەبىئىي يوسۇندا بەلگىلەيدۇ» دەپ قارايدۇ. ⑩ بۇ، ئىتقىسادىي ئوبوروتنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتى مىللەتنى ئۆز ئارا ئالاقىلىشىشتا مەلۇم بىر خىل تىلنى تالاشقا مەجبۇر قىلىدۇ، دېگەنلىك، روشەنكى، چاررۇسىيىدە بۇ خىل تاللاش ئوبيېكتى رۇس تىلى بولغان.
ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قىلغاندىن كېيىن، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن سوۋېت ھاكىمىيىتى رۇس تىلىغا خاس بارلىق ئالاھىدە ئىمتىيازلارنى بىكار قىلىشنى، ھەر قايسى مىللەتلەر تىلى باراۋەر ئىكەنلىكىنى، ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز تىلىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. 1917-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ماقۇللانغان «رۇسىيىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھوقۇقى توغرىسىدىكى خىتابنامە» دە ھەر قانداق مىللەتتىكى بارلىق ئلاھىدە ئىمتىياز بىكار قىلىنىشى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەركىن تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى تەكىتلەندى.⑪ رۇسىيە كومپارتىيىسىنىڭ 1921-يىلى 3-ئايدىكى 10-قۇرۇلتىيى ۋە 1923-يىلى 6-ئايدىكى 12-قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان مىللىي مەسىلىگە دائىر قارارىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىنى ئىشلىتىدىغان مەمۇرىي مەدەنىيەت ئورگانلىرىنى ھەمدە مائارىپ نۇقتىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 1922-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى لېنىن «مىللەت ۋە <ئاپتونومىيلەشتۈرۈش>مەسىلىسى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسىدە: «بىزنىڭ ئىتتىپاقلىمىزغا كىرگەن ھەر قايسى مىللىي جۇمھۇرىيەتلەردە مىللىي تىل قوللىنىلىدۇ، دەپ قاتتىق بەلگىلىمە چىقىرىش ھەمدە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.⑫ «ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىلى باراۋەر» دېگەن سۆز قانۇنىي ماددا سۈپىتىدە ئىتتىپاق شەرتنامىسىگە ۋە ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى. 1922-يىلى ماقۇللانغان «سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى قۇرۇش شەرتنامىسى» دەپ، ئىتتىپاقنىڭ قانۇن، پەرمان ۋە قارارلىرى ھەر قايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەردە ئورتاق قوللىنىلىدىغان يېزىق بىلەن ئېلان قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. 1936-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئاساسى قانۇندا، ھەر قايسى جايلاردىكى مەكتەپلەردە ئانا تىل بىلەن دەرس ئۆتۈلىدۇ، دەپ كۆرستىلدى. يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بولىشۋېكلار رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت دۆلىتى مىللىي باراۋەرلىك، تىل باراۋەرلىكى سىياسىتىنى قەتئىي ئىجرا قىلغان. بۇ، چاررۇسىيىنىڭ مىللىي زۇلۇم ۋە مەجبۇرىي تىل ئاسسىملىياتسىيە سىياسىتى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولالايدۇ. دېمەك، سوۋېت دۆلىتىدە ھەر قايسى مىللەت تىلىنىڭ ئەركىن، باراۋەر تەرەققىي قىلىشى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىلگەن.
ئانا تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى مىللىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرەققىياتىنىڭ ئاستا بولۇش ھالىتىنى تېزدىن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلار پارتىيىسى ۋە سوۋېت ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مىللىي رايونلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. لېنىن مىللىي رايونلار «دېموكىراتىك ئاساستا دىنسىزلاشتۇرۇلغان مائارىپ»نى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە «ئۆز مىللەت تىلىنى ئىشلىتىش ئەركىنلىكى»نى تەكىتلىگەن. 1918-يىلى 10-ئايدا رۇسىيە فىدراتسىيىسى خەلق مائارىپ كومىتېتىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەر مەكتەپلىرى توغرىسىدا» دېگەن قارارىدا ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىدە ئۆز مىللەت تىلى بىلەن دەرس ئۆتۈش تەلەپ قىلىنغان. 1920-يىلى ماقۇللانغان «ھەرقايسى جايلاردىكى غەيرى رۇس تىلىدىكى مىللىي مائارىپنى تەشكىللەش توغرىسىدىكى مىزان»دا، رۇسىيە فىدىراتسىيە جۇمھۇرىيىتىدە ئولتۇراقلاشقان بارلىق مىللەتلەر ئۆز مىللەت تىلى ئارقىلىق ئوقۇتۇشقا تەشكىللەش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدىكى سوۋېت ھاكىمىيەتلىرى لېنىن ۋە مەركىزىي سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ يوليورۇق ۋە پەرمانىغا ئاساسەن ئالدى بىلەن كەڭ پۇقرالار ئارىسىدا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان ئىدى. 1920-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى تۈ*ركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى خەلق كومىتېتى «تۈ*ركىستان ئاھالىلىرى ئىچىدە ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش توغرىسىدا» قانۇن ئېلان قىلدى. 1920-يىلى 10-ئايدا قازاقىستان 1-نۆۋەتلىك سوۋېت ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ مائارىپ مەسىلىسىگە دائىر قارارىدا ئومۇمىي خەلق ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىشكە چاقىرىلدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستاندا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش بويىچە مەخسۇس غەيرى دائىمىي كومىتېت قۇرۇلدى؛⑬ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى جايلاردا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش جەمئىيەتلىرى ئومۇمىيۈزلۈك قۇرۇلدى. ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش مەكتەپلىرى، نۇقتىلىرى، ساۋات چىقىرىش سىنىپلىرى ئېچىلىپ، ساۋاتلىقلار ساۋاتسىزلارغا ئۆگىتىش تەشەببۇس قىلىندى ھەمدە ئاممىۋى خاراكتېردىكى مەدەنىيەتكە يۈرۈش قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. 1924-يىلى تۈ*ركىستاندا ساۋاتسىزلىقىنى تۈگىتىش مەكتىپىدىن 1000 دىن ئارتۇقى قۇرۇلۇپ، كۇرسانتلار 200 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدىكى ساۋاتسىزلىقىنى تۈگىتىش ھەرىكىتىدە ناھايىتى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈلدى. 1925-يىلى بىلەن 1922-يىلىنى سېلىشتۇرغاندا، ساۋات چىقىرىش تەربىيىسى ئالغان كىشىلەر قازاقىستاندا تۆت ھەسسە كۆپەيگەن، قىرغىزستاندا ئىككى ھەسسىگە يېقىن كۆپەيگەن، ئۆزبېكىستاندا ئىككى ھەسسە كۆپەيگەن. ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ساۋاتسىزلىقتىن زور دەرىجىدە قۇتۇلۇشى نەتىجىسىدە، مىللىي تىل-يېزىقنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى ۋە ئالاقىلىشىش رولى مۇناسىپ ھالدا كېڭەيتىلىپ، مىللىي تىلنى ئالاھىدىلىك قىلغان مىللىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.
(داۋامى بار)

idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  186
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 306
تۆھپە : 3
توردا: 78
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-15

