كۆرۈش: 1241|ئىنكاس: 13

شىنجاڭ كىنوچىلىقىدىكى تۆھپىكار شەخس ـــ گۇاڭ چۇنلەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  307
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1381
تۆھپە : 3
توردا: 631
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 12:53:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

F201308292242573546700000[1].jpg

F201308292243270186700000[1].jpg
F201308292255026676700000[1].jpg
F201308292255241776700000[1].jpg
F201308292305392306700000[1].jpg
F201308292305581646700000[1].jpg
F201308292306209296700000[1].jpg
F201308292306419456700000[1].jpg
F201308292307025666700000[1].jpg
F201308292307247686700000[1].jpg
F201308292308502966700000[1].jpg
F201308292309595496700000[1].jpg
F201308292310220096700000[1].jpg
F201308292311264086700000[1].jpg
F201308292255241776700000[1].jpg
F201308292334331036700000[1].jpg
F201308292324478516700000[1].jpg
F201308292311460986700000[1].jpg




شىنجاڭ كىنوچىلىقىدىكى تۆھپىكار شەخس ـــ گۇاڭ چۇنلەن




80-يىللاردىن 90-يىللارغىچە بولغان ۋاقىتلار شىنجاڭ كىنوچىلىق تارىخىدىكى ئالتۇن دەۋر بولۇپ، كۆپلىگەن كىنو ئەسەرلىرى شىنجاڭ ئىچىدىلا ئىنتايىن ياخشى بولغان ئىجتىمائىي ئىنكاسكا ئېرىشىپ قالماي، يەنە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى خېلى كۆپ كىنو فېستىۋاللىرىدىمۇ مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. مەسىلەن «ئارتىس بولمايدىغان قىز»، «ساھىبجامالنىڭ ئۆلۈمى» قاتارلىق فىلىملەر تىلغا ئېلىنسا ھازىرمۇ كىشىلەر باش بارمىقىنى چىقىرىپ ماختىشىپ كېتىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر 90- يىللاردىن كېيىن شىنجاڭ كىنو-فىلىملىرىنىڭ تايىنى قالمىغانلىقىنى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنىڭ ئاساسەن يوقلۇقىنى بايقىدى.

  ئادەتتىكى كۆرۈرمەنلەر ئارتىسلارنى كۆپرەك تونۇيدۇ، ئۇلارغا كۆپرەك دىققەت قىلىدۇ. بىراق بىر تۆھپىكار شەخس كەسپداشلىرى ئىچىدە ئىزچىل ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلدى، ئۇ دەل گۇاڭ چۇنلەن.
 تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيەسىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رېژىسسورى گۇاڭ چۇنلەن ئىلىنىڭ چاپچال ناھىيەسىدىن بولۇپ، مىللىتى شىبە، 1940-يىلى لەنجوۋدا تۇغۇلغان. ئىلگىرى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1966-يىلى بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىنىڭ رېژىسسورلۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.

  گۇاڭ چۇنلەننىڭ رەسمىي كەسپىي ھاياتى 1979-يىلى شاڭخەي كىنو ستۇدىيەسى سۈرەتكە ئالغان «قارلىقتىكى ئات»، «كۆك ئارخىپ» فىلىملىرىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىدا ياردەمچى رېژىسسورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشتىن باشلانغان بولۇپ، كېيىن 1980-يىلى نەنجىڭ كىنو ستۇدىيەسىدە رەڭلىك بالىلار فىلىمى «قوزام»غا مۇستەقىل رېژىسسورلۇق قىلغان.
1981-يىلى تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيەسىگە ۋاقىتلىق يۆتكىلىپ كېلىپ، «بەخت ناخشىسى» ناملىق فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلغان. بۇ فىلىم شىنجاڭ ھازىرقى زامان ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تۇنجى فىلىم بولۇپ، كېرىم، گۇلنار، تۇيغۇن ئۈچ ياش ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇق ۋە سۆيگۈنى چۆرىدەپ، چىن مۇھەببەت ۋە تىرىشچانلىققا مەدھىيە ئوقۇپ، شۇ دەۋردىكى بىر ئەۋلات كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.
1982-يىلى رېژىسسورلۇق قىلغان «رەنانىڭ تويى» ناملىق فىلىم ئەينى ۋاقىتتا زور غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، تۆھپىكارلىق روھى، ساپ مۇھەببەت، چىن دوستلۇق، ۋە ھەرخىل ئوخشىمىغان مال-دۇنيا قارىشى قاتارلىقلار گىرەلەشكەن فىلىم ۋەقەلىكىگە توي ئىشلىرىنى ئاددى-ساددا ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى تەشەببۇسلار قوشۇلۇپ، فىلىمنى شۇ دەۋرگە زىچ بىرىكتۈرۈپ، كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
 1983-يىلى رېژىسسورلۇق قىلغان «ئارتىس بولمايدىغان قىز» ناملىق فىلىم ئۇنى كەسپىي جەھەتتىن يەنە بىر يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقتى.بۇ فىلىم 1984-يىلى مەدەنىيەت مىنىستېرلىكىنىڭ «مۇنەۋۋەر فىلىم شەرەپ مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى، 1985-يىلى تۈركىيە ئىستانبۇل خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا «مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. فىلىمدىكى ئانا بىلەن قىزنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھېسسىيات ناھايىتى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، كۆرۈرمەنلەر كۈلۈمسىرەش ئىچىدە ياش تۆكۈپ تۇرۇپ كۆرۈشكەن ئىدى، ھەتتا بۇ كىنونىڭ مەستانىلىرى كىنودا رول ئالغان ئارتىسلارغا بولغان ھېسسىياتىنى ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە ئۇسۇللىرى بىلەن ئىپادىلىگەن ئىدى.
1984-يىلى ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان «سىرلىق كارۋان» ناملىق فىلىم «جۇڭگو تۇنجى غەربىي رايون فىلىمى» دەپ ئاتالدى. گۇاڭ چۇنلەننىڭ ئىلگىرىكى ئەسەرلىرىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشچان، قىززىقچى مىجەز-خارەكتېرى ئاساسلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولسا، «سىرلىق كارۋان» فىلىمىدىن باشلاپ، گۇاڭ چۇنلەننىڭ يېڭىچە ئىنتىلىشى ۋە ئىزدىنىشلىرىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇ بۇ فىلىمدە شىنجاڭغا خاس ئەپسانىۋىي رومانتىكىلىق ۋە سىرلىق كەيپىياتنى تىرىشىپ ئەكس ئەتتۈردىدۇ.
 1986-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇ «ساھىبجامالنىڭ ئۆلۈمى» ناملىق فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، بۇ فىلىم مىسىر-جۇڭگو كىنو ھەپتىلىكىگە ۋە 11- نۆۋەتلىك قاھىرە خەلقئارا كىنو فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلدى. فىلىمدىكى گۇمانلىق تەشۋىش، قىستۇرما بايان بىلەن تەتۈر بايان، ئادەمنىڭ يۈرىكىنى بوغۇدىغان قىستۇرما مۇزىكىسى قاتارلىقلار كۆرۈرمەنلەرنى فىلىمدىن مېھرىنى ئۈزەلمەس قىلىپ قويىدىغان بولۇپ، بېشىنى كۆرۈپلا قالسا دىققىتىنى بۇراشقا ئامالسىز قالىدۇ.
 1986-يىلى ئۇ «يىتىم قىزنىڭ مۇھەببىتى» ناملىق فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلدى. بۇ فىلىم شىنجاڭ ئازات بولۇش ھارپىسىدىكى شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسى بىلەن يەرلىك باندىتلار ۋە گومىنداڭ قالدۇق قىسىملىرى ئوتتۇرسىدىكى كۆرەشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولۇپ، قازاق قىزى غايىنى تاغدا «باندىت» ئامانغا ئۇچراپ قالىدۇ، ئامان غايىنىنى بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالىدۇ. بىراق كېيىن غايىنى ئاماننىڭ دوستى، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسىنىڭ بىر كوماندىرى ئىسكەندەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئامان بىلەن ئىسكەندەرنىڭ زىددىيىتى غايىنىنى تالىشىش بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى مىللىي ئارمىيە قىياپىتىگە كىرىۋالغان ھەقىقىي باندىت، يەنە بىرى باندىلار بىلەن ئالاقىسى بار ھەقىقىي مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى. بىراق غايىنى كىمنىڭ ھەقىقىي ساپ كۆڭۈل ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي، بىر مەزگىل قايمۇقۇپ قېلىپ، قىيىن تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا كىمنىڭ ھەقىقىي، كىمنىڭ ساپ دىل ئىكەنلىكى ئېنىقلىنامدۇ؟ غايىنىنىڭ مۇھەببەت تەقدىرى زادى قانداق بولىدۇ؟ قىزىققانلار فىلىمنى ئىزدەپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.
