گېپىم بار
ئېلى بۇراۋىدىن بۈركۈت
(ئابدۇراخمان ساۋۇت سەھرايىنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمس)
ئەل كۆرمىگەن راھەتنى كۆرگەنلەرگە گېپىم بار،
نەپسانىيەت ئوتىدا كۆيگەنلەرگە گېپـىم بار،
رەزىللىكنى -پەسلىكنى سۆيگەنلەرگە گېپىم بار،
ھاجەتمەنگە قاپاقنى تۈرگەنلەرگە گېپـىم بار،
قىلىپ تېخى مەسخرە كۈلگەنـلەرگە گېپىم بار.
پۇرسەت چىقسا ئۇيالماي ئۆزىگە چوڭ «داش» ئېلىپ،
يۇيۇش ئۈچۈن شالتاقنى «پوسما» دېسە باش ئېلىپ،
ئوڭدا يېتىپ يەر تېرىپ كەتمەن تۇتماي قاش ئېلىپ،
ئۇرۇق چاچماي ئاش ئېلىپ ئەل كۆزىدىن ياش ئېلىپ،
شۇمبۇيا بوپ ئېتىزغا ئۈنگەنلەرگە گېپىم بار.
تەۋرىتىشەر دۇنيانى تۇرۇپ ھالى جېنى يوق،
قاغجىرىغان دىللارغا زەررىچىلىك نېمى يوق،
كۆنگەن شەكىلۋازلىققا چېپىپ يۈرەر دېمى يوق،
سامىنى بار دېنى يوق ئەل ئىشىدىن غېمى يوق،
«كېسەك» قويۇپ پۇتىغا ئۆسكەنلەرگە گېپىم بار.
قۇلاق سېلىپ يالغانغا ئاڭلىماي راست تىلەكنى،
كۆزگە ئىلماي ئاۋامنى ئۈستۈن قىلىپ خورەكنى،
قوساق سېلىپ گىدىيىپ ئويناپ كۈندە كۆرەكنى،
قاپتەك قىلىپ يۈرەكنى ۋاشاڭ قىلىپ پېلەكنى،
بۇرۇتىنى تولغىشىپ يۈرگەنلەرگە گېپىم بار.
چوڭ چاغلىشىپ ئۆزىنى، بەزمىلەرگە چېپىشىپ،
بايۋەتچىدەك پۇل خەجلەپ تىنماي رومكا قېقىشىپ،
يوقىتىپ ئەس-ھوشىنى سەت كاركىراپ يېتىشىپ،
يوچۇق قالماي ئېچىشىپ، سېلىق قالماي چېچىشىپ،
رېستۇراننىڭ پەيزىنى سۈرگەنلەرگە گېپىم بار.
يېتىلدۈرمەي قەلبىدە، پاك-بىغۇبار «سورت» نى،
ھەدەپ يىلىك شورىشىپ دوراپ مېتە- قۇرتنى،
ساختا ھۆججەت توغرىلاپ يەپ گۆش-ماينى، تورتنى،
قوغلىشىپ نام شۆھرەتنى، خاراپ قىلىپ ئەل-يۇرتنى،
«ھەلەپ» بەرمەي «ئىنەك»نى ئەمگەنلەرگە گېپىم بار.
ئاچ-توق يۈرسە ئۆزگىلەر قىش-ياز ئىشلەپ ئېتىزدا،
ھەييار بولۇپ تەييارغا ناشتا قىلىپ مېغـىزدا،
ھوقۇقىنى پەش قىلىپ «ئۈنچە» سۈزۈپ «دېڭىز»دا،
شەھەر ئېلىپ ئېغىزدا توغان سېلىپ سېغىزدا،
ئەلگە يالغان ۋەدىنى بەرگەنلەرگە گېــپىــم بار.
2006-يىلى ئۆكتەبىر (يېڭىسار)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-17 19:02