1
ھەر كۈنى
مەن بىلەن ئەينەك ئارىسىدا بىر مەيدان دېئالوگ بولىدۇ
مۇھەببەتنى ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەستۇر:ئۇ ھازىر قانداق ؟
چىراينىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەمەستۇر
ياكى ئەرۋاھنىڭ كۆز ئالدىمدا زاھىر بولۇشى ،بەلكى
سۆيگۈمنى ئۈگىتىش ئۈچۈندۇر
ئالدىمدىكى ئەينەككە سۇئال تاشلايمەن :نېمە ئۈچۈن
مەۋجۇدىيەتنىڭ زۇلمىتىنى ،تەنھالىقنىڭ ھەقىقىتىنى ، قىياپىتىمنى ھىس قىلمايمەن ؟
نېمىشقا ئۆزلۈكۈمنى ھىس قىلمايمەن
چىرايىمغا سەپ سالغاندىن باشقا ؟
2
ئارىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن ھەممىنى قانداق ئاتاي ؟
"ئارىمىزدىكى ھېكايە ئەمەس
نە ئادەم ياكى روھ ئالمىسى
چىللاپ كەلگەن بىر پەسىل ئەمەس
ياكى نە بىر يەرگە يۈزلىنىش
تارىخ قىلىپ يازغىلىمۇ بولماس "
ئۆپكىمىز شۇنداق ئۆرۈلەر
ئۇنداقتا، مەن سۆيگۈنى قانداق سۈپەتلەي
دەۋر قاتلاشلىرىدا ياتقان سۆيگۈنى ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەۋدام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-31 18:36