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 17:29:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوۋېت مىللىي مائارىپ ئىشلىرى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. قىسقىغىنە بىر قانچە يىل ۋاقىت ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا سوۋېت ھاكىمىيىتى يېڭىچە مەكتەپلەرنى بەرپا قىلىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەكتەپ قۇرۇش خىزمىتى ئەينى ۋاقىتتا شۇ يەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە شارائىتىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. شەھەر ۋە شەھەر رايونلىرىدا ئۆز تىلى بىلەن ئوقۇيدىغان مىللىي مەكتەپلەر ئومۇمىيۈزلۈك قۇرۇلدى، كۆچمەن ۋە يېرىم كۆچمەن چارۋىچىلىق رايونلىرىدا «كوممۇنا مەكتىپى»، «ياتاقلىق مەكتەپ»، «كۆچمە مەكتەپلەر» قۇرۇلغان ئىدى. 1920-يىلى 10-ئايدا قازاقىستاندىلا بۇنداق مەكتەپتىن 2410ى بار ئىدى. سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مىللىي ئوقۇتقۇچىلار ئىنتايىن كەمچىل بولۇشتەك ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، 1918-، 1919-يىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۇنجى تۈ*ركۈمدە ئوقۇتقۇچىلار كۇرسى ۋە ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلدى. 1920-يىلى قازاقىستاندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاشكەنت، سەمەرقەنتتە قۇرۇلغان كوممۇنىزم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارماق مەكتەپلىرىمۇ يەرلىك ئۈچۈن بىر تۈ*ركۈم مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەپ بەردى. سوۋېت مىللىي مەكتەپلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى شۇنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، بولشېۋىكلارنىڭ مىللىي باراۋەرلىك، تىل باراۋەرلىكى سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەرلىك مىللەتلەر ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقى ئارقىلىق تەلىم-تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشقا باشلىغان.
تىل باراۋەرلىكى سىياسىتىنى ھەقىقىي تۈردە ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، لېنىن باشچىلىقىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيە مىللىي رايوندىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلىنى چوقۇم ئۆگىنىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. 1923-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى رۇسىيە كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيورۇسىنىڭ «پارتىيە 10-قۇرۇلتىيىنىڭ مىللىي مەسىلىگە دائىر قارارىدىكى تەدبىرلەرنى ئىزچىللاشتۇرايلى» دېگەن ھۆججىتىدە: « ھەر قايسى جۇمھۇرىيەت ۋە رايونلاردىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى ئۆزلۈكسىز ھالدا قەتئىي تەۋرەنمەي مىللىيلاشتۇرۇش، يەنى خەت-چەك، ھۆججەت خىزمىتى جەھەتتە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلىنى بارا-بارا قوللىنىش، مەسئۇل خىزمەتچى خادىملار يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلىنى مەجبۇرىيەت ئاساسىدا ئۆگىنىش» تەلەپ قىلىنغان ئىدى.⑭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، «ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنى ئىشلىتىدىغان مەكتەپ، سوت مەھكىمىسى، مەمۇرىي ئورگان ۋە ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق سوۋېت ئاپتونومىيىسىنى ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئاشۇرۇش» ئىدى.⑮
مىللىي مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 1918-يىلىنىڭ دەسلىپىدە رۇسىيە فىدراتسىيە ئىشلىرى خەلق ۋەكىللىرى يىغىنى ئۆز مىللەت تىلىدا كىتاب ۋە گېزىت-ژۇرنال نەشىر قىلىشقا ئىجازەت بېرىلىدۇ، دەپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قىلغاندىن كېيىن، مۇشۇ يوليورۇققا بىنائەن ئوتتۇرا ئاسىيادا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىدا گېزىت-ژۇرناللار ئارقا-ئارقىدىن چىقىشقا باشلىدى. مەسىلەن، قازاقىستاندا «بىرلىك گېزىتى»، «چۇقان گېزىتى» قاتارلىقلار قازاق تىلىدا چىقىرىلىدى.⑯ 1920-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى رۇسىيە كومپارتىيىسى قازاق شۆبىسى سىياسىي بيوروسى قازاقىستان سوۋېت 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش پەيتىدە «ئۇچقۇن گېزىتى»نى قازاق تىلىدا نەشىر قىلىشنى قارار قىلدى.⑰ 1924-يىلى قىرغىزىستاندا «ئەركىن تاغ» ناملىق سوۋېت گېزىتى قىرغىز تىلىدا تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىندى.⑱ شۈبھىسىزكى، گېزىت-ژۇرناللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ تىل-يېزىقىدا نەشىر قىلىنىشى ئۈچۈن پائال تۈردە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
كۆپ مىللەتلىك بىر دۆلەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز تىلىدىن باشقا يەنە، ئىشلىتىلىش چاستۇتىسى يۇقىرى بولغان باشقا بىر خىل تىلنى ئۆگىنىشتە ئۆز ئىختىيارلىق پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. ئۇ، 1919-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى «رۇسىيە فىدراتسىيىسى ئاھالىلىرى ئارىسىدا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش توغرىسىدا» پەرمانغا ئىمزا قويدى. پەرماندا «جۇمھۇرىيەتتىكى بارلىق ئاھالىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىغا ئاڭلىق قاتنىشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش ئۈچۈن، خەلق ۋەكىللىرى 8-50 ياشقىچە بولغان بارلىق ساۋاتسىزلار چوقۇم ساۋدىنى چىقىرىش كېرەك (ئۆز تىل- يېزىقىنى ياكى رۇس يېزىقىنى ئۆگىنىش ئۆز ئىختىيارى بويىچە بولىدۇ) دەپ قارار قىلدى» دېيىلگەن. بۇ شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلار تىلنى تاللاش مەسىلىسىدە ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلغان. مانا بۇ چاررۇسىيىنىڭ «مەجبۇرىي ئۆگىنىدىغان دۆلەت تىلى» دىن ئىبارەت مۇستەملىكە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما.
2
لېنىن ۋاپا بولغاندىن كېيىن سىتالىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللەتلەرنىڭ تىل مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. 1925-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى سىتالىن «شەر*ق مىللەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ۋەزىپىسى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىدە: سوۋېت شەر*قىدىكى ئاكتىپ خىزمەتچىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى «مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۆز تىلىنى ئىشلىتىدىغان ئادەتتىكى مائارىپ ۋە كەسپىي تېخنىكا خاراكتېرىنى ئالغان كۇرس ھەم مەكتەپ تۈرلىرىنى كەڭ تۈردە قۇرۇشتىن ئىبارەت» دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن ئىدى.⑲ ئۇ يەنە، «مىللىي مەسىلە ۋە لېنىنىزم» دېگەن ماقالىسىدە: «پارتىيە شۇنداق دەپ قارايدۇكى، ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى گۈللەنگەن مىللەتلەرنىڭ تولۇق قەد كۆتۈرۈشىگە، ئۆز مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشىگە ۋە راۋاجلاندۇرۇشىغا، ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنىڭ ئىشلىتىدىغان مەكتەپ، تىياتىرخانا ۋە باشقا مەدەنىيەت ئورگانلىرىنى قۇرۇشقا ياردەم بېرىش زۆرۈر.»⑳ سىتالىن يەنە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ئۇقۇمىنى چۈشەندۈرۈپ: «بۇ، سوتسىيالىستىك مەزمۇن ۋە مىللىي شەكىلدىكى بىر خىل مەدەنىيەت» دەپ كۆرسىتىدۇ.○21 شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ يەردىكى «مىللىي شەكىل» ئاساسەن مىللىي تىل-يېزىقنى كۆرسىتىدۇ.
سىتالىن باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە يېتەكلىشىدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا مىللىي مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنغان ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋەزىپىسى 30-يىللارنىڭ ئاخىرى، 40-يىللارنىڭ باشلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇنلانغان ئىدى. 1939-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ساۋاتلىق بولۇش نىسبىتى %77.7-%83.8 گە(پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %87.4 گە) يەتكەن ئىدى. ساۋاتسىزلىقنىڭ زور دەرىجىدە تۈگىتىلىشى بىلەن مىللىي مائارىپنىڭ يولغا قويۇلىشىغا شەرت ھازىرلاندى. ئۆز مىللىتىنىڭ تىلى بىلەن باشلانغۇچ مەجبۇرىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى 30-يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا قانات يېيىشقا باشلىدى. ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى شەھەردىن-يېزىغا، ئاندىن چارۋىچىلىق رايونلىرىغا قاراپ كېڭەيدى. ئۇرۇشتىن بۇرۇن باشلانغۇچ مائارىپ، ھەتتا بەزى شەھەر-بازارلاردا تولۇقسىز ئوتتۇرا ئاسىيا دائىرىسىدە 2346 ھەر خىل مەكتەپ، 91 ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ، ئوقۇغۇچى سانى 137 مىڭ 400 ئىدى. 1940-1941ئوقۇش يىلىغا كەلگەندە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئادەتتىكى مەكتەپلەر سەككىز ھەسسىگە يېقىن كۆپىيىپ، 18 مىڭ 192 گە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا مەكتەپ 79 ھەسسە كۆپىيىپ، 7163 گە، ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانى 23 ھەسسە كۆپىيىپ، 3 مىليۇن 282 مىڭغا يەتتى. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلار سانى روشەن دەرىجىدە كېميىپ كېتىپ، يەتتە يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇنلىنىشى كېچىكىپ كەتتى. ئۇرۇشتىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىپ، 4-بەش يىللىق پىلاننىڭ كېيىنكى مەزگىلىگە كەلگەندە مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى سەۋىيىدىن ئاشتى، مەسىلەن، ئۆزبېكىستاندا 1940-1941ئوقۇش يىلى 4838 ئادەتتىكى مەكتەپ بارلىققا كېلىپ، ئوقۇغۇچىلار سانى 1 مىليون 260 مىڭغا يەتتى. ئۇرۇشتىن كېيىنكى 1950-1951 ئوقۇش يىلىغا كەلگەندە ھۆكۈمەت مائارىپ ئىشلىرىغا زۆرۈر بولغان راسخوتنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىكەچكە شۇ ۋاقىتتىلا 5000 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ بارلىققا كېلىپ، ئوقۇغۇچىلار سانى 1 مىليون 300 مىڭغا يەتكەن. دېمەك، ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى سەۋىيىدىن خېلى ئېشىپ كەتكەن.○22
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىش بىلەن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقى ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. شۈبھىسىزكى، يەرلىك مىللەتلەر تىل-يېزىقىنىڭ ئوقۇتۇشتا كەڭ قوللىنىلىشى بىلەن مىللىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  186
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 306
تۆھپە : 3
توردا: 78
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-15

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 17:30:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، سىتالىن دەۋرىدە ئۇلارنىڭ يېزىقى ئىسلاھ قىلىندى. ئۇلار ئەڭ دەسلەپتە ئەرەب ئېلىپبە شەكلىنى ئۆز يېزىقى قىلغان بولۇپ، بۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى مەھسۇلى ئىدى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قىلغاندىن كېيىنكى لېنىن دەۋرىدىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەر يەنىلا ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقىنى ئىشلىتىپ كەلگەن. ئەمما، لېنىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، يېزىشقا، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىشكە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، سوۋېت ھۆكۈمىتى 1926-يىلى 3-ئايدا ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقنى بىكار قىلىشنى قارار قىلدى. 1926-يىلى 3-ئايدا باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە 1-قېتىملىق تۈ*ركشۇناسلىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا ئەرەب ئېلىپبە يېزىقى ئورنىغا لاتىن ھەرپىنى قوللىنىش قارار قىلىندى.○23 شۇنىڭدىن ئېتىبارەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللىي يېزىقنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتى باشلىنىپ كەتتى. 1928-يىلى  تۈ*ركىمەن ۋە قىرغىز ئۆلچەملىك ئەدەبىي تىلىدا لاتىنچىلاشتۇرۇلغان يېزىق قوللىنىلدى. 1929-يىلى قازاق ۋە ئۆزبېك تىلىدىمۇ ئەرەب ئېلپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقنىڭ ئورنىنى لاتىن يېزىقى ئىگىلىدى. 30-يىللارنىڭ ئاخىرى، 40-يىللارنىڭ باشلىرى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدا سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت بىر گەۋە بولۇش يۈزلىنىشى ئۆزلۈكسىز ھالدا كۈچىيىۋاتقان ئەھۋالدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ يېزىقى يەنە بىر قېتىملىق ئىسلاھاتنى باشتىن كۆچۈردى، يەنى ئىسلاۋىيان يېزىقى لاتىن يېزىقىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. 1938-يىلى قازاق يېزىقى ئالدى بىلەن ئىسلاۋىيان يېزىقىغا ئۆزگەرتىلدى، ئارقىدىن 1940-يىلى ئۆزبېك، قىرغىز، تۈ*ركىمەن يېزىقىدىمۇ لاتىن ھەرىپىتىن ئىسلاۋىيان ھەرىپىگە ئۆتۈش جەريانى تاماملاندى.
يېزىق ئىسلاھاتىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ تىلىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىمۇ كەڭ قانات يېيىشقا باشلىدى. بىرىنچىدىن، يېزىق ئىسلاھاتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ تىلىدىكى فونېتىكا ۋە دىئالېكىتلارنى تەتقىق قىلغان بىر تۈ*ركۈم ئەسەرلەر ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. مەسىلەن، «ئۆزبېك دېئالېكىت ئىلمى ۋە ئۆزبېك ئۆلچەملىك تىلى» (پالۋانوف يازغان، تاشكەنت 1933-يىلى)، «ئۆزبېك يەرلىك شىۋىسىنى ئايرىش مەسىلىسى»(باتۇرمانوف تاشكەنىت، فرونزا، 1934-يىلى)، «قىرغىز تىلىنىڭ فونېتىكا سىستېمىسى»(باتۇرمانوف يازغان، فرونزا، 1946-يىلى)، «قىرغىز تىلىنىڭ شىمالىي دىئالېكتى»(باتۇرمانوف يازغان، فرونزا، 1938-يىلى)، «تۈ*ركمەن تىلىنىڭ فونېتىكىسى» (پوتسېلۇيېۋىسكى يازغان، ئاشخابات، 1936-يىلى)، «تۈ*ركمەن تىلى دىئالېكتى» (پوتسېلۇيېۋىسكى يازغان، ئاشخابات، 1936-يىلى) قاتارلىقلار. ئىككىنچىدىن، ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىنى، شۇنىڭدەك قوش تىل ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى تىلى ۋە رۇس تىلىغا دائىر بىر قاتار سېلىشتۇرما لۇغەتلەر بارلىققا كەلدى. مەسىلەن، «قىرغىزچە-رۇسچە لۇغەت»(يۇداسىن تۈزگەن، موسكۋا، 1940-يىلى)، «ئۇيغۇرچە-رۇسچە لۇغەت»(باسكاكوف، ناسىروف تۈزگەن، موسكۋا، 1939-يىلى)، «رۇسچە-قاراقالپاقچە لۇغەت»(باسكاكوف تۈزگەن، موسكۋا،1947-يىلى) قاتارلىقلار.
ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى ۋە قەدىمىي كىتابلىرى تەتقىقاتىدا سىتالىن دەۋرىدىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى ھەمدە ھازىرقى زامان يېڭى ئۆلچەملىك ئەدەبىي تىلىنىڭ گىرامماتىكىسىغا دائىر بىر تۈ*ركۈم ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. مەسىلەن، «ئۆزبېك تىلى گىرامماتىكىسى»(كانىننوف يازغان، تاشكەنت، 1948-يىلى)، «ئۆزبېك تىلى گىرامماتىكىسى»(بالابىكوف قاتارلىقلار يازغان، ئىككى قىسىم، تاشكەنت، 1944-يىلى)، «قازاق تىلى گىرامماتىكىسى»(ئىسھاقوف، ئاخۇنوف يازغان، ئالمۇتا، 1952-يىلى)، «قىرغىز تىلى گىرامماتىكىسى»(باتۇرمانوف يازغان ئۈچ توم، قازان، 1939-1940-يىلى) قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، 1929-يىلى ئاكادېمىك رادلوف يېزىشقا باشلىغان، پروفېسور مالوف تاماملىغان «قەدىمكى تۈ*ركىي ئەسەرلەر» 1952-يىلى موسكۋادا نەشر قىلىندى.○24
شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى تىلىدا 30-يىللارنىڭ ئاخىرى ئىسلاۋىيان رۇس ئېلىپبە يېزىقىنىڭ ئاساسىي يېزىق قىلىپ ئۆزگەرتىلىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب رۇس يېزىقى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش، شۇنداقلا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ رۇس تىلى ئۆگىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئىدى. 30-يىللارنىڭ ئاخىرى ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى رۇس تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق خاراكتېرلىك قارار چىقىرىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى بارلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ۋاقىتتا رۇس تىلىدا ئوقۇيالايدىغان ۋە يازالايدىغان بولۇش تەلەپ قىلىندى. 1938-يىلى 3-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىتېتى ۋە ئىتتىپاق كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىكتە چىقارغان «مىللىي جۇمھۇرىيەت، مىللىي ئوبلاستلاردا رۇس تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا» دېگەن قاراردا: «مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپلەشتۈرۈلمىگەن (يەتتە يىللىق) مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار مەيلى ئېغىز تىلى ياكى يېزىق تىلى جەھەتتىن بولسۇن ئۆز ئىدىيىسىنى رۇس تىلى بىلەن توغرا ۋە ئەركىن ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش ھەمدە رۇس تىلى گىرامماتىكىسىنى ئىگىلەپ، رۇس تىلىدىكى ئەسەرلەر ئارقىلىق، رۇس ئەدەبىياتىنى پىششىق بىلىدىغان بولۇشى لازىم»○25 دەپ كۆرسىتىلگەن. 1938-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئەكسىل ئىنقىلابچىلارنى تازىلاش شامىلى ئەۋج ئېلىپ، نۇرغۇن مىللىي كادىرلار«مىللەتچى» دېگەن بەدنام بىلەن تازىلاندى. ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەردە (جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادا) بۇ ئىشقا نىسبەتەن باشقىچە تونۇشتا بولۇشقا ھېچكىم جۈرئەت قىلالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەر يۇقىرىقى قارارنى ئالقىشلايدىغانلىقى توغرىسىدا ئارقا- ئارقىدىن ئىپادە بىلدۈرۈشتى. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپلەردە رۇس تىلى ئۆگىنىش زۆرۈر بولۇپ قالدى. «رۇس تىلى بىر خىل ئالاھىدە دەرس بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىدا مۇقىم ئورۇن ئىگىلىدى.»○26 ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ يېزىقىنى ئىسلاۋىيان رۇس يېزىقىغا ئۆزگەرتىش دەل مۇشۇ ئۆزگىرىش تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىشنىڭ مەھسۇلى ئىدى. نەتىجىدە ئاز سانلىق مىللەت تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە تەرەققىياتى سۈنئىي ھالدا چەكلىمىگە ئۇچرىدى. يېزىقنىڭ كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىلىشى (ئەرەب يېزىقىدىن لاتىن يېزىقىغا، لاتىن يېزىقىدىن ئىسلاۋىيان يېزىقىغا ئۆتۈش 10 يىل ئىچىدىلا بولدى) كىشىلەرگە مىللىي يېزىقنى ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىق كەلتۈردى، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىنىشىغىمۇ قۇلايسىزلىق كەلتۈرۈپ بەردى، تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، رۇس تىلىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا بۇيرۇق خاراكتېرىدە كېڭەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، چوڭ رۇسچىلىق خاھىشى ئۆسۈپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر بېسىم ھېس قىلىپ، مىللى مۇناسىۋەتتە بىر خىل توسالغۇ پەيدا بولدى. بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەپ، 30-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە مەركەز يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن تۈزۈلمە تۇرغۇزۇلۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ماھىيەتتە يەككە تۈزۈم كۈچەيتىلگەن دۆلەت بولۇپ قالدى. سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە دۆلەت بارا-بارا بىرلىككە قاراپ يۈزلەنگەچكە، كادىرلارنىڭ يۆتكۈلۈشى كۆپ بولۇپ كەتتى، ھۆكۈمەت ئەينى چاغدا مۇھىم نۇقتىنى چوڭ رۇسىچلىققا ھەم چوڭ رۇسچىلىق ۋە يەرلىك مىللەتچىلىككە قاراتقان ئىدى، كېيىن مۇھىم نۇقتا يەرلىك مىللەتچىلىككىلا قارىشى تۇرۇشقا ئۆزگەرتىلدى. ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىدا تىلنى پۈتۈنلەي بىرلىككە كەلتۈرۈش خاھىشى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. رۇس تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ كېڭەيتىشكە دائىر بۇيرۇق خاراكتېرلىك قارار مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە چىقىرىلغان ئىدى.
3
خېرېشۇف ھاكىمىيەت تۇتقاندىن كېيىن بىر تەرەپتىن «ھەر قايسى مىللەتلەر تىلى باراۋەر» دېسە، يەنە بىر تەرەپتىن ھەدەپ رۇس تىلىنى كېڭەيتىشنى تەرغىپ قىلدى؛ بىر تەرەپتىن «قوش تىل تۈزۈم»نى يولغا قويۇش كېرەك دېسە، ئەمەلىيەتتە يەنە بىر تەرەپتىن مىللىي تىلنى چەتكە قاقتى. قانۇن تۇرغۇزۇشتا تىلىنى كەمسىتىشكە دائىر ماددىنى تاپقىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە مىللىي تىلغا سەل قارايدىغان ھادىسىلەر ھەممە يەردە كۆزگە چېلىقاتتى.
1958-يىلى 11-ئايدا سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە سوۋېت مىنىستىرلار مەجلىسى بىرلىكتە «مەكتەپ بىلەن تۇرمۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە دۆلەت مائارىپ تۈزۈمىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پروگرامما»نى ماقۇللىدى. مەزكۇر ھۆججەتنىڭ 19-ماددىسىدا ھەر قايسى مىللىي مەكتەپلەر ئۆز مىللىتىنىڭ تىلى ئارقىلىق دەرس ئۆتۈشكە بولىدۇ، دەپ بەلگىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا «ھەر قايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇغۇچىلىرى چوقۇم رۇس تىلى ئۆگىنىشى كېرەك» دەپ ئالاھىدە تەكىتلەندى. ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەردە «ئۆز تىلى، رۇس تىلى، چەتئەل تىلى» بىلەن ئوقۇتۇش ئەھۋالى تەڭ مەۋجۇت ئىدى. پروگراممىدا: ئاتا-ئانىلار بالىلار ئۈچۈن زۆرۈر تىلىنى تاللاپ بەرسە بولىدۇ، مەكتەپلەردە شەرت ھازىرلانمىغان ئەھۋالدا چەت ئەل تىلىنى ئۆگەنمىسىمۇ بولىدۇ، دېيىلگەن.○27 ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە دەرس مىللىي تىلىدا ئۆتۈلمىگەچكە، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا مۇقەررەر ھالدا رۇس تىلىنى تاللاپ بەرمەي مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
1961-يىلى سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ 22-قۇرۇلتىيى قارارىدا رۇس تىلى ئۆگىنىش توغرىسىدا مەخسۇس توختىلىنىپ: رۇس تىلى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ «2-ئانا تىلى» دېيىلدى. يەنە كېلىپ پارتىيىنىڭ پروگرامىسىدا: «يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆز تىلىدىن باشقا رۇس تىلىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆگىنىش جەريانى ئاكتىپ ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى بۇ ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقى ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋە دۇنيا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىشقا پايدىلىق بولىدۇ» دەپ شەرھىلەنگەن ئىدى.○28
خېرېشوفنىڭ رۇس تىلىنى شۇ دەرىجىدە ھە دەپ كېڭەيتىشى ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىغا بولغان تونۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. خېرېشوفنىڭ كوممۇنىزمغا بولغان چاكىنا چۈشەنچىسى ۋە تېز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىدىيىسى ھەممىگە مەلۇم ئىدى. ئۇنىڭ «20 يىلدا سوتسىيالىزم قۇرۇپ بولۇش» دېگىنى تارىختىكى كۈلكىلىك گەپكە ئايلىنىپ قالدى. بۇ ئىدىيە مىللىي مەسىلىدە ئەكىس ئەتكەندە مىللەتلەر خىزمىتى ئۈچۈن «يېقىنلىشىش» ۋە «قوشۇلۇپ كېتىش» فاڭجېنىنى بەلگىلەش ۋە «يېڭى تارىخىي ئورتاق گەۋدە» نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا ئىپادىلەندى. ئەمەلىيەتتە ئۇ، رۇس تىلىنى «سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقى»دىن ئىبارەت بۇ «يېڭى تارىخي ئورتاق گەۋدىنىڭ ئورتاق تىلى» دەپ قارىغاچقا، ئۇنى جېنىنىڭ بېرىچە كېڭەيتتى. خېرېشوف بېلورۇسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر قېتىملىق نۇتۇقىدا:«بىز رۇس تىلىنى قانچە تېز ئۆگەنسەك، كوممۇنىزمنى شۇنچە تېز قۇرىمىز»دېگەن.○29 دەل مۇشۇ تونۇشنىڭ يېتەكچىلىكىدە خېرېشوف مەزگىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدا رۇس تىلىنى ئۆگىنىش ھەدەپ تەشەببۇس قىلىندى. مىللىي تىلنى ئىشلىتىلىشى ۋە تەرەققىياتىغا نىسبەتەن كۆڭۈل بۆلۈش يېتەرلىك بولمىدى. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى كۈندىن-كۈنگە تارىيىپ كەتتى. ئەسلىدە مىللىي تىل بىلەن دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەردە رۇس تىلىدا دەرس ئۆتۈلدى. نەزەربايوف مۇشۇ تارىخنى ئەسلەپ مۇنداق يازىدۇ: «قاقاس چۆللۈكلەردە داغا-دۇغا بىلەن بىنام ئاچقاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپا قىسمىدىن 2 مىليون 500 مىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى چىققان ئىدى. ھەر قايسى جايلاردا كەڭ كۆلەملىك يېڭى مەكتەپلەر قۇرۇلۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قازاق تىلى بىلەن دەرس ئۆتۈلىدىغان يەرلىك مەكتەپلەر بكار قىلىندى. كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا بالىلارغا ئانا تىلىنى ئۆگىتىشنىڭ پايدىسى يوق ئىكەن دەيدىغان بىر خىل ككز قاراش بارا-بارا شەكىللەندى. چۈنكى ھەممە ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدا دەرس بىردەك رۇس تىلىدا ئۆتۈلەتتى. ئاتا-ئانىلار بىز بۇ ئەۋلادلارغا: قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەم بولماقچى بولساڭلار چوقۇم رۇس تىلى ئۆگىنىڭلار، دەپ تەۋسىيە قىلاتتى. ھەتتا يەرلىك نوپۇس %90 دىن %95 گىچە بولغان رايونلاردىمۇ رۇس تىلىدا سۆزلەش بەلگىلەنگەن ئىدى.
يەرلىك زىيالىلار بولۇپمۇ يازغۇچى، شائىر ۋە سىنارستلار ئانا تىل ئاساسىنى يوقۇتۇپ قويدى، چۈنكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئانا تىل بىلەن يېزىش ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتقان ئىدى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ سانىمۇ ئازىيىپ كەتتى، ئۆز مىللىتى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش دېگەندەك ھەر قانداق گەپ مىللەتچىلىك مەۋقەسى دەپ قارالدى.»○30رۇس تىلى مەجبۇرىي كېڭەيتىلگەچكە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەرلىك مىللەتلەردە قارشىلىشىش ۋە زىتلىشىش پەيدا بولدى. مەسىلەن، 1965-يىلى ئۆزبېكىستاندىكى ھەر قايسى ئالىي ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار 1956-يىلى ۋە 1962-يىلىدىكى رۇس تىلى ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى «ئىجرا قىلمايمىز»، ئوقۇغۇچىلارغا رۇسچە سۆزلەش ۋە يېزش ئىقتىدارىنى ئىگىلەتمەيمىز، دېدى.○31

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  186
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 306
تۆھپە : 3
توردا: 78
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-15

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 17:34:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4
بېرژېنوف دەۋرىدە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ يېقىنلىشىشى ۋە قوشۇلۇپ كېتىشىنى تېزراق ئەمەلگە ئاشۇرۇش، «يېڭى تارىخىي خاراكتېرلىك كىشىلەر ئورتاق گەۋدىسى»نىڭ مۇستەھكەملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تىل مەسىلىسىدە رۇس تىلى «مىللەتلەر ئارا ئالاقىلىشىش تىلى» دەپ قارىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدا مەجبۇرىي كېڭەيتىلىپ ئومۇملاشتۇرۇلدى. مىللىي تىلنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە تەرەققىياتىغا نىسبەتەن كۆڭۈل بۆلۈش يېتەرلىك بولمىدى، مىللىي تىلنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى كۈندىن-كۈنگە تارىيىپ كەتتى.
بۇ دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى ئەل رەھبەرلىرى ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى قوزغىغان رۇس تىلىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئاكتىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئۆگىنىشنى يۈكسەك دەرىجىگە كۆتۈردى. 1981-يىلى ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-سېكرىتارى راشىدوف ئۆبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى دوكىلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن ئىدى: «رۇس تىلى-سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئوتتۇرىسىدا ئالاقىلىشىشدىغان تىل، ئىنتېرناتسىئونال تەربىيىسى ئېلىپ بارىدىغان قورال، چوڭ-كىچىك مىللەتلەرنى ئۆز ئارا يېقىنلاشتۇرىدىغان مۇھىم ئامىل. رۇس تىلى ئۆگىنىش يالغۇز ئىلىم-پەن، تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەنئەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىپ بارىدىغان يول بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تۇرمۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى ھېسابلىنىدۇ. بۇ، ئىنتايىن مۇھىم ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ۋەزىپە، پۈتكۈل ئىدىيىۋى خىزمەتتە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ نەتىجە قازىنىشنىڭ كاپالىتى.» ○32قىرغىزىستان كومپارتىيىسى مەكرىزى كومىتېتىنىڭ 1- سېكرىتارى ئۇسسۇلبايوف قىرغىزىستان كومپارتىيىسىنىڭ 17-قۇرۇلتىيىدىكى (1981-يىل) دوكىلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن ئىدى: «رۇس تىلى-ئېلىمىز ھەر مىللەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدە ئېتىراپ قىلىغان تىل بولۇپ قالدى. سوۋېت قىرغىزىستان ئەمگەكچى خەلقى بۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ. رۇس تىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى چوڭ-كىچىك مىللەتلەرنىڭ ئىنتېرناتسىئونالىزملىق ئىتتىپاقلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ناھايىتى ئوبدان خىزمەت قىلىدۇ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، مىللىي مەدەنىيەتنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن مول خىزمەت قىلىدۇ، كوممۇنىزم قۇرۇش مەسىلىسىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. رۇس تىلى-قىرغىز تىل-يېزىقىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، سۆزلۈك ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى بېيىتىش، قىرغىز تىلىنىڭ گىرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە غايەت زور رول ئوينايدۇ، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئارىسىدا رۇس تىلىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ○33رۇس تىلىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى ئەل رەھبەرلىك ئورگانلىرى ھەر خىل قاتتىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، رۇس تىلى ئۆگىنىشنى مۇنتىزملاشتۇرغان ھەم تۈزۈملەشتۈرگەن ئىدى. 1979-يىل 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مائارىپ مىنىستىرى شر مۇھەممىدۇف «سوۋېت ئۆزبېكىستان گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئۆزبېكىستاننىڭ بارلىق مىللىي يەسلىلىرىدە رۇس تىلى ئۆگىنىدىغان يۇقىرى سىنىپ ۋە تۆۋەن سىنىپ تەسىس قىلىندى. باشلانغۇچ مەكتەپلەردە رۇس تىلى ئوقۇتۇشىغا ئىنتايىن ئېتىبار بېرىلدى. ھازىر 1-يىللىقتىن 3-يىللىققىچە بولغان %87 ئوقۇغۇچىغا ئالىي مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ئوقۇتقۇچىلار رۇس تىلى دەرسى ئۆتمەكتە.»، «رۇس تىلىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ئۈچۈن جۇمھۇرىيەتتە يەنە جۇمھۇرىيەتلىك ۋە ئوبلاستلىق ياتاقلىق مەكتەپلەر قۇرۇلدى... جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى 496 ئادەتتىكى مەكتەپتە كەسپىي سىنىپلار تەسىس قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە 20 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى رۇس تىلى ۋە رۇس ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ.» «جۇمھۇرىيەتتىكى 6850 ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە سەككىز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەردە رۇس تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئوقۇتۇش ئىشخانىسى تەسىس قىلىندى.» ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ 1-سېكرتارى راشدوف 1979-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى رۇس تىلى ئىلمىي-نەزەرىيە يىغىنىدا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزبېكىستاندىكى بارلىق يەسلى، ئادەتتىكى مەكتەپ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، تېخنىكا مەكتىپى ۋە ئالىي مەكتەپلەردە... رۇس تىلى ئاساسلىق دەرسلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ... رادىئو، تېلېۋىزور ۋە نەشىرىياتتىن ئىبارەت بۇ ئاممىۋى خاراكتېرلىك تەشۋىقات ۋاستىلرىى، ياشلار ۋە چوڭلارنىڭ كۇرس ۋە گورۇپپىلىرى ھەر خىل تەشكىللىك ئوقۇتۇش شەكىللىرىگە ئوخشاشلا رۇس تىلى ئوقۇتۇشىدا غايەت زور رول ئوينىماقتا.»
ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ رۇس تىلىنى كېڭەيتىشكە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تەدبىرلىرى قەتئىي بولغاچقا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ رۇس تىلى سەۋىيىسى ناھايىتى تېز ئۆسكەن. 1970-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە بولغان قىسقىغىنا توققۇز يىل ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەرلىك مىللەتلەر ئىچىدە رۇس تىلىنى ئىگىلىگەن كىشىلەرنىڭ سانى روشەن دەرىجىدە كۆپەيگەن. تۆۋەندىكى جەدۋەلگە قاراڭ:
1970-1979-يىلى ئارىلىقىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا تەۋە بەش دۆلەتتىكى ئاساسلىق مىللەتلەر ئىچىدىكى رۇس تىلى سەۋىيىسى يۇقىرى ھەمدە قوش تىللىق كىشىلەرنىڭ سانى جەدۋىلى○34
ئادەم سانى (مىڭ)    ئومۇمىي ئادەم سانى ئىچىدە ئىگىلىگەن پىرسەنتى %    تۈر
مىللەت
1979    1970    1979    1970   
6141    1331    49.3    14.5    ئۆزبېك
3429    2216    52.3    41.8    قازاق
560    277    29.4    19.1    قىرغىز
515    235    25.4    15.4    تۈ*ركىمەن
858    329    29.6    15.4    تاجىك
رۇس تىلىنى 2-تىل قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ 1970-1979-يىلى ئارىلىقىدىكى كۆپىيىش نىسبىتى سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. تۆۋەندىكى جەدۋەلگە قاراڭ:
1970-1979-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى ئاساسلىق مىللەتلەردە رۇس تىلىنى 2-تىل قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىش جەدۋىلى○35
كۆپىيىش نىسبىتى    مىللىتى    كۆپىيىش پىرسەنتى    مىللىتى
49.4    ئەرمەن    361.4    ئۆزبېك
44.3    مولداۋى    160.8    تاجىك
42.6    ئوكرائىن    122.9    ئەزەربەيجان
37.9    گىرۇزىن    119.1    تۈ*ركىمەن
26.3    لاتىش    102.2    قىرغىز
21.7    بېلورۇس    55.3    لىتىۋان
15.4-    ئىستونى    55.7    قازاق
رۇس تىلى سەۋىيىسىنىڭ روشەن ئۆسۈش، رۇس تىلىنى ئىگىلىگەن كىشىلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىش ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىنى ئىشلىتىشىگە ئېتىبار بېرىلمىگەن. 1991-يىلى قازاقىستاننىڭ ھازىرقى پېرىزدىنتى نەزەربايوف قازاقىستاندا قازاق تىلىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى ئۈستىدە توختالغاندا ئەندىشە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«ئاساسلىق مىللەت تىلى دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىشلىتىلمەي، بىر خىل تۇرمۇش تىلى، ئاشخانا تىلى بولۇپ قالدى. %33 قازاق زادى قازاقچە سۆزلىيەلمەيدۇ ياكى بۇزۇپ سۆزلەيدۇ. بۇ، ياش ئەۋلادلارنىڭ ئۆز يىلتىزىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى، مەنىۋى جەھەتتىكى ئەنئەنىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى، خەلقنىڭ جۇشقۇن مەدەنىيەتنىڭ مەنبەسىنىڭ تۈگەشكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.» ○36«سوۋېت ئىتتىپاقى مىللەتشۇناسلىقى» ژۇرنىلىنىڭ 1991-يىل 1-ساندىكى بىر پارچە ماقالىدە، ئۆزبېكىستاندىكى ئاساسىي مىللەت بولمىغان تاجىكلارنىڭ تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئۈستىدە توختىلىپ، تاجىك تىلىنىڭ ئۆزبېكىستاندا تازا ئاقمايدىغانلىقى ئاشكارلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «تاجىك تىلى بارا-بارا سەمەرقەنت ۋە بۇخارا تاجىكلىرى ۋە تاجىك تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئاھالىلەرنىڭ (ئىرانلىقلار، ئوتتۇرا ئاسىيا يەھۇدىلىرى ۋە سىگانلارنىڭ) ئۆي ئىچى تىلى ياكى كۈندىلىك ئالاقە تىلى بولۇپ قالدى. ئۇ، مائارىپ، سىياسەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ئۆزبېك تىلىغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى... ئۇرۇشتىن بۇرۇن(سەمەرقەنت) شەھىرىدە ئۆزبېك تىلىدىكى مەكتەپتىن ئاران ئىككىسى بار ئىدى. ئوقۇغۇچىلار ئاساسلىقى ئىران بالىلىرى ئىدى، قالغانلىرى ئاساسەن تاجىك تىلىدىكى مەكتەپلەر ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە رۇس تىلىدىكى مەكتەپتىن بىر قانچىسى، ئەرمەن تىلىدىكى مەكتەپتىن ئىككىسى بار ئىدى. ھازىر شەھەرلەردە تاجىك تىلىدىكى مەكتەپتىن بىرسىمۇ قالمىدى.»رۇس تىلى كېڭەيتىلگەنلىكى، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتلەردە ئەۋزەل ئورۇن تۇتقانلىقى تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەرلىك ئاھالىلەر پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلىدىن ۋاز كەچتۈرۈپ، رۇس تىلىغا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. «بارلىق ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە دەرس رۇس تىلىدا ئۆتۈلگەچكە»، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەرلىك مىللەتلەر ئارىسىدا رۇس تىلى ئارقىلىق ئاسسىملىياتسىيە بولۇپ كەتكەن كىشىلەر سانى 1959-1979-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بارا-بارا كۆپەيگەن. تۆۋەندىكى جەدۋەلگە قاراڭ:
1959-1979-يىلى ئارىلىقىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ رۇس تىلى ئارقىلىق ئاسىمىلياتسىيە بولۇش ئەھۋالى:
مىللەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى%    تىل ئارقىلىق ئاسىمىلياتسىيە بولغان ئادەم سانى    تۈر
مىللەت
1979    1970    1959    1979    1970    1959   
105    1.4    1.6    187000    124000    94000    ئۆزبېك
2.2    1.5    1.9    64000    32000    26000    تاجىك
2.5    2.0    1.6    164000    104000    59000    قازاق
1.3    1.1    1.1    26000    17000    11000    تۈ*ركىمەن
2.1    1.2    1.3    40000    18000    13000    قىرغىز
يەرلىك مىللەتلەر تىلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېتىبارسىز قارىلىشى، ئوتتۇرا ئاسىياغا تەۋە ھەر قايسى ئەللەردىكى رۇس قاتارلىق ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ ئاساسلىق مىللەت تىلىنى ئىگىلەش نىسبىتىنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، قازاقىستاندا 1970-يىلى پەقەت %1 لا رۇس (55118 ئادەم) قازاق تىلىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىگىلىگەن ئىدى. 1979-يىلىغا كەلگەندە قازاق تىلىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىگىلىگەن رۇس %0.3 (15281 ئادەم)گە چۈشۈپ قالدى. رۇسلار ئىچىدە باشقا ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى ئىگىلىگەنلەر تېخىمۇ ئاز ئىدى. ○37
رۇس تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش زىيادە تەكىتلەنگەنلىكى، ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى ئىشلىتىشكە ئېتىبارسىز قارالغانلىقى تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەرلىك مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبى ئېغىر دەرىجىدە جاراھەتلەندى، نەتىجىدە رۇس تىلىنى كېڭەيتىشكە نىسبەتەن ئۇلاردا بىر خىل چەتكە قېقىش ياكى توسقۇنلۇق كەيپىياتى شەكىللەندىئ 1972-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى «سوۋېت قىرغىزستان گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، قىرغىزستان جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى يۇداسىن پەنلەر ئاكادېمىسىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدا ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا:«رۇس تىلىنى قىرغىزلارنىڭ 2-تىلى قىلىش كۆز قارىشى توغرىمۇ-قانداق؟ بۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا ئەرزىيدۇ» دېگەن. 1973-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى «سوۋېت قىرغىزىستان گېزىتى»دە قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، يازغۇچى سەئىدبىكوف بىلەن ئەدىب سادىقوف تەنقىد قىلىنغان ئىدى. ماقالىدە ئاشكارىلىنىشىچە، سەئىدبىكوف قىرغىز تىلىنى «چەتتىن كىرگەن سۆزلەر»، يەنى رۇس تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ قاپلاپ كەتكەنلىكىدىن نارازى بولۇپ، «مىللىي تىلنى تۈپتىن ياخشىلاش» ھەمدە «ئۇنىڭ ساپلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. يۇقىرىقى ماقالىدە ئۇ يەنە «ئۆز تىلى بىلەن ئۇلۇغ رۇس تىلىنى قارىمۇ-قارشى قىلىپ قويۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ»دەپ ئەيىبلەنگەن. بۇ ئەھۋاللار ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەرلىك مىللەتنىڭ رۇس تىلىنى كېڭەيتىشنى تەكىتلەشكە نىسبەتەن ئىپادىلىگەن ئاساسىي كەيپىياتى ھېسابلىنىدۇ.
شۇنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈش كېرەككى، بېرژېنىف دەۋرىدە رۇس تىلىنى كېڭەيتىشتىكى ئالدىراڭغۇلۇق ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ تىل تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەسىر تېخى «كىرزىس» ھالىتىگە بېرىپ يەتمىگەن ئىدى. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيىتقاندا، بېرژېنىف دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى تىلىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىدا ئاساسىي جەھەتتىن ياخشى ھالەت ساقلىنىپ كەلگەن ئىدى. 1959-1979-يىلى ئارىلىقىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسلىق مىللەتلەر ئانا تىلىنىڭ ساقلىنىپ قېلىش نىسبىتىدە زور ئۆزگىرىش بولمىغان، ئىشلىتىلىش ئۈنۈمدارلىقى يەنىلا ناھايىتى يۇقىرى بولغان. تۆۋەندىكى جەدۋەلگە قاراڭ: ○38
ئۆز ئانا تىلىنى ئانا تىل قىلىش نىسبىتى%    تۈر
مىللەت
1979    1970    1959   
98.5    98.6    98.4    ئۆزبېك
97.5    98.0    98.4    قازاق
97.8    98.5    98.1    تاجىك
98.7    98.9    98.9    تۈ*ركىمەن
97.9    98.8    98.7    قىرغىز
5
گورباچېۋ ھاكىمىيەت تۇتقاندىن كېيىن،«دېموكراتىيىلىشىش» ۋە «ئوچۇق-ئاشكارە بولۇش»نى تەشەببۇس قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى مەسىلىسىگە ئېتىبار بېرىشكە باشلىدى. 1988-يىلى سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى قارارىدا: «بارلىق پۇقرالار ئۆز مىللەت تىلىنى ئەركىن تەرەققىي قىلدۇرسا ۋە ئۇنى باراۋەر ئىشلەتسە بولىدۇ» دەپ تەكىتلەندى. گورباچېف مىللىي مەسىلە ئۈستىدە توختالغاندا ھەر مىللەت تىلىنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكى ۋە ئۇنى ئەركىن تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىملىقىنى، مىللىي تىلنى يوقۇتۇۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن ئىدى: 6000 نوپۇسقا ئىگە بىر مىللەتنىڭ تىلىنى، تارىخىنى، ئەنئەنىسىنى يوقۇتۇۋەتسە چوڭ گۇناھ، ھەتتا جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. 1989-يىلى 9-ئايدا سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ماقۇللىغان «نۆۋەتتىكى شارائىتتا پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتى» دېگەن پروگراممىدا، «دۆلەت تىلى» مەسىلىسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە كىرىدۇ، رۇس تىلىنى«مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش قوللىنىلىدىغان ھەمدە ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ تىلى بىلەن باراۋەر ئاساستا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك تىل قىلىپ بېكىتىش كېرە» دەپ قارالدى. ○40گورباچېفنىڭ يېڭى تىل سىياسىتىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن 1989-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قازاقىستان مەكتەپلىرىدە قازاق تىلى، رۇس تىلى، ئۇيغۇر تىلى، ئۆزبېك تىلى ۋە تاجىك تىللىرىدا دەرس ئۆتۈلدى. بەزى جايلاردا نېمىس تىلى، كۇرىيە تىلى، تۇڭگان تىلىنى ئۆگىنىش باشلاندى. جۇمھۇرىيەتتە ئالتە مىللەت تىلىدا كىتاب، ژۇرنال، گېزىت نەشىرى قىلىندى. بەش خىل تىلىدا رادىئو ئاڭلىتىشى يولغا قويۇلدى. قازاقىستان يەرلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يەرلىك مىللەتتىن بولمىغان پۇقرالاردىن يەرلىك مىللەت تىلىنى ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلىدى ھەمدە «بۇ، مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتكە خاس مەدەنىيەت يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلايدۇ، بۇنداق قىلىش ناھايىتى مۇھىم» دەپ قارالدى. ○41 1989-يىلى قازاقىستاندا تىل قانۇنى ئېلان قىلىنىپ، قازاق تىلى قازاقىستاننىڭ دۆلەت تىلى، رۇس تىلى مىللەتلەر ئارا ئالاقە قىلىدىغان تىل، دەپ بەلگىلەندى. تىل قانۇنىدا: قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى ۋە باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى يىغىن چاقىرغاندا قازاق تىلى ئىشلىتىلىدۇ. قازاق تىلىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرگە رۇسچە ياكى باشقا مىللەت تىلىدا تەرجىمە قىلىپ بېرىلىدۇ. جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ۋە باشقۇرۇش ئورگانلىرى قانۇن، پەرمان ئېلان قىلغاندا قازاق تىلى ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. قازاق تىلى ئىشلىتىلمەيدىغان ئادەتتىكى مەكتەپ، كەسپىي تېخنىكا مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەردە قازاق تىلى دۆلەت تىلى سۈپىتىدە ئوقۇغۇچىلارغا  زۆرۈر دەرس قىلىنىدۇ. جۇمھۇرىيەتتە رادىئو، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ئاساسەن قازاق تىلىدا تارقىتىلىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.
قازاقىستاندا تىل قانۇننىڭ چىقىرىلىشى بىلەن ئاساسىي مىللەت تىلى بولغان قازاق تىلىنىڭ ئورنى زور دەرىجىدە ئۆستى. بۇ، قازاقلاردىن ئىبارەت ئاساسىي مىللەت ئېڭى كۈچەيگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئۇ، رۇس تىلىنى كېڭەيتىش ۋە ئىشلىتشكىلا ئېتىبار بېرىپ، ئاساسىي مىللەت تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ۋە تەرەققىياتىغا سەل قاراش خاھىشىنى تۈزۈتۈشكە پايدىلىق ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۆت دۆلەتمۇ تىل قانۇنىنى ئوخشاش مەزمۇندا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلدى. شۈبھىسىزكى، بۇ ھەر قايسى ئاساسىي مىللەت تىللىرىنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈشتە، ئىشلىتىش ئۈنۈمى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە غايەت زور رول ئوينىدى. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ تىل قانۇنى ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورنى ئاجىزلاشقان، ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ئېڭى كۈچىيىۋاتقان شارائىتتا چىقىرىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى سىياسىي مەقسەت ناھايىتى ئېنىق ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، تىل قانۇنى ئاساسىي مىللەت تىلىنىڭ ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇقەررەر ھالدا بەزى پاسسىپ ئاقىۋەتلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. بىرىنچىدىن، ئاساسىي مىللەت تىلى دۆلەت تىلى قىلىپ بىكىتىلگەندە ئەمەلىيەتتە ئاساسىي مىللەت تىلى ئالاھىدە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. يەنە كېلىپ تىل قانۇنىدا ئۇنىڭ ئالاھىدە رولى ۋە ئىقتىدار بەلگىلەنگەچكە، باشقا تىللار بىلەن روشەن پەرقىلىق بولۇپ قالىدۇ-دە، نەتىجىدە ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئاساسلىق بولمىغان مىللەتلەر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن تىلدا باراۋەرسىزلىك ھادىسلىرى كېلىپ چىقىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇرۇن رۇس تىلىنى كېڭەيتىشتە يۈرگۈزۈلگەن مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى ھەر قايسى ئاساسلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. يېڭى تىل قانۇنىدا ئاساسلىق مىللەتلەر تىلى قاتتىق بەلگىلىمە ئارقىلىق مەجبۇرىي يولغا قويۇلسا، ئاساسلىق بولمىغان مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ رۇسلاردىن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل ئۆگىنىشتىكى يۈكنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ، ئەڭ ئېغىرى شۇكى بىر خىل قوساق كۆپۈش ۋە نارازى بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۈچىنچىدىن، تىل قانۇنىدا ئاساسلىق مىللەت تىلىغا دۆلەت تىلىنىڭ ئورنى ئاتا قىلىنغان، ئەمما، ئالاقىلىشىش رولى ئاساسلىق مىللەت تىلىدىن زور دەرىجىدە ئۈستۈن تۇرىدىغان رۇس تىلىغا مۇناسىپ ھالدا ئورۇن بېرىلمىگەن. بۇنداق بولغاندا، ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قوش تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ھەمدە بۇ ئارقىلىق سىرتقا قارىتا ئالماشتۇرۇشقا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، رۇس تىلى دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تېز ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان تىللارنىڭ بىرى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى خىزمەت تىللىرىنىڭ بىرى.
قىسىقسى، سوۋېت مەزگىلىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ تىلىنى تارىخىي نۇقتىدىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق سوتسىيالىستىك دۆلەتتە مىللەتلەر تىلى مەسىلىسى مىللىي مەسىلىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىش-قىلالماسلىققا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. سوتسىيالىستىك دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان كوممۇنىستىك پارتىيە مىللەتلەر تىلى مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقىغا، مۇرەككەپلىكىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى، ئەمەلىيەتكە، ئىلىم-پەنگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تىل سىياسىتىنى بەلگىلەپ چىقىشى، چوڭ مىللەت تىلىنىڭ رولىغا سەل قارايدىغان ياكى ئۇنى زىيادە مۇبالىغە قىلىۋېتىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك.

ئىزاھات:
① ۋەلىيوف: «ئوتتۇرا ئاسىيا سوۋېت مىللىي زىيالىيلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى»، تاشكەنت، 1966-يىلى، 67-بەت.
② «سوۋېت كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى مەدەنىيەت ئىنقىلابى»، شاڭخەي خەلق نەشرىياتى، 1978-يىلى 207-،208-بەتلەر.
③ مەسئۇل مۇھەررىر بروملېى:«سوۋېت ئىتتىپاقى ھازىرقى زامان مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى»، ئىلىم-پەن نەشىرىياتى. 1977-يىلى، مۇسكۋا، 261-بەت.
⑨⑦⑤④ «لېنىن ئەسەرلىرى» خەنزۇچە نەشىرى، خەلق نەشىرىياتى، 1985-يىلى 20-توم، 57-، 59-، 11-،2-بەتلەر.
⑩⑧⑥ «لېنىن ئەسەرلىرى» خەنزۇچە نەشىرى، خەلق نەشىرىياتى، 1985-يىلى، 19-توم، 426-، 74-، 354-بەتلەر.
⑪ «سوۋېت ئىتتىپاقى ئاساسىي قانۇن تارىخى» (1917- 1936-يىللىرى سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ قارار، قانۇنلىرى)، موسكىۋا 31-،32-بەتلەر.
⑫ «لېنىن ئەسەرلىرى» خەنزۇچە نەشىرى، خەلق نەشرىياتى، 1985-يىلى، 36-توم، 633-بەت.
⑰⑬ «قازاقىستان سوۋېت ئاپتونومىيە رېسپوبلىكىسىنىڭ قۇرۇلىشى(ھۆججەت ماتېرىياللار توپلىمى)، ئالمائاتا، 1957-يىلى، 296-،257-بەتلەر.
⑭ «سوۋېت ئىتتىپاقى مىللىي مەسىلىلەرگە دائىر ھۆججەتلەر توپلىمى»، كىتابلار مۇندەرىجىسى ھۆججەت ماتېرىياللار نەشرىياتى 1987-يىلى، 94-بەت.
○21⑳⑲⑮ «سىتالىن ئەسەرلىرى» خەنزۇچە نەشىرى، خەلق نەشىرىياتى، 1950-يىلى 4-توم 318-بەت، 7-توم 115-بەت، 11-توم 303-بەت، 12-توم 319-بەت.
⑯ «قازاقىستان جۇمھۇرىيەت تارىخى» 2-توم، ئالمائاتا، 1959-يىلى، 62-بەت.
⑱ «قىرغىزىستان تارىخى»2-توم، فرونزا، 1963-يىلى، 297-بەت.
○22 «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت دۆلەتنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993-يىلى 25-بەت.
○23 «يېڭى تۈ*ركىي ئېلىپبە ئۈچۈن جەڭ قىلايلى» توپلىمىغا قارالسۇن، موسكۋا، 1926-يىلى.
○24 تېنىشىف:«تۈ*ركىي تىللار تەتقىقاتىغا كىرىش سۆز»، لى زېڭشىياڭنىڭ «تۈ*ركىي تىللار ھەققىدە بايان»ىغا قارالسۇن. مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى نەشرىياتى، 1992-يىلى 304-بەت.
○25○26 مەسئۇل مۇھەررىر بروملېىي:«سوۋېت ئىتتىپاقى ھازىرقى زامان مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى 267-بەت.
○27 مۇجۇرىننىڭ «سوۋېت ئىتتىپاقى شەر*قىي ياۋروپا مەسىلىلىرى»گە بېسىلغان «سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مىللىي كىرزىسنىڭ مەنبىئى ئۈستىدە ئىزدىنىش» دېگەن ماقالىسىغا قارالسۇن، 1991-يىلى 6-سان.
○40○39○28«ھەقىقەت گېزىتى» 1961-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى، 1988-يىل 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، 1989-يىل 9-ئاينىڭ 24-كۈنى.
○29 (سوۋېت ئىتتىپاقى)«تارىخىي مەسىلىلەر» 1990-يىل 3-سان.
○30 نەزەربايوف:«ئىزدىنىش يولى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995-يىلى 29-بەت.
○32○31 ئۆزبېكىستان «شەر*ق ھەقىقىتى گېزىتى» 1965-يىل 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، 1981-يىل 2-ئاينىڭ 4-كۈنى.
○33 «سوۋېت قىرغىزىستانى گېزىتى» 1981-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى.
○38○35○34 دۈەن شىخۇ تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن «سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مىللەتلەر نوپۇسى مەسىلىسى»، بېيجىڭ، 1981-يىلى، 488-، 49-، 43-بەت.
○36 شېن بىڭنىيەننىڭ«ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى» ژۇرنىلىغا بېسىلغان «نەزەربايوفنىڭ ئىتتىپاقنى ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلاش ھەققىدىكى بايانلىرى»غا قارالسۇن، 1991-يىلى 4-سان.
○37 ھەسەنوف: «ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى، قوش تىل ۋە كۆپ تىل؛ ئىزدىنىش ۋە ئىستىقبال»، ئالمائاتا، 1989-يىلى.
○41 كامىلجانوف:«سوۋېت كومپارتىيىسى مىللىي سىياسىتىنىڭ لېنىنىزمچە پرىنسىپى ۋە مىللەتلەر ئارا تەربىيىدىكى جىددىي مەسىلە»، شۇ نامدىكى ماقالىلار توپلىما قارالسۇن، ئالمائاتا، 1987-يىلى، خەنزۇچە قىسقارتىلما تەرجىمىسى «ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى»نىڭ 1988-يىلى 1-،2-سانىغا بېسىلغان.
(«قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»(خەنزۇچە 1998-يىلى 2-سانىدىن غەيۇر ئابدۇقادىر تەرجىمىسى).

قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى 1998-يىل 4-سانىدىن ئېلىندى.

2-مەنبە:تاجىكام تاجىك تارىخ مۇنبىرى.

bagyar ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1264
تۆھپە : 32
توردا: 371
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-26

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 21:38:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ماتېرىيال قىلىپ ساقلاپ قويغىدەك تېمىدىن بىرەرسى چىقىتى ئاخىرى.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3139
تۆھپە : 1
توردا: 561
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-20

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 01:00:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ناھايىتى موھىم تېمىكەن.خېلى يىللار بولدى.دۇنيادا  ھازىر  بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ تىلى يوقۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.دۇنيادا غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قارارى  چىقىرىلىشتىن ئىلگىرى يوقۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان تىللارنى قۇتقۇزۇش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلغان.شۇ جەرياندا تىلشۇناسلار ۋە مىللەتشۇناسلار تىلنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى ھېس قىلغان.شۇنىڭ بىلەن دۇنيا غەيرى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۇقۇمى ....بارلىققا كەلگەن.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1222
تۆھپە : 7
توردا: 285
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-23

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 09:18:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نىمىشقىكى خۇددى سۈيۇقاشقا چامغۇر سالغاندەك ئاندا-ساندا ئۇچراپ

قالىدىغان مۇشۇنداق ۋەزنى ئېغىر تېمىلارنى كۆرسەم بۆلەكچە خۇش بوپ كېتىمەن.

مۇنبەرگە قەدەم باسقىنىمغىمۇ تۇلۇق رازى بولىمەن. بۇنداق تېمىلارنى ساقلاپ قويۇشقا

ئەرزىيدۇ.  بۇ ماقالىنى ئوقۇپ زامان-زامانلاردىن بېرى خۇددى خوشنا ھويلىدا ئولتۇرۇۋاتقان كىشىلەردەك بىر ئۈن، بىر سۆزدە ھەمدەم بولۇپ ياشاپ كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈ*ركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان ئارلىغىمىزنىڭ نىمە ئۈچۈن بارغانسىرى يىراقلاپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئايبۈۋىنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت! مۇشۇنداق ئېسىل تېمىلارنى  دائىم يوللاپ تۇرغايسىز!



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-19 09:19  


ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  186
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 306
تۆھپە : 3
توردا: 78
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-15

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 16:57:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە تاجىكام دەپ بىر مۇنبەر بار، ئۇ مۇنبەردە بۇنىڭدەك تىمىلار خېلى كۆپ، لېكىن زىيارەتچىلىرى ئاز(بىر قىسىم تاجىك زىيارەتچى بىلەن چەكلىنىدۇ). كۆپرەك ئادەم كۆرۈپ پايدىسى تېگەر دەپ يوللىغان، لېكىن مۇنبەر تۈزۈمىدە باشقا مۇنبەردىن كۆچۈرۈشكە بولمايدىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن تۈزۈمگە ئەمەل قىلىپ، چاپلامچىلىق قىلمايمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  486
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 278
تۆھپە : 0
توردا: 55
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-20

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 18:13:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك تېما بۇپتۇ. ئەينى چاغدا ئاساسلىق بەش مىللەتنىڭ ئىچىدە تاجىكلارنىڭ ساۋاتلىق بۇلۇش نىسپىتى ئەڭ يۇقىرى ئىكەنتۇق تە!

مەن قايتىپ كەلدىم

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1413
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1076
تۆھپە : 0
توردا: 116
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-26

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 11:05:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپ قويۇش ، پايدىلنىش ، پىكىر يۈرگۈزۈش قىممىتى يۇقۇرى تېمىدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم ، مۇشۇنداق مەنپەتلىك تېمىلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  717
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 444
تۆھپە : 0
توردا: 58
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 12:05:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىمىمتى بار ماقالىكەن.

مىھىر نېمە ئۇ؟ بىر پىيالە سۇ،
بۇ دۇنيادا يوق بىرمۇ چاڭقىمىغان لەۋ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش