مەنسۇر ھەللاجنىڭ ھاياتى ۋە ماماتى
ئابدۇمىجىت مۇھەممەد
مەنسۇر ھەللاج (منصور حلاج) نىڭ تولۇق ئىسىمى ئەبۇ ئەل مۇھىز ھۈسەيىن مەنسۇر ئەل ھەللاج بولۇپ، ئۇ پارسىلارنىڭ داڭلىق مىستىك، ئىنقىلابىي يازغۇچىسى ۋە سوفىزىمنىڭ داڭلىق ئۇستازىدۇر. ئۇ ئۆزدەۋىرىدە «دىنغا قارشى چىقتى» دېگەن نامدا ئابباسىلار خەلىپسى ئەل مۇقتەدىر تەرىپىدىن دارغا ئېسىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
ئەل ھەللاج مىلادى 858-يىلى پېرسىيىنىڭ پارس ئۆلكسىدىكى تور رايۇنىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، «ھەللاج»دېگەن بۇ سۆز «پاختا ئاتقۇچى» دېگەن مەنىگە ئىگە. بىرقىسىم يازما مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ چوڭ دادىسى زورۇ ئاستىر مۇخلىسى بولۇپ، ناھايىتى ئاددى-ساددا ھايات كەچۈرگەن. بۇ خىل ھاياتلىق ئۇسلۇبى ھەللاجدا نۇرغۇن ئوي-پىكىرلەرنى قوزغىغان.ئۇ بالا ۋاقتىدا قۇرئان كەرىمنى پۈتۈنلەي يادقا ئېلىپ بولغان ۋە قەلبىدە يوشۇرۇنچە باشقا مىستىك ئۇستىلار بىلەن پىكىرلىشىشىنى ئارزۇ قىلغان. ئۇ كېيىن ئائىلە قۇرغان ۋە مەككىگە ھەج قىلىپ، مەككىدە بىر يىل تۇرۇپ قالغان ھەم بەيتۇل ھەرەمگە يۈزلىنىپ روزا تۇتۇپ جىمجىت ئىستىقامەتتە بولغان.ئۇ بۇ شەھەردىكى ۋاقىتلىرىدا توختىماستىن ساياھەت قىلىپ، تېنىمىسز يازغان ۋە شاگىرت تەربىيىلىگەن.ئۇ ھىندىستان ۋە مەركىزى ئاسىيادىكى نۇرغۇن جايلاردا ساياھەتتە بولغان بولۇپ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن شاگىرتلارنى قوبۇل قىلغان.بۇ شاگىرتلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ئۇنىڭ مەككىگە قىلغان ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى سەپەرلىرىگە ھەمراھ بولغان. ئۇ سەپەرلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئابباسىيلار پايتەختى بولغان باغداتتا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ھاياتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا جۇنەيىد باغداتى ۋە ئەمىر ئەل مەككىگە شاگىرت بولغان، ئەمما كېيىن ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئۇنىڭ ئۇستازى بولۇشنى رەت قىلغان. سەھل ئەل تۇستەرى ئۇنىڭ دەسلەپكى ئۇستازلىرىدىن بىرى بولۇپ، باشقا سوفىلار ئارىسىدا ئەل ھەللاج ناھايىتى ئۆزگىچە بىر غەلىتە ئادەم ئىدى.چۈنكى ئەينى دەۋىردە نۇرغۇن سوفى ئۇستازلار مىستىكىدا كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالىمىغان، ئەمما مەنسۇر بولسا دەل ئەكسىچە قىلغان. ھەم ئۆزىنىڭ يازمىلىرى ۋە ئۆگۈتلىرىدە مىستىكىنى تەشەببۇس قىلغان.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىگە نۇرغۇنلىغان دۈشمەنلەرنى تېپىۋالغان. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئۆز يولىدىن قايتماي ئاللانىڭ 99نامدىن بىرسى بولغان «ھەق»دېگەن سۆزىدىن«ئەنەلھەق» يەنى «مەن ھەق» دېگەن تەلىمىنى ئوتتۇرىغا قويغىنى ئۈچۈن، يەنە «مېنىڭ بۆكۈمنىڭ ئىچىدىكىسى خۇدادىن باشقا بىرى ئەمەس»، «تونۇمنىڭ ئىچىدىكى خۇدادىن ئۆزگە نەرسە ئەمەس» دېگىنى ئۈچۈن ئەينى دەۋر ھۆكۈمرانلىرى ئۇنى باغداتتا 11 يىل زىندانغا تاشلىغان.ھەم 922-يىلى 26-مارت ئامما ئالدىدا دارغا ئاسقان.ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق ئەسىرى «كىتاب ئەل تەۋەسىن» (كتاب الطواسين)ناملىق ئەسىرى بولۇپ بۇ ئەسىرىنىڭ قىسقا ئىككى بابىدا شەيتان بىلەن خۇدانىڭ دىئالوگى بېرىلگەن. بۇ بابتا شەيتان يەنى ئىبلىس خۇدانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ، ئادەمگە سەجدە قىلىشقا قارشى چىققان. ھەللاج بۇ ئەسىرىدە « ئەگەر سەن خۇدانى تونىمىساڭ ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ بەلگىسىنى، ياكى سايىسىنى تونۇغىن، مەن بولسام يارىتىلغان ھەق، يەنى ئەنەلھەقمەن، چۈنكى ھەق ئارقىلىق مەن مەڭگۈلۈك ھەقكە ئېرىشىمەن» دېگەن ئىددىيەنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمەلىيەتتە ئۇ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن خۇدانى ئىزدىگەن ۋە باشقىلارنى ئۇنى ئىزدەشكە سەپەرۋەر قىلغان. ئۇ بارلىق ئىنسانلارنىڭ خۇدانى تونۇشىنى ئارزۇ قىلغان. شۇڭا ئۇ ھىندىستان ۋە تارىم ۋادىلىرىغىچە سەپەر قىلىپ خۇدانى ئىزدىگەن. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى سوراقتا «مۇسۇلمانلارنى مەككىگە قارشى، ھەجكە بارماسلىققا قۇتراتقۇلۇق قىلدى»دەپ ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ كىشىلەرنى شەكلەن ھەجدىنمۇ ئارتۇق دەرىجىدە خۇدانى تونۇشقا دەۋەت قىلغان. ئۇ كىشىلەرگە ھەج قىلىشتىكى مەقسەت ھەرگىزمۇ ئەرەفات تېغىغا قاراپ دۇئا قىلىشلا بولۇپ قالماسلىقىنى، ھەم ئىبىراھىم ئەلەيھىسسالام ياسىغان كەئبىنىڭ ئاخىرقى ئېتىقاد نۇقتىسى بولۇپ قالماسلىقىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ تەۋھىدنى بايان قىلالايدىغان بىردىن بىر زات خۇدا دەپ قارىغان. ئۇ خۇدانى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىنى، مەشۇقى، دوستى، ھەتتا ئۆزى، دەپ قارىغان. ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئۇنتۇپ خۇدانىڭ نامىنى زىكىر قىلغان.مەنسۇر شەخستىن ھالقىغان بىرلىككە ۋە بىرىكىشكە ئىشەنگەن بولۇپ، خۇدانى ئۆزىنىڭ ئىچىدە دەپ تونۇغان. ئۇ دارغا ئېسىلغاندىن كېيىن نەچچە پارچە پارچىلىنىپ باغداتتا سازايى قىلىنغان. ئاۋال ئۇنىڭ قولى، پۇتى، تىلى ھەتتا بېشى تېنىدىن جۇدا قىلىنغىنىدىمۇ ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ «ئەنەلھەق» دېگەننى تەكرارلىغان. جازا ئىجرا قىلىنىپ تېنى پارچە-پارچە قىلىنغاندىن كېيىن قالغان قىسمى كۆيدۈرۋېتىلگەن. ئەتتارى ئۇنى ئەسلەپ ئۇنى بىر «قەھرىمان» دەپ ئاتىغان ھەم ئۇنىڭ سوراق جەريانىدىكى بايانىنى نەقىل كەلتۈرگەن، ئۇلار ئۇنى سوراق قىلغاندا بىر سوفى ئۇنىڭدىن سورىغان:
- مۇھەببەت دېگەن نېمە؟
-سەن ئۇنى بۈگۈن، بولمىسا ئەتە، ياكى بولمىسا ئۆگۈنلۈككە كۆرۈپ قالىسەن، دەپ جاۋاب بەرگەن ئۇ. ئۇلار ئۇنى قەتلى قىلغان ھىلىقى كۈنى، ئەتىسى ئۇنى كۆيدۈرگەندە، قولى، پۇتى، تىلى، ھەتتا بېشى كېسىلگىنىدە، كۈللىرى شاماللارغا قېتىلىپ توزىغىنىدا خەلق سۆيگۈنىڭ، مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن.
ئۇ ئەڭ ئاخىرقى تېنىقلىرىدا «مېنىڭ جەننەت بىلەن ئارىلىقىم پەقەت بىر قەدەملا قالدى، ساڭا نېمە كېرەك بولسا شۇنى كېسىۋال» دېگەن. ئۇنىڭ قولى كېسىلگىنىدە قېنى بىلەن يۈزىنى بويىۋەتكەن، «نېمە ئۈچۈن ئۇنداق قىلىسەن؟» دەپ سورالغان سۇئالغا ئۇ« نۇرغۇن قېنىم ئاقتى، چىرايىم سارغايدى، ئەمما مۇھاببەت ئۈچۈن سارغايغان چىرايىمنى مەشۇغۇمغا كۆرسىتىشنى خالىمايمەن« دېگەن.
مەنسۇر ھەللاجنىڭ يازمىلىرى سوفىلار ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، نۇرغۇنلىغان سوفى نەزەرىيىچىلىرى مەنسۇر ھەللاجنى خۇدانىڭ ھەقىقىتىنىڭ ئەكسى، دەپ قارايدۇ.باشقا ئىسلام ئالىملىرىدىن ئۇنى كافىر، مەجنۇن دەيدىغانلارمۇ ھەم بار. ئۇنى ئەڭ كۆپ تەتقىق قىلغان كىشى فرانسىيە ئىسلام تەتقىقاتچىسى لۇئىس مەسسىگنون دۇر.( Louis Massignon ). ئۇنىڭدىن باشقا ئافغانىستانلىق تەتقىقاتچى ئىدرىس شاھ ئۆزىنىڭ «سوفىلار» ناملىق كىتابىدا مەنسۇر ھەللاجنى غەرب دىندارلىرى بىلەن سېلىشتۇرما قىلىپ تەسۋىرلىگەن.
مەنسۇر ھەللاج ئىراننىڭ بىر ئەپسانىۋى سوفى ئۇستازى بولۇپ، ئۇ زىنداندىكى ۋاقتىدا ئبىن ھەفىفى ئۇنى يوقلىغان. ھەم مەخسۇس مەنسۇر ئەللاج ھەققىدە مەلۇماتلارنى قالدۇرغان.بۇ مەلۇماتلار كېيىنچە شائىرنى تەتقىق قىلىشتىكى ئىشەنچلىك ماتىرىيالغا ئايلىنىپ قالغان.
ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى يەنە بىرقسىم پارسچە مەنبەلەردە ئۇنىڭ ھاياتى مۇنداق بايان قىلىنغان:«ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ چوڭ دادىسى زورۇ ئاستىر مۇخلىسى بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ھەمراھلىرىدىن بىرى بولغان ئەبۇ ئەييۇب پۇشتىدىن ئىكەن. مەنسۇر ئەللاج كىچىك ۋاقتىدا بىر مەزگىل ئىراقنىڭ داڭلىق توقۇمىچىلىق، سودا ۋە ئەرەب مەدەنىيەت مەركىزىي شەھىرى بولغان ۋاسىت شەھىرىگە بېرىپ تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى بۇ يەردە دىنغا كىرىپ يۇڭ، پاختا تورچىلىقى ئارقىلىق ئائىلسىنى قامدىغان. مەنسۇر كىچىك ۋاقتىدىلا يەنى مىلادى 874-يىلىدىن 894-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرئاننى يادلاش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، يېڭىدىن شەكللىنىۋاتقان ئىسلام مىستىكىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشنى ئارزۇ قىلغان بولۇپ، ئاستا-ئاستا دۇنيادىن ئۆزىنى تارتىپ يەككە-يىگانىلىقنى ۋە ئۆزىنى يېتەكلىيەلەيدىغان ھەقىقىي بىر ئۇستازنى ئىزدەشكە كىرىشكەن. ئۇنىڭ ئۇستازلىرى سوفىلار ئارىسىدا يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە ئادەملەر ئىكەن. بولۇپمۇ تۇنجى ئۇستازى سەھىل ئە تۇستەرى غوزىستاندىكى تۇستار شەھىرىدە داڭلىق سوفى بولۇپ، كېيىن ھەللاج بەسىرەلىك ئەل مەككىنىڭ شاگىرتى بولغان. ئۇ بۇ جەرياندا سوفى ئەبۇ ياقۇب ئەل ئەقتانىڭ قىزى بىلەن توي قىلغان. ئۇ كېيىنكى ھاياتىدا يەنى مىلادى 895-يىلدىن 910-يىلىغىچە ھاياتىنى ساياھەت ۋە تەلىم-تەربىيە بىلەن ئۆتكۈزگەن. يېڭى دىن ئىسلام دىنى دەۋەت قىلىنىۋاتقان ھىندىستان ۋە تۈ*ركىستانلارغا بارغان. مىلادى.980- يىلى ئۈچىنچى قېتىم مەككىگە قايتىپ كەلگەن. بارلىق ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە دىنىي رېئاللىقنى چۈشەنگەن ۋە تەتقىق قىلغان. كېيىن ئايالىنىڭ ئائىلە نەسەبىگە مۇناسىۋەتلىك مىسسوپوتامىيىنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن زەنج قوزغىلىڭى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىلىپ نەزەربەنت قىلىنغان. ئۇ سۇس شەھىرىدە قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن بىر مەزگىل يەنى 911-يىلدىن 922-يىلىغىچە باغداتتا زىندانغا تاشلانغان. كېيىن خەلقى-ئالەم ئالدىدا دەھشەتلىك قىيناقلار بىلەن قەتلى قىلىنغان.»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-17 22:04