كۆرۈش: 376|ئىنكاس: 7

ئۇيغۇر ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىر ئىجادىيىتىدىكى يېڭى نامايەندە ـ «ئىشقنامە» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3457
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 22
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 19:44:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روزى سوپى ئۇچتېكىن

ئۇيغۇر ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىر ئىجادىيىتىدىكى يېڭى نامايەندە ـ «ئىشقنامە»

ئون يىل ئىلگىرى ھەزرىتى ئەلشىر نەۋايىنىڭ غەزەللىرىنى تۇنجى قېتىم ئۇقۇغىنىمدا ئۇنىڭدىكى پاساھەت ۋە بالاغەتكە، نازاكەت ۋە لاتاپەتكە قانداق ھەيران قالغان بولسام، بۇ قېتىم شائىر  ئابدۇرېىھم ئابدۇللانىڭ غەزەللىرىنى ئۇقۇپمۇ يەنە شۇنداق ھەيران قالدىم. شۇڭا ئالدى بىلەن ئېيتىپ ئۆتىدىغىنىم، مەن «ئىشقنامە» دىن كەلگەن ئاشۇ ھەيرانلىق سەۋەبىدىن قولۇمغا قەلەم ئالدىم. ئاندىن، شائىرنىڭ ئىجادىيەت بىلەن ئۆتكەن ھاياتىغا قىسقىچە بىر قۇر سەپ سالدىم: 1954-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۇنى ئاقسۇ ۋېلايىتىنىڭ كەلپىن ناھيىسىدە تۇغۇلغان، 1968-يىلغىچە شۇ يەردە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان،   1979-يىلى شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگۇ تىل- ئەدەبىيات فاكولتىتىغا قۇبۇل قىلىنغان، 1984-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، 9-ئايدا شىنجاڭ ئۈن–سىن نەشىرىياتىغا تەقسىم قىلنغان ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى  1978-يىلى«ئاقسۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان«كۆردۈم» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ،  ھازىرغىچە ئۇنىڭ «يېڭى ھايات»، «كەچۈر ئانا»، «پۇلغا يىزىلغان خەت» قاتارلىق 15 پارچە ھىكايىسى، «ھايات سىنىقى»، «داۋانلىق يوللار» قاتارلىق 3 پارچە پوۋسىتى، «سېنى ئەسلەيمەن»، «سۈرەتتىكى مۇقام»، «جاھالەتتىن كامالەتكە» قاتارلىق 5 پارچە ئۇچىرىكى، «تۆمۈرچى دۇكىنىدىن ياڭرىغان ئاۋاز»، «سۇنۇق قېلىچ»، «ئۈمىد ھەققىدە ناخشا»، «ئاھ، ئاتىلار» قاتارلىق 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى گېزىت - ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، شائىرنىڭ سىنارىيەسىنى ئۆزى يېزىپ، ئۆزى رىژىسسورلۇق قىلىپ ئىشلىگەن «كەچۈر ئانا»، «ئامەت ۋە قىيامەت»، «باياۋاندىكى پادىشاھ» قاتارلىق تېلېۋزىيە فىلىملىرى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ھامان ئالاھىدە ئالقىشلانغان. «كەچۈر ئانا»، «ئانام يەلكەمدە»، «سېنى ئەسلەيمەن» قاتارلىق ھېكايە، ئۇچېرىكلىرى، «سۇنۇق قېلىچ»، «شۇنداق ۋەتەننىڭ ئوغلى ئىدىم، مەن» ناملىق ئون نەچچە پارچە شېئىرى ئالى مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرىسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ھازىرغىچە «داۋانلىق يوللار» ناملىق ھېكايە-پوۋسىتلىرى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرىياتىدىن، «بويناق» ناملىق پوۋسىتى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىدىن نەشىر قىلىنغان. «سىېنى ئەسلەيمەن» ناملىق ئۇچىرىكى ئاپتونۇم رايۇنىمىز بويىچە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «بويناق» ناملىق پوۋسىتى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «ئانام يەلكەمدە» ناملىق ھىكايىسى «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، «ئەجداد ۋە ئەۋلاد» ناملىق شېئىرى مەملىكەت بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. 2011-يىلى 9-ئايدا «ئىشقنامە» ناملىق غەزەللەر توپلىمى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرىياتىدىن، 2012-يىلى 2-ئايدا «ئاھ، ئاتىلار» ناملىق تاللانما شېئىرلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىدىن نەشىر قىلىنغان. «سۇنۇق قېلىچ» قاتارلىق بىر قىسىم شېئىرلىرى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان...
يۇقارقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شائىر ئابدۇرىھىم ئابدۇللا بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ ھەممىلا تۈرىدە دېگۈدەك ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋە مۇئەييەن دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. بولۇپمۇ، «ئاھ، ئاتىلار» ناملىق توپلىمىغا تاللانغان  «گۈلخان»، «قاناتلىق شائىر» «تۆمۈرچى دۇكىندىن ياڭرىغان ئاۋاز»، «سۇنۇق قېلىچ»، «ئاھ، ئاتىلار»... قاتارلىق نادىر شېئىرلارغا يۇشۇرۇنغان پەلسەپىۋى ھېكمەت، تارىخى تۇيغۇ، تېماتىك كەڭلىك ۋە مەزمۇندىكى چۇڭقۇرلۇق، شېئىرىي تىلدىكى ئۇستىلىق ۋە قۇرۇلمىدىكى پۇختىلىق بىلەن بىرلىشىپ، شائىرنىڭ ئۆزگىچە بەدئىي دىتىنى نامايەن قىلغان. شائىرنىڭ شەيئىلەرنى كۆزىتىش ئۇسۇلى ئالاھىدە ئىنچكە بولۇپ، ھادسىۋى قاتلامدىن ئاستا – ئاستا ماھىيەتلىك قاتلامغا قاراپ چۇڭقۇرلىغان، ئادەتتكى ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئەرزىمەس ئىشلارمۇ شائىرنىڭ دېققەت – نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. بولۇپمۇ، شېئىرىي ئوبرازلارنىڭ جانلىقلىقى، شېئىرىي تىلنىڭ ئىجادىيلىقى، تاللانغانلىقى ۋە تاۋلانغانلىقى بىلەن ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ھاسىل قىلغان.
شائىرنىڭ بۇ خاس ئۇسلۇبنى شەكىللەندۈرۈشىدە، ئەدەبىيات ۋە ئۇنىڭ گۈلتاجىسى بولغان شېئىرىيەتكە باغلانغان ئۆچمەس مۇھەببەت ئەڭ چوڭ رول ئوينىغان. چۈنكى، ئاپتۇرنىڭ ھەر بىر پارچە ئەسىرىدىن ئەكس ئېتىپ تۇرىدىكى، ئۇ بۇ كوچىغا مۇھەببەت بىلەن قەدەم قويغان، قەلبىنى ھەر ۋاقىت ئۆرتەپ تۇرغان ئىشىق ئۇنى تىنىم تاپقۇزمىغاچقا قەلەمنى ئوتتۇرا يولدا تاشلاپ قويمىغان، بەلكى قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ۋەزىنىلىك شېئىرلارنى تاللىغان ھەمدە ئىجادىيەت ئىزچىللىقنى ساقلىغان. نەتىجىدە، مەن ۋە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان كىتابخانلارنى ھەيران قالدۇرغان «ئىشىقنامە» نى روياپقا چىقارغان.
دېمەك، ئەمدى ئورتاقلاشماقچى بولغىنىمىز شائىرنىڭ 35 يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىدىكى ئەڭ يۈكسەك پەللىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن «ئىشقنامە» ناملىق توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن بىر تۈركۈم غەزەللەر ۋە ئۇنىڭ تىلىدىكى پاساھەت ئۈستىدە بولىدۇ.
شېئىرىيەتنىڭ ئەڭ قاتتىق ئۆلچەملىرىدىن بىرى بولغان «ئارۇز» ئاتالغۇسى ئەسلىدە 8-ئەسرنىڭ باشلىرىدا ئەرەب زىمىنىدا بارلىققا كەلگەن، ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن كىرگەن، كىلاسسىك ئۇيغۇر شېئىرىيىتىمىزگە كۈچلۈك مۇزىكىدارلىق ۋە جەزىبىدارلق تۈسىنى بەرگەن، ھەزرىتى ئەلشىر نەۋايى دەۋرىدە تولىمۇ گۈللەنگەن ئارۇز ۋەزىنى بىلەن بۆگۈنكى ئۇيغۇر شېئىرىيتى ئوتتۇرىسىدا رۇشەن ئۈزۈكچىلىك بولدى. چۈنكى بۇ ئاتالغۇ بىزگە كىرىپ كېلىشتىن بۇرۇنمۇ ئارۇز ئۆلچەملىرىگە چۈشىدىغان نۇرغۇنلىغان ناخشا-قۇشاقلىرىمىز بار ئىدى.كىيىن بۇخىل قاتتىق ئۆلچەمدە ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدىغان شائىرلار ئاستا-ئاستا ئازايدى. گەرچە كۈنىمىزدىكى شائىرلارنىڭ كۆلىمى ئىلگىرىكى ھەر قانداق بىر دەۋىردىكىدىن كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاجايىپ پاساھىتىنى يۇقىرى بەدىئىي پەللىگە كۆتۈرگەن ئارۇز ۋەزىنىنى ئۈگۈتسىز قويدى.
بەختىمىزگە يارىشا، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا بۇ نۇقتىنى چۇڭقۇر چۈشەنگەن ساناقلىقلا شائىرلىرىمىز قاتارىدا ئابدۇرىھىم ئابدۇللا ئارۇز ۋەزىنى ۋە ئۇنىڭ غەزەل تۈرىدىكى بۇ ئۈزۈكچىلىكنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كۆردى ۋە ئىشىق گۈلخانىدا چۇچۇل كەبى كۆيدى. دېمىسمۇ، ھەزرىتى ئەلشىر نەۋايى «ئىشىق پارلاپ تۇرغان يۇلتۇزكى، ئىنسانلارنىڭ كۆزىگە نۇر ۋە روشەنلىك بېغىشلايدۇ، ئۇ جۇلالاپ تۇرغان بىر گۆھەركى، ئادەملىك تاجىغا ۋە قىممەت بېرىدۇ؛ ئۇ تۇلۇپ چىققان قۇياشتۇركى، مىسكىن دىلارنىڭ تىكەنزارلىقىنى گۈلشەنگە ئايلاندۇرىدۇ؛ ئۇ بىر گۈلخاندۇكى، كۆپلگەن خەستە جان ۋە كۆڭۈللەرنى ئېرىتىپ سۇغا ئايلاندۇرىدۇ...» دەپ ئېيتقاندەك، كىلاسسىك شائىرلىرىمىز ئىچىدە ئىشىق گۈلخانىدا ئۆرتەنمىگەنلەر يوق ئىدى. چۈنكى، ئىشىق يەنە غايىب ئوققا ئوخشايتتى. ئۇ تەگدىمۇ ئىنسان ئەس – ھۇشىدىن ئايرىلاتتى. ئىلگىرى خۇشاللىق تاپقان باغلىرىدىن يىراقلاپ، غەم تاغلىرىنىڭ ئاستىدا قالاتتى. خۇددى شائىر مەزكۇر توپلامنىڭ بىرىنچى بېتىدىن ئۇرۇن ئالغان بىرىنچى غەزەلدىلا:
قىسمىتىم شۇنداقمىكىن غەملەر ماڭا كەم بولمىدى،
چۈشتى باشقا يېڭى سەۋدا كونىسى غەم بولمىدى.
دەپ ئاشكارا قىلغاندەك، ئايىغى چىقماس ئاشقىلىق ئازابىغا تاشلىناتتى. كۆزلىرى كەلكۈن كەبى ياشلىناتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاشىقلىق ھەققىدىكى يېڭى بىر قىسسە ـ «ئىشقنامە» ئەنە شۇنداق باشلىناتتى.
شۇنداق، جەمئىي 182 پارچە  غەزەل، ئىككى پارچە مۇخەممەس ۋە بىر پارچە مۇسەددەستىن تەركىب تاپقان بۇ توپلامنىڭ ھەر بىر ۋارىقىدىن گۈپۈلدەپ تۇرغان كۆيۈك ھىدى كېلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ھەر پارچە غەزەل ئۆزىگە چۇڭقۇر تەپەككۇردىن تۇغۇلغان تولىمۇ تېرەن ھايات ھېكىمەتلىرىنى مۇجەسسەم قىلىدۇ. بەدىئىي كەڭلىك ۋە گۈزەللىك ئالىمىنىڭ ئاياغ تەگمىگەن بوستانلىقلىرىغا يىتىپ بارغان شېئىرىي تەسەۋۋۇر كىتابخانلارغا ئۇنتۇلماس ھۇزۇر بېرىدۇ.
ئىشىق غۇۋغاسىنى تەڭرىم ياراتمىش،
زىمىن، ئاسمان ئارا سەپسىن تاراتمىش.

ئىلاھ سەنئىتىدە پۈتتى گۈزەللەر،
ھەتتا يۇلتۇزلارنى ئاڭا قاراتمىش.

قىيا بېقىشتىكى ئوقيا داغىدا،
ئاشىقلارنىڭ باغرىن قاناتمىش.
ـ«ئىشقنامە» 91-بەتتىن
بىز بۇ غەزەللەرنى ئۇقۇغاندا ئىختىيارسىز ھالدا شائىرنىڭ بەدىئىي ئىستىداتىغا قول قويىمىز. شۇنچىلىك ئاددىي، دەبدەبىسىز سۆزلەر ئارقىلىق ھاياتنىڭ ماھىيەتلىك قانۇنىيەتلىرىنى ماھىرلىق بىلەن ئېچىپ بەرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئۇقۇيمىز. دېمىسىمۇ، بىر شائىرنىڭ بەدىئىي دىتى ئىنساننىڭ قەلب ئىزھارىنى ۋەشۇنداقلا بىر پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى قانداق قىلىپ ئەڭ ئىخچام ۋە ئەڭ ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بەرگەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ. خەلق ئەنە شۇنداق شائىر ۋە قەھرىمانلاردىن سۆيۈنىدۇ. مەڭگۈلۈك سەنئەت بولغان شېئىرىيەت ھەقىقى گۈزەللىكىنى مانا مۇشۇنداق ئاددىيلىق ئىچىدە نۇرلاندۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق كەڭ كىتابخانلارنى شېئىرىي تەسەۋۇردىكى كەڭلىك ۋە شېئىرىي تەپەككۇردىكى چۇڭقۇرلۇقتىن ئۆزىمۇ تۇيىمغان ھالدا ھۇزۇرلاندۇرىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، توپلامنى تۇنجى قېتىم قولىغا ئالغان ئادەم تېخى ئۇقۇماي تۇرۇپلا يەنە بىر ئالاھىدىلىكنى ھىس قىلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، مەزكۇر توپلامغا كىرگۈزۈلگەن غەزەللەرنىڭ نە ئايرىم ماۋزۇسى يوق، نە بىرىنچى، ئىككىنىچى... دەپ پاسىلغا ئايرىلمىغان. غەزەللەر مەيلى مەزمۇن، مەيلى شەكىل جەھەتتىن بولسۇن بىر پۈتۈنلككە ئىگە قىلىنغان. ھەر بىر غەزەلدە شائىر قەلبىگە سىغماي دەۋرەپ تۇرغان ئىشىقنى زوق-شوخ بىلەن كۈيلەش ئارقىلىق مەردۇ-مەردانىلىكنى، ۋاپا-ساداقەتنى، غۇرۇر-ۋىجداننى، ئەقىدە-ئېتقادىنى، پاكلىق، چىنلىق ۋە گۈزەللىكنى ئۇلۇغلىغان...
«ئىشقنامە» ئىنسانلار ئارىسىدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ۋاپا- ساداقەت كۈندىن كۈنگە سۇسلاپ كېتىۋاتقان مۇشۇنداق بىر دەۋرىدە يېزىلغان ئەڭ گۈزەل مۇھەببەت رىسالىسى. ئىلاھىي ئىشق ۋە ئىنسانى مۇھەببەتنىڭ يارقىن جۇلاسى. ھاياتنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئاشىق يۈرەكنىڭ يالقۇنلۇق نىداسى ۋە ياڭراق ساداسى. «ئىشقنامە» چىن ئاشقىلارغا ئۇقۇلغان ئۆڭمەس قەسىدە ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىر ئىجادىيىتىدىكى يېڭى بىر نامايەندە. كىلاسىك شائىرلار بۇ ھەقتە ۋە مۇشۇ ئۇسلۇبتا نۇرغۇنلغان نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە بۇ گۈزەل ئەنئەنە ئۈزۈلۈپ قالغاندى. شائىر ئابدۇرىھىم ئابدۇللانىڭ بۇ توپلىمىدىكى غەزەللەر ۋە شېئىرى قۇرۇلمىنىڭ مۇنتىزىملىقى، ۋەزىن سالمىقىنىڭ ئېغىرلىقى، بەھىرلىرىنىڭ ئېنىقلىقى ۋە شېئىرى تىلدىكى كۈچلۈك مۇزىكىدارلىق، رەڭدارلىق... قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بىلەن بۇ ئۈزۈكچىلىك ئاخىرى ئۇلاندى.
بۇنىڭدىن، ئىزدىنىش روھىغا باي شائىرنىڭ شېئىرخۇمار خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش يولىدا ئىزچىل ئىزدىنىپ، غەزەلنىڭ ھەممە بەھىرلىرىدە دېگۈدەك ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىپ، كىلاسسىك شېئىرىيەت ئەنئەنىسىگە ئىجادى ۋارىسلىق قىلغانلىقى، شېئىرىيەتنىڭ گۈزەل ئەنئەنىسىدىن ۋە خەلقىمىزنىڭ ئىستېتىك ئېھىتىياجىدىن يېراقلاپ كەتمىگەنلىكى، بولۇپمۇ ئەلشىر نەۋايى ئەسەرلىرىدىن ئىجتىھات بىلەن ئۆگەنگەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. ئەمما بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئۆگىنىش تەقلىدچىلىكتىن بىر قەدەر خالى بولۇپ، شائىرنىڭ ئانا تىلىمىزنىڭ شەۋكىتى ھەم ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇش يولىدا ئېلىپ بارغان سانسىز سىناقلىرى ۋە بۇ جەرياندا قولغا كەلتۈرۈلگەن گەۋدىلىك مۇۋەپپەقىيىتى دېيىشكە بولىدۇ.
«ئىنساننىڭ ماھى ـ ھەزرەت نەۋايى①» (1441-1501) ئاران 60 يىل ئۆمۈر كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما جاھان ئەللىرىنى ھەيرەتتە قالدۇرغان ئەسەرلىرى تا بۆگۈنكىچە ھاياتى كۈچىنى يوقاتماي كەلدى ۋە ئۆزىدىن كىيىنكى شائىرلارغا ناھايىتى چۇڭقۇر تەسىر قىلدى. جۈملىدىن، ئارۇز ۋەزىنىنى تاللىغان ھەر بىر شائىر ئەلشىر نەۋايىنىڭ دۇنيا قارىشىنى ۋە ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەندى.
شۇنىڭ ئۈچۈن كىسىپ ئېيتىمىزكى، تۇرسۇن قۇربان تۈركەش ئەپەندى:«شەرق، جۈملىدىن تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تىنغان ۋە چەشلەنگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئەلشىر نەۋايى ۋە ئۇنىڭ تىمسالىدا ئوتتۇرا ئەسىر شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشىنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇ سەۋەپتىن تۈركىي كىلاسسىك ئەدەبىيات، خۇسۇسەن ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيتىنى نەۋايى ئىجادىيىتىنىڭ تەسىرىسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس②» دەپ ئېيتقاندەك، شائىر ئابدۇرىھىم ئابدۇللانىڭ بۆگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەۋە «ئىشقنامە» ناملىق توپلىمىدىكى غەزەللەرمۇ ئەلشىر نەۋايى غەزەللىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان. بۇ ھەقتە شائىر ئۆزىمۇ مەزكۇر توپلامنىڭ بېشىدا «شېئىرىيەتكە بولغان ئۆچمەس مۇھەببەتنىڭ شەرەپلىك ئىشقىدا يېنىپ ھەر قېتىم قولۇمغا قەلەم ئالغىنىمدا زارىققان خىيال كۆزلىرىمگە بىر بۈيۈك غايىۋى سىما ـ ھەزرىتى ئەلشىر نەۋايى ئاجايىپ سۈر ۋە ئۇلۇغۋارلىق بىلەن كۆرۈنىدۇ-دە، ھۆرمەت ۋە ئەيمىنىشنىڭ بەختىيار تىترەكلىرىدە ئىلھام سائادىتىگە چۇلغىنىمەن. » دەپ ئېيتقان ھەمدە مەزكۇر توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ئەڭ ئاخىرقى غەزىلىدە:
ساداقەتتە مېنى نادىر بىلىپ پەرھادنى لال قىلدىڭ،
بۇنى ھۆسنۈڭگىلا تالىق كامالىي ئىستېدات دەيمۇ؟

نەۋايى بەھرىدە ئەشئار تۆكۈلگەن نەزمىگاھىمنى،
پىراق سەلتەنىتىدە شان ياراتقان شاھ ھىرات دەيمۇ؟
ـ«ئىشقنامە» 364-بەتتىن
دەپ غايىۋى ئۇستازى ئەلىشىر نەۋايىغا بولغان شاگىرتلىق ھېسىياتى ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا تولغان.
چۈنكى، نەۋايى ـ ئەرەب، پارىس ۋە تۈركىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تىل ئۇچۇق-ئاشكارا بەيگىگە چۈشكەن، ئەمما كۆپ ساندىكى شائىرلار پارىس تىلىدا ئەسەر يېزىشىنى شەرەپ دەپ بىلگەن، ھەتتا پارىس تىلىغا يان بېسىشىپ يۈرگەن بىر زاماندا ئەدەبىي ئىجادىيەتتە باشتىن – ئاخىر ئۆز ئانا تىلى بولغان تۈركىي تىلىغا ئىتىبار بېرىشىنى، تۈركىي تىلىدا ئەسەر يېزىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن كاتتا شائىر، ئۇلۇغ ئۆلىما. شائىر ئابدۇرىھىم ئابدۇللا ھەزرىتى ئەلشىر نەۋايىنىڭ ئانا تىلنى ئۆمۈر بويى جۇلالاندۇرۇشتەك مىللىي روھىغا ئىجابىي ۋارسىلىق قىلغان. بۇ ئارقىلىق ھە دېسىلا ئىشنىڭ ئاسىنىنى تاللايدىغان، يەنە تېخى «قاپىيە، ۋەزىن، بۇغۇملار ھىس –تۇيغۇنى ئىپادىلەشكە تۇسقۇنلۇق قىلىدۇ» دەپ قارايدىغان، پەلپەتىش پەتىۋالارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۆزىنى ئاقلايدىغان، كۆڭۈل قۇيۇپ ئىزدەنمەيدىغان ياشلارغا ئانا تىلنى چۇڭقۇر تەتقىق قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنى كۆرستىپ قويغان. ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ قىيامىغا يەتكەن بۇ باسقۇچىدا ئاڭلىق ھالدا ئارۇز ۋەزىنىنىڭ غەزەل تۈرىنى تاللاپ، ئانا تىلىمىزدىكى ئاجايىپ رەڭدار، گۈزەل ۋە مەنىگە باي سۆز-ئىبارىلەرنى قېزىپ چىقىشقا تۇتۇنغان ۋە ئۇلارنى دەل جايىدا قوللانغان.
شۇڭا، شائىر ئابدۇرىھىم ئابدۇللا غەزەللىرىنىڭ گۈزەللىكى ئالدى بىلەن شېئىرى تىلدىكى پاساھەتتە، كۈنىمىزدىكى كىتابخانلار ئۈچۈن ئسىتېتىك ھۇزۇر بېرەلەيدىغان دەللىكتە، ئىنسان قەلبىدىكى قاراڭغۇلۇقنى ئىشىق گۈلخانلىرى ئارقىلىق يۇرۇتۇپ بەرگەنلىكتە... دېمەي تۇرالمايمىز. چۈنكى، شېئىرى پىكىرنى قىيامىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەشتە دەللىك، ئېنىقلىق، نەپىسلىك ۋە ئىنچكىلىك تەلەپ قىلىدىغان تىلدىن قانداق پايدىلىنىش شائىرنىڭ بەدىئىي ئىستىداتىغا ۋە بەدىئىي ماھارىتىگە باغلىق ئىش. «ئىشقنامە» دىكى كۆپلىگەن غەزەللەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شائىر ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا غەزەل ئىجادىيىتى بىلەن بىمالال شۇغۇللىنالىغۇدەك يۈكسەك بەدىئىي ماھارەتنى ئۆزىدە ھازىرلىغان. ئەدەبىياتنىڭ مۇھىم ئامىلى ۋە شۇنداقلا جېنى بولغان بەدىئىي تىلغا ھەر ۋاقىت يۇقىرى تەلەپ قويغان. پاساھەت ئىلىمىغا ياتىدىغان تەسەۋۋۇردىكى گۈزەللىك، تىلدىكى گۈزەللىك ۋە ھايات ھەقىقەتلىرىدىكى گۈزەللىكىنى ئانا تىلىمىزنىڭ تۇسالغۇسىز ئىپادىلەش قۇدىرىتىگە تايىنىپ ھەقىقىي نامايەن قىلغان. بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا، تىل دۇردانىلىرىنى ئاتەشكە ئايلانغان قەلبىدىكى ئىشىق گۈلخانلىرىدا ھەر ۋاقىت نۇر چېچىپ تۇرىدىغان ئۈنچە-مەرۋايىت كەبى تاۋلاپ چىققان.
دەرۋەقە، ئىنسان قەلبى ئۆزى تاشلانغان ئىلاھىي ئىشىق گۈلخانلىرىدا پاكلىنىدۇ. ئىشىق ئۇنىڭغا گىرىپتار بولغۇچىنىڭ تىنىق ۋە قىلىقلىرىغا قەدەر سىڭىپ كېتىدۇ. ئىشىق شۇنداق بىر سەۋداكى، ئۇ ئۆزى خالىغان ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا پاختا ئىچىدىكى چوغدەك پىنھان ساقلىنىدۇ. ئاشىقنىڭ قەلبى ئاشۇ پىنھان ئىشىق گۈلخانلىرىدا تىنمسىز داغلىنىدۇ. جېنى مەشۇقنىڭ قىل ئارقانلىرىدا باغلىنىدۇ. شۇ رەۋىشتە ئاشىقلىق شائىرلىقنى يارىتىدۇ ۋە يالقۇنجاپ تۇرغان غەزەلخانغا ئايلىنىدۇ.
شۇنداق، ئاشىقلىق شائىرلىقنى يارىتىدۇ.نۆۋىتىدە ئەڭ يارقىن يەنە بىر ھاسىلات شۇكى،ھەقىقىي شائىرلىق باشقا ئاشىقلارغا نېسىپ بولمايدىغان ۋە ئۇلار ھېس قىلالمايدىغان شائىرانە ئاشىقلىقنى يارىتىدۇ.ياشاش سۆيگۈسىدە،ئاشىقلىق تەشنالىقىدا،شېئىرىيەت شەيدالىقىدا يېنىۋاتقان شائىرىمىزنىڭ قاتلاملىق تەپەككۇرىنىڭ ئويناق جىلۋىلىرىدە كىشىگە تۇتۇق بەرمەيدىغان تەسەۋۋۇر كەڭلىكىدىكى ئەقلەن مەنتىقىنىڭ ھەقىقىي مۇكەممەللىكگە ئىگە بولغان تۆۋەندىكى رەڭدار كۈيلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:
غەيۇر كەلدىم ياشاپ قىسمەتلىرىم دىشۋارىدىن كەچمەي،
دىلىمنىڭ گاھى غەم،شادلىق،مەيل-خۇشتارىدىن كەچمەي.

غېرىب باشىمغا كۆڭلۈمنى ھامان مىڭ دوستقا تەڭ قىلدىم،
ئۆزۈمدەكلا ئۇنىڭ پۈتمەس پىغان،ئاھ-زارىدىن كەچمەي.

قانالماي كۈندۈزى زىنھار،ئۆتۈپتۇ تۈنلىرىم بىدار،
ھاياتنىڭ زوۋقىدىن كەلمىش نەزىم –ئەشئارىدىن كەچمەي.

دىدارى تۇتىيا يارنىڭ،خىيالى شۈكرىكىم بىللە،
سائادەت باغىدا شادمەن،نۇرانە يادىدىدن كەچمەي.

بۇ كويدىن كەچ! دىبان كەلگەن ۋەھىيگە نا پىسەنت بولدۇم،
ۋاپاغا زارىقىپ ئېيتقان نىگار ئىزھارىدىن كەچمەي.

مالۇ-دۇنياغا شەيدا شاھ گادايلىق ئىلكىدە تۇتقۇن،
ئىشق دەپ ھەممىدىن كەچكەن،پەقەت مەن يارىدىن كەچمەي.

ئاخىرىدا،ئىستىداتلىق شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇللاغا ئۇزۇن ئۆمۈر، ئەزىز تېنىگە ساقلىق، ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە، قەلبىدىكى ئىشق ئوتىنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىپ ئىلاھىي ئىشىق گۈلخانلىرىغا ئۇرۇن بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ماقالەمنى ئۇنىڭ «ئىشقنامە» دىكى بارلىق غەزەللەرنىڭ مەزمۇنى مۇجەسسەملەنگەن «قىلمىش» رادىفلىق مۇنۇ مىسرالىرى ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرىمەن:
ۋېسالنىڭ مەنزىلى ۋىل-ۋىل گويا چۆللەردە ئالۋۇندەك،
نىگارىڭ دەردىنى دەريا، ئۆزىنى كەم دىدار قىلمىش.

سۆزى بۇلبۇل زۇۋانىدا، كۆزى ئاھۇدىدۇر يارنىڭ،
پىراق باغۇ باياۋاندا ساياق دىۋانەۋار قىلمىش.

قىلىچ چەككەن گۈزەل تاتۇق باھادىر ھۆسنىگە شاندۇر،
ئىشىق ئىككى جاھان ھىجران دېغىنى يادىكار قىلمىش.

ـ«ئىشقنامە» 358-بەتتىن

2013-يىل 18-مارت، ئۇچتۇرپان

ئاپتۇر: ئۇچتۇرپان ناھىيە ئىماملىرىم يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ خەنزۇتىلى ئۇقۇتقۇچىسى، تېلفۇن:13565680562، پوچتا نۇمۇرى:843406

mukam.cn

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3093
تۆھپە : 1
توردا: 548
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 21:08:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرقى ماقالە خېلى ياخشى يېزىلىپتۇ.«ئىشقنامە»نىڭ ئاپتورىنىڭ كىلاسسىك شئېىريەتكە ۋە ناۋائىغا  ۋارىسچانلىقى ئۇتۇقلۇق يورۇتۇلغان بولسىمۇ لېكىن تالانتلىق شائىر ئابدۇرھىم ئابدۇللانىڭ توپلامدىكى غەزەللەردە ئىجاتچانلىقنى قانداق گەۋدىلەندۈرگەنلىكى يورۇتۇپ بېرەلمەي قاپتۇ.مېنىڭچە يۇقۇرقى غەزەللەر توپلىمىنىڭ جېنى دەل شۇنىڭدا.توپلامدا بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ مۇرەككەپ روھى ھالىتى ئەنئەنىۋى شەكىل ۋە ئۇسۇل ئارقىلىق يورۇتۇلغان بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئىپادىلەش جەھەتتىكى كۈچلۈك ئىجادىيلىق سىڭدۈرۋېتىلگەن.
   مېنىڭچە يۇقۇرقى ماقالە بۆلەكلەرگە ئايرىلغان بولسا 1-بۆلەك شائىرنى تونۇشتۇرۇش،2-بۆلەك توپلامنى تونۇشتۇرۇش،3-بۆلەك ۋارىسلىق قىلىنىشنى بايان قىلىش،4-بۆلەك ئىجادىيلىق ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىش،5-بۆلەك  توپلامدىكى يېتەرسىزلىك ۋە شائىرنىڭ چەكلىمىلىكىنى بايان قىلىش بولسا ياخشى بولاركەن.يۇقۇرقى ماقالىدە 1-2-3-بۆلەك مەزمۇنلىرى تولۇق بايان قىلىنىپتۇ.4-5-بۆلەكلەر كەم.بولۇپمۇ 4-بۆلەك يەنى ئىجادىيلىق ئەڭ نوقتىلىق بايان قىلىدىغان،يۇقۇرقى ماقالىنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈردىغان،توپلامنىڭ ئىستىتېك قىممىتىنى ئاشۇردىغان موھىم بۆلەك ئىدى.
  مەن ھېس قىلغىنىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم.مۇۋاپىق كۆرۈلمىسە ئېتىبارغا ئېلىنمىسىمۇ بولىدۇ.
   

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1785
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 231
تۆھپە : 0
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 03:00:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۇچتېگىنگە مۇبارەكلەر يار بولسۇن،  ئابدۇرېيىم ئابدۇللاغا مۇھاببەت  ۋە  ئىشقى تىلەكلەر تولۇپ تاشسۇن! مەن ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇچتېگىننىڭ شېئىر ۋە شائىرلرغا بولغان باھاسى ۋە تەتقىقاتىدىن سۆيۈندۈم، مېنىڭچە بۇنداق ماقالىلارنىڭ مەيدانغا كەلمىكى ئۇيغۇر  ئەدەبىياتى ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە، يەنە كېلىپ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا ، ھەمدە   ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ   ئۇيغۇر شېئىرىيەت تەرەققىياتىدىكى  رولى، ئورنى ۋە ئەھمىيىتى مەسلىسىگە باھا بەرگەندە بىز چوقۇمكى ئارزۇز ۋەزىنلىك شېئىر ۋە دۇنيا شېئىرىيەت چوققۇسىنىڭ پىشۋاسى بولغان بۆيۈك شائىر  ئەلشىر نەۋائيىنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز، شۇڭا مەن بۇ ماقالىدىكى بارچە مەنلارگە قايىلمەن. ئەمما،  ئۇچتېگىن   قاتتىق ھاياجان تۈپەيلى  ئەلشىر نەۋائى  بىلەن ئابدۇرېھىم ئابدۇللانى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، تەھلىل قىلىش مەسلىسىدە بىراز ئالدىراقسانلىق قىلىمىغاندۇ  ھە!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  248
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1267
تۆھپە : 0
توردا: 290
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 19:47:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىڭىز ياخشى يېزىلىپتۇيۇ، لېكىن ماقالىڭىزنىڭ ماۋزۇسىغا كۆرە «ئىشقنامە» دېكى شېئىرلارنىڭ ۋەزنى ھەققىدە توختالمىغىنىڭىز تېمىدىن چەتنىگەنلىكمۇ قانداق. ھېچ بولمىسا ماۋزۇنى باشقىچە قويسىڭىزمۇ بولاتتىكەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  475
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 568
تۆھپە : 8
توردا: 116
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-13 12:55:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2329
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 114
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-20

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 11:48:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارۇز ۋەزنى ئەرەپ، پارس، تۈركىي تۈركۈمىدىكى تىللارغا ئۆزلىشىش باسقۇچىدا ئاز- تولا پەرققە ئىگە قىلىنغان. لېكىن، مەلۇم تۈركۈم ئىچىدە تەكرار  تەقسىم قىلىنىش ئۇنىڭدىكى چەلكەشلەرنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋىتىشى مومكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارۇز ۋەزىن ھەققىدە گەپ بولغاندا، چوقۇم بەھر، ۋەزىن...لەر ھەققىدە ئازدۇر- كۆپتۈر سۆزلىمەك ھاجەت، شۇڭا ماۋزۇنى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى ئويلىنىپ كۆرسىڭىز.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2329
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 114
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-20

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 12:09:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ ئىشىقنامە››  ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىر ئىجادىيىتىمىزدىكى يېڭى رىسالە،  ئۇ ئاپتۇرنىڭ تىلىغىلا خاس ھىكمەت ئۈنچىلىرى بىلەن تېخىمۇ  ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلىنغان بولۇپ ھەممىمىزنىڭ بەھىرلىنىشىى ۋە ئۈگىنىشىگە ئەرزىيدىكەن. لېكىن، سۈر ۋە سەلتەنەتلىك نەۋايىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەن ئاپتۇر كىتاب تۈزگەندە،  نەۋايىنىڭ دىۋان تۈزۈش تەلىمىدىن يىراقلاپ، غەزەللەرنى قاپىيە تەرتىپى بويىچە رەتلەش، مەقتەئە تۈرغۈزۈش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلالمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بارماق ۋەزىندە يىزىلغان ئىككى ئالتىلىكىنى كىرگۇزۇپ ، كىتابنىڭ خاسلىقىنى يوقۇتۇپ قويغان. ھۆرمەتلىك ئاپتۇر بۇ كەمچىللىكلەرنى بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىدە تۈزۈتۈپ بارغۇسىدۇر.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3035
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 73
تۆھپە : 0
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-28 10:23:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روزى سوپى  ئۇچتېكىننىڭ  شېئىرىيەت  ئوبزورچىلىدا  يېڭى  نەتىجە  يارىتىشا تىلەكداشمەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش