كۆرۈش: 231|ئىنكاس: 5

تارخان: تۇرپان ناخشىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  161
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-1

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 15:59:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                         تۇرپان خەلق ناخشىلىرى
                                       ئوسمان مۇھەممەت تارخان

   «ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى تىلغا ئېلىنسا، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغىچە يېزا – قىشلاق، ھويلا – ئارانلاردا، توي – تۆكۈن، مەشرەپ سورۇنلىرىدا زوق – شوخ بىلەن ئېيتىلىدىغان يېقىملىق، ئۆلمەس ناخشىلار قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلايدۇ، سەھرانىڭ ئېگىز – پەس توپىلىق يوللىرىدا ھارۋا ھەيدەپ كېتىۋاتقان بوۋايلار، ھارۋىسىغا ئوتۇن – قومۇش بېسىپ جاڭگالدىن يېنىۋاتقان يىگىتلەر، باغقا كىرىپ گۈللەرنى تاماشاقىلىۋاتقان قىزلار، نەۋرىسىنىڭ بۆشۈكىنى تەۋرىتىپ ئولتۇرغان مومايلار ۋە قوي – كالىلىرىنى ھەيدەپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىۋاتقان پادىچى بالىلار كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىش – ھەرىكىتى ناخشىسىز بولمايدۇ، ئۇلار ناخشا ئارقىلىق ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ، تۇرمۇشىغا مەنە قوشىدۇ، كۆڭلىنى ئىزھار قىلىدۇ...». بۇ ئاتاقلىق شائىر ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىغا بەرگەن باھاسى.
   ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى قۇرىماس گۈللەرگە ئوخشايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ يىلتىزى تۆگىمەس موقاملاردا. ئۇ مۇقام بۇلاقلىرىدىن سۇ ئېچىپ، مەشرەپ چۆللىرىدە تاۋلىنىپ، تاغلارغا چىقىدۇ، ئاندىن ئېقىن سۇلارغا قوشۇلۇپ، دەريا بولۇپ ئاقىدۇ، باغلارنى سوغۇرىدۇ، ئۇنى ئىچكەن ئادەمنىڭ روھىنىڭ تىرەن قاتلاملىرى گۈلگە ئوخشاش گۈزەللىككە تۇلىدۇ.
   ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى تارام-تارام ئېقىنلارغا ئوخشايدۇ. يۇرت-يۇرتلاردا بەرپا بولۇپ تارىم، ئىلى، زەرەپشان، يورۇڭقاش، كۆنچى...دەريالىرىغا قوشۇلۇپ كۆز يەتكۈسىز تەكلىماكان قوملۇقىغا سېڭىپ قوشۇلۇپ كېتىدۇ، ۋە يەنە ئارقىدىنلا توغراق، يولغۇن، سۆكسۈك، چاكاندا، يانتاق ۋە قومۇش بولۇپ ئۈنۈپ چىقىدۇ، تەبىئەتكە ھۆسىن قوشىدۇ...
   جۈملىدىن تورپان خەلق ناخشىلىرىمۇ كارىز سۇلىرىغا ئوخشايدۇ، تەڭرىتېغىدىن كەلگەن قار سۇلىرى يەرگە سېڭىپ، زېمىن تېگىدىكى سۇلار بىلەن بىرلىشىپ، ئەمگەكچان تۇرپانلىقلار چاپقان كارىز سۇلىرىدەك، ئۇقچۇپ يەر ئۈستىگە چىقىدۇ. ئاندىن بوستان- بوستانلارغا ئېقىپ بېرىپ بىزنىڭ چاڭقىغان روھىمىزغا ئوزۇق بۇلىدۇ، بىزنى ياشنىتىدۇ...
   ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ ھەر بىرى بىردىن تىرىك تارىخ، ھەر بىر ناخشىنىڭ كەينىدە خەلقىمىزنىڭ ئوزاق تارىختىن بويانقى ئارزۇ-ئارمانلىرى، كۈرەش- ئەمگەكلىرى، مۇھەببەت-نەپرەتلىرى، گۈزەللىك-ھەسرەتلىرى كۈمۈلۈپ ياتىدۇ. ھەر بىر ناخشا بىر مىلودىيە، ھەر بىر ناخشا ئۆزگىچە بىر كۆي، ھەر بىر ناخشا بىر گۈزەل شېئىر، بىر گۈزەل ھېكايە، ئۇ ئەجدادلار تەرىپىدىن تالاي قېتىملاپ ئېيتىلغان، ئەمدى ئەۋلادلار تەرىپىدىنمۇ يەنە تالاي قېتىملاپ ئېيتىلىدۇ، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ بارىدۇ، كۆپىيدۇ، يېڭىلىنىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ...
   تۈۋەندە ئۈزۈلمەس ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى دەرياسىنىڭ بىر تارام ئېقىنى بولغان تۇرپان خەلق ناخشىلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئسىملىكى شېئىر شەكلىدە بېرىلدى. بەھر ئالغايسىز.
      تۇرپان كۆيلىرى
ــ ئۆمەر قوشتۇرىنىڭ «كۆي ئىشقى» ناملىق شېئىرى ئىزىدىن
كارىزلىرىم «زېمىن» ناخشىسى،
ئىچكەن ئۇنى مىڭلاپ «ئالتۇنجان».
تىلمىلاردا «سۇ بولۇپ ئاقتىم»،
قاپاققا سۇ ئالدى «ئالمىخان».

ئاڭلاپ «سۇغا چىققان بىر جوۋان»،
«چىنە چاققان يالىرىم» كەلدى.
مەن بارىمەن «شەلىرىڭ ئامان»،
«ئاق بوز ئېتىم» يۈگەندىن چىقتى.

مىلىسلاردا كۆينىڭ ئەۋجىدە،
«چىمبۇلاق» قا ئوينىدۇق راسا.
جىلىل ئېيتسا «ئانانۇرخان» نى،
مېنىڭ كۈڭلۈم «زىبا يار»ىمدا.

«ھەيرانىڭمەن» تورپانلىقلارغا،
كۈلۈپ ئېيتار «يار دەردىڭ يامان».
«ئاچىل»ىغا تەسەددۇق جېنىم،
«تورپانغا كەل» دەيدۇ ھەر زامان.

...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتىللاسى يىغىش سەۋەبى
گۈلخان1 + 50 --------

ھەممە باھا نومۇرى : تىللاسى + 50   باھا خاتىرىسى

idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1714
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 461
تۆھپە : 0
توردا: 166
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-22

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 13:50:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارخان ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر!.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  161
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-1

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 14:19:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورۇلچى ئاكىنىڭ مەدىتىگە رەخمەت.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 653
تۆھپە : 7
توردا: 102
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 20:18:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپان خەلق ناخشىلىرىغا ئۇقۇلغان مەدھىيەدىن خۇرسەنمەن.

توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
شۇ ئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  232
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1715
تۆھپە : 10
توردا: 222
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 20:34:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارخاننىڭ ئىزدىنىشلىرى بەرىكەتلىك بولغاي !!! ....سىزدىن سېھرلىك ماكان دىغار ھەققىدە بىرەر سەمەرىلىك ئەسەر روياپقا چىقامدىكىن دەپ ئارزو قىلىپ قالىمەن   ....دىغار_ بالىلىقىم ، خىياللىرىمدا شۇ قەدەر سىرلىق ، شۇ قەدەر خاسىيەتلىك يۇرتلارنىڭ بىرى  

ئاتاسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
ئاناسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
بۇ يۇرتتا نىمەسى بار -
مېنىڭدەك بەختى قاچقاننىڭ ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  161
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-1

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 23:20:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايچىننىڭ ئېيتقانلىرىمۇ بولۇپ قالۇر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش