مەزكۇر ماقالە بىزنىڭ تەسەۋۋۇپ تەتقىقاتلىرىمىزدا بوشلۇقنى تولۇق تولدۇرۇشقا قادىر بولالمىسىمۇ، بىراق بىزنى يېڭىچە ئىزدىنىش پەللىسىگە كۆتۈرۈشكە كۈچى ئاز-تولا بولسىمۇ يېتىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىكتىن مەزكۇر ماقالىنى تەپسىيلىراق ئوقۇپ چىقىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن تەلەپ قىلىمەن.
ئۇ مۇتەسەۋۋۇپ جۇنەيد باغدادىنى سوفىزىم جەھەتتە ئۇستاز تۇتقان بولسىمۇ، جۇنەيدنىڭ غەززالىدىن ئاۋۋال مۇنىستىك سوپىىزمنى( بىر مەنبەلىك سوپىزىمنى) بەرپا قىلماقچى بولغان تەرزدە تەسەۋۋۇپنى سۈننەتكە بېقىندۇرماقچى بولغاندا، ئۇستازىنى ‹‹تەسەۋۋۇپ جەھەتتە مەيدانى مۇستەھكەم ئەمەس، سۈنئىيلەرگە ياخشىچاق بولماقچى بولىۋاتىدۇ...›› دەپ قاراپ ئۇنىڭدىن ئارىنى ئوچۇق قىلىپ تەركىي دۇنيا بولدى. ئۇ تەسەۋۋۇپنىڭ ئومۇرتقىسى بولغان نەزەرىيە - ‹‹ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد›› تەلىماتى بويىچە ‹‹ئاللاھ كائىناتنى ئۆز ھۆسنىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەينەك سۈپىتىدە ياراتتى، بۇنىڭدا( ئەينەكتە) كۆرۈنگنى دەل ئاللاھنىڭ ئەكسى...ئاللاھلا مەۋجۇد، ئىنسان بولسا ئاللاھنىڭ كۆلەڭگۈسى، سايىسى خالاس. بۇ خىل ‹‹ئىلاھ-بەندە›› مۇناسىۋىتى پەقەتلا ‹‹ ماھىيەت-ھادىسە›› مۇناسىۋىتى، ئاللاھلا يىگانە مەۋجۇدلۇق، بەندە پەقەت قۇرۇق بوشلۇق ياكى يوقلۇق....ئىنسان دەل ئاللاھنىڭ كۆلەڭگۈسى بولغانىكەن، بۇ دۇنيادىكى بارچە شەيئى ئاللاھنىڭ ياكى ئۇنداق، ياكى بۇنداق شەكىلدە غايىۋانە كۆرۈنۈشى، دېمەك، ئىنسان(شەيئىلەرنىڭ جەۋھىرى) دەل خۇدانىڭ شولىسى، يەنى بۇ دۇنيادىكى ئۆزى، دەر ھەقىقەت، مەن - ھەقمەن( ئىلاھمەن)! مەن بارلىقمەن!›› دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشنى رۇمى، يەسسەۋى، جامىي، نەۋائىي، مەشرەب.... قاتارلىقلارمۇ قوللاپ مەنسۇر ھەللاجىنىڭ ئۆلۈمىدىن ئېچىندىغانلىقىن، كىشىلەرنىڭ ئينى ۋاقىتتا ئۇنى چۈشەنمىگەنلىكىنى تەكرار تىلغا ئالىدۇ. ئەنەلھەق قانداقتۇر ئاتىزىم ياكى پانتىزىم بىلەن پاراللىل ھادىسە ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ، ئىنساننىڭ ئۆزنى تونۇشىنى، خۇدالىق ماھىيىتىنى، قۇدرىتىنى بىلىشى زۆرۈرلىكىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئىسلام سوفىستىك تەلىماتى.
- ئەي ھۈسەيىن، ئەگەر ‹‹ئەنەلھەق›› دېگەن سۆزۈڭگە تۆۋە قىلساڭلا بىز سېنى زىداندىن ئازاد قىلىمىز، ئۆلۈمدىن خالاس بولىسەن.
- مەن نېمىشقا خالىقنى (خۇدانى) قويۇپ خەلق (بەندە)قە يالۋۇرغۇدەكمەن؟! ئەنەلھەق - مەن ھەقمەن!
شۇنىڭ بىلەن ھەللاجى ‹‹ئەھلى سۈننەتتىن چەتنەپ كەتكەن بىدئەتچى›› دەپ ناھەق قارىلىنىپ دارغا ئېسىلدى، ھەتتا ئۆلۈكىىمۇ بوش قويۇۋېتىلمەي خارلاندى، بۇ ئىسلام تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىش قاتارىدا تارىخ بەتلىرىگە پۈتۈلدى....
|