كۆرۈش: 332|ئىنكاس: 3

ئالىي مەكتەپ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ دەرسلىك قۇرۇلىشىدا... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1903
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5634
تۆھپە : 10
توردا: 541
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 12:17:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



     ئالىي مەكتەپ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ دەرسلىك قۇرۇلۇشىدا ساقلىنىۋاتقان قىسمەن مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدا

مۇھەممەد ھوشۇر

(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى لېكتورى، دوكتور)

قىسقىچە مەزمۇنى: مەزكۇر ماقالىدە، نۆۋەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىدە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر ـ دەرسلىك مەزمۇنى، دەرسلىك تۈزۈش قوشۇنى، باھالاش ئۆلچىمى، دەرسلىك تەتقىقاتى ۋە ئىلمىي ھەمكارلىق قاتارلىق تەرەپلەردىن تەھلىل قىلىنغان ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى قىسقىچە شەرھلەنگەن.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئالىي مەكتەپلەر؛ ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى؛ دەرسلىك قۇرۇلۇشى


ئازادلىقتىن كېيىن، مەملىكىتىمىزدىكى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەردە ئارقا-ئارقىدىن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى» كەسپى تەھسىس قىلىندى ھەمدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يۈكسەك غەمخورلۇقىدا ناھايىتى ياخشى تەرەققىيات پۇرسەتلىرىگە ئېرىشىپ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ بەردى. جۈملىدىن ئالىي مائارىپنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولغان ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى كەسپى دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا ئۆزىگە خاس ئوقۇتۇش سىستېمىسى ۋە مۇئەييەن كۆلەم شەكىللەندۈردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپى بويىچە ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىي مەكتەپلەر 11 گە يەتتى. 2002- يىلى مەزكۇر كەسىپ دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق پەنلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
دەرسلىك قۇرۇلۇشى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشلىرىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس كەسىپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»دە ئېنىق قىلىپ: «دەرسلىك سۈپىتى ئالىي مائارىپ ۋە پەن تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، شۇنداقلا تولۇق كۇرس ئوقۇتۇشىنىڭ سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېيىلدى. دەسلەپكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 1950-يىلدىن 2012-يىلغىچە بولغان 60 يىل ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەر تۈزگەن ۋە تەرجىمە قىلغان مىللىي تىل-يېزىقتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىكلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 80 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ.
ئالىي مەكتەپ دەرسلىكى ھەم ئوقۇغۇچىلارغا كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىتىدىغان ھەم ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغان ئاساسىي ئوقۇتۇش قورالىدۇر، شۇنداقلا ئۇ يەنە نۆۋىتىدە مەزكۇر ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدۇر. شۇڭا، ئۇ پۈتكۈل ئوقۇتۇش جەريانىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. گەرچە 60 يىلدىن بېرى تولۇق كۇرس كەسىپ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش نەتىجىسىدە نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق يەنە ئاز بولمىغان مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان، تۆۋەندە شۇلاردىن بىر قانچىسىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن:
بىرىنچى، دەرسلىك مەزمۇننىڭ كونا، شەكلىنىڭ تۇرغۇن بولۇشى: ھازىرقى ئالىي مەكتەپلەردە ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىنىڭ تولۇق كۇرس ماتېرىيالىدىكى كۆپلىگەن ئاساسىي بىلىملەر ئاساسەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرىدىكى  سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇش مېتودىنى ئاساس قىلغان. ئەڭ يېڭى دېگەنلىرىمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى نەزەرىيەلەر بىلەن چەكلەنگەن بولۇپ، مەزكۇر كەسىپنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات سەۋىيەسى تولۇق گەۋدىلەنمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسلىكنىڭ تۈزۈلۈش شەكلىمۇ بىر خىل قېلىپتىن چىقالمىغان، زامانىۋىلىق ۋە ئىجادچانلىقتىن خېلىلا يىراق بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىتىشقا پايدىسىز بولماقتا.
نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، دەرسلىك ماتېرىياللارنىڭ يېڭىلىنىشى تېز، پايدىلىنىش ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولماقتا. بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىيە سەۋىيەسى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى چىقىش قىلىپ تۈزۈلگەن بىر قىسىم دەرسلىك كىتابلار بىزدىكى كەم تەرەپلەرنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ قويۇۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا بىز بۇلاردىن ئۆرنەك ئېلىش بىلەن بىرگە، ئىجادىي ھالدا ھازىرقى ئالىي مائارىپنىڭ تەرەققىيات تەلىپى ۋە تەربىيەلەش نىشانىغا ماس كېلىدىغان ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرەلەيدىغان سۈپەتلىك دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تېزلىكتە تۈزۈپ چىقىشىمىز لازىم.
ئىككىنچى، ئىلمىي ۋە مۇكەممەل بولغان دەرسلىك تۈزۈش قوشۇنىنىڭ شەكىللەنمەسلىكى: ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان دەرسلىك ماتېرىياللىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاساسەن يەككە شەخسلەر تەرىپىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا دەرسلىكنىڭ سىستېمىلىق بولۇش، ئىلمىي بولۇش، قوللىنىشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي تەلەپلىرىگە يەتمەك قىيىنراق. دەرسلىكنىڭ سۇبيېكتىپچانلىقى كۈچلۈك، ئەمەلىيەتچانلىقى تۆۋەن. ئەكسىچە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك قۇرۇلۇشى كۆپىنچە مۇكەممەل بولغان دەرسلىك تۈزۈش قوشۇنىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت نىشانى ئېنىق، پوزىتسىيەسى ئىلمىي، ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ، بۇ بىزنىڭ ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىي مەكتەپلەر  ئۆزئارا باش قوشۇپ، مۇشۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئىختىساس ئىگىلىرىدىن تەشكىللەنگەن مۇكەممەل دەرسلىك تۈزۈش قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش، شۇنداقلا ئۇنىڭ نورمال ئايلىنىشىنى ماددىي ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم. بۇنىڭدا ئاز كۈچ بىلەن چوڭ ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى، نۆۋەتتىكى دەرسلىك قۇرۇلۇشىدا كۆرۈلۈۋاتقان چوڭ سەۋەنلىكلەردىن تامامەن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى، دەرسلىك قۇرۇلۇشى باھالاش ئۆلچىمىنىڭ تۇرغۇزۇلماسلىقى: ھازىرغىچە ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ئىلمىي ۋە مۇكەممەل بولغان دەرسلىك تۈزۈش ئۆلچىمى، شۇنداقلا ئۇنى باھالاپ ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ئېنىق تەلەپ ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىش ھالقىلىرى كونكرېت بېكىتىلمىگەچكە، نادىر دەرسلىك ماتېرىياللىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى زۆرۈر كاپالەتكە ئىگە بولالمىغان. بۇ ساھەدە ئۆمۈر بويى تەر تۆكۈپ شېرىن ئەمگەك مېۋىلىرىنى تەقدىم ئەتكەنلەر تېگىشلىك قەدىر-قىممەت ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشەلمىگەن. نەتىجىدە، دەرسلىك تۈزۈشنىڭ ئۆزى پەقەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋانى ئۈچۈن پەلەمپەيلا بولىدىغان، بۇنىڭدىن چوڭقۇرراق ئەھمىيىتى قالمىغان ئاددىي بىر ئىش قاتارىدا كۆرۈلمەكتە. بۇ تولىمۇ خەتەرلىك قاراشتۇر.
ئەمەلىيەتتە، بىر پارچە سەرخىل دەرسلىك ماتېرىياللىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق تارماقلارنىڭ سىستېمىلىق باھالاش ئۆلچىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۈنۈملۈك سۈپەت باشقۇرۇش مېخانىزمى بولمايدىكەن، ھەقىقىي سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، پۈتۈن شىنجاڭدا نەشر قىلىنىۋاتقان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى قەرەللىك، ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ باھالاش ئارقىلىق مۇنەۋۋەر دەرسلىك ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى زور كۈچ بىلەن رىغبەتلەندۈرۈش لازىم.
تۆتىنچى، دەرسلىك قۇرۇلۇشى تەتقىقاتىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى: گەرچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەرسلىك قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە بۇ ھەقتە سىستېمىلىق تەتقىقاتلارنىڭ قانات يايمىغانلىقى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا، 60 يىلدىن بېرى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەرسلىك قۇرۇلۇشىغا ئائىت ئاشكارا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ سانى 20 پارچىغىمۇ يەتمەيدىكەن. بۇ مەزكۇر ساھەدە ئىزدىنىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشنىڭ تولىمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ. ساۋاقلاردىن ئىبرەت ئېلىش ۋە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش بولمىغىنىدا، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئېغىز ئېچىش بەسى مۈشكۈلدۇر. ئالىي مەكتەپ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا بىرلەشتۈرۈپ دەرسلىك قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى، دەرسلىك بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ مۇناسىۋەت ھالقىلىرىغا دىققەت قىلىشنى كۈچەيتىش لازىم. تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئىلھام بېرىش، ئۇلارنى نەشىر قىلدۇرۇش، قاراتمىلىق بولغان تەتقىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دەرسلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.
بەشىنچى، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ئارا ھەمكارلىقنىڭ كەم بولۇشى: ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ رايونىمىزدىكى شۇنچە كۆپ ئالىي مەكتەپلەردە ئىزچىل ئېچىلىۋاتقىنىغا قارىماي ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئارىسىدا ئوقۇتۇش ۋە دەرسلىك تەتقىقاتى ھەققىدە ئىلمىي ھەمكارلىقنىڭ بولماسلىقى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ھازىرغىچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە تىلغا ئېلىنغۇدەك بىرەر ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنىنىڭ ئېچىلمىغانلىقى، بۇ ساھەدىكى ئەقىل ئىگىلىرىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ. ئىلمىي ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ئۆگىنىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنىڭ كەم بولۇشى نەتىجىسىدە، بىر خىل دەرسلىكىنىڭ بىر قانچە خىل نۇسخىسى بولۇش، يېڭىلىرى كونىلىرىدىن سۈپەتسىز بولۇش، تار مەھكىمەچىلىكتىن، قېلىپبازلىقتىن چىقالماسلىقتەك بىر قاتار مەسىلىلەر بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە. ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يىلدىن-يىلغا تۆۋەن بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابىتىدە زور تۈركۈمدە شاللىنىپ كېتىشى سۆزىمىزنىڭ روشەن دەلىلى بولالايدۇ.
نۆۋەتتە، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى سانى بىر قەدەر كۆپ رايون ئەۋزەللىكى ۋە مىللىي خاسلىقى يۇقىرى،  مۇنتىزىم بىر كەسىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن مەكتەپلەر ئارا تۈرلۈك ئىلمىي ھەمكارلىقنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىنى تەقەززا قىلماقتا. بولۇپمۇ يېڭى كەسىپ تۈرلىرىنى ئېچىش، دەرسلىك ئىسلاھاتى، ماكرولۇق تەڭشەش، دەرسخانا ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە تەجرىبە كېڭەيتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
دېمەك، بىز ئالىي مەكتەپلەردە يېڭى ئەسىرگە يۈزلەنگەن ھەقىقىي ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ يادروسى بولغان دەرسلىك قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز، بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى سۈپەتلىك دەرسلىك ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
پايدىلانمىلار:
1. ھەر قايسى دەۋرلەردە نەشر قىلىنغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرى.
2. كېرىمجان ئابدۇرېھىم، «بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى لۇغىتى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1998-يىلى 10-ئاي نەشرى.
3.陈伯华,教师教材观研究,浙江大学出版社,2012年12月。
4.杨玲,高等教育教材出版研究,首都师范大学出版社,2011年3月。
تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن


高校维吾尔语言文学专业中教材建设存在的问题及其解决策略

麦麦提•吾休尔   

摘  要:本文从教材内容,编写团队,评估指标,教材研究,学术合作等五个方面出发,指出在当前我国高等院校维吾尔语言文学专业教材建设中所存在的部分突出问题,并提出了相关的解决策略

关键字:高等院校,维吾尔语言文学,教材建设

idraksoft

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1913
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5679
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 15:31:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرسلىك تۈزۈشتە چوقۇم مۇھىم ھالقىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3068
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 61
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 18:23:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرىسلىك تۇزۇشتە خاتالىق بولسا دەرىس ئۆتۇشتە خاتالىك بولماسمۇ؟

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3093
تۆھپە : 1
توردا: 548
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 20:16:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەندە مۇشۇ مۇنبەردە «ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات نەزىريىسى مۇھاكىمە يىغىنى » ئېچىلغانلىقى ئۇچۇررى بېرىلگەن.
    مېنىڭچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكلىرىنى قايتا تۈزۈپ چىقىشنىڭ يادروسى ۋە مۇققەدىمىسى جەزمەن ئەدەبىيات نەزىريىسىنى يېڭىلاش،ئىسلاھ قىلىش بولۇشى كېرەك.راست گەپنى قىلغاندا ئوقۇتۇشتىلا ئەمەس پۈتكۈل ئەدەبىيات ساھەسىدىمۇ ئەدەبىيات نەزىريىسى ئەدەبىيات ئەمىليىتى-ئىجادىيەتنىڭ كۆپ كەينىدە قالدى.ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ جانلانماسلىقى،ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەمىليىتىنى يېتەكلەپ ماڭالماسلىقىمۇ شۇ سەۋەپتىندۇر.ئۇندىن باشقا ئەدەبىيات نەزىريىسىنىڭ يېڭىلانماسلىقى ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىقىنىڭ ماكرۇلۇق ۋە مىكرۇلۇق يۈزلىنىشنىڭ باغلىنىشلىق قانات يېيىپ بولالماسلىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتتى.ئەدەبىيات نەزىريىسىنى يېڭىلاش-ئەدەبىي ئىجادىيەت،ئەدەبىي  تەنقىدچىلىك،ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى،ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچ.ئەدەبىيات مۇتەخەسىسلىرى، پىرافىسورلار،نەشىرياتچىلار،-ژورنالىستلار،نەزىريىچىلەر،ئەدەبىي تەنقىدچىلەر،ئاتاقلىق ئەدىپلەرنىڭ ۋەكىللىرى...يېڭى ئېقىم،نەزىريەنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنىڭ پىكىر قاتناشتۇرىشى ئاساسىدا نۆۋەتتىكى  ئەدەبىيات ئەمىليىتى ۋە ئوقۇتۇش ئەمىليىتىگە ئۇيغۇن بولغان بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەدەبىياتقا ۋە ئوقۇتۇشقا يۈزلىنىش جەھەتتىن ماس كېلىدىغان يېڭى ئەدەبىيات نەزىريىسىنى تۈزۈپ چىقىش زۈرۈر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-10 20:20  


ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش