ئابدۇمىجىت قاھىر مۇڭلان
قايغۇ
(نەسىر)
سەبىئىيلىكىمدىكى يالقۇنلۇق كەچمىشلىرىم مۇڭ ناخشلار ئارقىلىق ياشلىقىمغا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىردى. قولۇمدىكى ئاچچىق تاماكىغا سىزىلغان قاپقارا تۇمانلار ھاياتىمنىڭ زەڭگەر ئاسمىنىغا ئايلاندى. يىراقلاردىن ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىۋاتقان يۈرىكى ئوت بىر بالا يولدىن ئاداشتى...
يۈرىكى ئېزىلگەن يوللارغا ئېغىر قەدەملەر بىلەن كىرىپ كەلدىم. تېخىچە ئۇيقۇدىن بىدار يۈرىۋاتقان كۈنلىرىمدە سارغايغان ئاپئاق تېرەكلەر ماڭا يازنىڭ يېشىللىقنى خۇددى سەرسان كۈز پەسلىدەك كۆرستەتتى. ھېچكىممۇ بۇنداق بولۇشىنى ئويلاپ باقمىغان. ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ ھاڭرايدىغان ئېشەكلەر، مۆرەيدىغان كالىلار، شېئىر ئوقۇپ يۈرگۈچى شائىرلار، مەنىسىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان غارايىپ ئەپسۇنلارنى توۋلاپ يۈرۈيدىغان دىۋانىلەر ھاياتلىقنىڭ تېخىچە مەۋجۇت بولىۋاتقانلىقىنى نامايىش قىلىپ تۇرغان بۇ پەيىت مەن ئۆزۈمنىڭ ھازىرمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىمالال ياشاۋاتقانلىقىمدىن گۇمانلىنىپ قالدىم.
ئوت ئىزلىدىم... ئىللىش ئۈچۈن.
سۇ ئىزلىدىم... تەشنالىقىمنى قاندۇرۇش ئۈچۈن.
مۇھەببەت ئىزلىدىم... ئادەمدەك ياشاش ئۈچۈن.
ھەممىسىگە ئېرىشتىم. ئېرىشتىميۇ، شۇ ئوت ئىچىدە كۆيۈپ كۈل كەبى كۆلەرگە سورۇلۇشنى، ئەشۇ سۇ ئىچىرە يەر تېىگىگە كىرىپ كېتىشنى شۇنچىۋالا ئارزۇ قىلدىم...
مۇھەببەت!، مۇھەببەت مېنى تىرىكلەرچە ياشاشقا ئۈندىدى. ناخشىلاردا ئېيتىلغان بوغۇق كەچمىشلىرىم ماڭا مۇھەببەتنىڭ بۇنداق بولمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ تۇراتتى. قېلىن-قېلىن تونلار ئىچىدىكى ساختا مۇھەببەت مېڭەمدە ئۆلۈۋېلىش ئستىكىنى قوزغىدى.
ياق!!!
چۆچۈپ ئويغاندىم. كېچە قاراڭغۇلۇقىدا يىراقلارغا مۆكۈنگەن ھىجران ۋە پۇشايمان تۇيغۇسى يېڭىلا ئويغانغان سەزگۈلىرىمگە قايتىدىن بۆسۈپ كىردى. مۇساپىرلارچە قىياپەتتە ئازاپ، مۇھەببەت، ساداقەت، يىرگىنىشلەرنىڭ ھەممىسىنى يورۇتۇپ تۇرغان قوياشقا قاراپ تېخىمۇ ئازاپلاندىم. يوللار ياقىسىدا مۈكچىيىپ تۇرۇشقان گۈللەر ماڭا ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ئازراقمۇ بولسا بىلىندۈرىۋاتاتتى.
نەچچە كېچە قاراڭغۇلۇققا بەنىت بولدۇم. ھاياتلىقىم ماڭا ئارتۇقچە بىلىنىشكە باشلىدى. كەچمىشلىرىمدىكى يۇمران تۇيغۇلار مېنى ئۆز قوينىغا چىللاشقا باشلىدى. مەن كەتتىم، قايغۇ ئىچىدە ئەشۇ كەچمىشىمگە قاراپ يولغا چىقتىم...
2013-يىلى 8-ئاينىڭ 11- كۈنى
يەكەن