1987-يىلى ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان «مۇھەممەد ھەققىدە پاراڭ» ناملىق فىلىم 1986- 1987-يىللىق رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە مىنىستېرلىكىنىڭ «مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتى»غا، 8-نۆۋەتلىك «ئالتۇن خوراز» ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ماراكەش، ئالجىرىيە قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىدە قىزغىن قارشى ئېلىندى ۋە يۇقىرى باھالارغا ئېرىشتى. بۇ فىلىم يۇمۇرلۇق ئۇسلۇبى ۋە پېرسوناژلارنىڭ پائال ئىنتىلىشچان تۇرمۇش پوزىتسىيىسى ئادەمنى ئىختىيارسىز سۈيۈندۈرىدۇ.
 1988-يىلى ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان «غەربي دىياردىكى ئۇسسۇل مەستانىلىرى» ناملىق فىلىم تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيەسىگە ۋەكىل بولۇپ، 1-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو بايرىمىغا قاتناشتى. بۇ فىلىم ئىلگىرىكى يۇمۇرلۇق ئىپادىلەش ۋاستىلىرىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، ۋەقەلىكنى تېخىمۇ قويۇق كومىدىيە تۈسىگە ئېگە قىلىش بىلەن بىرگە، ناخشا-ئۇسسۇلغا بولغان قىزغىنلىق ۋە سەنئەتخۇمار ياشلار ئوتتۇرسىدىكى ساپ مۇھەببەت بايان قىلىنغان.
 1989-يىلى ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان «خوشال دۇنيا» ناملىق فىلىم شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن دېھقانچىلىق كىنو بايرىمىدا «مۇنەۋۋەر فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. فىلىمدىكى ئاساسلىق پىرسوناژلاردىن ئەسقەر، ئايشەم، ئابدۇللا ۋە مىجا قاتارلىق تۆت ياش ئوتتۇرسىدىكى ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن سۆيگۈ ۋە نەپرەت بۇ فىلىمدە ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئادەمنىڭ قەلب تارىنى چېكىدۇ.
1990-يىلى ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «ئەزىمەتلەر تانسىخانىسىدىكى ئايال چولپان» ناملىق فىلىم 1991-يىلى خاربىندا ئۆتكۈزۈلگەن قار-مۇز كىنو فېستىۋالىدا «مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. فىلىمدە تالانتى ئادەمنى قايىل قىلىدىغان بالا باققۇچى قىز گۈلباھارنىڭ تۇرمۇش ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان سەرگۈزەشتىسى ئاساسلىق تېما قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ تۇرمۇش ۋە سەنئەتنى قىزغىن سۆيىدىغان ئاكتىپ تۇرمۇش پوزىتسىيەسى ۋە يۇمۇرلۇق خارەكتېرى ئۇستىلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
 1991-يىلى رېژىسسورلۇق قىلغان «يالقۇنتاغدىن كەلگەن داپچى» فىلىمى 42-نۆۋەتلىك بېرلىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا «ئەڭ ئېسىل بالىلار فىلىمى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن، 1992-يىللىق رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە مىنىستېرلىكىنىڭ «مۇنەۋۋەر بالىلار فىلىمى مۇكاپاتى»غا، 1992-يىلى خاربىن «قار-مۇز كىنو بايرىمى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا فىلىمنىڭ سۆرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىغا يەنە رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە مىنىستېرلىكى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر سۆرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى» دەپ نام بېرىلگەن. بۇ فىلىم يەنە 1993-يىلى مالايسىيا كىنو فېستىۋالىغا قاتناشقان، 1995-يىلى ئامېرىكا چىكاگو كىنو بايرىمىغا قاتناشقان، 1994-يىلى «تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تېمىسىدىكى كىنولارنى باھالاش مۇسابىقىسى»دە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
1992-يىلى رېژىسسورلۇق قىلغان «مۇھەببەت مەستانىلىرى»، 1993-يىلى رېژىسسورلۇق قىلغان «جۇشقۇن ياشلىق» فىلىمى ناھايىتى زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. بولۇپمۇ «جۇشقۇن ياشلىق» فىلىمىدە چەت ياقىغا جايلاشقان قۇياش كەنتىدىن چىققان سابىر ۋە ئۇنىڭ مەھبۇبىسى گۈلنار، شياڭگاڭدا چوڭ بولغان ئۇيغۇر قىزى بەي مېي ۋە قۇياش كەنتىدىكى يىگىت نىجات قاتارلىقلارنىڭ جۇشقۇن ھېسسىياتى بايان قىلىنغان بولۇپ، بىر توپ ياشلارنىڭ ئىنتىلىشچان تۇرمۇش پوزىتسىيەسى بىلەن فىلىمنىڭ «جۇشقۇن ياشلىق» دىگەن ئىسمى ناھايىتى ماسلاشقان.
كىنو ئىشلەش مەزگىللىرىدە گۇاڭ چۇنلەن يەنە سەنئەت ئىجادىيىتىدە توپلىغان تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، زور مىقتاردا سەنئەت پاراڭلىرى يېزىپ، ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەتتىكى ھەرخىل گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ باشقىلاربىلەن بىرلىشىپ يازغان كىنو سىنارىيەسىدىن 8 پارچىسى كىنو قىلىپ ئىشلەندى.
 گۇاڭ چۇنلەن بىر مول ھوسۇللۇق رېژىسسور،«ھەر يىلى بىر كىنو ئىشلەش، ھەر بىر كىنو بىردىن مۇكاپاتقا ئېرىشىش» دىگەن سۈرئەت ۋە سۈپەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭ كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. گۇاڭ چۇنلەن ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى شىبە مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت فىلىمى «ئوقيا يۇرتىدىكى قىزچاق» فىلىمىگە رېژىسسورلۇق قىلماقتا.

  خەلق تورىدىن ئالىم رەتلىگەن.
ئۇيغۇرچە «خەلق تورى» دىن ئېلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-7 12:59  


Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 2683
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 10214
تۆھپە : 5
توردا: 672
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-28

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-9-7 15:52:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ شىنجاڭ كىنو ساھەسەدىكى  تۆھپىسى ھەقىقەتەن زور ئىكەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  91
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 596
تۆھپە : 7
توردا: 130
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 13:14:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاق كاللا بىلەن بۇ ئايالنىڭ «ئەجرى» گە توغرا باھا بەرگىلى بولمايدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3654
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 188
تۆھپە : 0
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 16:35:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ھازىرغا كەلسەك، شېىجاڭنڭ كىنۇ تەرەققىياتى تەھدىد ھالەتتە.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  490
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 91
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 14:02:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئىشلىگەن كىنولىرىنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا ‹‹تۆھپە››لىرى ئاز ئەمەسكەن .

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1312
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 57
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-3 00:45:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇاڭچۈنلەن خانىمنى ھەقىقەتەن شىنجاڭ كىنوچىلىقىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تۆھپىكارى دىسەك قىلچە ئارتۇق كەتمەيدۇ، بىز ياقۇتۇرۇپ كۆرىدىغان ئەينى دەۋىردىكى نادىر فىلىملىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ قولىدىن چىقىپتۇ !

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1714
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1079
تۆھپە : 0
توردا: 356
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 17:40:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئۇ قەيەردە؟.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  948
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 21
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 00:58:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
80-90--يىللاردىكى ئاشۇ نادىر كىنولىرىمىزنىڭ روياپقا چىقىشىدا ئۇنىڭ تۆھپىسى بار.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1810
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 79
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 22:33:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنۇڭ كىنوچىلىق مەدەنىيىتىمىزگە قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت !

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4784
يازما سانى: 895
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3883
تۆھپە : 0
توردا: 504
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 21:48:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ  كىنوچىلىغىدىكى  تۆھپىكار شەخس  گۋاڭ چۈنلەننىڭ تۆھپىسى ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئىكەن

مەن ھازىر  يېڭى تېمىلار ، يېڭى ئىنكاسلىق تېمىلار ۋە ئايلىق  تېمىلارنى  كۈرۈپ چىقتىم

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1464
يازما سانى: 629
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2321
تۆھپە : 0
توردا: 315
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 23:21:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇاڭچۈنلەننىڭ شىنجاڭ كىنوچىلىقىدىكى تۆھپىسى ھەقىقەتەن زور!  نۇرغۇن ئاكتىيورلارنىمۇ تەربىيلەپ يىتىشتۈرگەن ئايال بۇ!...........شاگىرىتلىرىمۇ بوش كەلمىسە بولاتتى.........

ئادىلجان قادىر يارقۇت

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3793
تۆھپە : 4
توردا: 609
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 03:18:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەمما ئۇ ئىشلىگەن كىنولارنىڭ تەشۋىقات خاراكتىرى كۈچلۈكرەك.  كېيىنكى ۋاقىتلاردا شەخسىلەر ئشلىگەن نۇرغۇن فىلىملەرگە سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇر مەدەنىيەت پىسىخىكىسىنى قېزىشقا يىتەرلىك ئەھمىيەت بىرىلمىگەن-  بىزگە يات سۇنئىيلىقلار كۆپ. مىسال-  غەربىي دىياردىكى ئۇسسۇل مەستانىلىرى، ئەزىمەتلەر تانسىخانىسىسىدىكى ئايال چولپان،... يەنە باشقا فىلىملەردىمۇ بار.
    بۇلاردىن  يۈسۈپجان قېيۇمنىڭ كىتابىغا غۇلجىدائىشلەنگەن ھېلىقى ‹بەختسىزلەر›مۇ نىمىدى؟..- ھېكمەت -لالە بىرجۈپ ئاشىق- مەشۇق تىراگىدىيىسى تەسۋىرلىنىدىغان- شۇ كىنونى چىن، ئارتۇقراق كۆرىمەن. ..  
شۇنداق كىنولارنى ئىشلەيدىغانلار نىمبولدى- تۇرۇپلا جىمىپ كەتتى..  ئاشۇنداق زور سېلىنما، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتكە ئېلىش ئەسلىھە-شارائىتلار بولسا بىزىدىكى رېژىسۇرلارمۇ نى ئىسىل ئەسەرلىرىمىزگە -رومانلىرىمىزغا نى داڭلىق كىنولارنى ئىشلىۋېتەتتى جۇما، ... .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-30 03:25  


چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  246
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1138
تۆھپە : 1
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 20:06:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنى دەيمەن ....ئۇيغۇر كىنۇچىلىقىمىزدا زور بوشلۇق بار ...نۇرەۇن ئەسەرلەر   فىلىم قىلىنىپ ئىشلىنەلىگەن بولسا  ئىدى ...بىر ئىزدا توختاپ قالمايتى .... غەربىي دىياردىكى ئۇسسۇل مەستانىلىرى، ئەزىمەتلەر تانسىخانىسىسىدىكى ئايال چولپان،... يەنە باشقا فىلىملەردىمۇ بار    ...دىمىسىمۇ  بۇ فىلىملەرنىڭ چىنلىق تۇيغۇسى يوق ... تەقلىدچىلىكتىن خالىي بولالمىغان ..گۇاڭچۈنلەن  خانىمنىڭ شۇنچە كۈچىگىنىگە چۇشلۇق نەتىجە تولىمۇ بىر ئىزدا توختاپ قالغان ...ئۇ  خازىر  نىمىشقا ئۇسلۇبىنى ئوزگەرتىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى باشتىن بىر قېزىپ فىلىپ ئىشلەپ باقمايدىغاندۇ ....

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1464
يازما سانى: 629
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2321
تۆھپە : 0
توردا: 315
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 23:41:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاغدا يولۋاس بولمىسا مايمۇن پادىشاھ بوپتۇ دىگەندەك ،بىزدە كىنوچىلىقتا شىرزات ياقۇپتىن باشقا تالانىتلىق رىژسسورلار بەكمۇ ئاز ،شۇڭا نۇرغۇن كىنو-تېلۋىزىيە تىياتىرلىرىمىز بەكمۇ ئەبجەشتەك تۇيغۇ بىرىدۇ،شۇڭا «ھۆرىيەت كىنو سىتدىيسى»نىڭ ئىشلىگەن كىنو-تېلۋىزىيە تىياتىرلىرىنى قەدىرلىشىمىز كېرەك! يەنىلا ئىقتىساد!...........قوللاش، سىياسەت...............دىگەندەك.................

ئادىلجان قادىر يارقۇت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش