قارايۈز يوللىغان ۋاقتى 2013-11-10 02:48
ئانالىز ئىسىملىك تورداش مەزكۇر تېما ئاستىدىكى ئىنكاسل ...
قارا يۈز ئەپەندى ئۆزىڭىزچە مىنىڭ سۆزلىرىمنى بۇرمىلاپ،نەدىكى ئاقماس مىساللارنى كۆرسىتىپسىز.
مەن مىسالغا ئالغان سۆزلەر توغۇرلۇق بىر نەرسە دىيەلمەپسىز.مەسىلەن شېئىر نى شىر دىسە ئۇنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ.ۋە دەل جايىدىلا رەددىيەگە ئۇچرايدۇ.ئىشت سۆزىنى يامان ئەمەس مىسالغا ئاپسىز.لىكىن بىر تەرەپلىمە...مەن دىمەكچى خەلىق دىگەن سۆزنى ھەممەيلەن ھەتتا يۈزى قارابولغان ئەپەدى سىزمۇ شۇنداق دەيسىز.دوس دىگەن سۆزنىمۇ شۇ.مەن ئۇنداق دېمەيمەن دەپ تۇرىۋالسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ.چۈنكى سىزنىڭ قوللانغان ئىسمىڭىزغا ھۆرمەت قىلىپ مەنمۇ ھە ماقۇل دەپ قويىمەن.سىزنىڭ بۇ يەردە قويالىغان بىردىنبىر ئاساسلىق پاكىتىڭىز نەشىرىيات ئۆتكىلى خالاس.
مەلۇم ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدە مەلۇم بىر يازمىغا قەلەم تەۋرەتكۈچى نەشىرىياتنى مەقسەت قىلىدىكەن ئۇ چوقۇم سىياھقا سۇ ئارىلاشتۇرۇپ قويغان بولىدۇ.قارا يۈز بولىدۇ.ئەسەرنى يازغۇچى يېزىش ئۈچۈن،قەلبىدە پارتلىغان ئىلھامنى تۆكۈپ تاشلاش ئۈچۈن يازىدۇ دەپ قارايمەن.مەيلى ئۇ نەشىرىيات دەرۋازىسىغا بارالىسۇن بارالمىسۇن خەلىق ۋە تارىخ ئاخىرىدا ئۆز باھالىرىنى بېرىدۇ.ئىشەنمىسىڭىز قاراپ بېقىڭ.سىز دىگەن شۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ يېزىقىمۇ بىزنىڭ ھازىرقى يېزىقىمىزدىن كۆپ پەرقلىنىدۇ.ھەم سىزنىڭ ئىملا كىتابىڭىزغىمۇ چۈشمەيدۇ.دېمەك بۇرۇنقى ئىملا تەرەققى قىلىپ بىزنىڭ قولىمىزدىكى ئېملا كىتابلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.ئەمما سىزدەك پىكىردىكى بىر مۇنچىلار بۇ ئىملا كىتابى ھازىرقى ئىشلىتىۋاتقان تىلىمىزدىن يىراقلاپ كەتسىمۇ،شۇنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىپ جاھىللىق قىلماقتا.سىزنىڭ ماڭا ياققان بىردىنبىر سۆزىڭىز مىنى يېرىم چېلەك سۇغا ئوخشاتقىنىڭىز.مەن مەڭگۈ يېرىم چېلەك سۇدەك شالاقلاپ ئاۋاز چىقىرىپ تۇرۇشنى خالايمەن.ئەمەلىيەتتە سىزمۇ بەزىبىر چېلەكلەرگە سېلىشتۇرغاندا لىق ئەمەس.پەرق پەقەت چېلەكتىكى سۇنىڭ كۆپ ئازلىقىدا.ئەگەر مەن توشاق دەپ قارىسڭىزمۇ قوللانغان ئىسمىڭىز سەۋەبلىك سىزدىن خاپا بولۇپ كەتمەيمەن.ئاخىرىدا بىر گەپ مەن نەشىرىياتتىكىلەرنىڭ ياقىسىغا ئېسىلمايمەن.مەن مۇشۇنداق توردا دەيمەن.چۈنكى نەشىىريات ياقا سىقىشىدىغان يەر ئەمەس.تور سۆزلەيدىغان يەر. نېمە دىسەم ئىختىيارىم.