كۆرۈش: 73|ئىنكاس: 0

ئۈمىدجان قادىرى:نىيە تەسىراتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2158
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 687
تۆھپە : 0
توردا: 275
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 20:44:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نىيە تەسراتلىرى

ئۈمىدجان قادىرى

مۇقەددىمە


سەن تەرەپتىن كۆرۈنەر قۇياش،
ھەر تاڭ بىر جۈپ كۆزۈمگە نىيە.
بىركۆرۈشتە بوپ قالدىڭ تۇتاش،
يۈرىكىم ھەم سۆزۈمگە نىيە.

تارىخىڭنى كېزىپ ھېس-نەزەر،
كەچمىشىڭنى ئەيلىدى ئايان.
قەدىم دىيار-مۇقەددەس شەھەر،
قىلاي سېنى دوستلارغا بايان.

قەدىم شەھەر گۈزەللىكى

خىيالىمدا بولماقتا زاھىر،
خارابەڭگە كۆمۈلگەن ئۇقۇم.
كەزگىنىدە باغرىڭنى تاھىر،
سېنى شېرىن بىلەتتى چوقۇم.

قەدىم شەھەر،باغدا چىمەنلەر،
چىمەنلەرگە كۆمۈلگەن زېمىن.
ھەر يېقىڭدا پەرى-سەنەملەر،
گۈزەللىككە چۆمۈلگەن زېمىن.

سەنەملەرگە تەھقىقى تىمسال،
كىرورەننىڭ مەلىكە قىزى.
شۆھرەت ئەمەس،ئىزدېگەچ ۋىسال،
تا بۈگۈنگە ئۆچمىگەن ئىزى.

ئاي تەلپۈنەر شەھلا بۇلاققا،
چاندۇرغاچقا ھۆسنىڭ سامانى.
شۇ كەچمىشىڭ باشلار قۇلاققا،
قەدىمكى بىر ئۆلمەس ناۋانى.

كۆمۈلگەن شەھەر

بولغىنىدەك كۈندۈزنىڭ تۈنى،
بىر زامانلار كەلدى شۇم زاۋال.
نىيە باغرى،شوخ زىلال سۇنى،
قۇم دۆۋىسى ئەيلىدى قامال.

چاڭقاشلىق ھەم ئاچارچىلىقتىن،
نالە-زارلار ياسىدى ئۆركەش.
سەرسانىلىق-ناچارچىلىقتىن،
ئالتە بولماي،تۆتلەپ ماڭدى بەش.

قۇم دۆڭلىرى تۆككەن قاقاستىن،
گۈزەل شەھەر يوقالدى ئۆچۈپ.
ھەممىگىلا ئورتاق قۇياشتىن،
قالدى ۋاپا،كەتمىدى كۆچۈپ.

ئۆچتى شەھەر ھەمدە تالاي ئىز،
كار قىلمىدى تۇپراقنىڭ ئاھى.
تەسەللىگە كەلگەچكە ئاجىز،
كۆز يېشىدا داغلاندى ماھى.

يېڭى نىيە


كۆكلەر ئىزلار بەرىكەتلىرىدىن،
سەن تۇغۇلدۇڭ قايتىدىن نىيە.
ئارمانلارنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن،
ياشاردىڭ ئەل زاتىدىن نىيە.

ئەسلىڭ تامان تاشلاپ چوڭ قەدەم،
كۈلدۈڭ يەنە ئۇدۇن ئىلىدە.
ھۆرلۈكۈڭنى ئەيلەپ مۇجەسسەم،
ئۇتتۇڭ دىلنى بېغىڭ گۈلىدە.

مەنسۇپدۇرسەن ئورتاق ھەممىگە،
ئاللىكىمگە ئەمەسسەن مۈلۈك.
ئېپ كېلىسەن رۇناق ھەممىگە،
بىر كىملەرگە بولماستىن چۈلۈك.

بۈگۈنۈڭدىن كۆيدى ۋۇجۇدۇم،
بېرەي قانداق ئەتەڭگە تەرىپ.
ئوغلانلىرىڭ چاقنىتىپ ئۇدۇم،
قىلىۋاتسا زېھنىنى سەرىپ.

خاتىمە

ئۇزىتىپ قوي،خوشلىشاي نىيە،
يۈرىكىمدە قالسۇن سىياقىڭ.
پەسەيمەيدۇ،ئۆلمىسەم يەنە،
قەلبىم ئارا خاقان پىراقىڭ.

يىللار تولا،سىناقلار نۇرغۇن،
يېڭىلمەستىن ئۆتكىن يېڭىشتا.
مەنزىل يىراق،يوللارمۇ ئۇزۇن،
گەپ،شۇ يولنى قانداق مېڭىشتا.

(«يېڭى قاشتېشى»2002.يىللىق 4.سان)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تىمسال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-11 21:00  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش