: e% W) I' c) y+ Z- O, M) ^+ `, }7 x7 V- z/ f+ x# U
بىر باھارسەن، گۈلدە ئېچىلغان
( ]2 A4 K/ U7 b- \. M
_يەتتە ياشلىق چېچەن قىز قەمەرگە بېغىشلاپ
1 V/ p: q7 w8 o$ q" O: Y) ~8 I; _0 @2 g3 P+ r( [
ئادىلجان ئابدۇرېھىم
4 d; i* I8 m4 D1 K& F' U7 e
# i$ r$ t3 z/ V. w' {4 V
قەمەر،
سەن يۇلتۇزغا پۈركەنگەن ئاسمان،
قارچۇقۇڭدا چېچەكلەر ھىلال.
شېئىردەكلا كۈلسەڭ ۋىلىقلاپ،
قونۇۋالار مەڭزىڭگە شامال.
ئاۋازىڭدا ئولتۇرۇپ جىمجىت،
كىرپىكىڭدىن توقۇدۇم خىيال.
& s* b: F- A7 z( p# h
قەمەر،
بىغۇبارسەن تاڭنىڭ چېھرىدەك،
قىلىقلىرىڭ ئوماق، بەك ئوماق.
نۇرغا تولغان مەسۇم كۆزۈڭدىن،
ئوقچۇپ چىقار سۈپسۈزۈك بۇلاق.
قەلبىڭدىكى ئاپئاق بەتلەردىن،
شىلدىر-شىلدىر ئاقىدۇ قوشاق.
4 h2 A- t" c7 g, k% X6 gقەمەر،
بىر باھارسەن، گۈلدە ئېچىلغان،
لەۋلىرىڭدە ئۇخلايدۇ دۇنيا.
ئەگىپ يۈرەر ھىدىڭدا قۇياش،
يۈزلىرىڭدىن سوراپ نۇر، زىيا.
ئەللەيلىنەر قولۇڭدا كېچە،
ناخشا بولدۇم چۈشلىرىڭ ئارا.
* T/ g* j- |2 n; [ o7 Jقەمەر،
شېئىرىمنىڭ بىر مىسراسىدا،
ئۇزۇنغىچە تۇردۇق قارىشىپ.
پورەكلىگەن يەتتە ھاياجان،
شاخلىرىڭدا ئوينار سايرىشىپ.
«ئاكام شائىر» دېگەن شۇ سۆزۈڭ،
يۈرىكىمگە كەتتى چاپلىشىپ...
5 l8 o! X# B% ~& O7 k
# t; A) ?! p% ]4 W7 w3 q$ H& p, p" H2013-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى. گۇما-سانجۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.ئابدۇرېھىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-9 16:49 ) {4 H+ D5 `( y! ~
' o+ x% a" ?- c. p6 n